ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ،قانداق ئەھۋالىڭلار؟ زۇكامداپ قالماي ياكى بولمىسا ئىسسىق ئۆتكۇزىۋالماي ئوبدان تۇردۇڭلارمۇ؟؟؟ خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا بىر ئايدەك بوپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى...... بۇگۇندىن باشلاپ ئازراق بىكار بولۇپ قالدىم، شۇڭا ئايلىنىپ چىقاي دەپ مۇنبەرگە كىرىشىم!!يېقىندا بىر كىتاپ ئوقۇغان ئىدىم،، شۇنىڭدىن ئازراق ئۇزۇندە ئالغاچ كەلدىم... ئاز كۆرمەي ئوقۇپ باقارسىلەر!!!!
مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا --ناماز
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك« ناماز--مۇسۇلمانلار ئۇچۇن ئەڭ يادرولۇق ، ئەڭ نېگىزلىك ئەتمىشتۇر »دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئىسلام ئەللىرىدە ئەزاننىڭ ساداسى ئاڭلىنىشى بىلەنلا تەڭ سودىگەرلەر تىجارىتىنى، مەمۇر ۋە خادىملار خىزمىتىنى قويۇپ ، نامازخانىغا كىرىپ ناماز ئوقۇيدۇ: تېخنىڭ ۋە ئىشچىلار قولىدىكى مەشغۇلاتىنى توختـۇتۇپ قويۇپ،دەرھال قىلبىگە يۇزلۇنۇپ نامازغا تۇرىدۇ. باشقا ئەللەردىكى مۇسۇلمانلار ھۆكۇمەت مەنسەپدارلىرىدىن تارتىپ ئادۋۇكاتلارغىچە،ئىشچىلاردىن تارتىپ پىركازچىكلارغىچە ھەممىسى خالىي ۋە تىنىچ بىر جاينى تېپىپ باماز باشلايدۇ.
نۇرغۇن غەرىپلىكلەر ،مۇسۇلمانلار ئوقۇيدىغان نامازنىڭ كۆپلىكىدىن ھەيران قىلىشى مۇمكىن. مىسالەن ، مۇسۇلمانلار دۆلىتىدىكى تىجارەت مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆتكۇزۇلگەن بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، بىر ئامىرىكىلىق سودىگەر گەپنى ئۇدۇللا قىلىپ،: « كۈندە بەش قېتىم ناماز ئوقۇش سە ل ئارتۇقلۇق قىلامدۇ -قانداق؟ » دەپتۇ. ئەمما سالما ئىسىملىك بىر مۇسۇلمان ،يەنى ئامىرىكا باشقۇرۇش ئىلمى مەسلىھەتچىسى ئۇنىڭغا مۇنداق چۇشەندۇرۇپتۇ:
بىزدەك باي-باياشات جەمىيەتتە كىشىلەر كۈنىگەنەچچە قېتىم غىزالىنىدۇ؟ ئوزۇقشۇناسلار ئۇچ ۋاخ مۇنتىزىم غىزادىن باشقا يەنە ئىككى ۋاخ تاتلىق- تۇرۇم يېيىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئەمما، ناۋادا سىز ئون نەچچە ياشلاردىكى ئوغۇل بالا بولسىڭىز، بەش ۋاخ مۇنتىزىم غىزادىن باشقا يەنەئون قېتىم تاتلىق- تۈرۈم يەيسىز. ئىسلام دىنىدا ئادەم ماددىي مەۋجۇدىيەتلا ئەمەس، مۇھىمى مەنىۋىي مەۋجۇدىيەت،دەپ قارىلىدۇ. دېمەك ،جىسمىمىز ھەر كۇنى قەرەلىك ئوزۇقلۇققا مۇھتاج بولغاندەك ، روھىمىزمۇ مەنىۋىي ئوزۇققا مۇھتاج بولۇپ تۇرىدۇ.
مەن بامدات نامىزىنى ئىشقا مىڭىشتىن بۇرۇن ئوقۇۋالىمەن. پىشىن نامىزىنى چۇشلۇك غىزادىن كىيىن ، ئىسىر نامىزىنى چۇشتىن كىيىنكى ئون مىنۇتلۇق دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئوقۇيمەن. شام بىلەن خۇپتەن نامىزىنى ئىشتىن چۇشۇپ ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كىيىن ،ئۇخلىغۇچە بولغان ئارلىقتا ئوقۇۋالىمەن. دىمەك، بەش ۋاق ناماز بىلەن روھىمنى ئوزۇقلاندۇرىمەن. گەپنىڭ راستىنى دىسەم، روھىي دۇنيايىمنى ئاللاھتائالاغا باغلاپ تۇرىدىغان مۇشۇنداق بىر رىشتە بولمىسا، ئېغىر خىزمەت ۋە ئائىلىۋىي يۇكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشىم مۇمكىن ئەمەس.
گاللوپ شىركىتىنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، مۇسۇلمانلار دىنىي مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش يۇزىسىدىن ئەمەس، مۇھىمىي مەنىۋىي دۇنياسىدا ئاللاتائالاغا يېقىنلىشىش ئىستىكى بىلەن ناماز ئوقۇيدۇ.
ناماز بىلەن مۇسۇلمانلار ئېتىقادىي، يەنى ئىماننىڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىكى باغلىنىشنى مۇنداش شەرھىلەيدۇ: « ناماز بىزنى ئاللاھنىڭ مەنزىلىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ روزا بىھىشنىڭ بوسۇغىسىغا ئاپىرىدۇ؛ زاكات جەننەتكە باشلايدۇ!»
يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان ، مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان مۇسۇلمانلارغا لىلىھ قارايلى دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
 |