باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3808 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئائىلە ئەخلاقى ۋە پەرزەنت تەربىيەسى
دوستلىشىش
turditohti
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 317
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 492 %
مۇنبەر پۇلى: 1291 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-15
ئاخىرقى: 2012-03-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-09-10 18:31

ئائىلە ئەخلاقى ۋە پەرزەنت تەربىيەسى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-09-10)
 

ئائىلە ئەخلاقى ۋە پەرزەنت تەربىيەسى
 
 
تۇردى توختى
 
مۇقەددىمە
 

ئائىلە ئەخلاقى ئائىلىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلەشكەندە ۋە ئالاقە قىلغاندا،يۇرۇش تۇرۇش ئىش ھەركەتتە رىئايا قىلىدىغان مۇھىم قايادە-قانۇننىيەتلەرنىڭ يىغىندىسى بۇلۇپ،ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك ھەركەت مىزانى،شۇنداقلا پەرزەنتىلەرنى قايسى يۇسۇندا تەربىلەش ۋە ئۇلارغا قانداق تەسىر قالدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى.

نۇرغۇنۇن چاغلاردا ئائىلىدىكى ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ تەسىر پەرزەنتىلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.

ئائىلىدىكى ئەخلاق، پەزىلەتلىك بولسا  بالىنىڭ تەربىلىنىشدىكى، دەسلەپكى ۋە مەڭگۈلۈك بەخىتنىڭ باشلىنىشى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن.سىزنىڭ ئائىلىڭىز ئەخلاقسىز ئائىلە بولسا چۇقۇمكى بۇنداق پەزىلەتسىزلىڭنىڭ پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە باشقىچە تەسىر بۇلۇشى،ھەتتا پەرزەنتىڭىزنى مەڭگۈلۈك نابۇت قىلىشى مۇمكىن.

يارمۇھممەت تاھىر تۇغلۇق ئۆزىنىڭ<<يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئائىلە تەربىيەسى>>دىگەن زور ھەجىملىك پەندىھ-نىسەھەت خارەكتىردىكى ئەسىرىدە<<ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن مائارىپ تارىخىدا،ئائىلە تەربىيەسى ئەڭ قەدىمقى،ئانا مائارىپ بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجدىمائى تەرەققىيادى ۋە ئىنسانى كامالات تەرەققىيادىدا ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتقان>>دىگەن ھۈكۈمنى ئوترىغا قويغان.

بىز بۇ ھۈكۈمدىكى <<...مائارىپ تارىخىدا...>> دىگەن سۆز بىرىكمىسى بىلەن<<...ئىنسانى كامالەت تەرەققىياتىدا...>>دىگەن ئىككى سۆز بىرىكمىسىنى تەھلىل قىلدىغان بولساق ئاپتۇر ئائىلە تەربىيەسىدە ئەخلاقى تەربىيەنىڭ رۇلىنى بىزگە ئۇمۇمى مەرگەزگە سىڭدۈرۈپ كۆرسۈتۈپ بەرگەن.ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ئۇنىڭ قەدىمىلىك ۋە ئەمىلىلىكىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.مائارىپنىڭ بۇنداق ئۇزۇنغۇچە تەرەققى قىلىپ،راۋاجلىنىشى،يۇقۇلۇپ كەتمەي،ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ تۇرالىشى ئۇنىڭ بىر پۈتۈن ھەم مۇككەممەل بولغانلىغىدىن ئىبارەتتۇر.مائارىپنىڭ مۇكەممەللىگى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەخلاقى تەربىيەنى ئۈزىنىڭ تەربىيە مەزمۇنى قىلغانلىغىدا ئىسپاتلىنىدۇ،ئەخلاقى تەربىيەنى تەربىيە مەزمۇنى قىلمىغان مائارىپنىڭ ھايات كۈچى بولمايدۇ،ئۇ بىر ساختا نەرسىگە ئايلىنىپ،ئاخىرى ھالەك  بولىدۇ.بۇ نوقتىنى تۇنۇپ يەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى <<پىداگوكلىرى>>-ئاتا-ئانىلار تەربىيەنىڭ يادىرولۇق مەزمۇنى ئەخلاقى تەربىيەدىن باشلىغان .

 <<...ئىنسانى كامالەت تەرەققىياتىدا...>>دىگەن بۇ سۆز بىرىكمىسىدى كامالا ئۇقۇمىدىن شۇنى كۈرۈپ يىتىشكە بولىدىكى كامالەت تاپقان ئىنسانلارنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمىنىڭ ئەخلاقى پەزىلەتتە بەلگۈلۈك چەككە يەتكەنلىگىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس،ئەخلاقسىزلىقتىن كامالەت تېپىش مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى ئەخلاقسىزلىق پاسسىقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەخلاقسىز ئادەم قانچە ئىقدىدارلىق بولۇشتىن قەتتىئى نەزەر ئۇ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بالا قازا،چۈنكى ئۇنىڭ ئەقىل-ئىقدىدارى ئەڭ تار قورمىچىلىق ئىچىدە نامايان بولغانلىغى ئۈچۈن ئۇ ئۈزىدىن باشقىنى ئېتىراپ قىلماي،ئىنكار قىلىش پۇزۇتسىيەسىدە بولىدۇ،شۇنىڭ ئۇچۈ ئۈنداق ئىچى تار ئادەمنىڭ،ئەخلاقسىز ئادەمنىڭ ياراتقىنىنىڭ ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولىشى ناتايىن.

گىرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قۇماندانى-روببىنتورۇپنىڭ،<<ئۈچۈنچى ئىمپىريەنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى>>دىگەن كىتاپنىڭ ئالدىنى بىرىلگەن ئۈزۈندىلەر سەھىپىسىدە:<<گىتلىر-گىرمانىيە ئۈچۈن بالا قازا ئىدى>>دىگەن، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ گېنرالى رىببىنتورۇپنىڭ مەشھۇر سوزنى ئۈزۈندە قىلىپ بەرگەن،بۇ ئۇنىڭ گىتلىرنىڭ تار مىللەتچىلىگى ۋە شۇ ئاساستا يىتىلگەن ئىقدىدارىغا قاراتا چىقىرىلغان ئەڭ مۇۋاپىق يەكۈن ئىدى.

بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۇتۇش كېرەككى ھەرقانداق ئادەم ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ ئادىمىلىك پەزىلىتىدىن ئايرىلىدىكى ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى ساختا،ياكى ساختىلىقىنى يېپىش ئۈچۈن تىرىشقان يەنە بىر ساختىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

يۇقارقىلاردىن شۇنداق خۇلاسىگە كىلىش تەس ئەمەسكى ئائىلە ئەخلەقىنىڭ قانداق بۇلۇشى پەرزەنتىنىڭ تەربىلىنىش ۋە قانداق ئادەم بۇلۇپ چىقىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

1.ئاتىنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتى
ئاتىلار ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى،يولەنچۈكى،ئائىلەدىن ئىبارەت بۇ ئېغىر تەنزىنى سۆرەپ ماڭغۇچى،پەرزەنتىلىرىنىڭ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزىنىڭ ھاياتىدىن كەچكۈچى ئۇلۇغ ئىنسان.

ئاتىلا پەرزەنتىلىرگە لەۋزىدە تۇرۇشنى،مەرتۇ-مەردانىلىقنى،باتۇر قەيسەرلىكنى،چىداملىقلىقنى ،ئەجدادىنىڭ مەدىنىيىتى ۋە تارىخىنى پەرزەنتىلىرىگە يەتكۈزۈپ،ئەجدات ۋە نەسەبىئىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالغان ھەم ئۇلۇغ،ھەم جاپاكە ئىنسان.ئاتىنىڭ قانداق بۇلۇشى ماھىيەتتىكى(پەرزەنتىلەردىكى)قاننىڭ قانداق بۇلۇشىنى بەلگىلەيدۇ،بۇ دىگەنلىك ئاتىدا ئاتىچا خاسىيەت بولسا پەرزەنتە چۇقۇمكى ئۈزىگە ئىشىنىشتەك ئۈمۈت نۇرى بولىدۇ.

دۇنيادىكى مەشھۇر ئىلمىي ئەسەرنىڭ بىرسى بولغان  <<ئىلىمگە دالالەت>،دىگەن مەشھۇر ئەسىرىدە،ياپۇنىيەلىك  ئاپتۇر  فۇزېيۈيجى  مۇنداق مەشھۇر سۆزنى ئوترىغا قويغان<<تەڭرى ئادەمدىن ئۈستۈن ئادەم ياراتمايدۇ ھەم ئادەمدىن پەس ئادەمنىمۇ ياراتمايدۇ>،بۇ خۇدا ياراتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى،پۈتۈنلەي باراۋەردۇر دىگەنلىك >>دەپ يازغان.

يۇقارقى ھۈكۈمدىن بىز تەربىيەنىڭ،تەسىرنىڭ رۇلى ئارقىلىق ئادەمنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنىڭ(كىيىنكى ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ياكى سۇس بۇلۇشى)بەلگىلىنىدىغانلىغىنى بۇنىڭدا ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە پەزىلىتىنىڭ تەسىرىنىڭ ناھايتى مۇھىم بولىدىغانلىغىنى كۈرۈپ يەتەلەيمىز،چۈنكى بوۋاق تۇغۇلغاندا،ياكى ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى چاغلاردىلا بىۋاستە ئۇچرىشىپ تۇردىغىنى
ۋە بىۋاستە تەسىرلىشىپ تۇردىغىنى يەنىلا ئاتا-ئانىلاردۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا (پەرزەنتىلەرگە)تەسىر قىلىشنى ئەڭ ئاۋال باشلايدىغىنىمۇ ئاتا-ئانىدۇر.

يۇقارقىلاردىن يەنە ئادەمنى پەىزلەتلىك ياكى پەزىلەتسىز،ئادامدىن ئۈستۈن ئادەم،ئادەمدىن پەس ئادەم قىلىپ يارتىدىغىنى ئەمىليەتتە تەڭرى ئەمەس بەلكى ئادەملەرنىڭ ئۈزى ئىكەنلىگىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىكى سىر ئادەم ئەخلاقىنىڭ قانداق نەتىچىلىنىشىدىن ئىبارەت.

ئۇنداقتا ئاتىلار زادى قانداق پەزىلەتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟پەزىلەت ھازىرلانغان ھامان پەرزەنت تەربىيەسىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارغىلى بولامدۇ؟

ئائىلە تەربىيەسىدە ئاتا ئەخلاقى- پەزىلىتىنىڭ رۇلى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.

