باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 534 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: غەلبە قازىنىشتىكى 30 قەدەم .
دوستلىشىش
gayrat828
بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا.
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1488
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1488دانە
ئۆسۈش: 12720 %
مۇنبەر پۇلى: 14131 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-11-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-01 13:41

غەلبە قازىنىشتىكى 30 قەدەم .



بىزنىڭ ھەممىمىز غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن بەزىلەر غەلبىگە ئېرىشىشنى مۇمكىن بولمايدىغان قىيىن بىر ئىش دەپ گۇمان قىلىپ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز غەلبىگە ئېرىشتۈرىدىغان سەۋەپلەرگە سەل قاراپ، بىز مەڭگۈ غەلىبە قىلالمايمىز دېگەن ئاڭ بىلەن خورلۇققا كۆنۈپ كەتكەن.
غەلىبە دېمەك، كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىققا قاراپ ئىلگىرىلەش ئىرادىسى دېمەكتۇر. كامالەت بىر ئاللاھغىلا خاستۇر. ئەگەر، بىراۋنىڭ دۇنيادىكى غايەمگە يىتىپ بولدۇم دېگەنلىكىنى ئاڭلىساڭ، بىلگىنكى ئۇ، ئادەم چۈشكۈنلىشىشكە قەدەم باسقان بولىدۇ. ئىنساننىڭ غەلىبە يولىغا قاراپ سەئيى قىلىشى پۈتۈن ئىنسانلاردىن تەلەپ قىلىنغان بولۇپ ئاللاھ ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرى زايە قىلمايدۇ.
بەدىئۇززامان ئەلھەمزانى مۇنداق دەيدۇ: مەندىن تەلەپ قىلىنغىنى پەقەتلام سەئيى قىلىش
غەلبىگە ئېرىشىش ئەمەس. بۇ، ۋەسىيەتلەر ھايات بوستانلىرىدىن غەلبىنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈشنى ئىرادە قىلغانلار ۋە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتقا ئېرىشىشنى ئىرادە قىلغانلار ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاخىرەتتە نىجاتقا ئېرىشەلمىگەن، زىيان تارتقۇچىلاردىن بولغان كىشىنىڭ بۇ دۇنيادا غەلىبە قىلغىنىنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. 





تۆۋەندە بىر تەمسىل ؛

بىر كۈنى ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر مەجلىستە ئىدى. ئىككى ياش يىگىت بىر ئادەمنى تۇتۇپ كەلگىنىچە ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۆمەر ئۇلاردىن سورايدۇ: بۇ نېمە ئىش؟
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: بۇ ئادەم ئاتىمىزنى ئۆلتۈرىۋەتتى، دەيدۇ.
ئۆمەر ئادەمدىن سورايدۇ: بۇ راستمۇ؟
ئادەم جاۋاب بېرىدۇ : ھەئە شۇنداق.
_ قانداق ئۆلتۈردۈڭ؟
_ تۆگىسى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمغا كىرىۋىدى، توسسام قايتمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر تاشنى ئېتىۋىدىم، بېشىغا تىگىپ ئۆلدى.
_ ئۇنداقتا، ساڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.
_ ھەزرىتى ئۆمەر ئادەمنىڭ ئېتىراپىنى ئاڭلاش بىلەنلا ئۇنىڭ كىم ۋە قايسى قەبىلىدىن ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئىسمىنىمۇ سورىمايلا ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالانىڭ قىساس ئېلىشتىن ئىبارەت ھۆكۈمىنى بىلدۈردى.
_ ئادەم ھەزرىتى ئۆمەرگە يېلىنىپ تۇرۇپ دەيدۇ: ئى ئەنىرۇل مۇئمىنىن! ئاسمان_زېمىننى تۇرغۇزغان ئۇلۇغ زاتنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ماڭا بىر كۈن مۆھلەت بەرسىڭىزكەن، مەن يېزامغا بېرىپ ئايالىم ۋە بالىلىرىم بىلەن رازىلىشىۋالسام. ئائىلەمنى ئاللاھ ئاندىن مەندىن باشقا باقىدىغان ھېچكىم يوق.
_ سېنىڭ ھازىر كېتىپ قايتا كېلىشىڭگە كىم كېپىللىق قىلالايدۇ؟_دەپ سورايدۇ ھەزرىتى ئۆمەر.
ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سۇكۇتقا چۆككەن بولۇپ، ھېچكىم بىر نەرسە دېمەيتتى. چۈنكى ھېچكىم بۇ ئادەمنى تونۇمايتتى، ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ 10 ياكى 20 دىرھەم پۇلنىڭ ئىشى ئەمەس، بۇ جان مەسىلىسى ئىدى. جان كېتىدىغان بىر ئىشقا ھېچكىم ئۆزى تونۇمايدىغان بىر ئادەم ئۈچۈن كېپىل بولۇشنى خالىمايتتى.
