باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2128 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: قەلبنى ئىسلاھ قىلىش
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10202
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 149
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە149دانە
ئۆسۈش: 690 %
مۇنبەر پۇلى: 1866 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-05
ئاخىرقى: 2012-10-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-20 03:45

قەلبنى ئىسلاھ قىلىش

قەلبنى ئىسلاھ قىلىش



قەلبنىڭ ساغلاملىقى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر قانداق بىر مەنىۋى كېسەللىك ۋە بارچە يېتەرسىزلىكلەردىن ساق بولىشى ئىنسانلىقنىڭ، جۈملىدىن مۇسۇلمانلىقنىڭ تەلەبلىرىدىن بىرىدۇر.

خۇددى تۆمۈر داتلانغاندەك قەلبمۇ داتلىشىدۇ، خۇددى بۇزۇلغان گۆشنى مىكروب قاپلىغاندەك بۇزۇلغان قەلبنىمۇ مىكروبلار قاپلايدۇ.

ئىنساننىڭ قەلبى تۈزۈلسە، ئۇنىڭ باشقا ئورگانلىرىنىڭ ئىشلىرىمۇ تۈزۈلىدۇ، ئۇنىڭ قەلبۇ بۇزۇلسا، ئۇنىڭ بارچە ئىشلىرىمۇ بۇزۇلىدۇ. قەلب قوماندان، باشقا ئورگانلار ئەسكەردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ«ئۇنۇتماڭلاركى، تەندە بىر پارچە گۆش بار بولۇپ، ئۇ تۈزۈلسە، جىمى بەدەن تۈزۈلىدۇ، ناۋادا ئۇ بۇزۇلسا، جىمى بەدەن بۇزۇلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ قەلبتۇر»دېگەن ھەدىسى بۇنى ئىپادىلەيدۇ.

ئىماننىڭ تاكامۇللىقىمۇ قەلبنىڭ ساغلام بولىشىغا باغلىقتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە:« بەندىنىڭ قەلبى تۈزەلمىگىچە ئۇنىڭ ئىمانى تولۇقلانمايدۇ، ئۇنىڭ تىلى تۈزەلمكىگىچە ئۇنىڭ قەلبى تۈزەلمەيدۇ»دەپ كۆرسەتكەن.

قىيامەت كۈنىدە ئەسقاتىدىغىنمۇ ساغلام قەلبتۇر. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان ئايەتلەردە«ساغلام قەلب» ئىككى ئورۇندا زىكىر قىلىنغان ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خۇددى جىمى پەيغەمبەرلەرنىڭ پېشىۋاسى بولغىنىدەك، ساغلام قەلب بابىدىمۇ ئىنسانىيەتكە پېشىۋا ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان.

قەلبنىڭ ساغلام بولىشىدىن ئۇنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە زىت كېلىدىغان ئېتىقاد، پىكىر ۋە ئېقىملەردىن خالىي بولغىنىدەك، كىشىلەرگە قارشى دۈشمەنلىك، كۆرەلمەسلىك، ئۆچمەنلىك، كۆڭلى تارلىق قاتارلىق مەنىۋى كېسەللىكلەردىن خالىي بولىشى ۋە ھەر كىمگە كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، ئەپۇچان، مەرد، كۆيۈمچان بولىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

قەلبنى ئىسلاھ قىلىش ئىشى ھەر قانداق بىر ئورگاننى ئىسلاھ قىلىشتىن قىيىن ۋە مۇشەققەتلىك بولغان بىر كۈرەشتۇر. چۈنكى قەلبنى ئىسلاھ قىلىش نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقىغا قارشى قاتتىق كۈرەش قىلىپ، ئۇنى يېڭىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش. شۇڭا نەپسنىڭ شۆھرەتكە، مال-دۇنياغا ۋە ھەر قانداق بىر ئىنسانىي ھەۋەسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىنى يېڭەلمىگەنلەر نەپسنى ئىسلاھ قىلىش جېڭىدە يېڭىلگەن بولىدۇ. نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقىنى يېڭەلمىگەن ئادەم قەلبىنىمۇ ئىسلاھ قىلالمايدۇ.

قەلب ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرى چۈشىدىغان جاي

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ تەققى تۇرۇقۇڭلارغا ياكى مال-دۇنيايىڭلارغاس قارىمايدۇ. بەلكى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋە ئەمەلىڭلارغا قارايدۇ»دېگەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، قەلب ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرى چۈشىدىغان جاي.

يۈزنى سوۋۇنلاپ پاكىز يۇيۇپ، كىيىمنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى كىيىپ، ئۆزىگە خۇشپۇراقلارنى چېچىپ تاشقى قىياپەتنى كىشىلەرگە چىرايلىق ۋە پاكىز قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپ چىقىم ياكى كۆپ تىرىشچانلىق كەتمەيدۇ. ئەمما قەلبتىكى ئۆچمەنلىك، كۆرەلمەسلىك، دۈشمەنلىك، ئىچى تارلىق قاتارلىق ئىللەتلەرنى تەۋبە-ئىستىغفارنىڭ سۈيى بىلەن يۇيۇپ، نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقىنى يېڭىپ، ئۇنى ئاللاھ تائالاغا پاك پاكىز قىلىپ كۆرسىتىش ئوڭاي ئىش ئەمەس.

ئىچكى دۇنياسىنى تۈزەپ، ئۇنى ئىسلام ئەخلاقىي بىلەن پارلىتىشقا ھېچ ئەھمىيەت بەرمەستىن، پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشىگىلا ئەھمىيەت بېرىدىغان، كىيىنىش، گەپ-سۆز ۋە يۈرۈش- تۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىدا بىرەر ئەيىب-نۇقسان كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن ياكى بىرەر يولسىزلىقى سەۋەبلىك ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا رەسۋا بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلىپ، ئۆزىنىڭ تاشقى ئەيىبلىرىنى يۆگەشكە شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغان ياكى قىسقا بىر تەبىر بىلەن ئېيتقاندا، ئاللاھ تائالا ئەڭ ئاۋۋال قارايدىغان جاينى چىرايلىق كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بەرمەستىن، ئىنسانلار قارايدىغان جايلارنى چىرايلىق، پارقىراق قىلىپ كۆرسىتىشكىلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلار رىياكارلادۇر.

زامانىمىزدىكى مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا نەزەر سېلىپ تۇرىدىغان قەلبىنى ئۇنىڭغا چىرايلىق ۋە پاكىز كۆرسىتىشكە، ئىنسانلار قارايدىغان تاشقى ئەزالىرىنى چىرايلىق، ئېسىل ۋە كۆركەم كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بەرگەنچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغان بولسا ئىدى، ئەھۋال باشقىچە بولغان بولار ئىدى.

قەلب ئەڭ ئۆزگىرىشچان ئوگاندۇر

مىقداد ئىبنى ئەسۋەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:« ئادەم بالىسىنىڭ قەلبى خۇددى قايناۋاتقان قازاندىنمۇ بەك ئۆزگىرىشچاندۇر»دېگەن. بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەمىشە«ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! مېنىڭ قەلبىمنى دىنىڭدا مەھكەم قىلغىن»دەپ دۇئا قىلىشىدىكى ھېكمەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. قەلب سۆزى ئەرەب تىلىدا «ئۆزگىرىش» دېگەن سۆز يىلتىزىدىن چىققان بولۇپ، لۇغەت ئېتىبارى بىلەن ئۆرۈپ چۆرۈگەننى ئىپادىلەيدۇ.