ئاتا <<ئالىم >>تەربىلىمەيدۇ،<<ئادەم>> تەربىلەيدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىلارنىڭ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ياراتالىشى ئىنتايىن مۇھىم ئۆتكەل بۇلۇپ،ئائىلە يۇسۇنى پەرزەنت تەربىيەسىدىكى بىرىنچى ئۆتكەن بۇلۇپ،ئۇ (ئائىلە يۇسۇنى)تەربىيەنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ،تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى،ئەنئەنىۋى يۇسۇن بىلەن ھازىرقى زامان ئەخلاقىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشى كېرەك.

ئاتا بولغان كىشى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تۈۋەندىكى پەزىلەتلەرنى يىتىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.

لەۋزىدە تۇرۇش-بۇ ئاتىلارنىڭ پەرزەنتىلىرىگە مەدۇ-مەردانىلىق،ھەقىقى سوزلۇك،خىيانەتسىزلىك ،قىزىلكۆزلۈكتىن نېرى تۇرۇپ،قىزىلكۆزلۈككە قارشى تۇرىدىغان ئىسىل پەزىلەتنى يۇقتۇرۇشىدىكى پەزىلەتلىرىنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق ئاتا قۇلىدا تەربىلەنگەن پەرزەن ھەقىقى ئادىمىلىك خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا زور دەسمايىگە ئىگە بۇلۇدۇ.
كەڭ قۇساق بۇلۇش-ئاتا-ئانىلارنىڭ كەڭ قوساق بۇلۇشى ماھىيەتتە پەرزەنتىلەرنىڭ ئەپۇچان ،باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كۈچۈرۈپ،ئۇنىڭغا يەردەم بىرىپ،توغرا يولغا باشلايدىغان مەزمۇت ئادەم بۇلۇپ چىقىشتىكى يەنە بىر پەزىلەت ھىساپلىنىدۇبۇنداق پەرزەنتىلەر ئەقىل بىلەن ئىش قىلۇدۇكى قىزىققانلىق،كۆكەمىلىكتىن خالى بۇلۇپ تەربىلىنىدۇ.
راسچىل بۇلۇش-ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرى ئالدىدا راسچىل بۇلۇپ،سەمىمىيىتىنى بىلدۇرۇشى،ئۈزى قىلالايدىغان ،قىلىپ بەرەلەيدىغان ئىشلارغا ۋەدە بىرىشى،قۇلدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ۋەدە قىلماسلىغى لازىم.بۇنداق شارايىتتا تەربىلەنگەن پەرزەنتىلەر سېمىمىلىك،راستچىللىق پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۋېلىپلا قالماي يەنە ئائىلىسىگە باشقىچا تەلەپ قۇيۇشتەك ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىنالايدۇ<<يوتقانغا بېقىپ،پۇت سۇنۇش>>نى بىلىپ،ھەرقانداق ئىشتا ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىشنى بىلىدۇ.
ئائىلە ئىچىدىكى پەدى-شەپكە ئاتا بولغۇچى چۇقۇم قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك.بۇ دىگەنلىك ئاتا قىز ئوغۇل پەرزەنتىلەرگە بولغان مۇئامىلىدىكى پەرىقىنى بىلىپ،ئۇلارغا ئايرىم تەربىيە قىلىشقا توغرا كەلگەندە چۇقۇم ئايرىم تەربىيە قىلىش،ئىنۋىرسال تەربىيەلەرنى بىرلىكتە قىلىش،ئۆي ئىچىدە ھاياسىزلارچە گەپ سۆز،ئۇرۇش تالاش قىلىشنىڭ ھەقىقى ئالدىنى ئېلىپ،ئائىلە ئەزالىرى ئوترىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك.
ئاتادا چۇقۇم باشقىلارغا يولەك بولىدىغان،باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان،باشقىلارغا يەردەم بېرىدىغان،باشقىلارنىڭ نەرسىسىگە كۆز قىرنى سالمايدىغان ياخشى خارەكتىر پەزىلىتى بولۇش كېرەك.ئاتانىڭ بۇنداق خارەكتىر پەزىلىرى ئاستىدا چوڭ بولغان پەرزەنتىلەرنىڭ،كۆزى توق،باغرى ئىللىق چوڭ بۇلۇپ،نۇرىۇن دىللارنىڭ غەمخانىسى بولالايدۇ.
ئاتىلاردا باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئىززەتلەش تۇيغىسى كۈچلۇك بولسا پەرزەنتىلەردە ئۈزىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان ئىسىل خىسلەت شەكىللىنىدۇ.دوست دۈشمەننى،ياخشى ياماننى،ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش تۇيغىسى يىتىلىدۇ.
ئاتىلار پەرزەنتىنى <<ئادەم>> قىلىپ تەربىلەيمەن دەيدىكەن يەنە پاسسىق ئىشلاردىن نېرى تۇرۇشى،شۇ ئاساستا پەرزەنتىلىرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە چەك قۇيۇشى كېرەك.بۇنداق چەك قۇيۇش مۇۋاپىق ۋە دەل بۇلۇشى كېرەك.مەسىلەن:بالىڭىز كىچىك چېغىدا  خوشنىڭىزنىڭ قۇغۇنلۇقىدىن ئىككى دانە قۇغۇن ئۆغرلاپ  كىردى.سىزدە تۈۋەندىكىدە ئۈچ خىل ئىنكاس كۈرۈلىشى مۇمكىن ، A:قوغۇننى قۇغۇننى تىلىپ يىيىشىڭىز مۇمكىن،B:بالا كىچىكلىك قىلىپتۇ ئىگىسىگە قايتۇرىشىڭىزمۇ مۇمكىن،C
