باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 529 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەخلاقسىزلىق ۋە ئاپەت
خۇتەن ئابى شىپا ئۇيغۇر تىبابەت مەھسۇلاتلىرى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 112
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە112دانە
ئۆسۈش: 1370 %
مۇنبەر پۇلى: 2115 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-11-06
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-27 02:05

ئەخلاقسىزلىق ۋە ئاپەت

 رىۋايەت قىلىنىشىچە:- 1-قېتىم يەرشارىغا ئادەملەر پەيدا بولغاندا شۇنداق ئەخلاقسىزلىقلار كۆپۇيىپ كىتىپ ئادەم ئەلەيسالام تۇسۇپ بولالماي ئاللا تائالادىن بۇ ئىنسانلارغا بىر بالايى- ئاپەت بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا ئاللاتائالا تۇپان بالاسىنى تارتۇق قىلىش ئارقىلىق بۇلارنى جازالىغان.
    دىمەك ھازىر بىزگە بالايى-ئاپەت تىلىگىلى پەيغەمبەر بولمىسىمۇ ئىنسانلار ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز مۇشۇنداق بالايى-ئاپەت تىلەپ قىلىش يولىدا كۆپ ئىزلەندۇق. جاپالىق باسقان قەدەملىرىمىز بىكار كەتمەي  1980-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئەمگەك نەتىجىمىز  ‹‹ئەيدىز›› بىلەن تارتۇقلاندى. ئەمدى بىزمۇ بۇ ئەمگەك مىۋىسىدىن تىگىشلىك نىسىۋە ئېلىش ئۈچۈن  تۇمۇز-ئسسىقتا ئۇزۇن مۇساپىلارنى بېسىپ جاپالىق تىرشىش ئارقىلىق ئېغىر كەلگەن ئەخلاق تونىمىزنى سېلىپ تاشلاپ تىگىشلىك نىسىۋىمىزنى ئالدۇق ۋە  قانداق يوللار بىلەن بۇ تارتۇقنى خەلقىمىز ئارسىغا سىڭدۈرۈش يولىدا ئىزدىنىپ ئەمدىلا داغدام ئىككى يولنى تېپىپ بۇ تىكەن دەسسەپ ئاچقان يوللىرىمىزنى  قېرىنداشلىرىمىزغا ھاياسىزلىق بىلەن كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭمۇ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن بۇ بىركەتلىك مىۋىلەرنى سۇنماقتىمىز.بۇ مىۋىلەر خېلى كۆپ ياشلارنىڭ گۈللەنگەن ئىقتىسادىغا شىپا بولغاندىن سىرىت كەلگۈسنىڭ ئۈمۈتلىك ۋە سۈيۈملىك پەرزەنتلىرىنى بىچارىلىققا،ئىللىق ئائىلىسىنى ۋەيرانچىلىققا،كۈيۈمچان ئاتا-ئانىسىنى بىتاپ(كىسەلچان)لىق بىلەن تارتۇقلاپ ياش شىرىن جېنىمىزنى ئۆزۈمىز ھۇزۇرلانغان تۇتۇندەك تۇزۇتۇپ ئادەملەر چىدىمايدىغان ھاياتلىق بىلەن خوشلۇشۇپ ئائىلىمىزنى مۇنقەرىز بىلەن مىراسلاندۇرۇپ خەلق ئارسىدىن كىتىپ قالدۇق.‹‹ئادەمدىن ھايا كەتسە ئورنىغا بالا كىلىدۇ›› دەپ بىرقىسىم قىز-ئوغلانلىرىمىزدىن ئەخلاق خېلى يىراقلىشىپ كەتتى.ئۇلار ئۆزىنىڭ ئادەملىك خسلىتىنى ئۇنۇتتى.چىن ئادەملەر تۇسالغۇسىز مېڭىۋاتقان يوللارنى سېسىتتى.
    گايى شۇنداق بىر ئىنسانلار تۇغۇلىشى بىلەن جىسمانى جەھەتتە ئولچەمگە تۇيۇنغان ھالدا تۇغۇلسا، جەمىيەتتىكى بەزى ۋىروسلار ئۇلارنىڭ بالاغەتكە يىتىشى ئارلىقىدىكى ئىدىيەسىگە سىغداپ كىرىپ، ئەسلىدىكى ئەخلاقىنى يۇقۇتۇپ، ھازىرقى جەمئيەتتىكى ئەخلاقسىزلىقنىڭ ئالدىدا ماڭالايدىغان قەھرىمانلارغا ئايلاندۇرۇپ شىرىن ھاياتلىقى بىلەن قىسقا ۋاقىتتا ئەجەپلىنەرلىك خوشلاشماقتا.
       مىنىڭ يېشىم 40 لارغا بېرىپ قالغان بولسىمۇ كىكىيۇدىكى  بۇۋاقلىقىمغا قارىماي مەلۇم بىر تۇردىشىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتقىنىمدا بىر قىز قوشۇلۇپ كىرىپ ئەھۋال سۇراپ سۆز ئارلىقىدا ‹‹بىز كۆرىشەمدۇق›› دەپ مىنى ئويلىمىغان يەردىن گاڭگىرتىپ قويدى.نىمە دىيشىمنى بىلمەي بۇ ناتۇنۇش تورداشنى كىكىيۇرىمدىم  ئۆچۇرۇپ بىردەم ئويلۇنۇپ قالدىم. بۇنداق قىزلارغا ئاتا-ئانىسى تەربىيە بەرمەمدىغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بۇلارغا تەربىيە بەرمەي مۇشۇنداق داغدام يوللاردا توختاۋسىز قاتراپ يۇرشىنى توسۇشقا جۈرئەت قىلمامدىغاندۇ؟.........ياق، باللىرىغا تەربيە بەرمەيدىغان ئاتا-ئانا بولمايدۇ،بەلكىم بۇ ئەتۋارلىق پەرزەنىت ئۆزىگە يۇقتۇرۋالغان جەمئيەت مىكروبىنىڭ تەسىرىدە تەقەززالىق بىلەن ساقلاپ تۇرۋاتقان ئەجەل ئوۋچىلىرىنىڭ چاچما ئوقلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىقا ئالدىراپ ئۇلارغا يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى قىلىپ ئاتا-ئانىلارنى ئالداپ شىرىن دۇشمىنىنىڭ  سەنىمىگە ئۇسۇل ئوينىشى مۇمكىن دىگەندەك خىياللار بىلەن،  پاراڭلىشىۋاتقان توردىشىمغا خەت يېزىشنىمۇ ئىسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن. جەمىئيەتتە بۇندق مىساللار كۆپ سالماقى ئىگەللەيدۇ.بىراق ئۇنداق كۆڭۈل خۇشى قىلىش ئۈچۈن تۇلپار مىنىۋالغان كىشىلەر ھەقىقى ئىنسانلارنى چەكسىز خىيال جەزىرىسىگە باشلاپ بۇزۇلىۋاتقان ئەخلاقىمىز ۋە دۇنياغا پاتماي جار سېلىۋاتقان  شەھۋانىلىقلارنىڭ دەردىنى  مۇشتۇمدەك يۈرىكىگە سىغدۇرۇپ يۇرۇشكە مەجبۇرلىماقتا.
    دوسلار، بەلكىم مەن يۇقۇردىكى ئاز بىرقىسىم سۆزلەرنى قىلىپ يولۋاسنىڭ بۇرۇتىغا تىگىپ كەتكەن بولۇشۇم مۈمكىن،لىكىن بو يولۋاسلارنىڭ ھەممىسى يىرتقۇچ قەغەز يولۋاس.بۇلار ئۆز يولىدا ھەرقانچە تىرىشسىمۇ شەيتاندەك لەنەت كۇدى بۇلۇپ ھەسەت ۋە ئەسەبىلىك بىلەن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.
ئاقىللار:-‹‹ئانىلار بىر قولىدا بوشۇك تەۋرەتسە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ›› دىگەن.ئاتىلار دۇنيانى ئۆزگەرتتى.ئەپسۇس بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار ۋە بۇندىن كىيىن ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ئەكىسچە بولسىمۇ ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىش يولىدا مۇشۇنداق ئاز بولمىغان رىيازەتلەرنى چەكمەكتە ۋە ئەخلاق چۈشەنچىسى يىتەرلىك بولمىغان سەبىلەرگە خېلى ئېغىر مىقداردىكى مىراسلارنى قالدۇرۇپ كۆز يۇمماقتا.
ئېزىز قېرىنداشلىرىم، ھەر بىرىمىز ھەقىقى ئىنسانلىق كۆزلىرىمىزنىڭ سىنچى نۇرلىرى بىلەن جەمئىيەتكە ئەتراپلىق قاراپ ،يۇقارقىدەك نىممەتلەرنى باشقىلاردىن تالىشىپ كۆزىمىزنى قىزارتىپ كىشىلەرنىڭ رىسقىنى تارتىۋالماي ئۆز رىسقىمىزنى ئىزدەپ ئارقىمىزغا قاراپ،چۈشۈپ قالغان ئەخلاقىمىزنى ئورتاق ئىزدىشىمىزنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
نۇپــــــــۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـــــــۇس كېمىيۋاتىدۇ

