 |  |  |
 | مەن كېرىيە بازىرىدا تۇرغان مەزگىللەردە،ئوردا -سارايلارنىڭ دەرۋازىللىرىنى .ئەسلىتىدىغان ھەيۋەتلىك دەرۋازىلارنى ئۆزىگە تاشقى گۈزەللىك قىلغان،ئادەمگە ئۆزگىچە گۇزەللىك تۇيغۇسى بىرىدىغان چىغ ۋاسىلىق ئاسماق ئۆيلەردە جىق داستىخانلارغا داخىل بولدۇم.پەقەت كېرىيەگىلا خاس بولغان بۇ خىل ئاسماق ئۆي شەكلى ۋە دەرۋازا مەدەنىيىتى بۇ خەلىقنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئېتىلىپ تۇرغان گۇزەللىكنى ھەشەمەتنى سۆيۈش ئىستىكىدىن.تارىختىكى سەلتەنەتلىرىنى سېغىنىش،ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ تۇراتتى. ئەمما بۇ ياسىداق ئايۋان -سارايلارنىڭ شاھانە تۈسى ھەرقانچە قويۇق بولسىمۇ، ئۇ چىرايلاردىكى مىسكىنلىكنى ،كۆزلەردىكى مۇڭ ئالامەتلىرىنى يېپىپ قالالمايتى. |
يىراق تارىىتىن باشلاپ ۆزىنى ئۇلۇغ تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى دەپ ئويلاپ،تەبىئەت دۇنياسى بىلەن بولغان ماسلىقنى ساقلاپ كەلگەن بۇ خەلىقنىڭ ئەنئەنىگە بولغان ئېغىشچانلىقى،قەلىب دۇنياسىنى مەھكەم چىرمىۋالغان مىسكىنلىق ،غېرىبلىق،تەنھالىق تۇيغۇسى كىشىگە گارسىيا ماركوزنىڭ <يۈز يىللىق غېرىبلىق>رومانىدىكى خىيالىي كەنىت ماكاندۇ ۋە ماكاندۇلۇقلارنى ئەسلىتەتتى.
تارىختا ئۆز دەۋرىنىڭ سەركىللىرى سۈپىتىدە باشلامچىلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن بۇ خەلىقنىڭ كىيىنكى چاغلاردىكى مەنبەسىنى شۈبھىسىزكى،يىپەك يولى خارابلىقى ھەم شۇنىڭدىن كىيىن يۈز بەرگەن بىر قاتار ئىجتىمائىي ھادىسلەردىن ئىزدەشكە توغرا كىلەتتى.
يىپەك يولىدىكى كولدۇرما سادالىرىنىڭ تەدرىجىي پەسكويغا چۈشىشىگە ئەگىشىپ،جەنۇبىي يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان كېرىيەلىكلەرمۇ تارىم ۋادىسىدىكى باشقا بوستانلىق شەھەرلىرىگە ئوخشاشلا تارىختىكى پارلاق مەدەنىيەت سەلتەنەتلىرى بىلەن خوشلىشىپ .بىكىنمىچىلىك ،ئۇزاققا سوزۇلغان تەنھالىق،غېرىبلىق پاتقىقىغا پېتىشقا باشلىغان .يىپەك يولىدىكى تۆگە كارۋانلىرى ئېلىپ كەلگەن تاشقى مەدەنىيەت تەسىرلىرى ئەمدى بۇ خەلىقنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلىيالماي،ئۇلاردىكى تەسەۋۋۇر ۋە ئىجاتچانلىق روھىنى بوغۇپ قويغان.ھەر قاچان بوستانلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىغا تەھدىت سېلىپ تۇرىدىغان بىپايان چۆل ھەم ئۇنى تىزگىنلەش ھەلەكچىلىكى،تەكرار تۇرمۇش رېتىمى،تەكرار ئىشلەپ چىقىرىش شەكلى ئۇلارنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇرىدىكى چېكىنىشنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.ئىلگىرى،بالىلار ئۇزاق -ئۇزاق تۈنلەردە ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان كارۋانلارنىڭ قونالغۇ ۋە گۈلخانلىرى ئەتراپىدا ئۇلارنىڭ تاشقى دۇنيا ھەققىدىكى تۈگىمەس بايانلىرىنى ئاڭلاپ،بالىلىق دۇنياسىنى مول تەسەۋۋۇرلار،توسۇۋالغۇسىز ئىستەكلەر بىلەن تۇيۇندۇرۇپ،شەكىلسىز مائارىپتىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ قاتارغا قېتىلغان بولسا، كىيىنچە بۇ ئامەت يېڭى گۈللەنگەن پورت شەھەرلىرىگە نىسىپ بوپ كىتىپ،بۇ ماكاندىكى باللار <<يۈز يىللىق غېرىبلى>> رومانىدىكى بالىلارغا ئوخشاش ئۆسۈپ يىتىلىشتىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان روھى قاغجىراغلىقنىڭ مەھكۇملىرىغا ئايلانغان... ئۇلارنىڭ بالىلارچە تەسەۋۇرلىرى،تەبىئەت چۈشەنچىللىرى بىپايان چۆل زىرىكىشلىكى ۋە ۋاقىت ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان تۇرمۇش رىتىمدارلىقىدا بوغۇلۇپ قالغان.كىيىنچە،كىشىلەر بارغانچە ئەسلىنى ئۇنتۇپ،غېرىبلىق تەنھالىق ئازابىغا مۇپتىلا بولغان.
داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللايمەن