باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2148 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاۋسترالىيەلىك بىر يىگىتنىڭ مۇسۇلمان بولۇش ھېكايىسى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2314
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2314دانە
ئۆسۈش: 8130 %
مۇنبەر پۇلى: 19989 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-11-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-03 22:44

ئاۋسترالىيەلىك بىر يىگىتنىڭ مۇسۇلمان بولۇش ھېكايىسى


                                     ئاۋسترالىيەلىك بىر يىگىتنىڭ مۇسۇلمان بولۇش ھېكايىسى

                                               تەرجىمە قىلغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى


ئاۋسترالىيىلىك تەشىرانتونيۇ ئىسىملىك يىگىت ئون يەتتە يېشىدا دىن ھەققىدە ئىزدىنىپ، نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاخىرى قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەرگە قايىل بولۇپ، مۇسۇلمان بولغان ۋە ئىسلام دەۋەتچىسىگە ئايلانغان.
ئۇ ھازىر خەلقئارالىق "ئىقرە" قانىلىنىڭ شىمالى ئامېرىكا، ئاسىيا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارغا قاراتقان ئىنگىلىزچە تارقىتىش بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ، ئۇ بۇ بۆلۈمدە "غەرب دۇنياسىدا ئىسلامغا كىرگەنلەرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىدىغان شەيخدىن سورىغىن" ناملىق پروگراممىنى تەقدىم قىلىدۇ. ئۇ پەرز ھەجنى ئادا قىلىپ، قاھىرەنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا مىسىرلىق بىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، تۆۋەندە ئۇنىڭ مۇخبىر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

- ئىسلامدىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتىڭىز توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
- بولىدۇ، مەن ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلدۇم ۋە شۇ يەردە ياشاپ كەلدىم، ئاتامنىڭ ئەسلى يۈرتى ئىتالىيە، ئانامنىڭ ئەسلى يۈرتى ئېرلاندىيە، يىگىتلىك دەۋرىمنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئەقلىمگە دىن ھەققىدە بەزى سوئاللار كېلىشكە باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن دىن ھەققىدە يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىدىم، ئاخىرىدا ئىسلام دىنىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلارنى ئىزدەپ تېتىپ ئوقۇشقا باشلىدىم، مېنىڭ بۇ ئىزدىنىشىم ئىسلام دىنىگە كىرىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بوسىنىيىلىك بىر مۇسۇلمان دوستۇم بىلەن مۇنازىرىلىشىش ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى ئۇ داۋاملىق: ئىسلام دىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئەۋزەل دىندۇر، دەيتتى، ئىسلام دىنىنى چۈشەندۈرۈپ يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىغىنىمدا، خرىستىئان دىنى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق بارلىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى مۇسۇلمان بولغان كىشى ھەم ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىدۇ، ئىسا، نۇھ، ئىبراھىم ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالاملارغا ئىمان كەلتۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بۇ ئىككىسىدىن باشقىسىدا مەن ئىمان كەلتۈرگەن نەرسە بىلەن ئىسلامنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىر ئىختىلاپنى تاپمىدىم. مەن ئىسلام دىنىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىمدا بۇ دىندا ئەقىلغا ئۇيغۇن توغرا بىر نەرسىنى تاپالمايمەن، سومالىلىقلار، ئافغانلار ۋە سەھرادا ياشايدىغان ئەرەبلەر ئىمان ئېيتقان دىن قانداقمۇ توغرا دىن بولسۇن! دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن مەن ئىسلام چاقىرغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ توغرىلىقىنى ۋە ئەقىلغا ئۇيغۇنلىقىنى تاپتىم.

شۇنداقتىمۇ مەن بۇنىڭ بىلەن قۇرئان كەرىمدىكى ئىلمىي مۆجىزىلەرنى ئوقۇغانغا قەدەر ئىسلامغا مايىل بولمىدىم، قۇرئان كەرىم ئىلمىي مۆجىزىلىرى بولسا مېنى ۋە ئەقلىمنى ئەسىر ئېلىۋالدى، مېنىڭ ئىسلامغا كىرىشىمگە تۈرتكە بولدى. ھەقىقەتتە مەن ئىسلامغا ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى مۇئامىلىگە چاقىرغانلىق سەۋەبى بىلەن مايىل بولمىدىم. چۈنكى ھەر قانداق دىن شۇنىڭغا چاقىرىدۇ، بۇ ھەر قانداق شەخسنىڭ دەۋا قىلىشى مۇمكىن بولىدىغان ئاسان ئىشتۇر. ھەر قانداق ئاپتور ئۆزىنىڭ كىتابىغا ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى قويغىنىدەك، مېنىڭچە ئىلمىي مۆجىزە ئايەتلىرى بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئىمزاسىنىڭ ئورنىدىدۇر ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىدىن ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

مەن 17 يېشىمدا مۇسۇلمان بولدۇم، ھازىر 26 ياشقا كىردىم، مەن مۇسۇلمان بولغان ۋاقتىمدا تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى مەۋسۇمىدە ئوقۇۋاتاتتىم، مەن ئۇ چاغدا ۋاقتىمنىڭ يېرىمىنى ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىشكە، يەنە يېرىمىنى تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ دەرسىگە ئاچراتقانىدىم، مەن مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى ۋەتىنىمدىكى باشقا يىگىتلەرگە ئوخشاش مېنىڭمۇ قىز دوستۇم بار ئىدى، مەن ھەم ھاراق ئىچەتتىم، مېنىڭ تۇلۇق ئۆزگىرىشىم ئۈچۈن ساپ بىر يىل كەتتى، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىز دوستۇم ئىسلام دىنىغا كىرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلدىم، ھاراق ئىچىشنى، توڭگۇز گۆشى يېيىشنى تاشلىدىم، ھالال گۆش، ھالاك تائام يېيىشكە، بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تۇلۇق ئادا قىلىشقا باشلىدىم. ئەپسۇسكى مېنىڭ مۇسۇلمان دوستلىرىم بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇمايتتى.


- مۇسۇلمان بولغانلىقىڭىزغا قارىتا ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

- مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى ئاتا – ئانامدىن مەلۇم ۋاقىت يوشۇردۇم، لېكىن ئۇلار مېنىڭ ئىش – ھەرىكەت، يۈرۈش – تۇرۇشۇمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقىدى. مەسىلەن: مېنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشۇمدىن تەئەججۈپلەندى، كۆپلىگەن غەربلىك ۋە ئاۋسترالىيىلىك ئۈچۈن دىن پەقەت مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمىدىنلا ئىبارەتتۇر. ئۇلار ئەمەلىيەتتە دىنى پائالىيەتلەرنى ئادا قىلمايدۇ. مەسىلەن: چوڭ ئانام مەندىن نېمە ئۈچۈن تۈركىيىلىككە ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى سورىدى. چۈنكى ئۇ ئىسلام دىنى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ ئىتىقاد قىلاتتى. مەن ئانامدىن ھالال گۆش ئىشلىتىپ تائام ئېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسام، ئانام: مەن ئۆيگە ھەرگىز ھالال گۆش ئەكەلمەيمەن، دەپ جاۋاپ بېرەتتى. ھازىر ھەر كۈنى ھالال گۆشتە تائام ئېتىدىغان بولدى، ئۇلار مېنىڭ ھاراق ئىچىپ، مەست بولۇپ ئۇلارغا ئاۋارىگەرچىلىك تېپىپ بەرمەيدىغانلىقىمنى، مېنىڭ داۋاملىق بەخىتلىك ياشاۋاتقانلىقىمنى، ئەۋۋەلدىكىگە قارىغاندا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىمنىڭ ياخشى ۋە ئەۋزەللىكىنى كۆرگەندىن كېيىن مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.


- مۇسۇلمان بولغانلىقىڭىزغا قارىتا ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟

- مېنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىمغا قارىتا، ساۋاقداشلىرىم ئىجابىي قاراشتا بولدى، ئۇلار مېنى ياخشى كۆرەتتى، مېنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ، بەخىتلىك بولغانلىقىمنى كۆرگەن ساۋاقداشلىرىم مېنىڭ بۇ تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلدى، ھەتتا مېنىڭ ئەڭ يېقىن بىر دوستۇم مەن ئۇنىڭغا ئىسلامنى چۈشەندۈرۈپ ۋە ئىسلام توغرىلىق يېزىلغان بەزى كىتابلارنى تېپىپ بېرىپ بىر قانچە ھەپتىدىن كېيىن تۇلۇق قانائەت بىلەن مۇسۇلمان بولدى، ئوقۇتقۇچىلىرىم بولسا مېنىڭ شەخسىيىتىمدىكى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشنى مۇلاھىزە قىلدى، ئۇستازلىرىمنىڭ بىرى: بۇرۇن سىز جىدەلخور بولۇپ، كۆپ خاپىلىقلارنى تېپىپ بېرەتتىڭىز، ئەمدى سىز كۆپ ئۆزگىرىپ، ناھايىتى ئەخلاقلىق بولۇپ كەتتىڭىز، ھەتتا سۆزلىرىڭىز مۇلايىملىشىپ كەتتى، دېدى.


- غەربنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىگە قانداق رەددىيە بېرىسىز؟

- سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندە مەن تېخى مۇسۇلمان بولمىغانىدىم، لېكىن قىسمەن بەخت ھېس قىلغانىدىم. چۈنكى بىرسى ئامېرىكىنىڭ ئەدىبىنى بېرىپ غەلىبە قىلغانىدى. لېكىن مەن ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان ۋاقىتتا بۇ ئىشنىڭ خاتالىقىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى ئىسلام مېنى بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشتىن توساتتى، ماڭا توغرا بىلەن خاتانىڭ پەرقىنى ئۆگىتەتتى. بىر كۈنى بىرسىنىڭ: مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى تېررورچىلاردۇر، دېگەنلىكى ئېسىمدە. مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەيران قېلىپ: بۇنىڭغا نېمە دەلىلىڭىز بار؟ تارىخقا قاراپ بېقىڭ! ئەندۇلۇس تارىخىغا قارايدىغان بولساق، مۇسۇلمانلار بىلەن خرىستىئانلار بىر دۆلەتتە ئىناق بولۇپ ياشىغان، سالاھىدىن ئەييۇبىنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق، ئۇ خرىستىئانلارغا ئادالەت ۋە ئېھسان بىلەن مۇئامىلە قىلغان. ئىسلام تارىخى ئۈستىدە پىكىر قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ باشقا دىندىكىلەرگە ئادالەت ۋە ئېھسان بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز. بىر مۇسۇلمان خاتالىق ئۆتكۈزسە، ھەممە مۇسۇلمان مۇشۇنداق، دەپ گۇمان قىلىشىمىز خاتا!، دېگەنىدىم.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: لېكىن بۇ يەردە ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ غەرب دۇنياسىدىكى سۈرىتىنى ئۆزگەرتىشتە ئەزھەر شېرىپنىڭ رولىنىڭ غايىپ بولغانلىقى ئېسىمگە كېلىدۇ. مەن ئۇسۇل فىقھى ۋە ئىسلام شەرىئىتىنى ئەزھەردە ئۆگىنىشنى كۆپ ئارزۇ قىلاتتىم.


- مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ئەركىنلىك تۇيغۇڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

- مەن ئىسلامنى قۇبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى ئەركىنلىكنىڭ توغرا پروگراممىسى ھەققىدە ئەقلىمگە ھەر خىل سوئاللار پەيدا بولاتتى، ھەر خىل ئىدېئولوگىيىلەر ئۈستىدە تەتقىق ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، ھەر قانداق ئىدېئولوگىيىنىڭ ئۆز ئالدىغا قائىدە – پىرىنسىپلىرىنىڭ بارلىقىنى، ھەر قانداق سىياسى ياكى دىنى ياكى پىكرى مەزھەپلەر بولمىسۇن ھېچقايسىسىدا مۇتلەق ئەركىنلىك تېپىلمايدىغانلىقىنى، ھەتتا مۇتلەق ئەركىنلىككە چاقىرغۇچىلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا قائىدە – نىزاملىرىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتتىم. دېمەك، مۇتلەق ئەركىنلىك مەۋجۇت ئەمەس! چوقۇم بىر نىزامىنىڭ بولىشى زۆرۈر. ئۇنداق بولغانىكەن سوراشقا تىگىشلىك سوئال بۇ قائىدە – نىزاملارنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىدۇر. مەن مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىسلام شەخس ۋە ئۇمۇمنىڭ ئەركىنلىكىنى تەرتىپكە سالىدىغان توغرا نىزامىدۇر، دەپ قارايمەن. ئۇ سىزگە ھەر قانداق شەيئىنىڭ سەۋەبىنى ئېيىتپ بېرىدۇ، ھەقىقەتەن مەن ھەقىقى ئەركىنلىكنى ئىسلامدا تاپتىم، ئۇ بولسىمۇ قەلب ۋە ئەقىل ئەركىنلىكدۇر. بۇ مەۋجۇدات ھەققىدە ئەقلىمگە ھەر قانداق بىر سوئال كەلسە ئۇنىڭ توغرا جاۋابىنى ئىسلامدىن تاپىمەن. سىز ئىسلامنى قۇبۇل قىلغان ھامان ئىچى سىقىلىش ۋە بىئاراملىق دېگەنلەردىن ئەركىن بولىسىز، قەلبىڭىز ئارام تاپىدۇ، سىز قەلبىڭىز ۋە ئەقلىڭىزگە تۇلۇق ئىگە بولالايسىز. ئىسلام بىزگە ئىنساننىڭ ھەرگىز مال – دۇنيا بىلەن بەخىتلىك بولالمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىدۇ، ئەگەر ئىنسانغا بىر جىلغا توشقۇدەك ئالتۇن بېرىلگەن تەقدىردە ئۇ يەنە ئىككىنچىسىنى تەمە قىلىدۇ. سىز ناماز ئوقۇغان ۋاقتىڭىزدا خاتىرجەملىك، ئەركىنلىك، بەخت ۋە راھەت ھېس قىلىسىز. مۇسۇلمان ھەقىقى ئەركىنلىككە ئىگىدۇر. چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ سىر – ئەسرارلىرىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيانى توغرا تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. ئاخىرى بىلىنمەيدىغان قاراڭغۇ تونىلنىڭ ئىچىدە مېڭىش بىلەن ئاخىرىدا سىزنى بىرسى كۈتۈپ تۇرغان نۇرلۇق تونىلنىڭ ئىچىدە مېڭىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بار.


- ئاۋسترالىيىدىكى دەۋەت پائالىيەتلىرىڭىزدىن خەۋەر بەرگەن بولسىڭىز؟

- ئاۋستىرالىيىدىكى ئىسلام دىنىنى تۇنۇشتۇرۇش ئىسلام تەشكىلاتى، شۇنىڭدەك، مەن ئاشىق بولغان ئىسلام تارىخىنى ئۆگىتىدىغان ئىسلامى مىراس تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردا ئىشلىدىم. ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى بىر قانچە ئىسلامى تەشكىلاتلار مېنى قۇرۇلتايلىرىدا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. ھىندىستان، فىلىپپىن، دۇبەي، قاتار، كۇۋەيت ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ بىر قانچە قېتىم باردىم.


- ئاۋسترالىيىدىكى ئىسلامى جەمئىيەت توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن بولسىڭىز؟

- 22 مىليون نوپۇسقا ئىگە ئاۋسترالىيىدە يېرىم مىليون مۇسۇلمان بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سىدنى ۋە مىلبورن دېگەن شەھەرلەردە ياشايدۇ. سىدنىنىڭ بەزى رايونلىرىنىڭ يېرىم نوپۇسى دېگۈدەك مۇسۇلمانلار بولۇپ، بۇ يەردە سىز ئۆزىڭىزنى گويا لىۋان ياكى ئىستانبولدىكىدەك ھېس قىلىسىز. بۇ شەھەرلەردە نۇرغۇن مەسچىتلەر، ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن بوغۇزلانغان گۆش ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن رېستورانلار بار. ئاۋسترالىيىدىكى ئىسلامى جەمئىيەت ئاخىرقى ئون يىلدا كۆپ تەرەققى قىلدى، ئاۋسترالىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇھاجىرلاردىن بولۇپ، ئەۋلادلار دىندا ئاتا – ئانىلاردىن ياخشىدۇر. مەسىلەن: ئانا بېشىغا ياغلىق ئارتمايدۇ لېكىن قىز ياغلىق ئارتىدۇ، ئاتا ناماز ئوقۇمايدۇ لېكىن ئوغۇللار ناماز ئوقۇيدۇ. ئىككىنچى ئەۋلاد مۇھاجىرلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ دىنى تەلىماتلارغا ياخشى ئەمەل قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئاۋسترالىيىدە ئوندەك ئىسلامىي مەركەز بار، بىر مەركەزدە ھەر ھەپتىسى ئۈچ ياكى تۆت شەخس ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاۋسترالىيىدە ھەپتىسىگە 40 كىشى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىدۇ، دېسەك توغرا بولىدۇ. مېنىڭچە، ئاۋسترالىيە ۋە غەرب ئەللىرىدىكى ئىسلامى تەشكىلاتلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ئاساسەن مۇشۇ مەركەزلەرنىڭ دەۋەت ئېلىپ بېرىش، يىغىن ۋە قۇرۇلتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرىدىغان تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىش، ئىجادىيەتكە قىزىقىدىغان ياشلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تىرىشچانلىقلىرىدىن بولغان.


