ئېلىم ۋە ئەمەلنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى
ھەر قانداق نەزەرىيىۋى ئېلىم ۋە ئىختىيارى ئەمەللەرنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى ئوي ۋە تەپەككۇردىن ئىبارەت. چۈنكى ئۇلار تەسەۋۋۇرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ، تەسەۋۋۇرلار بولسا توغرىغا يېتەكلىنىشنى ئىستەيدۇ. توغرىغا يېتەكلىنىش بولسا تەسەۋۋۇر قىلىنغان نەرسىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىشنىڭ كۆپلەپ تەكرارلىنىشى بولسا، قىلىنغان ئىشلارنى ئادەتكە ئايلاندۇرىدۇ. مانا بۇ باسقۇچلار ئوي ۋە تەپەككۈرنىڭ ئىسلاھلىنىش دەرىجىسىگە قاراپ ئىسلاھ بولىدۇ، بۇزۇلۇشىغا قاراپ بۇزۇلىدۇ.
ئوي-پىكىرلەرنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئىگىسىنىڭ كۆزىتىشى ۋە ياراتقۇچىسىنىڭ ئۇنى ئۆز رازىلىقى ۋە مۇھەببىتىگە نائىل قىلغان ھالدا ئۆزى تەرىپىگە يۈكسەلدۈرۈشى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. چۈنكى ھەممە ئىسلاھات ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ، ھەممە ھىدايەت ئۇنىڭ تەرپىدىن بولىدۇ، ھەممە توغرىغا يېتەكلىنىش ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھەرقانداق كۆيۈنۈشلەر بەندىنىڭ ئۇنى دوست تۇتۇشىدىن، بارلىق ئازغۇنلۇق ۋە بەخىتسىزلىكلەر بولسا، بەندىنىڭ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشى ۋە ۋاز كېچىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر بەندە ئۆز تەپەككۇرىدە ئۇنى ئۆزى بىلەن ھەر ۋاقىت ھازىر بولغۇچى، كۆرۈپ تۇرغۇچى، كۈزۈتۈپ تۇرغۇچى، نەزەر سالغۇچى ۋە ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرى، ئىرادىسى ۋە غايىسىنى بىلىپ تۇرغۇچى دەپ تونۇغان ھالدا ئۇنىڭ نېمەتلىرى، ئىنئاملىرى، تەۋھىدى، ئۇنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىش يوللىرى ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئۆزىگە ياغدۇرۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىق تەرەپلەرنى ئەينەن ئىسپات ئېتەلىسە، ئۇ پۈتۈن ياخشىلىق، ھىدايەت ۋە يېتەكلىنىشلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
يۇقىرىقىلار قولغا كەلگىنىدە بولسا، ئۇ ئۆز رەببىدىن ھايا قىلىشقا ۋە ئۆزىگە ئوخشاش ھەرقانداق بىر مەخلۇقنىڭ كۆرۈپ قىلىشىنى يامان كۆرىدىغان ئۇياتلىق تەرەپلىرىنى ئۇنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ۋەياكى ئۆز كۆڭلىدە ساقلىنىپ قېلىغلىق ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويىدىغان بىرەر پىكىرنى ئۇنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن قاتتىق ئاگاھ بولۇشقا باشلايدۇ.
قاچانكى بەندە ئۆز رەببىنى مانا مۇشۇ مەنزىلدە كۆرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىگە يېقىن قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت ئاتا قىلىدۇ، ئۇنى بەندىلىرى ئارىسىدىن تاللاپ ئۈستۈن قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىگە دوست تۇتىدۇ. شۇنداقلا يۇقىرىقىلارنىڭ دەرىجىسىگە بېقىپ، ئۇ بەندىنى يەنە مەينەتلىك ۋە كىرلىشىشلەردىن، ئەخلەت ئويلار ۋە بۇلغانما تەپەككۇرلاردىن ئۇنى يىراق قىلىدۇ. بۇ خۇددى بەندە ئاللاھدىن قانچىكى يىراقلىشىپ ئۇنىڭدىن قانچىكى يۈز ئۆرىگەن بولسا، ئۇنىڭ مەينەتلىك، كىرلىك ۋە پاسكىنىچىلىقلارغا شۇ قەدەر يېقىن بولغىنىغا ۋە ئۇنىڭ بارلىق مۇكەممەللىكلەردىن نېسىۋىسى ئۈزۈلۈپ، بارچە نۇقسانلىقلارغا يۈز تۇتقىنىغا ئوخشاش بىر ئىشتۇر.
دېمەك، ئىنسان ئۆز ياراتقۇچىسىغا يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرى ۋە چەكلىمىلىرىگە رىئايە قىلسا، ئۇنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئەمەل قىلىپ ئۇنى ھاۋايى ھەۋەسلىرىدىن ئەلا بىلسە، ئەنە شۇچاغدا ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسى بولىدۇ. ناۋادا ئۇ ياراتقۇچىسىدىن يىراقلىشىپ، قەلبىنى ئاڭا يېقىن تۇتۇشقا، ئاڭا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشكە ھەرىكەتكە كەلتۈرمىسە، دېمەك ئۇ مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر.
ئىنسان قاچانكى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنى ئىختىيار قىلىپ، ئۇزاتنى ئۆز نەفسى ۋە ھاۋايى-ھەۋىسىدىن ئۈستۈن كۆردى، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ قەلبى، ئەقلى ۋە ئىمانى ئۇنىڭ نەپسى ۋە شەيتىنىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئۇنىڭ توغرا يولى ئازغۇن يولىدىن، ھىدايىتى ھاۋايى-ھەۋىسىدىن غالىپ كېلىدۇ.
قاچانكى بەندە ئاللاھدىن يىراقلىشىش يولىنى تاللىسا، شۈبھىسىزكى ئۇ ئۆزىنىڭ نەپسىنى، ھاۋايى-ھەۋىسىنى ۋە شەيتىنىنى، ئەقلىگە، قەلبىگە ۋە ھىدايىتىگە ھاكىم قىلىپ تىكلىگەن بولىدۇ.
مەنبە: شەمسۇددىن ئىمام ئىبن قەييىم ئەلجەۋزىنىڭ «پايدىلار» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى
مەۋلانا تەرجىمىسى
http://sajiye.net/viewarticle.php?id=124[ بۇ يازمىنىalkoyar 2012-09-16 14:24قايتا تەھرىرلىدى ]