ئادەمنىڭ ھالى ھەقىقەتەن ئىچ ئاغرىتىشقا تېگىشلىك ئىدى. چۈنكى بۇ ئادەمنىڭ ئۇششاق نارىسىدىلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھەر ئىشى بۇ ئادەمنىڭ زىممىسىدە ئىدى. بۇ ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ئۆيىدە قالغان چارىسىز نارىسىدىلىرىنىڭ ھاياتىمۇ خەۋپتە قالاتتى، ھەتتا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتەتتى. ئەھۋال ھەقىقەتەن ئىچ ئاغرىتىشقا ۋە ھېسداشلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسىگە كىم ئارىلاشىلىسۇن؟ كىممۇ ئۇنى ئۆلۈمدىن سوراپ قالالىسۇن؟ كىممۇ بۇ توغرىدا ئۆمەرگە ئېغىز ئاچالىسۇن؟ چۈنكى ھەممە بىلىدۇكى، ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىسى، خۇسۇسەن قىساس قانۇنى باي_كەمبەغەل، رەئىس_پۇقرا، ئابرويلۇق_ئابرويسىز دەپ ئايرىمايدۇ. قىساستا شاپائەتمۇ قىلىنمايدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش قىساس ئالغۇچىلارنىڭ ھەققىگە ئىشلەنگەن خىيانەت. ساھابىلار بۇلارنىڭ ھەممىنى ياخشى بىلگەنلىكتىن قاتتىق باش قاتۇرىدۇ ۋە سۇكۇت قىلىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ ھەيرانلىقتا قالىدۇ.
ئاندىن ئۆمەر ھېلىقى ئىككى ياشقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ سورايدۇ: بۇ ئادەمنى كەچۈرەمسىلەر؟
_ ياق، چۈنكى ئاتىمىزنى ئۆلتۈرگەن قاتىل، ئۇنى بىز كەچۈرمەيمىز، ئاتىمىزنىڭ قىساسىنى تەلەب قىلىمىز_دەيدۇ ياشلار.
ئۆمەر كۆپچىلىككە قاراپ شۇنداق سورايدۇ: بۇ ئادەمنىڭ ئائىلىسى بىلەن رازىلىشىپ كېلىۋېلىشى ئۈچۈن كىم كېپىل بولىدۇ؟
ساھابىلارنىڭ كاتتىلىرىدىن ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ئادەم ئۈچۈن كېپىل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مەلۇمكى، ئەبۇ زەر ساھابىلارنىڭ ياشتا چوڭلىرىدىن بولۇپ، تەقۋالىقى ۋە راستچىللىقى بىلەن تونۇلغان ساھابە ئىدى. ئۇنىڭ «مەن كېپىل بولىمەن»دەپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ھەزرىتى ئۆمەرنى ھەيرانلىققا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
_ بۇ ئۆلۈم ئىشى_ دەيدۇ ئۆمەر ئەبۇزەرگە قاراپ.
_ مەيلى قاتىل بولسىمۇ مەن ئۇنىڭغا كېپىل بولىمەن_دەيدۇ.
_ سەن ئۇنى تونۇمسەن؟_دەپ سورايدۇ ئۆمەر ئەبۇزەردىن.
_ تونۇمايمەن.
_ ئۇنداقتا قانداق كېپىل بولىسەن تونۇمىغان بىر ئادەمگە؟
بۇ ئادەمدە ھەقىقىي مۇسۇلمانغا خاس بىر يۈزنى كۆردۈم_دە، ئۇنىڭ يالغان ئېيتمايدىغانلىقىغا ئىشەندىم. ئۇ ئاللاھ خالىسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ.
_ ئى ئەبۇزەر شۇنى بىلگىنكى، بۇ ئادەمنى سېنىڭ كاپالىتىڭدە مەن قويۇپ بېرىمەن. ئۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە كەلمىسە، سەن بېشىڭ بىلەن جاۋابكارسەن.
_ ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! بۇ ئىشقا ئاللاھتىن ياردەم سورايمەن.
ئادەم كېتىپ قالىدۇ. چۈنكى ھەزرىتى ئۆمەر ئۇنىڭغا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەن بولۇپ، ئادەم ئائىلىسى بىلەن خوشلىشىپ ئۆزىدىن قىساس ئېلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلىنىپ كەلمەكچى ئىدى.
ئۈچىنچى كۈنى ھەزرىتى ئۆمەر مەدىنە شەھىرىدە، پۈتۈن خەلقنى چاقىرتىپ تەييارلىنىدۇ. ئاتىسىنىڭ قىساسىنى تەلەب قىلىۋاتقان ھېلىقى ئىككى ياشمۇ كېلىپ بولىدۇ. ۋاقىت ئەبۇزەر ئۈچۈن ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى، ھەدېگۈچە ئۈچىنچى كۈننىڭ ناماز ئەسىر ۋاقتى كىرىپ قالغان ئىدى. ئۆمەر ئەبۇزەرگە قاراپ پات_پات سوراپ قوياتتى: قېنى ئۇ ئادەم كەلمەيۋاتىدىغۇ؟
_ ئاللاھ خالىسا چوقۇم كېلىدۇ، ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن!
ئەبۇزەر ئاسمانغا كۆپرەك قارايدىغان بولۇپ قالىدۇ، كۈن ناھايىتى تىزلىكتە پېتىش تەرەپكە ئىلگىرلىۋاتاتتى. ساھابىلار سۇكۇت ئىچىدە كۈتەتتى. چۈنكى ئاقىۋەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بىر ئاللاھقىلا ئايان ئىدى.
توغرا، ئەبۇزەرنىڭ ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنى چوڭ ئىدى، ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ھۆرمەتلەيتتى، ئۇنى ئۆزىدىن بىر پارچە دەپ بىلەتتى. ئەمما ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى ئىجرا قىلىشتا جازالانغۇچى كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر يۈز-خاتىرە قىلىنمايدۇ.
كۈن پاتقىلى ئاز قالغاندا، ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغان ھېلىقى ئادەم يېتىپ كېلىدۇ. بۇنى كۆرگەن ساھابىلار ئاللاھۇ ئەكبەر! دەپ تەكبىر ئېيتىشىدۇ. ھەزرىتى ئۆمەرمۇ تەكبىر ئېيتىدۇ ۋە خوشاللىقىنى باسالماي ئادەمگە دەيدۇ: سەن يېزاڭدىن قايتمىغان بولساڭ، سېنىڭ بار يېرىڭنى بىلمىسەك بىز سېنى نەدىن تاپار ئىدۇق؟
_ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! دەپ سۆزگە باشلايدۇ ھېلىقى ئادەم_ مانا مەن پەرزەنتلىرىمنى سۇسىز، دەل-دەرەخسىز چۆلدە خۇددى قۇشنىڭ بالىلىرىدەك تاشلاپ قويۇپ، ئۆلۈمگە ھارىز بولۇپ كەلدىم. ئىنسانلاردا ۋەدىگە ۋاپا قىلىش تۈگەپ كېتىپتۇ دېيىلىشتىن قورقتۇم.
ھەزرىتى ئۆمەر ئەبۇزەردىن سورايدۇ: سەن نېمىشقا ئۆزەڭ تونۇمايدىغان بىر ئادەمگە كېپىل بولدۇڭ؟
_ ئىنسانلاردا ياخشىلىق تۈگەپ كېتىپتۇ دېيىلىشتىن قورقتۇم ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن!-دەيدۇ ئەبۇزەر.
ھەزرىتى ئۆمەر قىساس تەلەب قىلىۋاتقان ئىككى ياشقا قاراپ سورايدۇ: نېمە دەيسىلەر؟
-ئى ئەمىرۇلمۇئمىنىن! بىز بۇ ئادەمنى كەچۈرىۋەتتۇق. ئىنسانلاردا كەچۈرۈم قىلىش تۈگەپ كېتىپتۇ دېيىلىشتىن قورقتۇق-دەيدۇ ئىككى ياش كۆز يېشى قىلغان ھالدا.
بۇ مەنزىرىگە شاھىد بولغان ھەزرىتى ئۆمەر ھاياجاندىن يىغلاپ كېتىدۇ ۋە كۆزياشلىرى ئۇنىڭ ساقىلىنى ھۆل قىلىۋاتىدۇ.
قاتىل بولسىمۇ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغان ئادەمگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن!
ئاتىسىنىڭ قاتىلىنى كەچۈرىۋەتكەن ئىككى ياشقا ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن!
ئۆزى تونىمايدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان ئەبۇزەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن!
ئادالىتى بىلەن تونۇلغان ھەزرىتى ئۆمەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلسۇن!
ئامىين.......




1- ۋەسىيەت، ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش! چۈنكى تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا - ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ ياخشى زادە راھىلە ۋە ياخشى ۋەسىيەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: [كىمكى ئاللاھ تىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ]. [1]
2- قەلبىڭنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى رەسۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بولغان سۆيگۈ بىلەن تولدۇرغىن، ئاتا-ئاناڭ ۋە ئەتراپىڭدىكى كىشىلەرنى ياخشى كۆر. چۈنكى سۆيگۈ ياشلىقىنى يېڭىلايدۇ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، قەلىبكە خاتىرجەملىك ۋە ئاراملىق ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۆچمەنلىك ۋە بىزارلىق بولسا بەخىتسىزلىك ۋە جاپا مۇشەققەت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن ئىنسانلارغا بولۇپمۇ ئائىلەڭدىكىلەرگە يېتەرلىك مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ ئىزھار قىلىشقا سەل قارىما. چۈنكى سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت جاراھەتلەرنى بېسىپ قەلىپكە مېھرى مۇھەببەت ۋە ئۈلپەت بېغىشلايدۇ.
3- ئۆز مەنپەئىتىڭدىن باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىل. بۇ ھەقتە ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: [ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ.] [2]
بەخىتلىك كىشىلەر ياخشىلىقنى باشقىلارغا تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى تېخىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ. شەقىيلەر ياخشىلىقنى ئۈز نەپسى ئۈچۈنلا ئىھتىكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قەلبى غەزەپ ۋە نەپرەتكە تولغان بولىدۇ. قەلبىڭنى مۇھەببەت، شەپقەت ۋە ئەپۇچانلىق بىلەن تولدۇرغىن. چۈنكى شەقىيلەرنىڭ قەلبى ئۆچمەنلىك ئاداۋەت ۋە نەپرەت بىلەن تۇشقان بولىدۇ.
4- ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ياش تۆكمە. چۈنكى ئۆتكەن تەلەيگە ياش تۈكىدىغانلارغا دۇنيامۇ كۈلۈپ باقمايدۇ. باشقىلار مۇشەققەت چەكسە خۇشال بولىدىغانلارغا كۈنلەرمۇ رەھىم قىلمايدۇ. سېغىلىپ بولغان سۈتكە يىغلىما، بەلكى ئۇ سۈتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسەت. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەگەر ساڭا بىرەر كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا، ئۇنداق قىلسام بوپتىكەن مۇنداق قىلسام بوپتىكەن، دېمىگىن، ئاللاھ پۈتۈۋەتكەن نەرسە بولىدۇ. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ، دېگىن . ئەگەر، كاشكى دېگەن سۆزلەر ھەقىقەتەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە يول ئېچىپ بېرىدۇ. دېگەن سۆزىنى ئونۇتما.
5- ئۈمىدۋار بول. چۈنكى ئۈمىدۋار كىشىلەر كېچىسى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ بىشارەت ۋە ياخشىلىق ھېس قىلسا، ئۈمىدسىز كىشىلەر يۇلتۇزغا قارىغانسېرى زۇلمەت ۋە قاراڭغۇلۇقتىن باشقا نەرسە ھېس قىلمايدۇ.
ئۈمىدۋار بول. چۈنكى ئۈمىتۋارلار باشقىلارنىڭ ياخشى كۈرىشىگە ئېرىشىدۇ. ئۈمىتسىزلەردىن باشقىلارمۇ نەپرەتلىنىدۇ ۋە ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇ ھەقتە ھىلمىي مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈمىدۋار كىشىلەرگە تەئەججۇپلىنەتتى، چۈنكى ئۈمىدۋارلىق ئاللاھ تالاغا قارىتا ياخشى گۇمان قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈمىدسىزلىك بولسا ئاللاھغا قارىتا يامان گۇماندا بولغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. جۈملىدىن مۆمىنلەر ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھغا قارىتا ياخشى گۇمان قىلىشقا بۇيرۇلغان.
6- ناھايىتى ئىنساپلىق بولۇش. چۈنكى زۇلۇم ئىنساننىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىدۇ. ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ. بىز دائىم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى كۆزىتىپ ئۇلارنىڭ ھېسابىغا خاتالىق ئىشلەيمىز، كۆزىمىزنى داۋاملىق ئۇلارنىڭ خاتالىقىغا مەركەزلەشتۈرىمىز. ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۇنتۇيمىز. كەمچىلىكسىز، ئەيىب نۇقسانسىز بولىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
ئەمما ئۆزىمىزنىڭ كەمچىلىكلىرىنى بولسا، بىز ئىنسانمىز. ئىنسان بولغاندىكىن خالىشىمىز دېگەندەك سۆزلەر بىلەن يۆگەشكە تىرىشىمىز.
ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سىيرىن: سىنىڭ ئۆز قېرىندىشىڭدىكى ياخشىلىقلارنى يۇشۇرۇپ، كەمچىلىك ياكى خاتالىقلىرىنى زىكرى قىلىشىڭ ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ، دەيدۇ. ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھمۇ، مەخلۇققا ئىنساپ قىلمىغان كىشى، خالىققىمۇ ئىنساپ قىلمايدۇ، دېگەن.
7- ئەگەر ئىنسانلار ساڭا تاش كېسەكلەرنى ئاتسا، سەن ئۇ تاش كېسەكلەرنى يېغىپ ئۆينى يېڭىلاشقا ئىشلەتكىن. ئەگەر ساڭا ئىنسانلار گۈل چېچەكلەر سوغا قىلسا، سەن ئۇنى، ساڭا ئىلىم ئۆگەتكەن ۋە تاغ - باغرىلىرىدا كۈرەش قىلغان ۋاقىتلىرىڭدا سېنىڭ قۇلۇڭنى تۇتۇپ يول كۆرسەتكەنلەرگە تارقاتقىن.