- دۇنيادا ئىسلامنىڭ سۈرىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر، ئىسلامى مۇئەسسىلىلەر ۋە نورمال شەخسلەر نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟

- قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ. ئىسلاھاتنى ھۆكۈمەتتىنلا كۈتۈپ ئولتۇرماسلىق لازىم. بەلكى ئىسلاھات تۆۋەندىن يۇقىرىغا بولىشى لازىم. ئېتىراپ قىلىشىمىز لازىمكى، بۇ يەردە قانۇن – نىزامغا ھۆرمەت قىلىش، پاكىزلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاقتا گۈزەل بولۇش، ھەر قانداق ئىشنى سەمىمىيەت بىلەن پۇختا قىلىش، ۋەدىگە ۋاپا قىلىش، ئامانەتدار بولۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش قاتارلىقلارغا ئوخشاش غەيرى مۇسۇلمانلاردىن ئۆگىنىشىمىز زۆرۈر بولغان نۇرغۇن ئىشلار بار. بۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ غەربكە ھىجرەت قىلىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللاردۇر. بىز ئىسلامنىڭ گۈزەل سۈرىتىنى تەقدىم قىلىشىمىز ئۈچۈن بۇ گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىمىزدە ئۆزلەشتۈرۈپ، نەمۇنە يارىتىشىمىز لازىم.


- ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلار دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار قايسى، ئۇنى قانداق يېنىكلىتىش مۇمكىن؟

- مەن داۋاملىق دەيمەنكى، يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، ھەر ۋاقىت غەربسىنىشقا دۇچ كېلىدۇ. مەسىلەن مېنىڭ شەخسى تەجرىبەمنى ئېلىپ ئېيتسام ناماز ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى تۇلۇق ئادا قىلىدىغان ھەقىقى مۇسۇلمان بولىشىم ئۈچۈن تۇلۇق بىر يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمگە توغرا كەلگەن. ئەگەر دائىرىسى كەڭ، كۈچلۈك ئىسلامى مۇئەسسەسەلەر بولسا ئىدى ئىش كۆپ ئاسان ۋە تىز بولاتتى. يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشى سۈننىي مەزھىبى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ ۋە باشقا ئىسلامى مەزھەپلەرنىڭ ئوتتۇرىسىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ، توغرا يولغا باشلايدىغان بىر يىتەكچىگە مۇھتاجدۇر.

پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ۋە ئۇلارنىڭ يېڭى تاللىشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ئائىلىلەر كۆپ. تېخى بەزى ئائىلىلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان كىچىك قىزلارغا ئىسلام دىنىدىن ۋاز كەچمىسە ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام مۇئەسسەسەلىرىنىڭ بىرى يېڭى مۇسۇلمان بولغان قىزلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىنا سالدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر قانداق يېڭى مۇسۇلمانغا قارىتا بولغان مەجبۇرىيىتى ئۇنىڭ ئىسلامدا مۇستەھكەم تۇرىشى ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن ياردەم قولىنى سۇنۇشتۇر. يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان كىشى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا دىيانەتتە ئورتاقلىشىدىغان دوستلارنى ئىزدەپ ئائىلىسىدىن، مۇسۇلمان بولمىغان ئاتا – ئانىلىرىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ. يېڭى مۇسۇلمان بولغانلار قانۇنىي ۋە ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى بىلىشكە مۇھتاج بولىدۇ، بەزىلەر ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەملەرگە مۇھتاج بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئائىلىلىرىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ. شۇڭا مەن داۋاملىق يېڭى مۇسۇلمان بولغانلارغا قانداق قىلغاندا ئىسلام دىنىدىن قايتۋالماي، ئىسلامدا مۇستەھكەم تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىمەن. ھەقىقەتتە ئىسلام مەركەزلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك ياردەملەر بار. ئەڭ چوڭ مۇشكۈل بۇ ياردەملەرنى ئۇلارغا قانداق يەتكۈزۈش ۋە يېڭى مۇسۇلمانلارغا بېرىلگەن بۇ ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى قانداق تونۇتۇشتۇر.

                                                               مەنبە: پىداكارلار بىلوگىدىن ئېلىندى.


دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10010
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 781
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە781دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 8071 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2012-10-17

نىمەدىگەن ياخشى ھە !
دوستلىشىش
جۇندۇللاھ001
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11549
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-05-05
ئاخىرقى: 2012-11-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-03 23:18

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئامرىكىلىق بىر ياشنىڭ مۇسۇلمان بۇلىشى ، تىلى ئۆزبەكچە چۈشەنگىلى بۇلىدۇ .
http://www.365kun.com/play.asp?id=555
شەيتانمۇ بىلىتى ،ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن دوۋزىخى بولدى .
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11054
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 102
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1090 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-08
ئاخىرقى: 2012-10-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-08 11:59

ئىسلامى قېرىنداشتىن بىرسى كۆپەيدى ، خوشاللىنارلىق ئىش !!!