ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغىلى 30 يىلدىن ئاشتى، ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى.
مائارىمىز قانداق كىشىلەرنى تەربىيەلەپ چىقتى. مائارىپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇش ئاندىن ئۆزگىنى تونۇشنى مەقسەت قىلىشى كېرەك. تاكاممۇللۇق ئۆزىدىن باشلىنىدۇ، ئاندىن باشقىلارغا ئۈلگە بولىدۇ.
40 ياشلار چامىسىدىكىبىر ئۇقۇتقۇچى تونۇشۇم شۇنداق دەپ ۋايساپ بەرگەنلىرى ئېسىمدە:
ھازىرقى بەزى ياش ئوقۇتقۇچىلارغا نىمە بولدى، بىغىشلاش روھى دىگەن بىز ئوقۇتقۇچى بولغان كىشىنىڭ پەزىلىتى ئىدى، كۆيۈنۈش خىسلىتى ئىدى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇتۇقىنى كۆرۈش - پەخىرلىك ئىشى دەپ بىلەتتى.
ھالى بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇلار شۇ توغرىسىدا قىلچىمۇ ئويلىنىشنى خالىمايدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا زادى نىمە سەۋەپ بولدى، ئۇقۇتقۇچىلىرىمىزنى تەربىيەلەۋاتقان پىداگوكىيكا مائارىپى شۇ بولدىمۇ ئەمدى؟