چىش تېشى قانداق پەيدا بولىدۇ ؟چىشنى تازلىتىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى .
ئېغىز بوشلۇقى ئادەم بەدىنىدىكى ئورگانىزىملارنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىن ئىتىشتە ئەڭ بۇرۇن خىزمەت قىلىدىغان ئورۇن .چىش بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئورگانىزىملارغا ئوزۇقلۇقلارنى چايناش ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ئېزىش ماشىنىسى .چىش يېمەكلىكلەرنى چايناش جاريانىدا ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان كالتىسىينى ئەڭ بۇرۇن قوبۇل قىلىۋالىدۇ .شۈمۈرۈشچانلىقى كۈشلۈك،چىش بويۇن قىسمى ۋە چىش مىلىكى ئاستىغا تىنىپ قېلىنغان يىمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقى شۆلگەي سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ بىرىكىشى ۋە شۈمۈرۈلگەن كالتىسىي بىلەن بىرىكىپ چىش تېشىنى پەيدا قىلىدۇ .
چىش تېشى تەركىبىدە كالتىسىي كاربونات،ماگنىي فوسفات ،كالتىسىي فوسفات ۋە باشقا نىئورگانىك ماددىلار بولغاچقا ،چىش تېشى ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ.چىش تېشى كۆپەيگەنسېرى چىش مىلىك ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چىش تېشى چىش مىلىكى كەينىگە چىكۈندۈرۈپ ،چىش يىلتىزى ئېچىلىپ قېلىپ ،سەزگۈرلىكى ئېشىپ كىتىدىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن سىرىت ،ئېغىرلاشسا چىشلارنى بوشۇتۇپ قويىدۇ .
چىش مىلىكىدىن چىقىرىلغان سۇيۇقلۇق ئالمىشىپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولماي ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.چىشنىڭ شۈمۈرۈشچانلىقى ئاجىزلاپ ،ئۆزىگە كالتىسىينى شۈمۈرەلمەي چىشنىڭ چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چىش تېشى كۆپىيىپ چىشنىڭ شۈمۈرۈشچانلىقى ئاجىزلاپ كەتسە ئۆت ۋە بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇپ قالىدۇ.يۇقارقى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىش تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان كىشىلەر يىلدا بىر قېتىم ،چىش تازلىقىغا ئېتىبارسىز قارايدىغانلار يېرىم يىلدا بىر قېتىم تازلىتىپ تۇرۇش كېرەك.