قەلبنى ئىسلاھ قىلىش دېگەن خۇددى ئۆينى سۈپۈرگەندەك كۆڭۈلدىكى يامانلىقلارنى، ئۆچلۈك-ئاداۋەتلەرنى ۋە بارچە يامان ئىللەتلەرنى بىر قېتىمدىلا سۈپۈرۈپ تاشلاپ قۇتۇلىدىغان ئوڭاي ئىش ئەمەس. بەلكى ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەپسنىڭ ئىسيانكارلىقى ۋە شەيتاننىڭ كۈشكۈرتىشىنى باستۇرۇپ، قەلبنى ھەمىشە ئۆز كونترولىدا تۇتۇپ، سەگەك، ھوشيار بولۇش، سىرتتىن كىرىدىغان مەنىۋى مىكروب تۇمانلىرىدىن قەلبنى قوغداش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

قەلبتە بولىدىغان زىددىيەتلەر

ئىنسان قەلبى ھەر خىل زىددىيەتلىك سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇپ، بەزىلەرنىڭ قەلبى يۇمشاق كەلسە، بەزىلەرنىڭ تاشتەك قاتتىق كېلىدۇ، بەزىلەرنىڭ سۈتتەك ئاپئاق كەلسە، بەزىلەرنىڭ قاپقارا كېلىدۇ. قەلبنىڭ يۇمشاقلىقى ئەسىرى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قاتتىقلىقى كۇپرىنىڭ ئەسىرىدۇر. شۇنىڭدەك، قەلبنىڭ ئاقلىقى ياخشى ئەمەلنىڭ ئىزى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ قارىلىقى گۇناھ-مەسىيەتنىڭ ئىزىدۇر. شۇڭا گۇناھ-مەسىيەتلەرنى ئىككىلەنمەستىن قىلىدىغان ئادەملەرنى كىشىلەر«قەلبى قارا ئادەم»دەيدۇ. گۇناھ-مەسىيەنىڭ قەلبنى قارايتىۋېتىدىغانلىقى ۋە ياخشى ئەمەللەرنىڭ قەلبنى يۇرۇتىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەر بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ.

بىراۋنىڭ قەلبىدىكى زىددىيەتلەر ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىنى ياكى دوزاخقا كىرىشىنى بەلگىلەيدۇ. بىر مۆمىن ئايالنىڭ بىر مۈشۈكنى نان، سۇ بەرمەي باغلاپ قويغانلىقى سەۋەبلىك دوزىخى بولۇپ كەتكەنلىكى ۋە يەنە بىر بۇزۇق ئايالنىڭ ئۇسسۇزلىقتىن ھالسىراپ قالغان بىر ئىتقا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنى سۇغۇرۇپ قويغانلىقى سەۋەبلىك جەننىيى بولۇپ كەتكەنلىكى بۇنىڭ مىسالى. چۈنكى قەلبنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن، قەلبنىڭ يۇمشاقلىقى ئۇنىڭ ساغلاملىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

