باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1952 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: 微信 گە ئۈندىدار دەپ ئىسىم قويغۇچىغا ئوچۇق خەت
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1091
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1091دانە
ئۆسۈش: 1450 %
مۇنبەر پۇلى: 7806 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-11-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-30 15:49

微信 گە ئۈندىدار دەپ ئىسىم قويغۇچىغا ئوچۇق خەت

رەسىم:
سالام تورداش!!
كەمىنە بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن تۆۋەندىكى تېمىنى يوللاۋاتىمەن!!

  ھەممىمىزگە مەلۇم، يېقىندا شىنجىن تېڭشۈن شىركىتى ئاچقان微信 يۇمشاق دېتالى ھەممە ئۇيغۇرلىرىمىزغا تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى، شۇنداقلا ئاساسەن ئومۇملىشىپ بولدى!!!
بۇنىڭغا ئەگىشىپ بەزى بىر قىسىم تورداشلىرىمىزمۇ ئۆز قىزغىنلىقلىرىنى باسالماي بۇ توغرىسىدا ھەرخىل تېمىلارنى يېزىشتى ۋە بەس-مۇنازىرە قىلىشتى، بۇنىڭدىن مۇشۇ ‹‹دەللە›› نىڭ ئۇيغۇرلاردىكى تەسىر كۈچىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.

    ئەمدى گەپنىڭ پوس كاللىسىغا كەلسەك، يېقىندا توردا بىر رەسىم كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىندى، بۇ نومۇسسىز رەسىمنى يوللاشنى مەن تازا توغرا كۆرمىدىم.
微信 بولسا تېڭشۈن شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان، بارلىق ئېچىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېساباتى ۋە ھېسابات مەخپىيەتلىكى................قاتارلىق مەسئۇلىيەت ۋە ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى پۈتۈنلەن مۇشۇ شىركەتكە تەۋە.
يۇقىرىقى چۈشەنچىدىن ھېچكىم تىنىۋالالمايدۇ ئەلۋەتتە، ئۇنداقتا يەنە نېمە ئۈچۈن خەقنىڭ نەرسىسىگە ئىسىم قويىمىز؟

ئەلۋەتتە قويساق بولىدۇ، لېكىن قويۇشنىڭمۇ چېكى بار، ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، پىكىرلىشىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئىسلام دىنىمىزدىمۇ ئەڭ ئالىي سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەنگەن ۋە تەۋسىيە قىلىنغان، چۈنكى پىكىرلىشىش ۋە تەپەككۇر-تەھلىل ئادەم بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنىڭ ھالقىلىق ئامىللىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلۇغ ئىسلام دېنىمىزمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ ئەلۋەتتە.

لېكىن ھېلىقى يۈزسىز رەسىمنى ياسىغۇچى بولسا تەپەككۇرنىڭ چېكىدىن ھالقىپ ‹‹ئالدامچىلىق›› ۋە ‹‹شەخسنىڭ ئىدىيىسىگە زورلۇق ئىشلىتىش›› تەك بولمىغۇر قىلمىشنى سادىر قىلدى دەپ قارايمەن.

چۈنكى، ئۈندىدار دېگەن ئىسىم قارىماققا ناھايىتى يېقىملىق ۋە ماس كەلگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن سىزنىڭ خەقنىڭ بالىسىغا ئىسىم قويىدىغان ھەققىڭىز يوق، پەقەت ‹‹مۇنداق دېسەك يېقىملىق ئاڭلىنىدىكەن›› .... دېگەندەك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارسىڭىز، بۇ سىزنىڭ تەپەككۇر ۋە تىل قابىلىيىتىڭىزنىڭ خېلى يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭدىن ھالقىپ ئىدىيىڭىزنى باشقىلارغا تاڭسىڭىز، بۇ زورلامچىلىقققا تەۋە..  


