باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 480 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: مەسچىت نەبەۋىنىڭ تارىخى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6585
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 77
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە77دانە
ئۆسۈش: 2400 %
مۇنبەر پۇلى: 2446 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-20
ئاخىرقى: 2012-10-31
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-27 10:00

مەسچىت نەبەۋىنىڭ تارىخى

مىلادىيىنىڭ 622-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە بارغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئىشى مەسچىت سېلىش بولغان. بۇ ۋاقىتتا مەككىدىن كەلگەن مۇھاجىرلار ۋە مەدىنىلىك ئەنسارىلار ھەممە بىر قول بولۇپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىگە مەسچىت سېلىشقا كىرىشكەن. نەتىجىدە، ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇ مەسچىت پۈتۈپ چىققان. مەسچىتنىڭ قىبلىسى پەلەستىندىكى مەسچىت ئەقساغا قارايتتى، ئۇنىڭ ئۈستى خورما دەرىخىنىڭ شاخلىرى بىلەن يېپىلغان، تۈۋرۈكلىرى خورما ياغاچلىرىدىن، تېگى تاش بىلەن قوپۇرۇلغان، تاملىرى خام قىشلار بىلەن تۇرغۇزۇلغان. شۇ ۋاقىتتىكى مەسچىت نەبەۋىنىڭ كەڭلىكى 30 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 35 مېتىر بولۇپ چىققان. ئۈچ تەرەپتىن دەرۋازىسى بار ئىدى. مەسچىت نەبەۋى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلاپ ھەمىشە كېڭەيتىلىپ كەلگەن. ئاۋۋالقى 4 خەلىپە، ئەمەۋىيلەر، ئابباسىيلار، ئوسمانىيلار ۋە ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى تەرىپىدىن كېڭەيتىپ كېلىنگەن.

مەسچىت نەبەۋىنىڭ كېڭەيتىلىشى

مىلادىيە 1985-يىلىدىن 1993-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان كېڭەيتىشتە مەسچىت نەبەۋىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 165مىڭ كۋادرات مېتىرغا يەتكەن. بۇرۇن ئۇنىڭ ھەر بىرى 72 مېتىر ئېگىزلىكتە 4 مۇنارى بار ئىدى. ئۇنىڭغا يەنە ھەر بىرىنىڭ ئېگىزلىكى 104 مېتىردىن كېلىدىغان6 مۇنارە قوشۇلۇپ، ھازىر جەمئىي 10 مۇنارە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. شۇ كۈنگە كەلگۈچىلىك مەسچىت نەبەۋىنىڭ 16 دەرۋازىسى بار ئىدى. پادىشاھ فەھىدنىڭ نۆۋەتتىكى كېڭەيتىشىدە 65 دەرۋازا يېڭىدىن بېكىتىلىپ، جەمئىي 81 دەرۋازا بولغان. مەسچىت نەبەۋىنىڭ ئاستىغا ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرى ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ 8 تەرەپتىن كىرىش ئېغىزى بار. مەسچىت نەبەۋىنىڭ سىرتىدىكى كەڭ ساھەگە ئاپتوماتىك ئېچىلىدىغان كۈنلۈكلەر ياسالغان. مەسچىت نەبەۋىنىڭ شىمال، جەنۇب ۋە شەرق تەرىپىگە ياسالغان مەيداننىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 135 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. مەسچىت نەبەۋىگە 4000 دىن كۆپرەك چىراغ بېكىتىلگەن. مەسچىت نەبەۋىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە ياسالغان تاھارەتخانىلىرىمۇ ئىنتايىن مۇكەممەل ھەم زامانىۋى شەكىلدە ياسالغان بولۇپ، مەسچىتى ھەرەمنىڭ تاھارەتخانىلىرىدىن نەچچە ھەسسە ئېسىل ھەم قۇلاي قىلىپ ياسالغان. مەسچىت نەبەۋىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە ياسالغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىغا ئېلېكترونلۇق لىفتلەر بىلەن چۈشۈپ چىقىلىدۇ. مەسچىتى نەبەۋىنىڭ ئەتراپىدا 560 دانە سۇ ئىچىش تۇرۇبىسى بار.
مەسچىت نەبەۋىگە2مىليون800مىڭ ئادەم سىغىدىغان كېڭەيتىش قۇرۇلىشى باشلاندى.
amallar niyatka baglik
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9656
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 141
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە141دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 1395 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2012-09-27

بىرەر پارچە رەسىمىمۇ يوقمۇ ؟كۆرۈپ باقساق ئوبدان بولاتتى.
ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق!!!....
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئاللاھدىن شىھىتلىق مەرتىۋىسى بىرىشنى تىلەيمەن،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10900
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 277
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە277دانە
ئۆسۈش: 1200 %
مۇنبەر پۇلى: 3085 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 270 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-22
ئاخىرقى: 2012-11-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-27 13:44

ياخىشى تىما يوللاپسىز قېرىندىشىم، ئاز تولا بىلىمگە ئىگە بۇلىۋالدىم،
ھەيرانمەن ئىسمىڭىزنى ھەجەپ دۈشمەن دەپ قۇيۇپسىزغۇ؟
ھاياتىم ئۇنچىلا ئەرزىمەس ئەمەس،
جەڭ قىلىپ ئۆلۈشكەرازى بۇ يۈرەك.
ئالەمگە تارالسۇن شانۇ شۆھرىتىم،
مەنىسىز ياشىماق ماڭا نە كىرەك.