قەلبنىڭ ساغلاملىقى جەننەتنىڭ كاپالىتىدۇر

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلغان:«بىز بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق. ئۇ"ھازىر سىلەرگە جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر ئادەم كېلىدۇ"دېدى. راستىنلا ئەنسارلاردىن بىر ئادەم كەلدى. ئۇ تاھارەت ئېلىپلا كەلگەنلىكىدىن ئۇنىڭ ساقىلىدىن سۇ تامچىلاپ تۇراتتى. ئەتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە شۇنداق دېدى، يەنە شۇ ئادەم شۇ ھالىتىدە ھازىر بولدى، ئۈچىنچى كۈنىمۇ شۇنداق بولدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆھبەتتىن تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر ھېلىقى ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى ۋە ئۇنىڭغا"دادام بىلەن قېيىدىشىپ قېلىپ، ئۈچ كۈنگىچە ئۇنىڭ يېنىغا كىرمەسلىككە قەسەم قىلغان ئىدىم. شۇڭا سەن مېنى ئۈچ كۈن قوندۇرغان بولساڭ"دەپ ئۆتۈندى، ئادەممۇ قوبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كەتتى. كېيىن ئابدۇللانىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇ ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۈچ كۈن بىللە تۇرۇش جەريانىدا، ئۇنىڭدا سەھەر ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ بامدات ۋاقتىغىچە ئاللاھ تائالاغا زىكىر ۋە تەكبىر ئېيتىشتىن باشقا ھېچقانداق ئارتۇقچىلىق كۆرمىگەن، پەقەت ئۇنىڭ ھەمىشە ياخشى سۆز قىلدىغانلىقىدىن تەسىرلەنگەن. ئابدۇللا مۇنداق ھېكايە قىلىپ بەرگەن«ئۈچ كۈن توشقاندىن كېيىن، مەن ئۇ ئادەمنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرىنى ئاددى ساناپ قالدىم ۋە ئۇ ئادەمگە" ئەي ئاللاھنىڭ بەندىسى! مەن راستىمنى ئېيتسام مەن دادام بىلەن قېيىدىشىپ قالغان ئەمەسمەن. پەقەت رەسۇلۇللاھتىن سېنىڭ جەننەت ئەھلىدىن ئىكەنلىكىڭىزنى ئارقا-ئارقا ئۈچ كۈن ئاڭلاپ ساڭا قىزىقىپ قالغانتىم. شۇڭا سېنىڭ ئەمەللىرىڭنى ئۆگىنىپ ساڭا ئەگىشەي دىگەن مەقسەتتە سېنىڭ ئۆيۈڭگە كەلگەنتىم. ئەمما قارىسام چوڭ بىر ئىشلارنى قىلغىنىڭنىمۇ كۆرمىدىم. سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھلى جەننىتى دېيىشىگە سازاۋەر قىلغان ئىشىڭ زادى قايسى؟"دەپ سورىدىم. ئادەم"مېنىڭ ئەمەللىرىم پەقەت سەن ئۈچ كۈندىن بېرى كۆرگىنىڭ شۇ، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ يېنىدىن قايتىۋاتقانتىم. ئۇ مېنى چاقىردى ۋە مۇنداق دېدى" مېنىڭ قىلىدىغان ئەمەللىرىم سەن كۆرگەنلىرىڭنىڭ ئۆزى. باشقىسى يوق. پەقەت مەن مۇسۇلمانلاردىن ھېچكىمگە يامانلىق سېغىنمايمەن، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ياخشىلىقلىرىغا كۆز قىزارتمايمەن". شۇ ۋاقىت مەن ئۇنىڭغا"ھە، ئەمدى بىلدىم. سېنى بۇ دەرىجىگە يەتكۈزگەن ۋە بىزنىڭ قولىمىزدىن كەلمەيدىغان ئىش بۇ ئىكەندە"دېدىم.»( ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس.)



مۇھەممەد يۈسۈپ
مەنبە:      ساجيەتورى
、ئەسالامۇ ئەلەيكۇم!
دوستلىشىش
abdurrahman
قۇلاق سېلىڭلا،نىمە ئاۋاز بۇ.....ئاللاھۇ ئەكبەر.....
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10656
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 308
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە308دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 3190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-04
ئاخىرقى: 2012-10-27

ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن،بىر ھازا جىممىدە بولۇپ قالدىم.ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ئىللەت تۇزەلمىسە، مىللەت تۇزەلمەيدۇ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4482
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1040
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1040دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 6751 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-07
ئاخىرقى: 2012-10-28
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-20 10:40

ھەر قانداق ئادەم قەلبىنى ئىسلاھ قىلسا ،بىر ئائىلە ئىسلاھ بۇلىدۇ.  بىر ئائىلە ئىسلاھ بولسا مۇسۇلمانلا   دۇنياسى ئىسلاھ بولدى دىگەن گەپ.........تىمىڭىزغا تەشەككۇر
بىز نۇمۇس قىلىشىمز كىرەك...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1962
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-20 11:22

ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! مېنىڭ قەلبىمنى دىنىڭدا مەھكەم قىلغىن! ئامىن...
دوستلىشىش
تاھىربەگ
يا بولغۇنۇڭ كەبى كۆرۈن، يا كۆرۈنگىنىڭ كەبى بول
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 2946
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2946دانە
ئۆسۈش: 5950 %
مۇنبەر پۇلى: 35851 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-10-25
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-20 17:04

قەدئەفلەھە ۋەمىن زەككەھە...
جاھان رەنالىرى ئىچىرە، بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق.
بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ، بولۇر ئۇ گاھىدا بار يوق.
دوستلىشىش
112233445566
سەبىر................!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12740
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-09-21
ئاخىرقى: 2012-10-24
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-21 11:03

ياخشى تېمىكەن ئاللاھ ئەجىرنى بەرسۇن!!!!!!!!!!!
torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 615
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە615دانە
ئۆسۈش: 1670 %
مۇنبەر پۇلى: 7992 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-28
ئاخىرقى: 2012-10-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-21 11:29

قەلبنىڭ ئەرەبچىدىكى مەنىسى يەشسەك خاھىش ۋە نەفسى ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇرچىدا چۈشەنسەك ئۆزلۈك، يۇرەك بولىدۇ.
پۇتۇن دۇنيادا قۇرلۇشلار بىر قەلپ بىلەن لاھىيە چىرتييۇز، خەرىتە، پىلان بىلەن بولىدۇ.  ئىنشا اللە يەنى ئىنشائات قۇرلۇش لاھىيىگۇچىسى بولغان اللە خالىغاندا بەندە خالايدۇ.
بۇنىڭ يامان ۋە يامىنى بولىدۇ. ئۆزىنى مۇھـاج بىلىپ ئالەملەرنى خوجىسى، پادىشاچى ئىگىسى، ئاسىرغۇچىسى، قوغدىغۇچىسى، ھەر دەقىق تەسەۋۇپ قىلىپ رىزىقلاندۇرغۇچىغا سەجدە قىلىپ سىزدىشىپ تۇرىدىغان قەلپ ئەڭ ياخشى قەلپتۇر. اللە قەلپ بىلەن ئىنسان ئارىسىدا توسالغۇ بولىدۇ. ئۆزىنى بىھاجەت سانىغۇچى اللەغا سەجدە قىلالمايدۇ. پادىغاھنىڭ ئوردىسى بولغان مەسچىتكەرنىڭ ئالدىدىن ئوتىدىيۇ ئىككى رەكەت سەجدە قىلىپ چىقمايدۇ.
اللە ھەممىمىزگە ساغلام قەپ ئاتا قىلسۇن. ئامىن!
اللە ئالىم!
http://torsodisi.blogbus.com مەرھابا!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10644
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 24
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە24دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 250 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-03
ئاخىرقى: 2012-10-17
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-21 15:19

4-قەۋەت (تاھىربەگ) نىڭ يازمىسىغا

ۋەششەمسىنى بىر ياتلاپ باقساڭلا بۇپتىكەن،قىرائىتىمنى بىر تۈزۋالاي   
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5811
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1755
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1755دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 18547 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-22
ئاخىرقى: 2012-10-28
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-25 13:31

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتىللاھى ۋەبەرەكەتىھۇ ،   اللە كۆپ ئەجىرلەر ئاتا قىلسۇن ، اميىن !
اللا
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10202
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 149
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە149دانە
ئۆسۈش: 690 %
مۇنبەر پۇلى: 1866 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-01-05
ئاخىرقى: 2012-10-29
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-25 14:34

8-قەۋەت (arzuyum) نىڭ يازمىسىغا

ۋەلەيكۇم ئەسالام ۋەرەھمۇتىللاھى ۋەبەرەكەتىھۇ ,ئاللاھ ھەر بىرمىزنىڭ قەلبنى ئىسلاھ قىلشقا ،پاك ئخلاس بىلەن ياشاشقا مۇيەسەر قىلغاي!!!
、ئەسالامۇ ئەلەيكۇم!