:بالىغا تەربىيە بىرىپ،بۇنىداق قىلىشنىڭ خاتالىغىنى ئۇنىڭغا تۇنۇتۇ،خوشنىڭڭىزغا قۇغۇننى قايتۇرۇپ بىرىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
بىز قايسى تىپتىكى ئاتالاردىن بولىشىمىز كېرەك؟بۇنىڭدا چۇقۇمكى بىز ئۈچۈنچى خىل ئۇسۇلنى تاللىشىمىز لازىم.ئەگرىنى تال(نوتا) ۋاختىدا تۈزىلىگەن ياخشى.بىرىنچى ،ئىككىنچى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتتىئى ساقلىنىش كېرەك.ئەگەر داۋاملىق يول قويساق ئىشنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن بۇ يامان ئىللەتلەرنىڭ پەرزەنتىمىزدە يىتىلىشىگە ئاساس بۇلۇپ قالىدۇ.
بىز دەپ ئوتكەن پەزىلەتلەر ئاتىلاردا يىتىلدى دىگەندىمۇ بۇ پەزىلەتلىرىمىزنى پەرزەنتىلىرىمىزگە سىڭدۈرەلىشىمىز ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس،بىز ئاتا بولغۇچىلار تەربىيەنىڭ ئۇسۇلىنى تاللاپ،ئاساسسىز تەربىيە بىرىشتىن ساقلىنىپ،پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ قايىللىغىنى قوزغاپ،ئۇلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدىغان بولساق بىزنىڭ ئائىلىمىزدىكى كىشىلەرگە نىسپەتەن بىزنىڭ پەزىلىتىمىزنىڭ تەسىر قىلىش دائىرىسى چوڭ بولىدۇ.
ئاتا بولغۇچىلار پەرزەنتىمىزگە ئۆزىمىزدىكى ئەخلاقى پەزىلەتلەرنى ئۈگۈتۈش،يۇقتۇرش بىلەن بىرگە،پەرزەنتىمىز ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىككەرگىمۇ توغرا قارىيالايدىغان بولىشىمىز،ھەم شۇ ئارقىلىقمۇ پەرزەن تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىمىز،ھەرگىزمۇ زىددىيەتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ،ئۆزىمىزگە تۈگىمەس باش قېتىنچى تېپىۋالماسلىغىمىز لازىم.
بۇ ھەقتە شەيىخ سەئىدىنىڭ<<بوستان>>دا مۇنداق بىر ھىكايەت بار.
ئاچ كۆز ،نۇمۇسسىز بىر تىلەمچى،ئاللانىڭ يېقىن بەندىلىردىن بىرسى بولغان بىر زاتتىن پۇل تىلىدى.ئۇ زاتتا شۇ چاغدا پۇل يوق ئىدى،پۇل بولسا ئۇ ھەرگىز ئايىمايتتى.
تىلەمچى مەھەللىدە ئۇ زات ئۈستىدىن مۇنداق پىتنە تارقاتتى......ئۇ زاتنىڭ كۆرۈنىشى قۇناق شېخىدەك ئۇرۇق،لىكىن تويمۇغۇرلۇقتا مۇسانىڭ ھاسىسىغا ئوخشايدۇ....
پىتنە تارقالغاندىن كىيىن ئۇزاتنىڭ شاگىرتلىرى:زاتقا(شەيىخكە) يۇقارقىدەك پىتنىلەرنى بىر-بىرلەپ يەتكۈزدى.
بۇنى ئاڭلىغان شەيىخ
-ھەي،مىنىڭ كەمچىلىكلىرىمنى ئىزدىگەن كىشى،كىلىپ مەندىن سورا،گۇناھلىرىمنىڭ تىزىمىنى ساڭا ئۆزەم بېرەي...دىگەن.
بۇنىڭدىن امانلىققا ياخشىلىق قىلىپ،باشقىلارنى غەبلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇشنىڭ خاسىيەتىنى كۆرىۋالالايمىز.ئاتا بولغان ئادەم پەرزەنتى سەۋەنلىكىنىمۇ كۆچۈرۈشكە قادىر بۇلۇپ،ئۇنى ئۇيقىسىدىن ئويغۇتۇش كرەك.
ئائىلىدە ئاتا تەربىيەسى سۇس بولسا پەرزەنتىلىرى گەدەنكەش بولىدۇ،بالىغا ھەددىدىن ئارتۇق كۈيۈنىشنىڭ ئۆزى ئاخىرقى ھىساپتا ئاتىنىڭ ئۈزىگە سالغان بۇيۇنتۇرۇق،ياكى سىرتمىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.شۇنىڭ ئۇچۇن كۈيۈنۈش بىلەن قاتتىق تەلەپ قۇيۇشنى بىرلەشتۈرۈپ،پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ خاسلىقىنى يىتلدۈرۈشكە ئالاھىدە يەردەم بىرىشىمىز لازىم.
كىيىنكى پۇشايمان ئۆزگە دۈشمەن،ئاتا بولغۇچى بۇ ھەقىقەتنى مەڭگۈ ئىسىدە ساقلىشى كېرەك.
2.ئانىنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىتى
ئانا –پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئەڭ مۇققەدەس ،ئەڭ جاپاكەش،پەرزەنتىلەرگە ئەڭ يېقىن،ئۇلارنىڭ ھالىغا ئەڭ يېتىدىغان،پۇتۇن ۋۇجۇدىنى پەرزەنتىلىرىگە ئاتىغان ئائىلەدىكى يەنە بىر يادۇرۇلۇق ئەزا بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئانىلارنىڭ ئەخلەق پەزىلىتىنىڭ قانداق بۇلۇشى پەرزەنتىلىرگە بىۋاستە تەسىر قىلىپ،پەرزەنتىلەرنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىدىكى جەريانى ۋە ئاخىرقى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ھىساپلىنىدۇ.ئانىلارنىڭ پەزىلەتسىزلىكى،بۇلۇپمۇ ئەخلاقسىزلىقى پەرزەنتكە بىلىنگەن كۈن-پەرزەنتىنىڭ قاباھەت ئىچىدە قالغان كۈنىدۇر،شۇنداقلا ئانىنىڭ روھايىتى تۈگىگەن كۈنىدۇر،چۇنكى ئانىلارنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتى ئۈزىنىڭ نۇمۇسى پەرزەنتىلىرىنىڭ ۋىجادىنى،جورىسىنىڭ  ئۈمۇتى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچ، بۇنداق ئەخلاق ئاياللار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىسا بۇنىڭ ئائىلە ۋە پەرزەنت تەربىيسىگە بۇزغۇنچىلىقى ئانىلار ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە زور بولىدۇ.
بۇنى ئەجداتلىرىمىز بۇرۇندىللا تۇنۇپ يىتىپ،نۇرغۇنلىغان پەندى-نىسەھەتلەرنى بىزلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن.بىزدە<.قىزىنى ئالماي ئانىسىنى ئال>>دەيدىغان مەشھۇر سوز بار.بۇنىڭدىن ئاياللارغا قويۇلغان شەرتنىڭ ئاددى ئەمەسلىگىنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەس.بۇ ھىكمەتتە خۇتۇن ئېلىشقا توغرا كەلگەندە چۇقۇم  شۇ قىزنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقى بىلەن ھىساپلىشىپ،ئائىلەسى پەزىلەتلىك بولغان ئائىلىنىڭ قىزىنى ئېلىشنى تەۋىسىيە قىلىدۇ.يەنە بۇ يەردە شۇنىمۇ كۈرۈۋېلىش كېرەككى قىزنى ئالماي ئانىسىنى(ئاپىسىنى) ئېلىش شۇ قىزنى تەربىلىگەن ئانىسىنىڭ ئەخلاقى-پەزىلىىگە چەك قۇيۇپ،پەزىلەتلىك ئانىلارنىڭ تەربىلىگەن قىزىنى ئېلىشنى تەۋىسىيە قىلىدۇ.بىنىڭدىن ئانىلارنىپ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رۇلىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەنلىگىنى كۈرىۋالغىلى بۇلۇدۇ.
<<قابۇسنامە>>دە قانداق خۇتۇن ئېلىش توغرىسىدىكى باياندا مۇنداق ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ<<...ئەي ئوغۇل خۇتۇنۇڭ بالاغەتكە يەتكەن ھەم ئەقىللىق بۇلۇشى كېرەك.ئۇ ئۆي تۇتۇش توللىرىنى بىلسۇن،بەك ياش بۇيىغا يەتمىگەن كىچىك قىزنى ئالما،پەقەت مەرت(ياخشى ئوغلان)خۇتۇننى ئۆي ئىشلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالىدۇ،جىما(جىنسى تۇرمۇش)ئۈچۈنلا ئالمايدۇ...>>
بۇنىڭدىن بىز مەڭگۇلۇك جورىنى تاللاشتا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىزنىڭ لازىملىغىنى چۈشىنىۋالالايمىز يەنە خۇتۇن كىشىلەرنىڭ پەرزەن تەربىيەسىدىكى،ئوي ئىشلىردىكى رولىنىڭ مۇھىملىغىنىمۇ ھىس قىلالايمىز.يۇقىردىكى باياندا مۇنداق ئۈچ قاتلاملىق مەنە ئوترىغا قۇيۇلغان.بىرسى سىز ئالماقچى بولغان قىزنىڭ يېشى،يېشى بەك كىچىك بولۇپ قالسا ئوي ئىشلىرىنى قىلالمايلا قالماستىن بەلكى بالا تۇرۇپ بالا تۇغۇپ،بۇ بالىنى ياراملىق تەربىلىيەلمەيدىغانلىغى،شۇنداقلا جىسمانى جەھەتتىن نابۇت بۇلۇپ،يەنىلا ئوي ئىشلىرى ۋە بالا تەربىلەشنىڭ ھۆدىسىدىن چىقالمايدىغانلىغى ئوترىغا قۇيۇلغان.ئىككىنچى بىرسى بولسا ئايال كىشىنىڭ ئۆينى ئويدەك تۇتۇشى ئوترىغا قۇيۇلغان بۇلۇپ،بىز ئالماقچى بولغان ئاياللارنىڭ ئۆي تۇتۇشقا ئىپى بۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان.ئۆي تۇتۇشقا،ئۆي ئىشلىرىنى ياخشىلاشقا ماھىر ئاياللار چۇقۇمكى پەرزەنتىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيىلىيەلەيدۇ دەپ قارىلىپ،ئىشچان چىۋەر بولۇشنىڭ لازىملىغى ئوترىغا قۇيۇلغان.ئۈچۈنچى بىر مەنىسى بولسا ئايال كىشىنى پەقەت جىنسى تۇرمۇش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆمۈرلۈك ھەمرا سۈپىتىدە تۇرۇپ ئويلاپ ئېلىشنىڭ لازىملىغىنى تەكىتلىگەن بۇنداق بولغاندا ئاياللار جىنسى قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ،ئۈزىنىڭ بارلىغىنى ئائىلە ۋە پەرزەنتىلەر ئۈچۈن بېغىشلايدىغانلىغىنى،شۇڭا ئاياللارنى ئانىلارنى كەمسىتىدىغان ئىللەتلەردىن خالى بۇلۇپ،ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ،ئۇلار بىلەن بىرگە باراۋەر ئاساستا ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنت تەربىلەش ئوترىغا قۇيۇلغان.
ئاياللارنىڭ پەزىلىتى ۋە پەرزەن تەربىلەشتىكى رۇلىنىڭ مۇھىملىغىنى نەزەرگە ئېلىپ يۇقارقى كىتاپتا قانداق پەزىلەتلىك ئاياللارنى ئېلىش مەسىلىسى مۇنداق ئوترىغا قۇيۇلغان<<...خۇتۇنۇڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ،مەكتەپنىڭ توغرا تەربىيەسىنى ئالغان،ئۆي تۇتۇش تەبىرلىرىنى ئۈگەنگەن بولسۇن.بۇنداق قىز قولۇڭغا كىرەر بولسا،ئۇنى ئېلىشتا بىپەرۋالىق قىلما،ھىچ ۋاقىت خۇتۇنىڭغا يامانلىق قىلما...ساڭا خۇتۇنىڭدىن ياخشى دوست بولمايدۇ...>>.
يۇقارقىلاردىن بۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلىۋالىمىز ئائىلىنىڭ يادۇرۇسى،پەرزەنتىمىزنىڭ ئانىسى،بولغان كىشى چۇقۇم مۇۋاپىق تەربىيەگە ئىگە بولغان بۇلۇشى كېرەك.بۇ تەربىيە مۇنداق ئىككى چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇشى لازىم.بىرسى بۇ ئانا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرى،ئويتۇتۇشنىڭ يوللىرى،ئىرىگە سادىق بولۇشنىڭ يوللىرى،پەرزەنتىگە كۈيۈنۈشنىڭ يوللىرى ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشتىكى يوللىرىنى ئۈگەنگەن بولۇشى كېرەك.ئىككىنچى بىرسى ئۇ چۇقۇم جەمىيەتتىكى تۇرلۇك ئىشلار،كۆز قاراشلار ،بىلىش مەسىلىلىرى ۋە ئېتىقات قاراشلاردىن سېسىتمىلىق تەربىلەنگەن بۇلۇشى كېرەك.نىمە ئۈچۈن قېدىمقىقىلەر ئاياللارنىڭ قانداق تەربىلىنىش مەسىلىسىنى مانا مۇشۇنداق مۇككەممەل ئوترىغا قۇيالىغان،بۇ يەنىلا ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە پەرزەنت تەربىلەش رۇلىنىڭ مۇھىملىغى تەرىپىندىن بەلگىلەنگەن.
يەنە شۇ كىتاپتا <<ئەگەر پەرزەنتىڭ بولسا،بىرىنچىدىن ياخشى ئىسىم قوي،ئىككىنچىدىن ئىمكانىيەت بولسا  بالىنى ئەقىللىق ۋە مىھرىۋان تەربىيەچى خۇتۇنغا تاپشۇر>>دىيىلگەن.
بۇ ھۈكۈمدىن بىز ئانىلاردا چۇقۇم ئەخلاقى پەزىلەتنىڭ بولىشىنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە بولغان تەسىرىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇپ يەتەلەيمىز.ئۇنداق بولسا ئاياللار قانداق پەزىلەتلەرنى ئۈزىدە مۇجەسەملىگەندە ئاندىن پەرزەنتىلىرىنى ياخشى تەربىلىيەلەيدۇ؟
سەييىد سۇلايمان نەدۋىي نىڭ<<ھەزىرىتى ئائىشە>>دىگەن تەرجىمىھال خارەكتىرلىك ئەسىرىدە ھەزىرىتى ئائىشەنىڭ ئاخلەقى ۋە پەزىلىتى ئوترىغا قۇيۇلغان بۇلۇپ،ئەكلەقى دىگەندە ئۇنىڭ ياخشى مىجەز ئادەتلىرى،پەزىلىتى دىگەندە ئۇنىڭ بىلىش دەرجىسى ئوترىغا قۇيۇلغا.
ھەزىرىتى ئائىشەنىڭ يىتىشتۈرگەن ئەخلاقىنى  تۈۋەندىكى تەرەپلەرگە يىغىنچاقلىغان.يەنى كىتاپتا<<ھەزىرىتى ئائىشە-پىداكار،،پەرزەنتىلىرگە كۇيۇنۇش روھى(ئۇ پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن بولسىمۇ)،ئىتائىتى،غىيۋەت ۋە باشقا ناچار ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى،ئېھساننى قۇبۇل قىلماسلىغى،ماختىلىشتىن ىش بولماسلىغى،ئىززەت-غۇرۇرىنى ساقلىشى ۋە قوغدىشى،جاسارىتى،مەرتلىگى،رەھمىدىللىكى ۋە ئاللادىن قورقۇشى،قۇللارغا شەپقىتى،يوقسۇللارغا يەردىمى،ئەرلەردىن ھايا قىلىشى>>.
پەزىلىتى دىگەندە يۇقارقى كىتاپتا يەنە<<ئاللا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى پىشقەدەم ساھىبىلەرنىڭ ھەزىرىتى ئائىشەدىن ئىسلامنىڭ ئەككاملىرىنى سورىۋاتقانلىغىنى كۆردۇم >>دىگەن ئائىشەنىڭ شاگىرتىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن.يەنە زۈبەيرىنىڭ ئوغلى ئۇرۋە مۇنداق دىگەن<<قۇرئانغا،ھالال-ھارامغا،ئىلىمگە،شىئېرىغا،تىبابەتكە،تارىخ ۋە نەسەب ئىلمىگە مۆمۈنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشەدەك يىتۈك كىشىنى كۆرمىدىم>>يۇقارقى بايانلاردىن ئانىلارنىڭ ھەم ئەخلاقلىق ھەم قابۇليەتلىك بولمىغى زۈرۈر ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىمىز.

