بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا مەلوم بىر تور بېكىتىگە يۇللانغان بىر پارچە ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم بۇ ماقالىدە ئائىلەمدە يۈز بەرگەن ئىشلار تەسۋىرلەنگەن بولوپ ئائىلىمىزنىڭ شەخسىي سىر ھوقۇقىغا چېقىلغان ئىكەن ،ماقالىدا ھەتتا بىزنىڭ ئولتۇرۇشلۇق ئادرېسىمىز ھەمدە ئىسىملارمۇ يېزىلغان بولغاچقا ،بىزنى تونۇيدىغانلار بۇ ماقالىنى كۆرسە دىيىلگەن گەپلەرنى راس ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قىلىپ يامان تەسىر پەيدا بولىشى مۇمكىن،مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىز مەنپىئەتمىزنى قانداق قوغدايمىز؟مەسلىھەت بېرىلسە؟
ئۇرۇمچىدىن ماھىرە
.........
ماھىرە خانىم ھوقۇقىغا چىقىلىشى جاۋاپكارلىقى قانۇننىڭ 36-ماددىسىدا تور ئابۇنىتچىلىرى تور مۇلازمىتى قىلغۇچىلاردىن باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھوقۇقىغا توردىن پايدىلىنىپ زىيان يەتكۇزگەنلىرى ھوقۇقىغا چېقىلىشى جاۋاپكارلىقىنى ئۇستىگە ئېلىشى كىرەك ،تور ئابۇنىتچىلىرى تور مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا چىقىلغان بولسا ھوقۇقى چىقىلىنغۇچى ئۆچۈرۋىتىشى،نىقابلاش،ئۈزىۋىتىش قاتارلىق زور تەدبىرلەرنى قۇللىنشى ھەققىدە تۇر مۇلازمىتى قىلغۇچىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ھوقۇقلوق ،تور مۇلازمىتى قىلغۇچىلاردىن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن،ۋاقتىدا زۆرۈر تەدبىر قۇللانمىغانلىرى زىياننىڭ كۆپىيىپ كەتكەن قىسمى ئۇچۈن شۇ تور ئابۇنىتچىسى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ،تور مۇلازمىتى قىلغۇچىلاردىن تور ئابۇنىچتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تور مۇلازىمىتدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنىڭ ھەق تەلەپ ھۇقۇق مەنپىئەتىگە زىيان يەتكۇزۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ زۆرۈر تەدبىر قۇللانمىغانلىرى شۇ تور ئابۇنىتچىسى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ ،دەپ بەلگىلەنگەن ،
دىمەك ،يۇقۇرىقى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا سىلەر تور مۇلازمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىدىن بۇ ماقالىنى ئۆچۈرۋىتىشىنى تەلەپ قىلىشى بىلەن بىللە ،تور مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ۋە شۇ ماقالىنى يېىزىپ يۇللىغان تور ئابۇنىتىچىسى ئۈستىدىن سوتقا دەۋا قىلىپ مەنپىئەتىڭلارنى قۇغدىساڭلار بولىدۇ
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 18-سىنتەبىر ساندىن