باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2073 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: جۇڭگۇ بايلىرى نىمىشقا ۋەتىنىنى سۆيمەيدۇ؟
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 677
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە677دانە
ئۆسۈش: 2440 %
مۇنبەر پۇلى: 9269 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-10-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-18 21:56

جۇڭگۇ بايلىرى نىمىشقا ۋەتىنىنى سۆيمەيدۇ؟

زامانىمىزدىكى  جۇڭگۇ بايلىرى نىمىشقا ۋەتىنىنى سۆيمەيدۇ؟
جۇڭگۇ بايلىشىپ،  دۆلەتمەنلەر تۇرمۇشىغا قەدەم باسقانلار بارغانچە كۆپەيدى.جۇڭگۇدا ئائىلە مۆلىكى 1 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلار 1 مىليۇندىن ئاشتى.جۇڭگۇلۇق دۆلەتمەنلەر داچىدا تۇرىدۇ، باۋمادا ئولتۇرىدۇ، مەخسۇس سېتىۋالغان ئايرۇپىلانى ، ئىككىنچى خوتۇنى بار، داڭلىق رەسىملەرنى ساقلايدۇ، دۇنيانى ئايلانغانغاچ چەتئەلگە كۆچىدۇ.ئەمما ئۇلار بارغانسىرى ۋەتېنىنى سۆيمەيدىغان بولغانلىقىنى  ئەمەلىيېتىدە ئىپادىلىمەكتە.
    بىرىنچىدىن: مىڭبىر ھىيلە-مىكىر بىلەن چەتئەلگە كۆچمەن بولماقتا.جۇڭگۇنىڭ بايلىرى چەتئەلگە كۆچمەن بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ.ئامېرىكا، كانادا، گىرمانىيە،ئەنگىلىيە، ھەتتا كورىيە،سىنگاپۇر، ھەممە جايدا جۇڭگۇلۇق دۆلەتمەنلەرنىڭ سايىسى چاقناپ تۇرىدۇ.ئامېرىكا دۆلەت زېمىنى  بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكنىڭ ئېلان قىلغان كۆچمەنلەرگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلى جەمئى 70000 جۇڭگۇلۇق ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىسىغا ئېرىشكەن بولۇپ، مېكسىكىدىن قالسىلا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا باشلاپ ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىسىنى ئالغان جۇڭگۇلۇقلار ئۆزلۈكسىز " تەرەققى قىلىپ زورايغان" بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى 170900 ئادەمدىن كۆپىيىپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا 342100 ئادەمگە يەتكەن. ھالبۇكى 21 –ئەسىرنىڭ ئالدىنقى 9 يىلىدا بۇ سان شىددەت بىلەن كۆپىيىپ 591700 ئادەمگە يەتكەن.30 يىل ئىچىدە جەمئى 1100000 ئادەم ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىسىغا ئېرىشكەن.
كۆچمەن بولۇپ بولغان بايلار ھەر ھالدا كۆڭلىدىكى بىر ئىشىنى تۈگەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇنلىغان بايلار كۆچمەن بولۇشنى پىلانلىغان.اوبۇس خەنزۇچە تورىنىڭ بىر پارچە ماقالىسىدا تەكشۈرۈلىشىچە، بىخەتەر بولماسلىق سىزىمىنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا جۇڭگۇدىكى بايلار توپى چەتئەلگە كۆچمەن بولۇشنى ئۆزىنىڭ ھايات ئىستىكى قىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە يەنە كۆرسىتىلىشىچە ئۇلارنىڭ 100 مىليۇن يۈەندىن ئارتۇق كاپىتالغا ئىگە كىشلەر توپى ئىچىدە %27 تى ئاللىقاچان كۆچمەن بولۇپ بولغان، %47 پىرسەنتى ھازىر ۋەتىنىدىن ئايرىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. جۇڭگۇ تاشقى –ئىقتىساد سودا ئونۋېرىستىتى ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن فىراففىسۇرى لى چاڭ ئەننىڭ ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، باي كۆچمەنلەرنىڭ ئېلىپ كەتكىنى پەقەت تىرىليونلىغان كاپىتال بولماستىن، بەلكى تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى قابىلىيەتلىكلەر قاتلىمنىڭ ئېقىپ كېتىشى ئىكەن.جۇڭگۇ ھازىر "ئىقتىساسلىقلار قەھەتچىلىكى" خەتىرىگە يۈزلەنمەكتە ئىكەن.
ئىككىنچىدىن؛ۋاستە تاللىماي بايلىقىنى چەتئەلگە يۆتكىمەكتە.جۇڭگۇ بايلىرى زور مىقداردىكى بايلىقىنى ئۆز دۆلىتىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، " بايلىقنى يۆتكەش، بايلىقنى يوشۇرۇپ باجدىن قىچىش" مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. " جۇڭگۇ بايلىرى تىرىليون پۇللارنى سۈپۈرۈپ قىزىق چەتئەلگە قاچماقتا" ناملىق تېمىدا ئاشكارلىنىشچە، جۇڭگۇنىڭ تەخمىنەن %60 يۇقىرى كاپىتاللىق شەخىسلىرىدىن 10 مىليۇن يۈەندىن يۇقىرى مەبلەغ كاپىتالىغا ئىگە كىشلەر كاپىتالنى كۆچۈرۈشنى ئويلىشىپ تۇرماستىن ئاللىقاچان تىزلىكتە كۆچمەن بولۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولغان.
جۇڭگۇ بايلىرى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان چەتئەلگە 170 مىليارد يۈەن بايلىقنى توشۇپ بولغان.ئامېرىكا مالىيە مىنىسىرلىكنىڭ قانۇنغا خىلاپ پۇللارنىڭ ئېقىش يۈزلىنىشىنى تىزگىنلەش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە:  ئۆتكەن يىلى ياز پەسلىدىن بۇيان جۇڭگۇدىن چەتئەلگە مەخپىي يۆتكىۋېتىلگەن نەق پۇل زور مىقداردا ئاشقان. پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات " يەر شارى پۇل-مۇئامىلە سەمىمىيىتى"( Global Financial Integrity)نىڭ دىيىشىچە:جۇڭگۇنىڭ  قانۇنسىز مەبلىغىنىڭ سىرىتقا كۆچىشى يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ئىكەن.2000-يىلدىن 2008- يىلغىچە بولغان  ۋاقىتتا جۇڭگۇدىن سىرىتقا ئېقىپ كەتكەن پۇلنىڭ ئومۇمى مىقدارى 2 تىرىليون 180 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.باشقىچە ئېيىتقاندا جۇڭگۇنىڭ غايەت زور نوپۇسىغا نىسبەتەن ھەر بىر ئادەمگە 1600 ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كېلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە بايلار مال-مۆلىكىنىڭ يۆتكەلگىنى %95 تىن يۇقىرى.
ئۈچىنچىدىن: باش قاتۇرۇپ دۆلەت سىرتىدا تەرەققى قىلىش.جۇڭگۇ بايلىرىدىن چەتئەلدە تەرەققى قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىرى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن.بۇ يىل ئىككىنچى ئايدا، ۋانكوۋىردا يەر-مۆلۈك باشقۇرۇش كەسپىدە " تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن" دەرىجىدە قىزىش كۆرۈلدى.جۇڭگۇلۇق مەبلەغ سالغۇچىلار كۈچىنىڭ بارىچە تالىشىپ تۇرۇپ تۇرالغۇ، رەت-رەت داچا، ساراي –يۈرۈشلۈك ياتاق بىناسى سېتىۋالغان. سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىن %70 ئاشقان.ئامېرىكا بىلەن كانادادىن تاشقىرى ئەنگىلىيەنىڭ ئۆي-مۆلۈك بازىرىمۇ جۇڭگۇلۇق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نەزەر سالىدىغان جايى بولۇپ قالغان." كۆزئەينەك گېزىتى " قورققىنىدىن؛-پۇلدار جۇڭگۇلۇقلار ئەنگىلىيەلىكلەرنى ئۆي- مۆلۈك بازىرىدىن سىقىپ چىقاردى، دەپ جار سالدى. لوندۇن ئۆي-مۆلۈك ۋاستىچىسى نىگت-فىرانك  شىركىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگۇلۇق مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆتكەن ئىككى ئايدا لوندۇن ئۆي-مۆلۈك بازىرىغا 120 مىليۇن فوندى سىتىرلڭ  كىرگۈزگەن.
جۇڭگۇلۇق پۇلدارلار چەتئەلدە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىش، كارخانا قۇرۇش، ئۆي-مۆلۈك سېتىۋېلىشتەك ئاساسلىق ئۈچ مەقسىتى: بىرىنچىدىن چەتئەلگە كۆچمەن بولۇش،ئىككىنچىدىن مال مۆلىكىنى يۆتكەش، ئۈچىنچىدىن پۇل يۇيۇش،  تۆتىنچىدىن بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر.
ھالبۇكى جۇڭگۇلۇق دۆلەتمەنلەر بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى تىرىشىپ ئورۇندىغان چاغدا ئۆزىنى بېيىتقان ۋەتىنىنى ئەستىن چىقىرىپ قويىدۇ.  بۇ شەك-شۈبھىسىز ئادەمنى چوڭقۇر ئېچىندۇرىدۇ.