بىزنىڭ ئانىلىرىمىز تۈۋەندىكىدەك ئەخلاقى پەزىلەتنى يىتىشتۈرۋېلىشى لازىم.

ئىپپەت-نۇمۇسلۇق بۇلۇش-بۇ ئانىلارنىڭ پەرزەنتىنى ياىشى تەربىلەپ چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم پەزىلىتىنىڭ بىرسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق ئانىلار شەرمى ھايانى ئۈزىگە يار قىلىپ، نۇمۇسنى،ئاھانەتنى ئۈزىنىڭ ۋىجدانى ئۈستىگە قۇيۇپ ئويلىيالايدىغان پەرزەنتىلەرنى تەربىلەپ چىقالايدۇ.بۇنداق پەرزەنتىلەر شەرمى-ھايا  پاك ۋىجدان بىلەن ياشايدۇ.ئانىدا ھاياسىزلىق كۆرۈلسە بالا ئەلۋەتتە بەتنىيەت بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.

بارلىغىنى ئائىلىگە ۋە كەسىپكە بېغىشلىشى كېرەك-بۇنداق ئاياللار مەسئۇليەتچان بۇلۇپ،ئائىلە مەسئۇليىتى بىلەن جەمىيەت يۈكلىگەن مەسئۇليەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ،ئىككىسىنى جانلىق بىرلەشتۈرەلەيدۇ.بۇنداق مەسئۇليەتچان ئەنىلار تەربىلىگەن پەرزەنتىلەر تەبى ھالدا ئائىلە ۋە جەمىيەت ئالدىدا بەلگۈلۈك بۇرۇچىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ.

ئانىلار كۈيۈمچان بۇلۇشى لازىم.كۈيۈمچانلىق پەقەت ئېرى،پەرزەنتىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىغى لازىم.يەنە بۇنداق كۈيۈمچانلىق ئاتا-ئانا،ىۇلۇم ىوشنىلار ،ئاجىز ئۇرۇقلار ،ئەڭ مۇھىمى ئوغۇل تەرەپ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلەشتە ئىپادىلىنىشى كېرەك.بۇنداق كۈيۈمچانلىق ئىچىدە تەربىلەنگەن پەرزەنتىلەر باشقىلارغا غەمىورلۇق قىلىشنى ئۈزىگە مەجبۇريەت دەپ قاراپ،باشقىلارغا بەرگەن يەردىمى ئىچىدىن ىۇشاللىق تاپىدىغان ئىسىل خىسلەتكە ئىگە بۇلۇدۇ.

ئانىلار جەسۇر بۇلۇشى كېرەك-ئانىلار جەسۇر،غەيرەتلىك ،قەيسەر بولسا ئۇ تەربىلىگەن بالا جاپا-مۇشەققەتتىن قورقىمايدىغان،مەينەت ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدىغان ھەق ناھەق قارىشى كۈچلۈك،ۋىجدانلىق بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.بۇنداق پەرزەنتىلەر كەلگۈسىدە خەلىقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇلىنى سۇۋۇتىدىغان پەزىلەتلىك كىشىلەردىن بۇلۇدۇ.