8- ئاۋۋال ئاللاھ تالاغا ئاندىن كىيىن ئۈزەڭگە ئىشەنچ قىل. ئۆز ئەيىپلىرىنىڭنى بىل. شۇنىڭغا چىن ئىشەنكى: سەن ئەيىپلىرىڭىدىن قانچىلىك خالى بولساڭ، مۇراد مەقسەتلىرىڭگە شۇ قەدەر يېقىن بولغان بولىسەن. ئۆز خاتالىقىڭنى ئۇنۇتما، قېرىنداشلىرىڭ ۋە دوسلىرىڭنىڭ خاتالىقلىرىنى ئۇنۇت. باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە بولۇشنىڭ ئورنىغا ئۆز كەمچىلىكىنى تونىغان ۋە ئۇنى تۈزىتىشكە تىرىشقان ئىنسان ئەڭ بەخىتلىك ئىنساندۇر.
9- ئەگەر سەن بىر ئىشتا غەلىبە قىلساڭ تەمەننا ۋە مەغرۇرنىڭ قەلبىڭگە كىرىشىگە يول قويما.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:ئاللاھ ماڭا: بىرسى - بىرسىگە چوڭچىلىق قىلمايدىغان، بىرسى- بىرسىگە زۇلۇم قىلمايدىغان ھالەتتە كەمتەر بولۇڭلار دەپ ۋەھيى قىلدى. (مۇسلىم رىۋايىتى)
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: سىلەر ئۆزەڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئۇبدان بىلىدۇ. (سۈرە نەجم 32 ئايەتنىڭ بىر قىسمى)
ئەگەر يېقىلىپ چۈشسەڭ، باشقىلار ماڭا كاتاك كولىدى دېگەن ۋەھىمە بولماستىن، بەلكى ئورنىڭدىن دەس تۇرۇپ يولۇڭغا داۋام قىلىشقا ۋە ئىككىنچى قېتىم يېقىلىپ چۈشمەي مېڭىش ئۈچۈن كۆزۈڭنى ۋە ئەقلىڭنى ئېچىشقا تىرىشقىن.
[1] [1] سۈرە تالاق1-2 ئايەت.
[2] [2] سۈرە تالاق1-2 ئايەت.

: 10- ۋەسىيەت: دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلساڭ، قارا نىيەتلىك قىلما. ئەگەر ئۇنىڭغا بېرەر مۇسىبەت يىتىپ قالسا، دۇئا ئارقىلىق بولسىمۇ ئۇنىڭ مۇسىبىتىگە ئىشتىراك قىل. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمىكى ئەزىيەتكە سەۋر قىلسا، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر. (سۈرە شۇرا 43- ئايەت. )پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قېرىندىشىڭغا كەلگەن كېلىشمەسلىكتىن خۇشاللىنىپ كەتمىگىن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم قىلىپ سېنى كېلىشمەسلىككە يولۇقتۇرۇپ قويمىسۇن. تىرمىزى رىۋايىتى.
11- قانائەتچان بولۇڭ ھۇرۇن بولماڭ، ئەزىز بولۇڭ مەغرۇر بولماڭ، كەمتەر بولۇڭ خار بولماڭ. كەمتەرلىك ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمىكى ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى كۈتۈرۈپ جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن ماقاملىرىغا قەدەر يەتكۈزىدۇ. (بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)
12- ياخشى كىشىلەرنى دوست تۇت، ۋە ئۇلاردىن ئايرىلما. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر كىشىنىڭ دىيانىتى ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ دىيانىتىگە قارىتا بولىدۇ، شۇڭا سىلەر دوست بولماقچى بولغان ئادەمگە قاراپ دوستلىشىڭلار. (ئەبۇد داۋۇت ۋە تىرمىزى رىۋايىتى)
دوستۇڭنىڭ چوڭ كىچىك خاتالىقرىغا كايىما، كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋەت. چۈنكى كامالەت بىر ئالاھغىلا خاستۇر. دوستۇڭنىڭ ئاللاھغا بولغان ئىخلاسى ۋە توغرا يوللىرىنى كۆزەت ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىلما. ئەگەر سەن ئۇنى يوقىتىپ قويساڭ ھاياتنىڭ غەم قايغۇلىرىدا ھەمدەم بولىدىغان ۋە سېنى ياخشىلىققا باشلايدىغان كىشىدىن مەھرۇم قالىسەن. ئابدۇللاھ ئىبنى جەئپەر مۇنداق دەيدۇ: بىرگە بولغان ۋاقىتلىرىڭدا سىنى بېزەيدىغان، يۇق ۋاقىتلىرىڭدا سېنى ھىمايە قىلىدىغان، ئىھتىياجىڭ چۈشۈپ قالسا ساڭا ياردەم بېرىدىغان، سەندىن بىرەر كەمچىلىكنى كۆرۈپ قالسا يۆگەيدىغان، سەندىن كۆرگەن ياخشىلىقنى ساناپ سېنى ئىسلاھ قىلىدىغان كىشىلەرنى دوست تۇت.