نەچچە ئاينىڭ ئالدىدىكى ‹‹ئۈرۈمچىدىكى يىلانغا ئايلانغان قىز›› ناملىق ‹‹ مۆجىزە›› گە نادان خەلقىمىز خېلى ۋاقىتلارغىچە ئىشىنىپ، كۆز ئالدىدىكى تەۋبە قىلىشقا تېگىشلىك مۆجىزىلەرگە تەۋبە قىلماي، مۇشۇ دىن مۇناپىقلىرى ۋە پۇلغا قۇل بولغان ئازغۇنلارنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئوينىدى.
بۇ مۆجىزىگە ئاددىي كاللىدا بىر قانچە مىنۇتلا كۆزەتسەك پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ،
ئەگەر ياراتقان ئاللاھ ئۆز ئازغۇن بەندىسىنىڭ گۇناھىنى مۇشۇ دۇنيادىلا مۇشۇنداق ۋەھشىيلەرچە بېرىدىغان بولسا، ئىشىنىمەنكى ئۇ چاغدا بىز ئادەملەر مايمۇنغا ئايلانغان ئاشۇ بىر قانچە بەندىگە قاراپ تەۋبە ئەمەس، مايمۇنغا ئايلانغان كۈرمىڭ گۇناھكارلار ئادەم سۈپىتىدە قالغان ئاز ساندىكى ئادەملەرگە قاراپ  - تەۋبە، تېخىچە ئازمىغان ئادەملەر باركىنا؟-  دېگەن بولاتتى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سىندىكى ئاۋازلارمۇ قايتا قايتا كىرىشتۈرۈلگەن، قۇلاق بار ھەرقانداق ئادەم ئاڭلاپلا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ.

لېكىن خېلى كۆپ نادان كىشىلىرىمىز تاكى ھېلىقى ‹‹ئۇيغۇرلارنى ئالداپ كېلىۋاتقان ساختا مۆجىزىلەر›› دېگەن تېما چىقمىغۇچە ئۆزىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئالدانغانلىقىنى، قانچىلىك دەرىجىدە ساددا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالمىدى.

بۇنىڭدىن، ھازىرقى كۆپىنچە خەلقنىڭ ناھايىتى ساددا، ئاقكۆڭۈل، باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئاسانلىقچە ئىشىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ خىل ئىللەتنىڭ خەلقنى ھازىرقىدەك تۆۋەن كاپالەتلىك ۋە ئەلا دەرىجىلىك ‹‹قۇل›› ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ(شەخسىي كۆز قاراش)

ئەمدى ئاچچىق گەپلىرىم:

شۇ رەسىمنى ياسىغۇچىغا:

سىز شۇ رەسىمنى كومپيۇتېردا ياساۋاتقان ۋاقىتتا، ئاشۇ تىلشۇناس دېگەن خەتنى يېزىۋاتقان ۋاقىتتا قولىڭىز تىترىمىدىمۇ؟ شۇ خەتنى يازغاندا، يوللىغاندا مىللىتىڭىزگە زەرىچە دەرىجىسىدە بولسىمۇ ئاسىيلىق قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟

قايسى تىلشۇناسنىڭ تەرجىمىسى، قاچان تەستىقلانغانلىقىغا ئىسپات كۆرسەتسىڭىز، تىزلىنىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سوراپ تورغا چىقىراي. چاقچاق-قىلمايۋاتىمەن راست دېدىم!


تىلشۇناسلار دېگىنىڭىز مېنىڭ چۈشەنچەمدە ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتىدىكىلەرنى كۆزدە تۇتىدىغۇ دەيمەن؟ ئۆزىڭىزمۇ بىلمەمسىزيا؟
تىل يېزىق كومىتېتىدىكىلەرگە ئىش يوق، ئەمدى ئاشۇ ئەرزىمەس نەرسىگە ئىسىم قويىدىغان ھالەتكە، تەستىقلاپ سىزدەك ‹‹تور سەركىسى›› گە يوللىتىدىغان كۈنگە قاپتىمۇ؟

ياق قېرىندىشىم، ياق. تىل يېزىق كومىتېتى قىلاي دېسە ئىش جىق، ئەتراپىڭىزغا قارايدىغان بولسىڭىز ساماندەك خاتا يېزىلغان ئېلان تاختىلىرى، يول كۆرسەتمە بەلگىلىرى.................. بار، دېمىسەممۇ سىز مىكرو خەتنى ئىشلىتىۋاتقان بولغاندىن كېيىن بۇنداق خاتا يېزىلغان ئېلان تاختىلىرى دېگەندەكلەرگە قاقشاپ يوللانغان رەسىملەرنى كۆردىڭىز ھەرقاچان.
مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ۋاقىت ۋە زېھىن ئاجرىتالمىغان تىل يېزىق كومىتېتىدىكىلەر ئۆتۈپ تېشىپ ئاشۇ  微信 غا ئىسىم قويۇپتىمۇ؟

