باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 384 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەڭ كاتتا ئۇنۋان-ئانىلىق
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5159
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 260 %
مۇنبەر پۇلى: 370 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2012-09-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-15 07:32

ئەڭ كاتتا ئۇنۋان-ئانىلىق

ئەڭ كاتتا ئۇنۋان
ئاپتۇر: گونجا ئانىل
 




ئىنژېنىرلىق دىپلومى، نۇرغۇن جايلاردىن ئىش تەكلىپلىرى، ماگېستىرلىق ئۇنۋانى، نۇرغۇن يىللار ما بەينىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىش تەجرىبىلىرى...ۋە ئەڭ ئاخىرىدا توغۇتتىن كېيىن ئىش قىلماستىن ئۆيدە ئولتۇرۇش... بەزىلەرگە نېمە دېگەن چۈشىنىكسىز كەلگەنتى. مەن كاتتا ئۇنۋانلىرى بار نۇغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن نەچچە قېتىم مەسخىرىگە ئۇچرىدىم يەنە بەزىلەر مېنى ھۇرۇن ۋە زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغان مەدەنىيەتسىز دەپ ئەيىپلەشتى.
نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىمنى سورىغانلارغا "بۈۋاق ئىنژىنىرىمەن" دەپ جاۋاب بەردىم، "نەدە ئىشلەيسىز؟" دېگۈچىلەرگە "ئائىلە سانائىتىدە ئىشلەيمەن" دەپ جاۋاب بەردىم. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەسلىدە ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالا تەربىيلەشنىڭ بىكار ئولتۇرۇش ياكى ھورۇنلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم ئەمما بۇنىڭدا قانچىلىك غەلىبە قازاندىم ھېچقانداق بىلەلمىدىم.
ۋەھالەنكى ئۆيدىن قاچقاندەك چىقىش، بىر يەرلەردە ئىشلەيدىغان بولۇش ئەسلىدە نېمە دېگەن قۇلاققا خوش ياقىدىغان ھېسسىيات ئىدى. ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئايال بولۇش نېمە دېگەن كاتتا ئىپتىخار ئىدى-ھە! ئەمما مەن ئانىلىقنى ئەڭ كاتتا ئېتىبار ھېساپلىدىم.
چۈنكى قۇچىقىمغا كىچىككىنە بىر بوۋاق تۇغۇلغانتى... توغۇلا-توغۇلمايلا مېنىڭ قوينۇمدا ھوزۇرغا چۆمگەنتى؛ مېھىر-مۇھەببەتنى ۋە ئاش-قازىنىغا بارىدىغان بىرىنچى يۇتۇم ئوغۇز سۈتىنى مېنىڭ بەدىنىمدە تاپقانتى. شۇڭا مەن 7 كۈن 24 سائەت ئېمىتىش يولىنى تاللىدىم. كېچىلىرى بەللىرىم ۋە غوللىرىمنىڭ ئاغرىقىدىن راھەت ئۇخلاپ دەپ ئالالمىساممۇ تولۇق 2 يىل ئۇنى بېقىشنى بىرىنچى ۋەزىپەم دەپ بىلدىم. ئىجتىمائى مۇنبەرلەردە يايرىيالمىساممۇ ۋە خالىغانچە چاي-پاي ئىچىپ ئوينىيالمىساممۇ مەن يەنىلا بۇ يولنى تاللىۋالدىم. ئۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن رىزىق قىلپ بەرگەن سۈتلەرنى ئىچكەنسېرى مەن تويدۇم...
ئۇنىڭ، ئۆيىدە ئەڭ راھەت بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنى ئارامىدا قويۇشنى، مەجبۇر قالمىغۇغىچە ئۇنىڭغا ئارىلىشۋالماسلىقنى توغرا دەپ قارىدىم. تەبىئى يېتىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھېچبىر ئىشتا مەجبۇرلاش يولىنى تۇتمىدىم.
ئۇنىڭ "ئانا" دېگىنى ۋە ئانىسى دەپ بىلگىنى مەن ئىدىم. مېنىڭ ئانام ئۇنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ باقسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭغا پەقەتلا چوڭ ئانا بولالايدىغانلىقىنى ياكى باشقا بىر ئىنساننىڭ ئۇنىڭغا قارىيالىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئەمما ھېچقاچان ماڭا ئوخشاش قارىيالمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن ھەر دائىم ئۇنىڭ يېنىدا بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم.
ئۈستىمىزدىكى قوشنىدىن كەلگەن ئۆي سايمانلىرىنىڭ ئاۋازىدىن ئەندىكىپ قورققىنىدا مېنىڭ قوچىقىمدا تەسەللى تېپىشىنى ياكى ئىت ھاۋلىغاندا مېنىڭ قوچىقىمدا ئەندىشىنى ئۇنتۇشىنى، كېسەل بولغاندا قىززىتمىسىنى ئۆلچىگۈچىنىڭ ۋە بېشىدا قاراپ تۇرغۇچىنىڭ چوقۇم مەن؛ ئانىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئويلىدىم.
ھەر قېتىم جېنى سىقىلغان ۋاقىتنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئويۇن ۋاقتىغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشتىم. كۆڭلى تارتقان پىچىنە يېنىمدا بولمىغاندا ئۇنىڭغا خىيالى پىچىنە-پرانىكلەر ئۇزىتىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالدىم. ماگزىنلاردا كىشىلەرنىڭ غەلىتە قاراشلىرىغا پىسەنت قىلماستىن تۈۋرۈكلەرنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرۇنۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ مېنى تېپىۋېلىشىنى ساقلىدىم؛ ئۇنىڭ بىلەن ھۈشنىمەك ئوينىدىم. قاتار-قاتار ماگزىنلار ئارىسىدا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردۈم. بۇ جەرياندا "شۇ ئايالغا قارا! چوپمۇ چوڭ بولۇشىغا قارىماي..." دەۋاتقان كۆزلەرگە پىسەنتمۇ قىلماسلىققا دىققەت قىلدىم.
قېيىن ئەھۋالدا قالغان ۋاقىتلىرىممۇ بولدى، ئەلۋەتتە. ئەمما ئاچچىقتىن مېڭەم چاچراپ چىققۇچىلىك بولۇپ كەتكەن ۋاختىم ئەسلا بولمىدى. كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلار، دائىما ئانىلىق ھېسسىياتىمنىڭ ئىچىمدە بىر يەرلەرگە سىغمىغانلىقى ئۈچۈن تېشىپ چىققانلىرى ئىدى.
ھەر دائىم ئۇنىڭ يېنىدا بولالىغىنىم ئۈچۈن قانچىلىك شۈكۈر قىلىمەن، بىلەلمەيسىز. چۈنكى مەڭىزلىرىنىڭ ئەتتىگەندە ئايرىم تەمى بولسا، ئاخشاملىرى ئايرىم تەمى بار. كۈلگەن يۈزىنىڭ ھەر ئىزىنى يادلىۋالدىم، قىزىمنىڭ ئۇماق يۈزى خۇددى بىر شېئىرغا ئوخشايدۇ. مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مىسرالار ئۇنىڭدا مەۋجۇت...
ھەر قېتىم ئۇخلىغاندىن كېيىن ئويغانغىنىدا ئۇنىڭ ئۇ مەسۇمانە يۈزىنى كۆرگەندە مەن يېڭىلىنىمەن. گۇيا ھاياتقا يېڭىدىن باغلىنىمەن... پۈتۈن چارچاشلىرىم ئۇنىڭ "ئانا" خىتابى بىلەن ئۇچۇپ كېتىدۇ.
ئانا بولغاندا چۈشەندىمكى، ئانىلىق كاتتا بىر ئىش ئىكەن. يەنە كېلىپ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ئىش ئىكەن. چۈنكى ئانىلىق مېنىڭ ئالدىمدىكى پۈتۈن تارازىلاردا ئېغىر كېلىدۇ. تارازىنىڭ بىر تەرىپىدە ھوقۇق، ئۇنۋان ۋە ئەمەل-مەنسەپ بىلەن قوشۇپ پۇل-مال، ئېتىۋارلىق سۆزلەر، ئۆي، ماشىنا...بار. يەنە بىر تەرەپكە سىز نېمە قويسىڭىز قويۇڭ ئەمما مېنىڭ تارازامدا داۋاملىق ئانىلىق تەرىپى ئېغىر كېلىدۇ...
مەن شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئانىلىقنى ئەڭ كاتتا مەرتىۋە دەپ بىلدىم.
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى ئەبۇ تارىق    (پەرزەنىت تورىدىن ئېلىندى)



