ئانا،
تەكلىماكان
جاينامىزىڭدەك ئۇلۇغ بىر زىمىن.
سۈكۈناتتا دۇرۇت ئوقۇيدۇ
ئۇنۇڭدىكى باچە مەخلۇقات.
قۇم باغرىدا سېنىڭ بىر كەپەڭ،
كەپەڭدا بار قازان قومۇچۇڭ،
ساپال قاچاڭ،ياغاچ قوشۇقۇڭ،
ئسلىق مورا قىيسىق ئوچۇقۇڭ،
مورا بېشىدا ساپال چىرىقىڭ،
ساڭا ھەمرا بىر يارغۇنچىقىڭ،
سۇپراڭدا تاختا- نوغۇچۇڭ،
سۆيۈملۈكۈڭ ياۋاش مۈشۈكۈڭ،
بىزنى باققان كونا بۆشۈكۈڭ،
ئۆڭۈپ كەتكەن كونا ئۆتۈكۈڭ،
قوزۇقتىكى كۆرپە تۇمىقىڭ،
ئوچاقتىكى قارا چۆگۈنىڭ،
تەكچەڭدىكى بىرلا چەينىكىڭ،
ئاھ!
غېرىب ئانا،
شۇدۇر سېنىڭ تۇرمۇش بۇيىمىڭ.
دوك بولۇپ كەتكەن ئۇزۇن ئۆمرۈڭدە،
شۇدۇر سېنىڭ تاپقان-تەرگىنىڭ.
ئۇيقىدىكى كىروران خانىش
كۆرگەنمىدۇ سېنى چۈشىدە.
ئانا،
بىزنىڭ يۇرىتتا -تەكلىماكاندا
ھالسىرايدۇ قوشتىكى كالا،
قىرقىرايدۇ بۆشۈكتە بالا.
پىتىرىشىدۇ تەرەپ -تەرەپكە
غالجىر ئىتتىن ئۈركىگەن پادا.
قورىنىدۇ شۇنچە ئۇياتچان
قىز بالىدەك يۈرەكسىز دالا.
بۇ دالادا ئادەم بەك تولا.
غىچىرلايدۇ توپىلىق يولدا
مايسىرىغان ياغاچ ھارۋا.
ئىشتان بېغى ساڭگىلاپ قالغان،
تىزى يىرتىق يالاڭ ئاياق بالا،
يۈدىۋېلىپ كونا بوغچىنى
ئوقىماقتا مۇشۇ سەھرادا.
مومىسىنىڭ چۆچەكلىرىنى
ئۇ تىڭشايدۇ كۇلۇڭ ئالدىدا،
تىڭشاپ-تىڭشاپ ئۇخلاپ قالغاندا،
كۆرەر تېخى شېرىن چۈشلەرنى.
چىقىۋېلىپ ئۇچار گىلەمگە
كۆرۈپ كىلەر گۈزەل شەھەرنى.
تېپىۋالار گاھىدا تېخى
خاسىيەتلىك <ئۇر توقماق>نىمۇ،
ئۇچراپ قېلىپ چىن تۆمۈر باتۇر
بېرەر ئاڭا <مىسران قىلىچ>نى.
ئانا،
ئانا ئۈچۈن ۋەتەن بىر بالا،
بالا ئۈچۈن ۋەتەن بىر ئانا،
شۇڭا دەيمىز تىنىچلىق ياخشى.
ھەركىشىنىڭ ۋەتىنى بولسا،
ئۇنى شۇنداق قۇچاقلاپ سۆيسە،
ئەنە شۇدۇر تىنىچلىق دىگەن،
ئەنە شۇدۇر قۇربان بېرىش ھەم
ئەنە شۇدۇر ۋىجدان دىگەن ھەم.
ۋەتەن،
كىرپىكىڭدە تۈنەيدۇ
قۇش چۆجىسىدەك.
{ئابدۇلباسىت ئابدۇراھماننىڭ<ئانا>ناملىق داستانىدىن ئېلىندى
ئۆمەرجان ئىمىننىڭ <تارىم يۈرىكىدىكى ئوت> ناملىق ئەسىرىنىڭ بىر قىسىمىنى ھوزۇرۇڭلاغا سۇنماقچىمەن داۋامى بار