باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 534 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە(دىن پارچە)
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 108
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 1360 %
مۇنبەر پۇلى: 1995 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-02
ئاخىرقى: 2012-09-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-12 20:22

ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە(دىن پارچە)

ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

-ھونولۇلۇ خىياللىرى
مەن، بۇ زۇلپىقار بارات يازغان كىتاپنى ئوقوپ بەزى مىغىزلىق يەرلىرىنى تورداشلانىڭمۇ كۆرۇپ بىقىشىنى ئويلاپ،تاللاپ يوللاپ قويدۇم. بۇ كىتاپنى ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ئەرزىيدۇ ،دەپ ئويلايمەن.
 


        
ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلىرىمىز شۇنى ياخشى چۇشۇنىدۇكى، پۇلسىزلىق ۋە موھتاجلىقنىڭ ۋەسۋەسى يامان:ئادەمنىڭ قەددىنى ئېگىپ تەبىئتىنى پۇچەكەشتۇرىدۇ،زىڭنىنى چاچىدۇ،غۇرۇرىنى سۇندۇرىدۇ،ھەتتا مۇستەقىل دۇنيا قاراش يىتىلدۇرۇپ بولالمىغان قىز-يىگىتلىرىمىزنى تايانچىسىزلىق تۇيغۇسىغا غەرىق قىلىپ،ۋاقىتلىق مەنپەتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇپمۇ قويىدۇ. مەن بىر مەزگىللىك ئىشسىزلىقنى نۇرغۇن كىشلىرىمىزدەك ئويلىغاندەك قاباھەتلىك ئىش دەپ ئويلىمىساممۇ، بۇ ھادىسىنىڭ ياشلارنىڭ پىسخىكىسىغا ئەجەللىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىمەن.مىنىڭ بەكرەك ئەنسىرەيدىغىنىم ئىشسىزلىقنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ياشلارنىڭ روھىنى ئۈلتۇرۇشتەك سەلبىي ئۈنۇمىنىڭ ئۇيغۇر رىئاللىقىدا ئاشكارە بولۇشقا ئۇلگۇرەگەن.

-چىرايىڭىزدىن سىز جوڭگۇلۇقنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەنسىز،-دەيتتى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار.شۇنۇڭ بىڭلەن مەن ئادىتىم بويىچەباشقا ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا مىللىي كىملىكىم ھەققىدە كۆپرەك ئىزاھات بىرەتتىم.
-ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۆزبىكئىستاننى ،ئۆزبىكلەرنى بىلەمسىلەر؟ -دەپ سورايتىم،بەزىلەر ئاڭقىرالمايتى بەزىلەر <ھەئە> دەپ جاۋاپ بىرەتتى.
ئۇيغۇرلار ئاشۇ ئۆزبېكلەرگە ئوخشاش خەلىق .تىلى ئۆرۇپ -ئادىتى، چىرايى ئاساسەن ئوخشاش.
بىر ياش بىر تور بىتىدە<ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇش نېمىگە زورۇر بولۇپ قالدى؟> دىگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ بىر مىللەتنىڭ نوپۇزىنى،ئىجدىمائي ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۇرمەي تۇرۇپ ئۇنى ھەرگىزمۇ دۇنياغا تونۇتقىلى بولمايدىغانلىقىدىن ئېبارەت بىر رېئالىستىك قاراشنى ئىلگىرى سۇردى.بۇ تەبىي ھالدا ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۈش چۇشىنى كۆرىۋاتقان گۇدەك ياشلارغا بېرىلگەن زەربە ئىدى.
ئەينەن تونۇشقا ئىگە بولالمىغان قىزىققان ياشلار شوئار،داۋراڭ بىلەن ئىشقا ئاشۇرالايدىغان ئىش ئەمەس ئىدى.ئۇيغۇرلارنىڭ نوۋەتتىكى كىملىك كاپىتالى بىزنى  تىخى دۇنياغا تونۇتۇش ئەمەس ،ئىچكىرىدىكىلەرگە بەرگەن خاتا تەسىراتلىرىمىزنى ئۆزگەرتىش، ئوبراز قۇرۇلۇشى ئېلىپ  بېرىش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە ئەمەس ئىدى. 
توردىكى ئىنكاسلا  شۇنچىلىك تۇترۇقسىز ئىدى.پات-پات مىللەتنى ئاغزىدا سۈيىدىغان قىزىققان ياشلار نىڭ ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلگۈدەك يوغان گەپلىرى كۆزۈمگە چىلىقاتتى.بەزى ياشلار بولسا ئۆزىدىكى ئىللەتنى مىللەتكە ئارتىپ قويۈپ ،سوكۈش شىكايەت بىلەن ئۆزىنى كۆرسىتىشكە تىرشاتتى.
ئىنكاس ،يازمىلار قاتارىدا ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇش ھەققىدىكى چوڭ گەپلەرنى ئۇچۇرتۇپ قالاتتىم،مىللەتنى قۇرۇق ھاياجان بىلەن سۈيۈش نىمىدىگەن ئاسان-ھە!مەن ئۇرۇمچىدىكى چىغىمدا رەڭلىك سورۇنلاردا ئولتۇرۇپ ،رومكىلارنى ئايلاندۇرۇپ،يۈزلىرىنى پوكانداك قىزارتىپ مىللەتنىڭ <غىمىنى قىلىۋاتقان> كىشلەرنى كۆپ كۆرگەن.ئەمدى توردا مىللەتنى بىر-بىرىنى غاجاپ تۇرۇپ <سۈيىدىغان>،ئۇيغۇرنى، بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ   تۇرۇپ<سۈيىدىغان><ئەنئەنە>نىڭ پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى كۆروپ مىيىقىمدا كۇلۇپ قويدوم.