13- باشقىلار بىلەن جىدەللەشمە، چۈنكى جەڭگە جېدەل دوستلۇق ئاغامچىلىرىنى ئۈزۈپ، دوستلار ئوتتۇرىسىدا خىيالى توسمىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ. قەلبىڭنى ياكى كۆكسىڭنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن بۇ يىل تېخىمۇ كەڭرەك قىل. چۈنكى بەختلىك كىشىلەرنىڭ كۆڭلى كۆكسى تار بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەردائىم باشقىلارنى كەچۈرىدۇ ۋە كەمچىلىكلىرىگە سەۋر قىلىدۇ. باشقىلارغا ئەزىيەت بەرمە، ياخشى مۇئامىلىدە بول.
14- سىنىڭ ھەققىڭدە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرنى كەچۈرۈم قىل. ئۇلارنىڭ ئۆزرىسىنى قۇبۇل قىل. چۈنكى كەچۈرۈم قىلىش ياكى ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ، باشقىلارنى ساڭا بولغان ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ.
ئۆچمەنلىك داغلىرىنى قەلبىڭدىن ۋە خاتىرەڭدىن يۇيۇپ چىقىرىۋەت،
15- ئەتىراپىڭدىكىلەرگە قەلبىڭ، ئەقلىڭ، مېلىڭ ۋە ۋاقتىڭنى ئاجراتقىن، داۋاملىق ئۇلارغا ھېساب بېرىش پاتۇرالىرىنى تەقدىم قىلمىغىن. ئەگەر سەن باشقىلارغا ياردەم بەرسەڭ، باشقىلارنىڭ ساڭا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلما. قىلغان ئەمەللىرىڭ ۋە ئىشلىرىڭ خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولسۇن. ئەگەر سەن بىرىگە گۈزەل بىر ھەدىيە بەرسەڭ ئۇنى زىكرى قىلىشتىن ئاگاھ بول. ئەگەر ساڭا بىرى بىر نەرسە ھەدىيە قىلسا ئۇنى مەڭگۈ ئۇنۇتما. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ( ئى مۆمىنلەر! پۇل - مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، اﷲ قا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمەيدىغان كىشى (نىڭ قىلغان ئەمەلىنى بىكار قىلىۋەتكىنىگە) ئوخشاش، بەرگەن سەدىقەڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت يەتكۈزۈش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار.) بەقەرە سۈرىسى 264 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
16- ھايات باسقۇچلىرىدا دۈچ كەلگەن ھەربىر مەغلۇبىيەتنى كېلەچەكتە غەلىبە قىلىش ۋە ياردەمگە ئېرىشتۈرىدىغان مۇھىم تەجرىبە ساۋاقلارنىڭ بىرى دەپ قارا. دانالاردىن بىرى غەلىبە شوتىنىڭ بالداقلرىغا ئوخشاش بولۇپ قولۇڭنى يانچۇققا سېلىپ يۇقىرىغا ئۆرلەش مۇمكىن ئەمەس، دېگەن.
17- ھەركۈنى ئاددى بولسىمۇ يېمەككە ئېرىشكىنىڭ ئۈچۈن ئاللاھغا شۈكرى قىل. ئالى قىممەتلىك يېمەك ئىچمەكلەرگە ئىرىشەلمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن كۈن ياكى زامانغا لەنەت ئوقۇما. قانائەتچان بول. باشقىلارغا بىرىلگەن نېمەتلەرگە ھەسەت قىلىشتىن ساقلاڭ. ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە نېمەت ئاتا قىلىدۇ. سەن ئۇ نېمەتلەرنىڭ زاۋال بولۇشىنى ئۈمىت قىلما. بەلكى ئاللاھنىڭ نېمىتىدىن تىلىگىن.
18- ھەر كۈنى ئاللاھنىڭ ئەپوسى ۋە خاتىرجەملىكنى تىلەشنى ئۇنۇتما. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھدىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خاتىرجەم بولۇشنى تىلەڭلار، ھېچبىر كىشىگە ئاللاھغا ئىمان ئېيتقاندىن كىيىن خاتىرجەملىكتىن باشقا نەرسە بېرىلمىدى، دېگەن.
19- ئاللاھدىن پايدىلىق ئىلىم، كەڭ رىزىق تەلەپ قىلغىن. چۈنكى ئىلىم بىر بايلىق بولۇپ ئۇنى ئوغۇر ئالالمايدۇ. جاھىلنىڭ قولىدىكى مىڭ دىنار بىر ئۇچ تۇپا بىلەن باراۋەر بولىشى، ئالىمنىڭ قولىدىكى بىر ئۇچ تۇپا مىڭ دىنارغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئېلىي ئىبنى تالىب يېنىدىكى كىشىلەردىن بىرىگە مۇنداق دېگەن: ئىلىم مالدىن ياخشىدۇر. چۈنكى ئىلىم سېنى قوغدايدۇ. ئەمما مالنى سەن قوغدايسەن. ئىلىم ھاكىمدۇر، ئەمما مال بولسا مەھكۇمدۇر. مال سەدىقە ئارقىلىق ئازايسا، ئىلىم سەدىقە ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپىيىپ گۈللىنىدۇ. ئىلىم مەغرۇرلۇقنى يىقىتىپ تاشلايدۇ. مەغرۇرلۇق خۇددى باناننىڭ شۆپتىكىگە ئوخشاش بولۇپ كىشىنى تېيىلدۇرۇپ يىقىتىدۇ. سەن غەلىبە ئارغامچىسىنى چىڭ تۇت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاللاھدىن ئىلىم ۋە خاتىرجەملىك تىلەڭلار. مەنپەئەت قىلمايدىغان ئېلىمدىن پاناھ تىلەڭلار.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ سىنىڭ نامىڭ بىلەن مەنپەئەت قىلمايدىغان ئېلىمدىن، ئىتائەت قىلمايدىغان قەلب، تويمايدىغان نەپس، ئىجابەت قىلمايدىغان دۇئادىن پاناھ تىلەيمەن. دەپ دۇئا قىلاتتى.

20- ۋەسىيەت، بېشىڭىزغا كۈن چۈشۈپ ئامەت سىزدىن قېچىپ، ئىشلىرىڭىز ئوڭدىن كەلمەي پېلىشىپ يۈرگەن ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرمۇ سىزدىن يۈز ئۆرۈپ يالغۇز قالغان ۋاقىتلاردا سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرۇپ سىزگە ياردەم قولىنى ئۇزاتقانلارنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ. مەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ قىلغان ياخشىلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ بولدۇمغۇ دەپ ئولتۇرماي تەكرار- تەكرار رەھمەت ئېيتىڭ ۋە قولىڭىزدىن كېلىشچە سىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى ئاشۇرۇپ قايتۇرۇشقا تىرىشىڭ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلارغا رەھمەت ئېيتمايدىغان كىشى ئاللاھ تائالاغىمۇ رەھمەت ئېيتمايدۇ،دېگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: بىراۋ سىلەرگە ياخشىلىق قىلسا، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قايتۇرۇڭلار. ئەگەر ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرغۇدەك ياخشىلىق تاپالمىساڭلار، ئۆز كۆڭلۈڭلاردا لايىق بولغۇدەك يەنى قانائەتلەنگۈدەك دۇئا قىلىڭلار. ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى.
21- سىز، مەقسەتسىز ھالدا يامانلىق قىلىپ سالغان ياكى ئەزىيەت بىرىپ قويغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئەسلەپ تۇرۇپ سىزنىڭ بۇ خاتالىقىڭىزنى ئاللاھنىڭ كەچۈرۈشىنى تىلەڭ، ئۇلار ئاللاھنىڭ سىزگە مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھغا دۇئا قىلىڭ. باشقىلار سىزگە ئەزىيەت بەرسە ھېساب ئېلىشقا ئېلىشقا تىرىشماڭ، ئۇلاردىن ھېساب ئالغانلىق ۋاقىتنى زايە قىلغانلىقتۇر.
22- ئاجىز كۈچلەنگەنگە قەدەر ئۇنىڭ قولىنى قۇيۇپ بەرمەڭ. ئۈمىدسىز، ئۈمىت ئۇپۇقلىرىنى كۆرگەنگە قەدەر ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇڭ. مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان كىشى غەلىبە يوللىرىنى بىلگەنگە قەدەر ئۇنى يالغۇز قويماڭ. كىشىلەرنىڭ جراھەتلىرىنى تېڭىشقا تىرىشىڭ. ۋەيران بولۇشقا ئاز قالغان ئۆيلەرنى يېڭىلاشقا تىرىشىڭ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: مۆمىن مۆمىننىڭ ئەينىكى، مۆمىن مۆمىننىڭ قېرىندىشى، زىيانغا ئۇچىرغىلى قوپسا توساپ قالىدۇ ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىدۇ دېگەن ھەدىسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىڭ.
23- تۈن قاراڭغۇسىدا شام كۆتۈرگۈچىلەردىن بولۇڭ. پانۇسلارغا تاش ئاتىدىغانلاردىن بولماڭ. ئەگەر تاڭ سۈزۈلۈپ قالسا، كۈن نۇرى تەرەپكە قاراپ ماڭغانلار سېپىدە بۇلۇڭ. ھەرگىزمۇ كۈن نۇرىدىن قورقۇپ مۆكۈنۈۋالغان ھۇرۇنلاردىن بولماڭ.
24- سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىكى باشقىلارنىڭ قەرزلىرىنى ئۆتەشكە تىرىشىڭ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى سىزگە ئۆزىنىڭ نەچچە يىللىق تەجرىبە ساۋاقلىرىنى تەقدىم قىلسا، بەزىسى سىزگە ئىشەنچ قىلدى. سىز ھاياتنىڭ كۈرەشلىرىدە يالغۇز بولمىدىڭىز، بەزىلەر قاراڭغۇ كېچىلەردە سىزگە شام ياندۇرۇپ يولىڭىزنى يورۇتۇپ بەردى. ھەممىدىن مۇھىمى ئاللاھ تائالانىڭ سىزگە بەرگەن نېمەتلىرىگە شۈكرى قىلىشنى ئۇنتۇماڭ.