(ســـەۋەپـــــــــــــكـــــــار)
دوستلىشىش
01234567890
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12591
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 96
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە96دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 980 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-08-31
ئاخىرقى: 2012-11-06

قېرىندىشىم .ئوبدان تىما يوللاپسىز .لىكىن دىنغا ئائىت مەزمۇن بولغانىكەن چوقۇم دەلىللىك گەپ قىلىڭ .
1.«رىۋايەت قىلىنىشىچە:- 1-قېتىم يەرشارىغا ئادەملەر پەيدا بولغاندا شۇنداق ئەخلاقسىزلىقلار كۆپۇيىپ كىتىپ ئادەم ئەلەيسالام تۇسۇپ بولالماي ئاللا تائالادىن بۇ ئىنسانلارغا بىر بالايى- ئاپەت بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا ئاللاتائالا تۇپان بالاسىنى تارتۇق قىلىش ئارقىلىق بۇلارنى جازالىغان.»
......
بۇ نەنىڭ رىۋايىتى؟
بۇنداق رىۋايەت يوق !
توپان بالاسى  ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئەمەس بەلكى نۇھ ئەلەيھىسسالامىنڭ دەۋرىدە يۈزبەرگەن.
2.« دىمەك ھازىر بىزگە بالايى-ئاپەت تىلىگىلى پەيغەمبەر بولمىسىمۇ ...»
سىز پەيغەمبەرلەرنى مەخسۇس بالايى ئاپەت تىلەيدىغانلار دەپ قالدىڭىزما ؟
بەلكى ئۇلار ئىنسانلارغا رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەندۇر.
كەچۈرۈڭ .يۇقارقى مەزمۇنلار دىنغا ئائىت مەزمۇن بولغاچقا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمىدىم ،توغرا چۈشىنەرسىز.
دوستلىشىش
مەھلىيا
ئاللاھدىن شىھىتلىق مەرتىۋىسى بىرىشنى تىلەيمەن،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10900
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 277
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە277دانە
ئۆسۈش: 1200 %
مۇنبەر پۇلى: 3085 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 270 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-22
ئاخىرقى: 2012-11-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-27 13:41

مەنمۇ شۇنى دەپ قوياي دىگەن، پىكرىڭىزنى قوللايمەن، تۇپان بالاسىنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ئەمەس بەلكى نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىگە تىلىگەن، ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كىيىن تۇنجى بۇلۇپ زىمىن ئەھلىگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر.
نۇھ ئەلەيھىسسالام مۇرسەل پەيغەمبەرمۇ ياكى ئەمەسمۇ ئىنىق بىلەلمەي قالدىم، بىلىدىغانلار بىر تۈزىتىش بىرىۋىتەرسىلەر.
ھاياتىم ئۇنچىلا ئەرزىمەس ئەمەس،
جەڭ قىلىپ ئۆلۈشكەرازى بۇ يۈرەك.
ئالەمگە تارالسۇن شانۇ شۆھرىتىم،
مەنىسىز ياشىماق ماڭا نە كىرەك.
دوستلىشىش
مۇسىلىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10703
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 411
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە411دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 4311 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-10-21
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-27 15:02

ھايا يوقتا ئىمان يوق.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12791
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-09-28
ئاخىرقى: 2012-10-12
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-28 22:23

ھايا يوقتا ئىمان يوق.  بۇ ئىنتايىن توغرا سۆز ......
ئەسسالام