1931-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۇنى ،ياپون تاجاۋۇزچىلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقى شىمالىدىكى 3 ئولكىنى بېسىۋىلىپ، پۇتۇن جوڭگو خەلقى، ئەتتا پۇتۇن دۇنيا ئەللىرىنى زىل-زىلگە سالغان<<18-سىنتەبىر ۋەقەسى>> پاجەسىنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.
ئارىدىن 6 يىل ئۆتۇپ،1937-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۇنى <<7-ئىيول لوگۇچياۋ ۋەقەسى >> نى كەلتۇرۇپ چىقىرىپ.جوڭگۇغا قارىتا ئوموميۇزلۇك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرشىنى قوزغىدى.
شىنجاڭدا 1935-يىلى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش باش ئۇيۇشمىسى ۋە 1937- يىلى 9- .ئايدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش بويىچە ئارقا سەپ ياردەم بىرىش ئۇيۇشمىسى قۇرۇلغان. شىنجاڭ ئۆلكىسى ھەر بىر ناھيە 1 ئايرۇپىلان تەسىس قىلىش ھەيئىتى قۇرۇلغان. پۇتۇن شىنجاڭدا 144 ئايرۇپىلان پۇلى توپلىنىپ 64 ئايرۇپىلان پۇلى ئىشىپ كەتكەن.
ئۇرۇمچى دوختۇرخانىسىدىكى جىن يۈنخۇا ئەر -خوتۇن ئىككەيلەن 2مىسقال 6پۇڭلۇق ئالتۇن بىلەيئۇزۇكتىن بىرنى ، ئاتۇن قىسقۇچتىن بىرنى سوغا قىلغان.
شىنجاڭنىڭ ۋىلايەت ناھيەلىرىدە ئالتۇن ئىئانە قىلىش پائاليىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، شاجىڭشاڭ 10 سەر ئالتۇن ئىئانە قىلغان،ئاقسۇدا بىر ئايال 27 دانە 50 سەردىن يابۇنى پەتنۇسقا سېلىپ چىققان. باي ناھيەسىدە رابىيە خىنىم 5 سەر ئالتۇن ھەمرا خىنىم 2سەرلىك بىلەي ئۇزۇك، گۇۋا خىنىم 100سەر كۆمۇش مەمەتجان زەگەرنىڭ ئايالى بىر ئالتۇن ئۇزۇك،ئەخمەت ئەلەمنىم ئايالى 2دانە ئاتۇن تۇگمە، ئەپكەشتە سۇ چىلىق قىلدېغان ھامۇتنىڭ ئايالى 2مىسقال ئالتۇن زىرە، باي ناھيەسىدە بىر كۇنلۈك ئىئانە توپلاش پائاليىتىدە 100، يامبۇ،1000 ئات مىڭلىغان قوي ،كالا ،قوتاز نۇرغۇن ئالتۇن جابدۇقلار يىغىلغان.
1942-يىلى قەمبەر خانىم سىڭلىسى گۈلبەكرەم بىلەن ئىلى -قەشقەردىكى بىر قىسىم ئاتاقلىق ئارتىسلار بىلەن ئويۇن قويۇپ كىرگەن كىرىمنى يەنى 2557 يۈەن شىنجاڭ پۇلىنى ئالدىنقى سەپكە ھال سوراپ ئەۋەتكەن.
ئاقتۇ -كونا شەھەر ئۇيۇشمىسى ئەرتىسلىرى ئويۇن قويۇپ كىرىم قىلغان پۇلىدىن 450 يۈەن ؛ تۇرپان ناھيەسى ئارتىسلىرى 150يۈەن؛قارا شەھەر ئارتىسلىرى 10000 يۈەن؛ لوپنۇر ئەرتىسلىرى 16425يۈەن؛ كۇچا ئەرتىسلىرى 3600يۈەن ئىئانە قىلغان .
ئاياللار شىنجاڭدىكى ئىئانە توپلاش پائاليىتىدە موھىم رول ئوينىغان .
مەنبە:شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى...كۆچەرسىڭىز كەڭ ساي نى ئەسكەرتەسىز!!