
قازاقىستان نۇر ك ز تورىنىڭ كۇرچاتوۋ تىن بەرگەن خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلىدۇ:
ئۆي ،يەر خىزمەت مەسىلىسىدە ھۆكىمەتنىڭ ئېتىۋار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولالمىغان جۇڭگودىن كۆچۈپ كەلگەن "ئورالمان"يەنى قازاق كۆچكىنلىرى جۇڭگوغا قايتا كېتىپ بارماقتا ئىكەن.
تارىخى ۋەتىنى بولغان زىمىندا بۇ قانداشلارنىڭ كۆڭلى ناھايىتى پەرىشان بولۇپ مۇنداق دەيدۇ:
ئۆي قۇرىلىشى پۈتكەندە ،"ئۆيۈمگە كىرەي ،ئاچقۇچىنى بىرەرسىزلەرمۇ ؟دەپ سورىسام "ياق، بۇ ئۆي سېتىلىپ كەتكەن.46-بىنا ئورالمانلارغا بېرىلمەيدۇ "دىدى. ھاكىملارنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۆزۈمگە بۆلۈنگەن ئۆينىڭ ئىشىنى دىسەم" سېنى كىم چاقىرغان بۇ يەرگە دىدى دەيدۇ قازدان راخمۇتۇللا پەرىشان بولغان ھالدا.
رازىگۈل ماكاش :
بىر يېرىم مىليون دەيدۇ! ھەمدە بۇ بىر يېرىم مىليون پۇلنى بىر يولىلا قۇيمىساڭ كەت دەيدۇ،ئادەمنى ئادەم قاتارىدا كۆرىدىغان كىشى يوق. بۇ كۆچۈش ھەرگىزمۇ "نۇرلۇق كۆچ"بولماي بەلكى قاملاشمىغان "تېتىقسىز كۆچ"بولدى دەپ شىكايەت قىلىدۇ.
ھازىرغىچە بۇ رايۇندىن 10 دىن ئارتۇق ئائىلە جۇڭگودىكى يۇرتلىرىغا قايتىپ كېتىشكەن.
نۇر ك ز تورىدىكى خەۋەرنىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئىنكاسلاردا :
يولۇڭلار بولسۇن دىسە بەزىلەر سىزنى كىم چاقىرتقان بولسا شۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سوراڭلار! سىلەردىن باشقا بىزنىڭ پىروبلىمالار يېتىپ ئاشىدۇ دىسە يەنە بەزىلەر بۇلار كۆچۈپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن بېرىلىدىغان پۇللارنى ئېلىپلا قايتىپ كېتىپ بارىدۇ دىيىشمەكتە
.
[ بۇ يازمىنىokya 2012-10-04 16:04قايتا تەھرىرلىدى ]