ھە.......... خەلقنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپسىزدە؟

تور ئەھلىگە:


نادانلىق مىللەتنىڭ زاۋاللىققا يول تۇتۇشىنىڭ پىلتىسى، بۇ پىلتىگە ئوت ياقساق تارىختىكى نادانلىقتىن گۈمۈرۈلگەن، ساددا ئاقكۆڭۈللىكىدىن ئالدىنىپ قۇل بولغان ئاتا بوۋا ۋە باشقىلارنى ئاتا بوۋىلىرىغا ئوخشاش كۈنگە يەنە قالىمىز.

شۇ بىر پارچە رەسىمگە قاراپلا راست تىل يېزىق كومىتېتىدىكىلەر تەستىقلاپتۇ دېگەنگە ئىشەندىڭىزمۇ؟

ئەمىسە مەنمۇ كومپيۇتېردا تىل يېزىق كومىتېتى ئۇيغۇرلاردىكى ‹‹ئالىم›› دېگەننى ‹‹阿力木›› غا .....................
دېگەندەك 20 بەتلىك سىزنىڭكىگە ئوخشاش ياكى سىزنىڭكىدىنمۇ ئاشۇرۇپ يالغانلىقى چانمىغۇدەك دەرىجىدە تامغىسى بىلەن تورغا يوللىسام سىزمۇ بالىڭىزنى ئىسمىنى ئالىمۇ، مەيمەيتى، ۋۇسىمەن، مۇخەنمەيتى دەپ ئۆزگەرتەمسىز؟



خۇلاسە:

گېپىم كۆپ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، مۇشۇ يەرگىچە ئوقۇغان ھەر بىرىڭلارغا تەشەككۈر، بولسا مۇشۇنداق پىتنە-پاساتلارنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنىغا(چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن) بۆشۈكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇۋەتكەن بولساق، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا كىچىككىنە بولسىمۇ مەسئۇل بولغان بولاتتۇق! قالغىنى ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزغا باغلىق، مېنىڭچە ھازىرقىدەك توردا قولىمىزدا تاماكا تۇتۇپ تۇرۇپ ‹‹تاماكا ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق›› دىگەندەك تەربىيە تېمىلىرىنى يوللىغۇچە، قولىمىزدىن كەلسە ھەممە ئىشنى ئەمەلىيەتتىن باشلايلى...
سەۋەب:

مەزكۇر تېمىنى يوللىشىمغا سەۋەب بولغان ئىش.

مەن مەلۇم ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى(يانفون يۇمشاق دېتاللىرى) نى تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇيغۇرچە يانفون سىستېمىسىنى تەرجىمە قىلىش تورىنىڭ مەسئۇلى ۋە باش تېخنىكى، ئۇيغۇرچە 微信 نىمۇ 4.0 نەشىرىدىن باشلاپ ئۈزۈلدۈرمەي تەرجىمە قىلىپ تارقىتىپ كېلىۋاتىمىز، تەرجىمىمىز ئىشلەتكۈچىلەرگە ناھايىتى ياقىدۇ، بۇنىڭدىن قىلغان ئەجرىمىزنىڭ جاپالىرىنى ئۇنتۇلىۋاتىمىز.
مۇشۇ 微信 نىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلىقا كەلگەندە كۆپ ئويلانغان ئىدىم، ھەرىىل ئىسىملارنى قويۇپ باقتىم، لېكىم خەنزۇ مۇنبەرلىرىدىكى تېمىلارغا، تەرجىمە گورۇپپىلىرىڭىنى قائىدىسىگە قارىسام تۆۋەندىكىدەك قائىدىلەر باركەن:
1. ئەپ تەرجىمە قىلغاندا ئەسلى ئاپتورىنىڭ ئۇچۇرىنى ساقلاپ قېلىش
2.دۆلەت ئىچىدىكى ئەپلەرنى تەجىمە قىلغاندا ياكى ئەلالاشتۇرغاندا ئەسلىدىكى تىزىملىتىش ئۇسۇلىنى بۇزماسلىق(ھەقلىقنى ھەقسىز قىلىۋەتمەسلىك دىگىنى)
3.ئەپ نامىنى ئامال ئاۋال شۇ ئاپتورنىڭ ئۆز تىلىمىزدا ئىسم قويغان قويمىغانلىقىغا ئاساسەن، ئەگەر قويمىغان بولسا سۆز مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىش، ئەگەر سۆز مەنىسى قاملاشمىسا ياكى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتسە ئاندىن ئۆز تىلىمىزدا ماس كەلگۈدەك سۆزلەرگە تەرجىمە قىلىش كېرەك
...........

مانا، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ تەرجىمە گورۇپپىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بار قائىدە.
شۇڭا مەنمۇ 微信 نى تەرجىمە قىلغاندا بىۋاستە سۆز مەنىسىنى تەرجىمە قىلىشنى توغرا كۆردۈم، ئاۋال مىكرو ئۇچۇر دەپ قويدۇم، لېكىم بەزى ئېكران ئېنىقلىقى تۆۋەن يانفونلاردا بۇ ئىسىمنىڭ ئۈستەل يۈزىدە باشقا ئىككى ياندىكى ئەپلەرنىڭ ئۈستىگە مىنىۋېلىشنى كۆزدە تۇتۇپ ئاخىرى مىكروخەت دەپ قوللىنىشنى توغرا كۆردۈم.

لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىش ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ئەشۇ بىر نومۇسسىز رەسىمىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچىرىغان نۇرغۇن تورداشلا ماڭا نېمىشقا ئۈندىدار دەپ قوللانمىدىڭىز؟ تىل يېزىق كومىتېتى شۇنداق دەپ بېكىتىپتىغۇ دىگەندەك ساددا سوئاللارنى قويدى، مەن ئۇلارغا ئارتۇق جاۋاب بەرمىدىم، ھەمدە پات ئارىدا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىمەن دەپ قويغان ئىدىم، بەلكىم بۇ جاۋابنى كۆرگەندىن كېيىن ھەممىنى چۈشىنەر!!


ئەمدى ھېلىقى كىشىگە:

مەن ئەتەي سىز بىلەن قېرىشىپ ياكى ئۈندىدار دىگەن ئىسىمنى ياقتۇرماي بۇ تېمىنى يوللىمىدىم، بەلكى سىزنىڭ تەپەككۇر چېكىدىن ھالقىپ ئاسىيلىق قىلغىنىڭىزغا ۋىجدانىم ۋايساپ بۇ تېمىنى يوللىدىم، توغرا كۆرسىڭىز توغرا چۈشۈنۈڭ، خاتا كۆرسىڭىز كەچۈرۈڭ، ئەسلى ئەپتى بەشىرىڭىزنى ئاچمىسام توغرا بولاتتى ‹‹ ئەقىللىق›› قېرىندىشىم!!!


ئەگەر تەكرار تېما بولسا ئۆچۈرۈلسۈن.


مەنبە:
http://bbs.misranim.com/thread-87966-1-1.html
دوستلىشىش
dulbarqin310
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1799
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1799دانە
ئۆسۈش: 630 %
مۇنبەر پۇلى: 19014 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-11-06

قەلمىڭىز كۈچلۈككەن، نۇمۇسنى بىلمىسىمۇ نۇمۇس قىلىپ ئۆلمىسىمۇ ئاز قالار بۇ بىر نېمە.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 969
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 228
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە228دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 2726 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-14
ئاخىرقى: 2012-11-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-30 17:25

مىنىڭ غۇ زادى خۇشۇم يۇق مۇشۇ ۋېڭشڭن دىگە ن بىر نىمە بىلەن....
vvfv
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11643
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 100
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە100دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1185 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-05-14
ئاخىرقى: 2012-11-05
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-30 20:27

