باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5132 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسى ھەققىدە
ئەگەر ساڭا تېچلىق كېرەك بولسا، ئۇرۇشقا تەييارلى& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1202
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 166
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە166دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1855 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2011-11-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-27 21:40

ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسى ھەققىدە

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-08-27)
ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسى ھەققىدە
   «ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسى ھەم ئۇزۇن، ھەم سېسىق» دېگەن تەمسىلنىڭ قايسى مىللەتنىڭ فولكلورىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلمىسەممۇ لېكىن ئۇنىڭدىكى ئاچچىق تەنە خۇددى تەر، قاسماقتىن پۇراپ كەتكەن پايتىمىدەك ھەممە كىشىگە تەسىر قىلىدىغىنىنى بىلىمەن. 
     مىڭ شۈكۈركىم، پايتىما يۆگەيدىغان دەۋر بىلەن ئاللىقاچان خوشلاشقىنىمىز ئۈچۈن قەغەز يۈزىنى سېسىق پۇراتماي، دېمەكچى بولغان گەپنى ھەممە ئادەم ئامراق بولغان لەغمەندىن ئىبارەت تاماق ئېىش ئۇسۇلىغا يۆلەپ ئوتتۇرىغا قويىمەن. لەغمەن  ئېتىشنىڭ ئۇسۇلى ۋە قەدەم باسقۇچلىرى ئاساسەن ھەممە كىشىگە تونۇشلۇق، لېكىن ئېتى «لەغمەن» لا بولسا   تەملىك ، يىيىشلىك بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە لەغمەن ئېتىشكە كەتكەن ۋاقىت، ئۇنى ئەتكۈچىنىڭ تۆشۈكىنىڭ بار يوقلۇقى (تۆشۈككە پىششىق، خاملىقى)، چېچەن، چاققان ياكى گالۋاڭ، لايپاسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. موھىمى ۋاقىت بىزنى قوغلاۋاتقان، بىز ۋاقىتنى قوغلاپ يېتەلمەيۋاتقان شارائىتتا لەغمەن ئېتىۋاتقان گالۋاڭ، لايپاس خوتۇننىڭ قولىغا قاراپ ئولتۇرغان قالغان ئائىلە ئەزالىرى چوقۇم ۋاقتىدا  ياخشى دەم ئالالمايدۇ، ياكى قىلىۋاتقان ئىشىغا كېچىكىپ قېلىپ زىيان تارتىدۇ. 
    مەلۇم كۆلەمدىكى بىر ئورۇننىڭ رەھبىرى (رەھبەرلىك كوللېكتىپى) نى خۇددى ئائىلە ئەزالىرىغا لەغمەن ئېتىۋاتقان ئايالغا (ئانىغا) ئوخشىتىش مۇمكىن. چېچەن، چاققان ئايال(ئانا) تاماققا ۋاقتىدا تۇتۇش قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش تۆشۈك تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ، قىز- كېلىنلىرىنى مۇۋاپىق يارىدەملەشتۈرۈپ، تاماقنى ۋاقتىدا پىشۇرۇپ ئائىلە ئەزالىرىغا بېرىپ، ئۆزىمۇ ۋاقتىدا ئارام ئالالايدۇ، ئىشقا بارالايدۇ؛ باشقىلارغىمۇ شۇنداق پۇرسەت يارىتىپ بېرەلەيدۇ. بۇنداق چېچەن ئايال (ئانا) بار ئائىلە ھامان ئىللىقلىققا تولغان بولۇپ، جېدەل- ماجرا، تاپا- تەنە دېگەنلەر بۇنداق ئائىلىلەرنى ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدۇكى ھەرگىز قەدەم باسالمايدۇ. 
      ھورۇن، گالۋاڭ ئايال (بۇمۇ ئوخشاشلا ئانا) بار ئۆي يۇقۇرىقىنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، بۇنداق ئۆيدە باشقىلار ھاۋا يېگەچ  تاماق سىڭدۈرۈپ يۈرگەن ۋاقىتتا تېخى تاماق يېيىلمىگەن، ئۆينىڭ ئىچىنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ گودوڭلاشلىرى، ئايالنىڭ ھەدەپ چالۋاقاشلىرى قاپلىغان بولىدۇ.  بۇنداق ئۆيدە ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا ئىناقلىق، ھۆرمەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن، ئايال قىلغانلىرىغا مىننەت قىلىپ، ئائىلە ئەزالىرىنى جاق تويغۇزغان، ئائىلە ئەزالىرى بولسا ھەممە ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىدىغان، قېيىدىغاق كەيپىياتقا چۆمگەن بولىدۇ. 
      دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش پىرىنسىپى يولغا قويۇلغىلى نەچچە يىللار بولغان بولسىمۇ «ئەمگەك قانۇنى»، «ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» قاتارلىق بىر قاتار قانۇن- نىزاملارنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزى ئىشنىڭ بېشىنى مۇۋاپىق پىلانلىماي، يۇقۇرىنىڭ يوليورۇقى ۋە كۆرسەتمىسىنى ۋاقتىدا قول ئاستىدىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئىجرا قىلماي ، كۆز ئالدىدىكى يولۇققان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالماي، ئاخىرىدا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ (مۇتلەق كۆپىنچە ھاللاردا ئاساسىي قاتلاملاردىكى بىچارە ئوقۇتقۇچىلار، نارەسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ) قانۇنلۇق دەم ئېلىشىنى قۇربان قىلىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئۇتتۇرىۋەتكەندىن چوتار ئاپتۇ» دېگەندەك، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئىشلىگەنگە ھەق بەرمەكتە يوق، «مۇنچىلىك كېچىكىپسەن !»، «دەم ئېلىش كۈنى ئىشلىمەيدىغان يەردە ئىشلە (ئوقۇ)!!» دەپ دوق، پوپۇزا قىلىدىغان بىر قىسىم بولۇمسىز باشلىقلارنىڭ ئاشۇنداق (ھازىرغىچە پايتىمىسىنى سۆرەپ يۈرىدىغان)  ھورۇن خوتۇندىن نېمە پەرقى؟!

   ئاشۇنداق باشلىقلارنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەپ قالغۇچىلار ھورۇن خوتۇننىڭ سۆرۈلۈپ قالغان ئۇزۇن ھەم سېسىق پايتىمىسىنى يىغىشتۇرغۇچىلارمۇ؟!

 


باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+5(kangsay) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • دىلشىكار
    atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 481
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە481دانە
    ئۆسۈش: 360 %
    مۇنبەر پۇلى: 4861 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-03
    ئاخىرقى: 2012-01-05
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-09-04 16:20

    مەركىزى شىنجاڭدا (بايىنغۇلىننىڭ شىمالى توت ناھىيىسىدە) ھەرھالدا بوپ قالىدۇ . لىكىن بىزدىن چىقىدىغان باشلىق ئاز . كۆپىنچە پۇقرانىڭ قانۇن ساپاسىدىن رەھبەرنىڭ قانۇن ساپاسى مۇھىم بۇلىدۇ . ھىچقىسى يوق ، رەھبەرنىڭ ئەمەس ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن ساپاسىمۇ  كۆڭۇلدىكىدەك ئەمەس!
    راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!