ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تۇغۇلغان پەرزەنتكە چىرايلىق ئىسىم تاللاپ قويۇش:
ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن پەرزەنتكە چىرايلىق ئىسىم تاللاش مۇستەھەبتۇر. ئىمام ئەھمەد بىلەن ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن سىلەر قىيامەت كۈنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىلىسىلەر، شۇڭا ئىسىملىرىڭلارنى چىرايلىق قويۇڭلار.
ئوغۇل پەرزەنتكە نىسبەتەن سەھىھۇ مۇسلىمدىكى بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئىسىملاردىن ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە ئەڭ سۆيۈملۈك بولغىنى ئابدۇللاھ (ئاللاھنىڭ قۇلى) بىلەن ئابدۇرراھمان (راھماننىڭ قۇلى) دۇر. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسمائ رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ئەبۇ تالھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئابدۇللاھ دەپ ئىسىم قويغان. بۇ ئىككى ئىسىمنىڭ ئەڭ ئاللاھ ئەززە ۋەجەللەگە ئەڭ سۆيۈملۈك بولىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ ئىسىملاردا ئاللاھ بىلەن بەندىگە ۋاجىب بولغان سۈپەت بىلەن سۈپەتلەش بار. بۇ ئاللاھقا نىسبەتەن ئىلاھلىق ۋە راھمانلىق. بەندىگە نىسبەتەن قۇللۇق. قۇرئان كەرىمدىمۇ بەندە، قۇل دېگەن سۆزنى ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئىككى سۈپىتىدىن باشقا سۈپەتكە نىسبەت قىلىنمىغان. مەسىلەن: جىن سۈرىسى 19-ئايەتتە: (ئاللاھنىڭ قۇلى ئۇنى چاقىرىشقا تۇرغاندا) دېگەن. يەنە فۇرقان سۈرىسى 63-ئايەتتە: (راھماننىڭ قۇللىرى) دېگەن. بۇنى ئىسرائ سۈرىسى 110-ئايەتمۇ كۈچلەندۈرىدۇ: (ئاللاھ دەپ چاقىرىڭلار ياكى رەھمان دەپ چاقىرىڭلار).
كۆپچىلىك ئالىملار پەيغەمبەرلەر بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويسا بولىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ بىر ئوغلىغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويغان. پەيغەمبەرلەر بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى قويۇشنى چەكلىمىگەن. يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر ساھابىگە: «ئوغلۇڭغا ئابدۇرراھمان دەپ ئىسىم قويغىن» دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارى 6186-ھەدىس)
يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئىسمىمنى قويۇڭلار، كۈنىيىتىمنى قوللانماڭلار»..(سەھىھۇل بۇخارى 6188-ھەدىس)
ئىسىملاردىن ھارام بولىدىغىنى مەخلۇقنىڭ قۇلى دېگەن مەنىدىكى ئادۇل ھۇسەين دېگەندەك ئىسىملار، شاھىنشاھ دېگەندەك ئاللاھقا خاس ئىسىملاردۇر.
رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ پەس ئىسىم پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى (شاھىنشاھ) دەپ ئاتالغان كىشىنىڭ ئىسمىدۇر».(سەھىھۇل بۇخارى 6205-ھەدىس)
يەنە زالىم، ئىت دېگەندەك قەبىھ ئىسىملارنى قويۇش، شۇنداقلا ئۆزىنى مەدھىيىلەپ بەك ياخشى دەۋالىدىغان: تەقۋادار دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇشمۇ مەكرۇھتۇر. يەنە قاملاشمىغان، قەبىھ ئىسىملارنى يۆتكىۋېتىش مۇستەھەبتۇر. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆپ ساھابىلارنىڭ ئىسىملىرىنى ياخشى، چىرايلىق ئىسىملارغا يۆتكىۋەتكەن.
سەھل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئەبى ئۇسەيدنىڭ ئوغلى ئەلمۇنزىر تۇغۇلغان چاغدا ئۇنى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىنگەندە رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئېلىپ يوتىسىغا قويۇپ ئولتۇردى، ئەبۇ ئۇسەيدمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى، رەسۇلۇللاھ ئالدىدىكى بىر نەرسە بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالغان ئىدى. ئەبۇ ئۇسەيدنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇ بالا رەسۇلۇللاھنىڭ يوتىسىدىن كۆتۈرۈلۈپ، ئېلىپ كېتىلدى. رەسۇلۇللاھ ئىشىنى تۈگىتىپ بالىنى ئېسىگە ئېلىپ: «بالا قەيەردە؟» دېۋىدى. ئەبى ئۇسەيد: بىز ئۇنى ئۆيگە قايتۇرۇۋەتتۇق يارەسۇلەللاھ! دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنىڭ ئىسمى نېمە؟»دېۋىدى، ئۇ: پالان، دېگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «ياق، ئۇنىڭ ئىسمى ئەلمۇنزىر (ئاگاھلاندۇرغۇچى)» دېدى. شۇنداق قىلىپ رەسۇلۇللاھ شۇ كۈنى ئۇنىڭغا ئەلمۇنزىر دەپ ئىسىم قويۇپ بەردى. (سەھىھۇل بۇخارى 6191-ھەدىس)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، (رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قىزى) زەينەبنىڭ ئىسمى ئەسلىدە بەررە (ئېھسان قىلغۇچى) ئىدى، بۇ ئىسىم بىلەن ئۆزىنى ياخشى دەۋالغان بولىدىكەن دەپ قارالغاچقا، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ ئىسمىنى زەينەب دەپ ئۆزگەرتكەن.(سەھىھۇل بۇخارى 6192-ھەدىس)
ئۇيغۇرلاردا ئاسىيە، گۈلنار دېگەندەك ئىسىملار بار. بۇ ئىسىملارنى بەزىلەر خاتا چۈشۈنۈپ چەكلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار چەكلەنمەيدىغان ئىسىملاردۇر. ئاسىيە دېگەن قۇرئان مەدھىيىلىگەن مۇئمىنە ئايال پىرئەۋننىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى بولۇپ، چەكلىنىدىغىنى ئىسيان مەنىسىدىكى ئاسىيەدۇر. ئىككىنچىسى ئەرەب تىلىدا ساد ھەرپى بىلەن كېلىدۇ. بىرىنچىسى سىين ھەرپى بىلەن. يەنە گۈلنار دېگەن ئىككى سۆزدىن تەركىپ تاپقان ئىسىم بولۇپ، گۈل دېگەننى ھەممىمىز بىلىمىز، نار دېگەن ئەرەبچە دوزاخ ياكى ئوت دېگەن سۆز بولماستىن بۇ پارسچە ئانار دېگەن مەنىدىكى سۆزدۇر. دېمەك گۈلنارنىڭ مەنىسى ئانار گۈلى دېگەن مەنىدە. شۇڭا بۇنى چەكلەش خاتا.
تەييارلىغۇچى: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.