قېيىنئانام ئەتكەن لەڭمەن
مارىگۈل تۇداخۇن
چۈشلۈك چاينى ئىچىۋاتساق كەنجى ئىنىمىز بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان قېيىنئانام بىزنىڭ ئۆيگە كەلدى ، قېيىنئانام ئەتكەن چاينى پىيالىگە ئاز – ئازدىن قۇيۇپ قىززىق ئىچىشنى ياخشى كۆرەتتى ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشقاچ مەنمۇ ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ نەچچە پىيالە چاي ئىچىپتىمەن . سائەتكە قارىسام ئىشقا بارىدىغان ۋاقىتمۇ توشۇپ قاپتۇ ، مەن ئالدىراپ – سالدىراپ كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ، توڭلاتقۇدىن گۆشنى ئېلىپ قويۇپ ئاپامغا بىردەم ئارام ئېلىپ تۇرۇشنى، تاماقنى ئۆزۈم كىرىپ ئېتىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئىشقا ماڭدىم. قېرىشقاندەك شۇ كۈنى ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا يىغىن ئاچتى ، ئارىلىقتا يولدىشىمغا ئۇچۇر يوللاپ، ئاپامنىڭ ئۆيدە يالغۇز قالغانلىقىنى، دۇكاننى بالدۇرراق تاقاپ ئۆيگە ئاپام ئامراق مېۋە – چېۋە ئالغاچ كىرىشىنى ئېيتتىم . يىغىن تۈگىشىگە ئۆيگە ئۇچقاندەك چاپتىم. دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان ئاپامنى كۆرۈپ خىجىل بولغىنىمدىن كەچۈرۈڭ ئاپا، يىغىن ئىچىپ كەچ قالدىم، قوسىقىڭىزمۇ ئاچقاندۇ؟ تاماقنى ھازىرلا ئېتىمەن، دېگىنىمچە ھويلىغا كىردىم. ئاۋۋال بۇرنۇمغا قورۇمىنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ئۇرۇلدى. ئوچاق بېشىدىكى تەخسىلەرگە ئېلىپ قويغان لەڭمەننى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن ئاپا لەڭمەن ئېتىپسىزغۇ دېيەلىدىم ئارانلا .
- قېرىپ ، تۆشىكتىن چىقىپ قاپتىمەن بالام ، قورۇمىمۇ سەل كۆيۈك تېتىپ قاپتۇ ، سىز قورىغان قورىمىدەك قىزىلى قىزىل ، يېشىلى يېشىل چىقمىدى ، يەنە بوتۇلكىدىكى شېكەرنى تۇزمىكىن دەپ بىر قوشۇق سېلىپ بولۇپ قارىسام شېكەركەن، - دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.
يولدىشىم: «ئاپام ھەم تۇز، ھەم شېكەر سېلىپ خىمىر يۇغۇرۇپتۇ، بۇ دېگەن ئىجادىيەت، ئاشپەزلەردەك لاۋىلداپ تۇرغان ئوتتا كۆيدۈرۈپ قورۇپتۇ، بۇ دېگەن ھۈنەر» دېۋىدى ، ھەممىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق . ئىشتىن ھېرىپ ھەم قورساق ئېچىپ كەلگەندە تەييار تاماقنى يېسە نېمىدېگەن راھەت . قورۇما رەڭگى قارامتۇل ھەم كۆيۈك تېتىغان ، چۆپى سەل مىچىلداپ قالغان بولسىمۇ، لەڭمەننى ئىشتىھا بىلەن يىدىم. تاماقتىن كېيىن قېيىنئانام مونچىغا چىققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى، ئۇنى باشلاپ يېقىنلا يەردىكى مونچىغا چىقتۇق .
- ئاپا، چىنە خىش بەك تىيىلغاق، ئىككىمىز بىر خانىگە كىرەيلى، دېسەم ئۇ تەستىرەك ماقۇل بولدى ، ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ خۇددىي كىچىك بالىنى يۇيغاندەك يۇيۇپ قويدۇم . ئەتىسى ئۆيىمىزنى بىر كۈن ئاۋات قىلغان قېيىنئانامنى قېيىنئىنىم «بالىلار ئاپامغا بەكلا كۆنۈپ قاپتۇ ، مەكتەپتىن كېلىپلا مومام قېنى دېيىشىپ خاپا قىلىدىكەن » دەپ بىر نەچچە كۈن تۇرسۇن دېگىنىمىزگە قارىماي ئېلىپ كەتتى . ئۆيدە چوڭلار بولسىمۇ ياخشىكەن ، دەرۋازا تاقىلىپ ، ئوت ئۆچۈپ قالمايدىكەن ، بىز ئويلاپ يېتەلمىگەن بەزى ئىشلارغا ئۇلار توغرا يەكۈن چىقىرالايدىكەن ، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشسىڭىز ئۇنىڭلا ئەمەس ، سىزنىڭمۇ بۇرۇقتىملىقتىن ئېتىلىپ كېتەيلا دەپ قالغان نېرۋىلىرىڭىز بوشاپ قالىدىكەن ، گەپنىڭ يەكۈنى ، ھېس قىلساق چوڭلار ئۆيىمىزنىڭ خۇشاللىقى ، بەرىكىتى ، بارلىقى ئىكەن . پەقەت شۇنى تونۇپ يېتەلەيدىكەن ھەم سىغدۇرالايدىغان كەڭرى قەلىب بولسىلا دېگەنلەرنى ئويلىدىم ، ياشىنىپ قالغان قېيىنئانامنىڭ ئەتكەن ئاشۇ لەڭمىنىنىڭ تەمى خېلى كۈنگىچە ئاغزىمدىن كەتمىدى ...
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئېلىندى.