ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! Lj]I7ICNh
ھەمزە قېرىندىشىمغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئۇ ئاللاھ يولىدا مۇستەھكەم تۇرغان مۇسۇلمانلاردىن، سۈننەتنى گۈللەندۈرۈپ بىدئەتنى مات قىلغۇچىلار سېپىدە تۇرغۇچىلاردىن ئىدى. %62W[Oh5
بىراق، ھەمزە قېرىندىشىمىز مۇزىكا توغرىسىدا خاتالىشىپ كېتپتۇ. گۇناھلىرىمىزنى ئاللاھ مەغفىرەت قىلغاي. LwPZR E#
ئىسلام شەرىئىتىدە بۇنداق ناخشىلارنى ئاڭلاش ھارام. مۇزىكا ئارىلاشقان ھەرقانداق نەرسە مەيلى ئۇ ئاللاھنى ياكى ئسىلامنى قانچە ئۇلۇغلىغان بولۇشىغا قارىماي بەرىبىر ھارام. بۇ ھەقتە پۈتكۈل ئىسلام ئۆلىمالارى مۇزىكا ئارىلاشقان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ھاراملىقىدا ئىتتىپاقتا.(مەيلى ئۇنىڭ مەزمۇنى قانچە سالغام بولۇپ كەتسۇن). T/[8w
قۇرئاندا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«بەزى كىشىلەر ئىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.»(31-سۈرە لوقمان، 6-ئايەت) 8}B*a;d
بۇ ئايەتنى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ مۆتىۋەر ئۆلىمالارى مۇنداق تەفسىر قىلغان: 4blw9x N
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئائىلا تاۋاباتلىردىن سانىلىدىغان(يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نەۋرە ئىنىسى)، مەشھۇر ساھابە ئبىن ئابباس رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن: «بۇ ئايەتتىكى ‹بىھۇدە گەپلەر-› ناخشىلارنى كۆرسىتىدۇ.» تابىئىنلاردىن مۇجاھىد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بۇ يەردىكى مەنە(يەنى »(كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ مەناسى) ساز چېلىشتىن ئىبارەت.»(تەفسىر تەبەرى 21-توم، 40-بەت) B/:+(|
ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەت ناخشا مۇزىكىلار توغرۇلۇق نازىل بولغان.(تەفىسىر ئىبىن كەسىر، 3-توم، 451-بەت) t h!$R
ئەل سەئدى مۇنداق دېگەن:«بۇ ئايەت ھارام قىلىنغان بارلىق سۆزلەرنى-جۈملىدىن- قۇرۇق گەپ، يالغان گەپ، بوھتان، غەيۋەت قاتارلىقلارنى شۇنداقلا شەيتان تەرىپىدىن بولغان ناخشا-مۇزىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق ئىشلار كىشىنى كۇفۇرغا - ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىككە باشلايدۇ. ناخشا مۇزىكىنىڭ ئىنسانلارغا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن پايدىسى تەگمەيدۇ.»(تەفسىر ئەل-سەئد، 6-توم 150-بەت)[ناخشا مۇزىكىلارنى ئاڭلىسا كۆڭۈل ئارام تاپىدۇ، كەيپىيات كۆتۈرۈلىدۇ دەيدىغانلار بار. شۇنى بىلىڭكى، سىز ناخشا-مۇزىكا بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان ۋاقىتتا ئىختىيارسىز ھالدا ئاللاھنى ئۇنتۇيسىز. ئاللاھنى ئۇنتۇش، ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىش پايدىمۇ-زىيانمۇ؟ ئىسلام مەسىلىنىڭ تاشقى كۆرىنىشىگە ئەمەس، ماھىيىتىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. مۇزىكا ئاڭلاپ بەزىلەرنىڭ كەيپىايتى كۆتۈرۈلگەندەك تۇرغان بىلەن، ئۇلار ئاشۇ كەيپىياتىنى كۆتۈرۈش بەدىلىگە ئاللاھنى ئۇنتۇپ، ئىسلام شەرىئىتى چەكلىگەن ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ناخشا-مۇزىكىدا مەيلى ماددىي ۋە ياكى مەنىۋىي پايدا يوق.] '7'*+sgi$
>"OwdAvX
ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈممىتىم ئارىسىدىن زىنانى ، (ئەرلەرنىڭ) يىپەك رەخت (كىيىشى)نى، ھاراقنى ۋە مۇزىكىنى ھالال سانايدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ.»(سەھىھۇل بۇخارى 5590-نومۇرلۇق ھەدىس) I "8:IF
Fi7G S;
شەيخۇل ئىسلام ئىبىن تەيمىييە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس مۇزىكىنىڭ ھاراملىقىغا دالالەتتۇر.(مەجمۇئۇ ل فەتۋا 11-توم 535-بەت) i8h(b2odQ
xJ-(]cO'
سەمىي يۈسۈف ۋە ماھەر زەين لار گۈزەل ئاۋازىم بىلەن ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن دېسە قارىي مىشارىي ئەل ئەفەسىي ۋە ئەھمەد بۇخاتىر قاتارلىقلارنىڭ يولىنى تۇتسا بولىدۇ. ;
)6LX-
ئاللاھ ھەر-بىرىمىزنى ئازغۇنلۇقتىن ساقلىدىم. .5S< G)Ja
ئۆزىنى دىننى چۈشىنىمەن دەپ قارايدىغان نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ مۇزىكىنى ھالال ساناپ ماھەر زەين ۋە سەمىي يۈسۈفلارنىڭ ناخشىسىنى زوخ-شوخ بىلەن ئاڭلاپ كەتكىنىگە ئېچىندىم.