ئاخشام تېلىفۇنۇمغا مۇنداق بىر ئۇچۇر كەپتۇ .....
كۆپچىلىك '' سۇ بويىدا '' رومانىنى ياكى تىلىۋىزىيە تىياتىرىنى ياختۇرۇپ كۆرگەن ،..... بولۇپمۇ يولۋاسنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ۋۇسۇڭنىڭ ئاكىسى ۋۇدالاڭ ،ئايالى پەن جىلەن ، ھەم ئاشنىسى شى مىنچىڭلارنى بەش قولدەك بىلىدۇ ، بەزى بىر قىززىقچىلار بۇ ئۈچ شەخىسنىڭ دىئالوگىنى دىئاۋ يۈداۋ ئارىلىغا باغلاپ سۆزلۈتۈپتۇ .......
1-ۋۇدالاڭ ، ۋۇسۇڭنىڭ ئاكىسى ،
2-پەن جىلەن ۋۇدالاڭنىڭ چىرايلىق ئايالى ،
3-شى مىنچىڭ پەن جىلەننىڭ ئاشنىسى ،
شى مىنچىڭ پەن جىلەننى تام تۈۋىگە نىقتاپ ئېلىپ كەلدىدە كارۋات ئۈستىگە باستى ، بۇنى ۋۇدالاڭ كۆرۈپ قالدى ، ھەم پەن جىلەننىڭ ئۆزۈنۈڭ قانۇنلۇق خوتۇنى ئىكەنلىگىگە قاتتىق ئېتىزار بىلدۈردى ،شۇنداقلا ھېشقانداق بىر ئەۋلىيا -ئەنبىيالارنىڭمۇ چىرايلىق خوتۇنىغا قول تىقالمايدىغانلىغىغا كۈشلۈك قارشىلىق بىلدۈردى ، ..... بىراق شى مىنچىڭ دىگەن ئەبلەخ ئاللىقاچان پەن جىلەننىڭ كىيىم -كىچەكلىرىنى سالدۇرۇپ بولغان ئىدى ، ۋۇ دالاڭ كارۋات يېنىدا ئولتۇرۇپ قاپىغىنى تۈرۈپ شى مىن چىڭنى قاتتىق تەنقىت قىلدى ، ھەم ھەقىقەتنى ئەمەليەتتىن ئىزدەپ ، تارىققا توغرا كۆزدە قاراشقا ، شۇنداقلا بارلىق پاھىشىۋازلىق قىلمىشلارنى دەرھال توختۇتۇشقا چاقىردى ، ..... شى مىنچىڭ كارۋات ئۈستىدە ھەرخىل ھۈنەرلەرنى چىقىرىپ ،ۋۇدالاڭنىڭ كۆزلۈرىنى ئالا - چەكمەن قىلىۋەتتى ، يۈرەكلىرىنى پىچاق تىققاندەق زىدە قىلىۋەتتى ، ۋۇدالاڭ چىدىماي يەنە بىر قىتىم قاتتىق ئېتىزار بىلدۈردى ، : '' _ پەن جىلەن جېنىمنى جان تىكىپ قوغداش ئۈچۈن ، بىز تەرەپ قانچىلىك بەدەل تۆلەشتىن قەتئى نەزەر ...........'' بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ شى مىنچىڭ سەل چۆچۈگەندەك بولۇپ ئارقىسىغا ياندى ،
مۇخپىرلار ۋۇدالاڭدىن سورىدى : '' _ سېنىڭ خوتۇنۇڭنى شى مىنچىڭ مەجبۇرى زورلۇق بىلەن ئېگەللەۋالدى ، سەن بۇنۇڭغا قانداق قارايسەن { قانداق باھا بېرىسەن ] ؟ ، ۋۇدالاڭ چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمەي : '' _ بۇ قەدىرلىك جانانىم ۋەقەسىدىن كېيىن مەن بۇ ۋەقەنىڭ تەرەقىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلدىم ، كۆپچىلىك بىلىدۇ ، پەن جىلەن بۇرۇندىنلا مېنىڭ قانۇنلۇق جېنىم خوتۇنۇم ، مېنىڭ پەن جىلەندە باش تارتىپ بولمايدىغان ھوقۇق -مەنپەتىم بار ، شۇڭا شىمىن چىڭ ئەپەندىنىڭ چوڭ ۋەزياتنى چىقىش قىلىپ ، ۋەزيەتنى توغرا تونۇپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان ئورناتقان دوسلۇغۇمىزنىڭ ھۆرمىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئايالىمنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈمەن ، شۇنداقلا ئايالىم پەن جىلەننى ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق ئېچىپ پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن ، گۈزەل خوتۇنۇم يەنىلا بۇلاپ كېتىلسە ئاكاڭ قارىغاي ۋۇدالاڭ قۇتقۇزۇشقا بارالمىساممۇ ئۆيۈمدىكى نەرسىلەرنى چېقىپ كۇكۇم -تالقان قىلىۋىتىمەن ،.......
خوشنىلىرى چۈشەنمەستىن : '' _ ۋۇدالاڭ خوتۇنۇڭنى شى مىنچىڭ بۇلاپ كەتتى ، بېرىپ شى مىنچىڭنىڭ پاچىقىنى چاقماي ، ئۆيۈڭدىكى نەرسىلەرنى چېقىپ نىمە قىلىسەن ؟ '' ئاخماق دەپتۇ ۋۇدالاڭ : '' _ مېنىڭ ئۆيۈمدىكى نەرسىلەرنى شى مىنچىڭنىڭ زاۋۇتى ياساپ چىققان ، شۇنىمۇ بىلمەمسىلەر ..............