دوستلىشىش
dulbarqin310
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1784
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1784دانە
ئۆسۈش: 630 %
مۇنبەر پۇلى: 18864 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-10-27

ئانا دېگەن شۇقەدەر ئۇلۇغكەن، ھەتتا مەن چېغىمدا جىيەنىم كۈلۈپ بەرسىمۇ، يىغلاپ بەرسىمۇ بىر خىل خۇشاللىق ھېس قىلىپ كېتىمەن.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 7811 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-10-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-15 23:23

   ئاپامنى ھۆرمەتلەيمەن ! بۇلۇپمۇ دادامدىن كىيىن قالغاندىن بىرى ئاپامنىڭ كۆڭلىنى بەكلا ئايايدىغان بۇلۇپ قالدىم .
  ئەپسۇس  ، بەزى ئىپلاس ، مەلئۇنلار  قاتىل بۇلۇشتىن قورقماي قىلچە زۈرۈرىيىتى بولمىسىمۇ ئانىلارنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرىۋاتىدۇ .
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 282
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە282دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 3035 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2012-10-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-15 23:46

ئانا  مىھرىبان  .  ئانا  كۇيۇمچان  .   ئانامنى  چوڭقۇر  ئەسلەيمەن  .
دوستلىشىش
مۇھسىنە
ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8800
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 97
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە97دانە
ئۆسۈش: 130 %
مۇنبەر پۇلى: 1049 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-30
ئاخىرقى: 2012-10-24
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-17 18:33

بۇ تۇيغۇ مىللىتىمىز ئانىلىرىنىڭ بولىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن ..... بۇنداق ئانىلار تەربىيىلىگەن بالىلار ئەلۋەتتە ياراملىق بالا بولىدۇ .  ئىنشائاللاھ مەنمۇ كەلگۈسىدە ئەنە شۇنداق ئانا بولىمەن .    
سۆز ئەھلى بولغاندىن كۆرە ئىش ئەھلى بولغىن.