مۇشۇنىڭغىمۇ ئاسىيلىق دىيىش كىتەمدۇ .  بىر مىللەتنىڭ تىلىغا باشقا مىللەتنىڭ تىلىنىڭ ئارلىشىپ قېلىشى نورمال ئەھۋال، بۇنى شائىرلار ئوبدان بىلىدۇ. بۇنىڭ ئىسمىنى بۇرۇنراق قويماي  سىز  ،ئەمدىلىكتە بولسا  كەينىدىن ئۆكتە قوپۇپ  ئاسىي قاتارىغا چىقىرىپسىز. بۇنىڭغا شۇنچىۋالا كايىش  كىتەمدۇ  . خالىغانلار ئۈندىدار دىسە ،خالىغانلار  مىكرو خەت دىسە بولىۋېرىدۇ ئەمەسمۇ،
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2314
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2314دانە
ئۆسۈش: 8130 %
مۇنبەر پۇلى: 19989 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-11-06
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-01 10:11

بىھۇدە چېچىلىش بوپتۇ ...........
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11127
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-14
ئاخىرقى: 2012-11-05
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-01 10:33

بۇ يازمىدىن مەن پەقەت سەن مەندىن بۇرۇن ئىسىم قويۋاپسەن ، نىمىشقا ماڭا مەسلەھەت سالمايلام ئىسىم قويۋالدىڭ ...
ئاللاھىم دوسلىرىڭغا دوس،دۈشمەنلىرڭگە دۇشمەن قى ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10088
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 93
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە93دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 971 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2012-11-02
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-01 14:14

ھەي نىمە ئۇ‹‹ مىكرو ›› دىگەن ؟ ئاخىرغا ‹‹خەت ›› دەپ قويساڭلا بولامدۇ ئۇنى . بۇگىپڭنىڭ نەرى ئۇيغۇرچە؟ ئۇنىڭدىن دەللال دىدار   ياكى خەت دەللال دىمەمسە !!! چىداماسمۇ يا ؟
دوستلىشىش
تۇرپان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7614
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 66
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 780 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-27
ئاخىرقى: 2012-11-02
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-01 17:19

بىھۇدە كايىپلا كېتىپسىزغۇ،
قالايمىقان ئىسىم قويۇشتا ھېچكىم خەنلەرگە يېتەلمەيدۇ، رايۇنىمىزدىكى ئەسلىدىنلا بىر چىرايلىق ئىسمى بار ناھىيە،شەھەر،ۋەباشقا
ۋەھاكازالار.....نى ئەسلى ئىسمى بىلەن ئازراقمۇ ماسلاشمىغان ئىسىملارنى قويىۋېلىپ ....مەسىلەن:(قاغىلىق)نى叶城 دىگەندەك يەنە نۇرغۇنلىرى بار ..
جەنوبى شىنجاڭنىڭ  ناھىيەلىرىنىڭ ئەسلى ئىسمى بىلەن،خەنلەر ئۆز ئالدىغىلا قويۇۋالغان ئىسىملار سىزنىڭچە ماس كەلگەنمۇ؟
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4797
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1091
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1091دانە
ئۆسۈش: 1450 %
مۇنبەر پۇلى: 7806 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-14
ئاخىرقى: 2012-11-06
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-01 21:39

ماڭا تۈنۈگۈن ماۋۇ تېما گېنىرال تەرپىدىن ئۆچۈرۈلدى دەپ خەت كەلگەن،بۈگۈن پەيدا بولۇپ قاپتىغۇ؟ پەيدا بولغاندا ئۇچۇر بىرىلمەيدىكەندە
دوستلىشىش
ئاچقۇچ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12653
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ئۆسۈش: 370 %
مۇنبەر پۇلى: 1110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-09-09
ئاخىرقى: 2012-11-02
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-02 00:59

قېرىنداشلىرمىزنىڭ دىگەنلىرنىڭ ئاساسى بار ،  بىراق قېرىنداشلىرىم ئاستىملاتسىيە دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ئاساسلىق ئىپادىللىرى ، رولنى كىم ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ؟
eltabir9نىڭ ئېيتقانلىرنى بۇنچە يۈزەكى چۈشەنمەي مىللەت ئابرويى ۋە ئەمەلەيتىنى بىرلەشتۈرۈپ پەرەز قىلايلى، سىزنىڭ مەلۇم نەرسىڭىز نى باشقىلار باشقىچە ئات قۇيۇپ ئىشلەتسە ،يەنەكىلىپ ئۇنەرسە شۇلارنىڭ شۇ جەھەتتىكى تۇرمۇشنىڭ مۇھىم بىرقىسمى بوپقاسا سىزدىكى ھىسيات قانداق بۇلدۇ؟ شۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيە قانداق بولدۇ؟
مىنىڭچە بايا بۇ يازمىغا نىسپەتەن سولچىل پوزىتسىيە تۇتقانلار نىڭ زور كۆپچىلكى چۇقۇم بۇياخشى ئەمەسمۇ دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن ، ياكى بۇ بىر ئاددىلىق دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن ،   ئۇنداختا سىز دەپ بېقىڭ مەلۇ يالغاننى ئارلاشتۇرۇپ جەميەتتە تەسىر پەيدا قىلىپ ئاندىن ئۇنى <<ئۆزەمنىڭ>> گە يېقىن ھالەتكە ئەكەلسە ، گەرچە ئۇنىڭ باشقىلارنىڭكىلىكى چېنىپ تۇرسىمۇ  پىسەنتسىز يۈرسە بۇنى نىمە دەيمىز؟
يەنە قېرىنداشلا   مۇشۇنچىلىك كىچىك ئىشقىمۇ بۇنچە كايىمسەن دەيسىلەر ھەقاچان .  توغرا كايىغدەك ئىش ئەمەس ،  ئەمما بىر نوقتىنى ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدۇ، بۇبولسىمۇ ئاستىملاتسىيە ، ئاسىتىملاتسىيە ئارلىشىشنى بىرىكىشنى ئۆز ئىچگە ئالدۇ ، بۇ گەرچە قارىماققا ھىچ بىر مۇناسىۋىتى يوختەك تۇرغىنى بىلەن ئاستىملاتسىياگە زور تەسىرى بار، بىز بۇنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئېتىنى ئويغۇرچە قويدۇق قويغاندىمۇ پەقەت شۇنىڭ سۆز  مەنىسىبىلەن ئانچە ھىساپلاشماي قۇلىقىمىزغا ياققان شۇنىڭ بىلەن مەلۇم باغلىنىشقا ئىگە بولغان ئىسىمنى قويدۇق ئەمما ئىنىڭ باشقا تۈلىرىچۇ ؟ خەنزۇچە ، ئىسىم قويماي سۆز مەنىسى بويچە تەرجىمە قىلساق بەلكىم قوللۇنۇش بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان بۇلاتتى ، يۇچۇقمۇ كىچىكلىگەن بۇلاتتى.
مىسال، بىر سۇلياۋ خالتىغا سۇ لالدۇق يەنە بىر  ئۇنىڭدىن چوڭراققا بىرخىل رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئالدۇق، ئۇنداختا سۇ قاچلانغان سۇلياۋ خالتىدىن يىڭنە ئۇچۇنى بىلىنەر بىلىنمەس تەككۈزۈپ بىر تۈشۈك ئاچايلى ۋە رەڭلىك سۇبار خالتىنىڭ ئىچىگە سالايلى ، بۇچاغدا ئىككى خالتىدىكى سۇ ئالىشامدۇ ئارلاشماي تۇرامدۇ؟ نەق ۋاقىتنى دىمەي مەلۇم مەزگىلنى كۆزدە تۇتۇڭ، ۋاقىت ئۆتكەنچە چۇ؟ مۇشۇنداق تۈشۈك كۆپلەپ تىشىلسا يەنە قانداق بۇلدۇ؟ ۋاقىتچۇ؟   ئۇنداختا نۇمۇس قىغىدەك ئىشمىكەن ياكى ئۇيۇن قاتاردا ئۆتكۈزۋىتىدىغان ئىشمىكەن؟ ئاستىملاتسىيە بىر تەرەپلىك بولمايدۇ، ئاستىملاتسىيە يەنەمەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا بۇلغۇنۇشنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالدۇ،،،،،،،،،،،     
ئاللاھ ھەممىمىزنى دوزاخ ئازابىدىن،قەبرە ئازابىدىن ،مەخشەرگاھ تىكى ئېغىركۈنلەردىن ساقلىسۇن...