ئانىلار قۇرۇق گەپ ۋە غىيۋەتتىن نېرى تۇرۇپ،ئەمىلى ئىش قىلىشتەك ئەمىليەتچانلىقنى يىتىشتۈرۋېلىشى لازىم.بۇنداق ئانىلار تەربىلىگەن بالىلار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنالايدىغان قەتتى پىكىر قىلىپ،مۇستىقىل قارار چىقىرىدىغان ئەقىللىق بولۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.ئۇنداقلار ىەۋىپ ىەتەر ئۈستىدە تەمتىرىمەيدۇ،سوغۇك قان تەمكىن كېلىدۇ.

ئانىلاريەنە كەڭ قوساق بولۇشى لازىم.بەزى ئاياللارنىڭ قوسىقىغا بالا پاتقان بىلەن بىر تۈگمە پاتمايدۇ.بۇنداق ئاياللار كىشىلەرنىڭ بەخىتسىزلىك ئىچىدىن بەخت ئىزدەيدۇ.بۇنداق ناكاسچىلىقتىن ئانىلىرىمىز خالى بولىشى لازىم.سىز باشقىلارنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ئۆزىڭىز شۇنچىلىك ھۆرمەت تاپىسىز،سىز باشقىلارنىڭ قايغۇسىدىن خۇشاللىق ئىزدىۋاتقان چېغىڭىزدا سىزگىمۇ شۇ قايغۇنىڭ كېلىدىغانلىغىدىن بىخەۋەر قالماڭ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلىرىمىز كەڭ قوساق بۇلۇشى،كۈندە زەھەر ئىچىپ تۇردىغان كۈرەلمەسلەدىن بۇلۇپ قالماسىلىغى لازىم.كەڭ قوساق ئانىلار تەربىلەگەن پەرزەنتىلەر چۇقۇمكى باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كۈچۈرۋاتالايدىغان پەزىلەت ئىگىسىدىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىدۇ.

ئانىلىرىمىزدا  ئاياللىق سالاپەت بۇلۇشى كېرەك.ئاياللىق سالاپەت ئاياللارنىڭ خاسلىغىنىڭ قېنى ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق ئاياللىق سالاپەتكە ئىگە ئاياللىرىمىز تەربىلىگەن بالىلار ئۈزىدىكى ئىندىدال خارەكرىرنى ياخشى نامايەن قىلالايدۇ.بۇ دىگەنلىك بۇنداق پەزىلەتلىك ئانىلار تەربىلىگەن قىزلاردا نازاكەت،ئوغۇللاردا قاسارەت يىتىشىپ چىقىدۇ.

ئانىلىرىمىز يەنە پەرزەنتىلىرىگە دىيىش زۈرۈر بولمىغان گەپلەرنى قىلماسلىغى،بۇنداق ئىشتا پۇرسەتنى تېپ باشقا ھەركەتلەر بىلەن پەرزەنتىنىڭ سەمىگە سېلىپ قۇيۇپ،پەرزەنتىنىڭ شۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىشىغا پۇرسەت يارتىپ بىرىشى كېرەك.

ئانىلار يەنە پەرزەنتىلەرگە ئاتا نىسەھەتى بولىۋاتقاندا بالا تەرەپتە تۇرۇپ،ئاتاغا قىرىشى چىقىشتىن قەتتى ھەزەر ئەيلىشى لازىم .ئۇنداق بولمىغاندا بالا ئانىنىڭ ھىمايچىلىغىدىن ئىباتەر بۇ قالقانغا تايىنى ،گەپ ئاڭلىمايدىغان قېلىن كىشىلەردىن بۇلۇپ قالىدۇ.بۇنداق قېلىن كىشىلەرنى باشقىلار كۆزگە ئىلمايدۇ.

ئانىلىرىمىز يۇقارقىدەك پەزىلەتلەر بىلەن بالا تەربىلىگەندە چۇقۇم ياراملىق پەرزەنت تەربىلەپ قاتارغا قۇشالايدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە ئانىلىرىمىز نۇمۇسنى قايرىپ قۇيۇپ،ھەممە ئىشتا مىنىڭ بىلگىنىم ھىساپ دەپ قارىسى بۇنداق ئانىلار تەربىلەپ يىتىشتۇرگەن بالىلارنىڭ كەلگۈسى خىرە،ئۈزى گۇمراھ بۇلۇپ،كەلگۈسىدە جەمىيەتكە يۈك بۇلۇپ،كىشىنىڭ قۇلىغا قاراپ ياشايدىغان كەرەكسىزلاردىن بۇلۇپ چىقىدۇ.

بىلىم ئېلىش مەسىلىسىدە ئانىلىرىمىز كەڭ دائىرىدىكى ئەخلاقى بىلىملەرگە،ئەنئەنىۋى بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇشتىن سىرت مۇكەممەل پەننى بىلىمگە ئىگە بۇلۇشى كېرەك بۇ ئانىلىرىمىزدىكى بىر پەزىلەت بۇلۇپ نامايەندە بۇلىشى لازىم.چۈنكى ھەر بىر ئانا مىللەتنىڭ ئانىسىدۇر.

ئىجادىيەت

 

 

(داۋامى بار)
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • alif
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2069
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 36
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 370 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-18
    ئاخىرقى: 2011-01-24
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-18 22:59

    ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !
    تېما ئىگىسىگە سۆز قالدۇرۇش :
    رەھمەت،تىلىكىڭىزدەك بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن