22 - سېنتەبىردىن 30 - سېنتەبىرگىچە تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ مۇزىكا فېستىۋالى كونيا خەلقئارا مىستىك مۇزىكا فېستىۋالى دۇنيا مىستىك مۇزىكا فېستىۋاللىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاممىباب ۋە چوڭ تىپتىكى فېستىۋاللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. فېستىۋالدا كۆرگەزمە قىلىنغان مۇزىكىلار ئوچۇق كونسېرت بولۇپ، بېلەت تارقىتىلمايدۇ. خەلق ئاممىسىغا ھەقسىز كۆرسىتىلىدۇ.
ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ ئەلگە تونۇلغان داڭلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى سەنۇبەر سەنئەت ئۆمىكى مەزكۇر فېستىۋالغا قاتناشتى، مۇزىكا ئەترىتى تەرىپىدىن ساتار، دۇتتار ۋە تەمبۇرلار بىلەن ئورۇنلانغان ئۇيغۇر مۇقام مۇزىكىلىرى ۋە سەنۇبەرنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى تاماشىبىنلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇردى.
بۇ سەنئەت ئۆمىكى ھەسەن تۇرسۇن، ھۈسەن تۇرسۇن ۋە مىجىت يۇنۇس قاتارلىق سەنئەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ,ھەسەن ۋە ھۈسەن تۇرسۇنلار سەنۇبەرنىڭ قېرىندىشى، مىجىت يۇنۇس بولسا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىدۇر.