گۈزەللى دېسە كېشىلەر ھەمىشە بەدەن قۇرۇلۇش ، يۈز شەكلى ، چاچ گۈزەللىكلىرىگە ئېتىبار بېرىپ ، پۇتنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن ، پۇت ماڭدىغانغا يارالغان ، ئۇنىڭغىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار قىلىش زۆرۈرمۇ ؟ ئاتا - بوۋىلىرىمىز <<ئادەم پۇتتىن قېرىيدۇ>> دەيدۇ . نۇرغۇن ئادەملەر پۇتنىڭ ساغلاملىقىغا ، گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار قىلماقتا . ماتېرىياللاردا پۇتنىڭ ساغلاملىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ساۋاتلار بار . ئەمەلىيەتتە بەدەننىڭ باشقا ئورۇنلىرىغا قارىغاندا پۇت ساغلاملىقىنى ئاسراش ئاددىي . تۆۋەندە نەچچە خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز :
1 ئاياغ مۇۋاپىق بولۇش كېرەك . ئاياغنىڭ ئۇزۇنلۇقى ، كەڭلىكى مۇۋاپىق بولۇش ، پۇت بارماقلىرى ئاياغ ئىچىدە ھەرىكەت قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك . مۇۋاپىق ئاياغ ئېلىش ئۈچۈن چۈشتىن كېيىن ۋە كەچلىكى ئاياغ تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك . چۈنكى مۇشۇ ۋاقىتلاردا پۇت چىڭقىلىپ قالىدۇ .
2 ئاياغنىڭ پاشنىسى مۇۋاپىق بولۇش كېرەك . پاشنىسى بەك ئېگىز ياكى بەك پاكار بولسا زىيانلىقتۇر .
3 كۈندە بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ پۇتىڭىز ئېگىز كۆتۈرۈپ بېرىڭ . بۇ پۇتنىڭ قان ئايلىنىشغا پايدىلىقتۇر . تىرناقلىرىڭىز ۋاقتىدا ئېلىڭ .
4 يالاڭ ئاياغ قاتتىق يەرگە دەسسىمەڭ . پۇتنىڭ تېرىسى قېلىنلايدۇ . قۇملۇقتا يالاڭ ئاياغ ماڭسىڭىز بولىدۇ . پۇتنى بىكار بولغاندا ئۇۋۇلاپ بېرىش ، ھەپتىسىگە كەم دىگەندە 3 قېتىم ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇت يۇيۇش قاچىسىغا 30~35 سېلسىيە گىرادۇس چامىسىدا قىزىق سۇ تەڭشەپ ، قىش ، ياز ئۈزۈلدۈرمەي پۇتنى 10~15 مىنۇت چىلاپ ئولتۇرسا ، بارلىق ئىچكى ئەزالار فونكىسىيىسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىلىق . چۈنكى پۇت قىسمىدا ئىچكى ئەزالار زىچ مۇناسىۋەتلىك پەللە كۆپ بولغانلىقتىن ، پۇتنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشىلانسا ، بەدەن ئىچكى ئەزالىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا ياخشىلىنىدۇ .