شاڭگاڭ سۇمرۇغ تورىدىن مۆتىۋەر تەرجىمە قىلدى.
تەرجىمىدە خاتالىق بولسا دوسىتلارنىڭ ئەسكەرتىپ ،تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە؛   http://blog.ifeng.com/article/13141140.html

مەنبەhttp://www.sodiger.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=898
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 282
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە282دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 3035 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2012-10-31

يۇزسىز  ۋەتەنپەرۋەرسىز   گۇيلار  .   ئەسلىنى  ئۇنۇتقانلار  .  
دوستلىشىش
toghrak17
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12504
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 320 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-08-18
ئاخىرقى: 2012-10-25
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 01:18

خەلىق ۋەتەننى سۆيسە  ئەمما ۋەتەن خەلىقنى سۆيمىسە ھەم ھىمايە قىلمىسا سۆيگۈ دىگەننىڭمۇ تەمى بولمايدۇ
شۇنىڭ بىلەن سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنى سۆيگۈنىڭ قەدرىنى بىىلدىغان يەردە سۈرۈشنى ھەر كىم خالايدۇ  جوڭگۇ پەقەت ۋە پەقەت پۇقرانى ۋەتەننى سۆيۈشكىلا قىستىماي ئاۋۋال ئۆزىمۇ خەلىقىگە سۆيگۈ بىرىپ باقسۇن ،ئاندىن خەلىقمۇ ئۆز ماكانىدىن ئايرىماي سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئىچىدە ياشاشنى خالايدۇ .سۆيگۈ بىر تەرەپنىڭ مۇش كۆتۈرۈشى بىلەن پەيدا بولىدىغان نەرسە ئەمەس.
[ بۇ يازمىنىtoghrak17 2012-09-19 01:58قايتا تەھرىرلى ]
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 889
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە889دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 9794 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-10-30
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 08:28

2-قەۋەت (toghrak17) نىڭ يازمىسىغا

بىز ۋەتەننى سۆيسەك ۋەتەن بىزنى سۆيمىسە  ئۇندا بىۋاپا ياردىن ئايرىلغان ياخشى  
دوستلىشىش
تۇرپان
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7614
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 65
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 770 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-27
ئاخىرقى: 2012-10-30
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 11:16

ياخشى بولماپتۇ.
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1680
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1680دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 18619 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 11:22

بۇلارنىڭ مۇتلەق كوپى ۋەتەننى خالىغانچە شۇلىدىغان ئولجا گوش قىلىدۇ ،،،   ئوزى داڭلىق قاسساپ  ياكى داڭلىق قاسساپنى قولغا كەلتۇرۋالغانلار ،،، ئۇنۋانلىرى بار كېجى ، فۇ كېجى تىڭجى دىگەندەك ،، قانچە ئۇنۋانى يوقىرى بولسا قاسساپلىق ماھارىتى شۇنچە كاتتا ،،،،      ئۇلار ۋەتەننى نامدا سويگەن ، خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىدىغان گۇزەل ئەمما قۇرۇق سوزلەر بىلەن ئالدىغان بىلەن ،، ۋەتەننىڭ  ئۇلار ئالدىدا ئولجىدىن ئوزگە پەرقى يوق ،، ئىشەكنىڭ بىر تال تۇكىنى يۇلىۋالسىمۇ ھېساب دىگەن سوزگە نەق چۇشكەن ،،،   شۇڭا بۇ ئولجىنى يالغۇز ، يالغۇز يىيەلمىسە ئەقىللىق پۇلدارلارنىڭ كەينىگە ئوتىۋىلىپ يەيدۇ ،،،
ئوشكە جان قايغۇسىدا ، قاسساپ ياغ قايغۇسىدا ،،، دىمەك بۇلارنىڭ قايغۇلىرى باشقا باشقا ،،
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 683
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە683دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 7284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-10-08
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 11:37

پۇلنى جۇڭگۇدا تېپىپ، ئاندىن چەتكە ئەپ قاچىدىغان قاچقۇنلاركەن دە بۇلار!!!!!!!!
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
اللە سْــــــــــــــــــــــمِاﷲِارَّحْمَنِ& ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9222
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 299
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە299دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 3024 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-10
ئاخىرقى: 2012-10-27
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 13:16

ھۇ شەرەپسىز لەر
دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2235
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2235دانە
ئۆسۈش: 1040 %
مۇنبەر پۇلى: 23554 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-10-29
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 15:33

ئامرىكىنىڭ< بىرتاممچە قان>دىگەن كىنوسىدا رامبو دىگەن يولداش شۇنداق دەيدىغۇ -بىز ۋەتەننى سۆيەگەندەك،ۋەتەنمۇ بىزنى سۆيشى كىرەك -دەپ  
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12582
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 415 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-08-30
ئاخىرقى: 2012-10-30
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-19 18:19

'ۋەتەنپەرۋەرسىز  ،شەرەپسىز لەر'  بۇ قايسى تىلدىن كېرگەن سۆزلەر ئەمدى؟...