بەنغازىدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئىچىدە پارتلاپ كەتكەن ماشىنا يېىنىدا تۇرغان قوراللىقىلار

ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى 11-سېنتەبىر لىۋىيەنىڭ بەنغازى شەھىرىدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تراگېدىيە كېلىپ چىقتى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى ھىلارى مۇنداق دېدى: بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى.
شۇ كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلاردىن يەنە ئامېرىكىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ بار بولۇپ، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر «بىز ھەممىمىز بىن لادىن» دېگەن شوئار بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلارنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. ئامېرىكا«11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقىنىدا، بەنغازى ۋە قاھىرەدىكى ئامېرىكىغا قارشى ئامما قانلىق «زوراۋانلىق كېچىسى» ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى چىقارماقتا ئىدى.
«نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، ئوتتۇرا شەرق ئىنقىلابى بۇ رايونغا ئېلىپ كەلگەن مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەر،بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى قىلچىمۇ سۇسلاشتۇرالمىغان. بەزى غەرب ئەللىرى تاراتقۇلىرى يەنە ئەمدىشە ئىچىدە «مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش دولقۇنى تېخى ئەمدىلا باشلانغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ پەرەز قىلىشماقتا.
ئامېرىكا ئەلچىسى سىتىفىنس

ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى 11-سېنتەبىر لىۋىيەنىڭ بەنغازى شەھىرىدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر تراگېدىيە كېلىپ چىقتى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى ھىلارى مۇنداق دېدى: بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى.
شۇ كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلاردىن يەنە ئامېرىكىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ بار بولۇپ، ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەر «بىز ھەممىمىز بىن لادىن» دېگەن شوئار بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلارنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. ئامېرىكا«11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقىنىدا، بەنغازى ۋە قاھىرەدىكى ئامېرىكىغا قارشى ئامما قانلىق «زوراۋانلىق كېچىسى» ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دەردىنى چىقارماقتا ئىدى.
«نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، ئوتتۇرا شەرق ئىنقىلابى بۇ رايونغا ئېلىپ كەلگەن مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەر،بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى قىلچىمۇ سۇسلاشتۇرالمىغان. بەزى غەرب ئەللىرى تاراتقۇلىرى يەنە ئەمدىشە ئىچىدە «مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش دولقۇنى تېخى ئەمدىلا باشلانغان بولۇشى مۇمكىن» دەپ پەرەز قىلىشماقتا
مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بۇ فىلىم توغرىسىدا بەرگەن خەرۋرى.
فىلىم ئىشلىگۈچى يۇشۇرنىۋاپتۇ. فىلىمدە مۇھەممەد(س.ئە.ۋ) ئەلەيھىسالامنى دۇنيادىكى ئەڭ سەت تىللارنىڭ ھەممىسى بىلەن تىللاپتۇ.
دۇنياغا نەزەر پىروگراممىسىنىڭ 9-ئاينىڭ 13- كۈندىكى خەۋەرنى ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ.
(2012-09-13)
http://www.uycnr.com/wqhg/sszzچۈشۈرۈش ئادرىسى:
mms://mediafb.cnrmz.com/VOD/SmartEncoder2012/09/wygb_wysjbd_14_30_00_2012-09-13_15-00-00.wma