25- ئەگەر سىز تاغنىڭ ئەڭ چوققىسىغا يەتكەن بولسىڭىزمۇ مەغرۇرلۇق ئەقلىڭىزنى قاپلىۋالمىسۇن. تاغ باغىرىدىكىلەر كۆزىڭىزگە كىچىك كۆرۈنمىسۇن. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرۈمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، اﷲ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ. سۈرە لوقمان 18 ئايەت.
ھەسەن ئەلبەسرى رەھىمەھۇللاھدىن كەمتەرلىك ھەققىدە سورالغاندا، ئۇ: كەمتەرلىك دېگەن ، سىەن ئۆيدىن چىقىپ يولدا ئۇچراشقان ھەممە كىشىنىڭ سەندىن ئارتۇقچىلىقى بار دەپ قارىشىڭ، دەپ جاۋاب بەرگەن.
مەنمەنچىلىك يەنى شەخسىيەتچىلىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىڭ. تاغ ئەتىراپىدىكىلەرنىڭمۇ تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىشى ئۈچۈن قولىڭىزنى سۇنۇڭ. ئەگەردە پۇتىڭىز تېيىپ كېتىپ تاغدىن چۈشۈپ كەتسىڭىز، مىنىڭ يېقىلىشىمغا ئۇلار سەۋەب بولدى دەپ باشقىلارغا تۆھمەت قىلماڭ. ئۆز ئەيىبىڭىز ۋە خاتالىقلىرىڭىزنى تونۇپ يېتىڭ. شۇنداق قىلغاندا ئىككىنچى قېتىم تاغ چوققىسىغا چىققاندا تېيىلماستىن مۇستەھكەم تۇرۇشنى بىلىسىز.
26- باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى پاش قىلماڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم ھاكاۋۇرلۇق قېلىپ كىشىلەر ھالاك بولۇپ كەتتى دېسە، ئۇ شۇ كىشىلەرنى ھالاك قىلغان بولىدۇ. مۇسلىم رىۋايىتى.
خاتتابى مۇنداق دېدى: ئۇ داۋاملىق باشقىلارنى ئېيىپلاپ ئۇلارنى كەمچىلىكلىرىنى زىكرى قىلىدۇ. كىشىلەر بۇزۇلۇپ كەتتى ھالاك بولۇپ كەتتى دەيدۇ. بۇنىڭ بۇ قىلىقى باشقىلارنىڭ قىلىقىدىن يامانراقتۇر. چۈنكى ئۇ بۇ ئارقىلىق گۇناھكار بولىدۇ .
27- ئۈمىستسىزلىكنىڭ قەلبىڭىزدىن ئۇرۇن ئېلىشىغا يول قويماڭ، چۈنكى ئۈمىدسىزلىك قەلىبنى كور قىلىدۇ ۋە ئېچىلغان ئىشىكلەر سۇنۇلغان ياردەم قوللىرىنىمۇ كۆرمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر . [سۈرە زۇمەر 53- ئايەت].
28- شۇنىڭغا چىن قەلبىڭىزدىن ئىشىنىڭكى ئەگەر سىز ئىشىڭىز مۇكەممەل ئادا قىلسىڭىز ۋە ياخشى كۆرۈپ سادىق بولسىڭىز چوقۇمكى باشقىلار قولغا كەلتۈرەلمىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئاللاھ تائالا سىلەردىن بىرىڭلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مۇكەممەل قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ دېگەن ھەدىسىنى ئۇنتۇماڭ.
29- مۆمىن كىشىنىڭ ئاچ يالىڭاچ ۋە پېقىر ياشاشقا رازى بولىشىنى، لېكىن خار ياشاشقا ھەرگىز رازى بولمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ.
30- قىيامەت كۈنى ھېسابقا تارتىلىشتىن بۇرۇن ئۆيىڭىزدىن ھېساب ئېلىشنى ئۇنتۇماڭ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆمىنلەر! اﷲ تىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، اﷲ تىن قورقۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر. [سۈرە ھەشر 18- ئايەت].
دوكتۇر ھەسسان شەمسى باشا .<<ئاللا رازى بولسۇن>

دوستلىشىش
مۇسىلىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10703
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 411
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە411دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 4311 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-10-21

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئەمەل قىلىشقا تېگشلىك دۇردانىلەركەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12082
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 24
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 366 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-06-23
ئاخىرقى: 2012-10-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-01 23:21

نىمە دىگەن ئىسىل نەسىھەتلەر بۇ،كۆپ تەشەككۇر بۇرادەر
دوستلىشىش
شەھىدە432
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7310
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1225 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-09
ئاخىرقى: 2012-11-06
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-01 23:29

gayrat828
سىز يوللىغان ھەممە يازمىلارنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ، رەھمەت .
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10010
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 781
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە781دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 8071 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2012-10-17
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-02 19:28

بەك ئىسىل يازمىكەن ، ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن !