باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3640 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: جەڭگە ئاتلىنىش ئۈچۈن يېشىمنى ئۆزگەرتكەن ئىدىم
دوستلىشىش
oghuzkhan
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن -- ئوغۇزنامە
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2866
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 377
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە377دانە
ئۆسۈش: 290 %
مۇنبەر پۇلى: 2475 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-10-25
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-12 16:55

جەڭگە ئاتلىنىش ئۈچۈن يېشىمنى ئۆزگەرتكەن ئىدىم




ئارىمىزدا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان، ۋەتەن ، خەلق مەنپەئىتىنى قوغداپ، تالاي ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ھېچ قاچان
 مەيدىسىنى كېرىپ، «مەن مۇنداق ئىشلارنى قىلغان، مەن ئانداق مۇھىمۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان»، دەپ ماختانمايدىغان، كەمتەر ئادەملەر بارلىقى تەبىئىي. مىرغىياس جامالدىن ئوغلى ياقۇپوۋ ئەنە شۇنداق شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ ئىشتىراكچىسى، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ۋېتېرانى مىرغىياس ئاكا ياقۇپوۋ  مۇشۇ يىلنىڭ 15-سېنتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ مۇبارەك 85 ياشلىغىنى نىشانلايدۇ. بۈگۈن بىز مۆتىۋەر بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا ھاۋالە قىلىۋاتىمىز.— مىرغىياس ئاكا، سىزنى تەۋەررۈك 85 ياشلىق تەۋەللۇدىڭىز بىلەن  سەمىمىي تەبرىكلەيمىز.— مېنى ئەسلەپ، تەبرىكلىگىنىڭلار ئۈچۈن بەك مىننەتدارمەن. ئادەمنىڭ يېشى چوڭايغانسېرى كىشىلەر بىلەن مۇڭداشقۇسى، ئۆتكەن كۈنلەرنى، ھاياتىدىكى بەزى ۋەقەلەرنى ئەسلەپ، كۆڭلىنى كۆتۈرگۈسى كېلىدىكەن. ھازىر مەن دېمەتلىكلەر ناھايىتى ئاز قالدى، ئۇلارنى ساناشقا بىر قولنىڭ بارماقلىرى يېتىپ-ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا دانا خەلقىمىز: «چەككىلى تاماكا يوق، مۇڭداشقىلى نەدە كىشى»، دېگەن ئىكەندە…— مىرغىياس ئاكا، سىزنى گېزىتخانلىرىمىز 2004-يىلى ئالاھىدە كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنغان «كۈلدژا — گورود تورگوۋي» («غۇلجا — سودا-سېتىق شەھىرى») دېگەن تارىخىي ئوچېرېكىڭىز ۋە 2009-يىلى نەشر قىلىنغان «ئوغۇزخان» ناملىق تارىخىي رومانىڭىز ئارقىلىق قىسمەن بىلىدۇ. ئۇنداق دېگىنىم، ھەر ئىككىلا كىتابىڭىز رۇس تىلىدا نەشر قىلىنغانلىقتىن، كۆپچىلىك كىتابخانلار ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولمىغان. ئەمدى 2009-يىلى «ئوغۇزخان» رومانىڭىزنىڭ І تومى نەشر قىلىنغاندا، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزنى گېزىتخانلىرىمىزغا ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغىنىمدا، بۇنى رەت قىلغانلىقىڭىز ھېلىمۇ يادىمدا. لېكىن سىزدەك ئادەملەرنىڭ ھايات يولى كۆپچىلىكنى قىزىقتۇرىدىغانلىقى تەبىئىي. شۇڭلاشقا، مۇمكىن بولسا، ئۆزىڭىزنى  قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.   — مەن رەسمىي ھۆججەتلىرىم بويىچە 1926-يىلى 8-يانۋاردا ھازىرقى ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىنىڭ قورام يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەمدى «رەسمىي ھۆججەتلىرىم بويىچە» دېگىنىمنىڭ سەۋەبى، مەن ئەسلى 1927-يىلى 15-سېنتەبىردا تۇغۇلغان. لېكىن يېشىمغا بىر ياشنى قوشۇشقا توغرا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق. 1942-يىلى فېۋرالدا دادام جالال  ئارمىيە سېپىگە ئاتلاندى. ئۇ چاغدا مەن تېخى 15 ياشقا تولمىغان گۆدەك ئىدىم. ئۇ يىللىرى پۈتكۈل كېڭەش ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ناھايىتى ئۈستۈن بولۇپ، ياشلارنىڭ ھەممىسى جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىشقا، ياۋۇز دۈشمەننى تېزرەك ۋەتەن تۇپرىقىدىن ھەيدەپ چىقىرىشقا تەشنا ئىدى… مەنمۇ باشقىلار قاتارى مەيدانغا ئاتلىنىشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، 1943-يىلنىڭ قىش ئايلىرىدا، چېلەككە باۇرژان مومىشۇلى كەلدى. موسكۋا بوسۇغىسىدا نېمىس-فاشىست باسقۇنچىلىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن داڭلىق گېنېرال پانفىلوۋ دېۋىزىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى، مۇشۇ جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن باۇرژان مومىشۇلى چېلەكتە شۇ چاغدىكى مەدەنىيەت ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىندا گېنېرال پانفىلوۋ دېۋىزىيىسىنىڭ موسكۋانى ياۋۇز دۈشمەندىن قوغداشتا كۆرسەتكەن جاسارىتى توغرىلىق ناھايىتى تەسىرلىك سۆزلەپ بەردى ۋە ياشلارنى جەڭ مەيدانىغا ئاتلىنىشقا چاقىردى. بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن مەن ئەتىسىلا چېلەكتىكى ناھىيىلىك ھەربىي كومىسسارلىققا باردىم. ھەربىي كومىسسار بوي-تۇرقۇمغا قاراپ: نەچچە ياشقا كىرگەنلىكىمنى، نەچچىنچى سىنىپنى پۈتتۈرگەنلىكىمنى سورىدى. مەن يېشىمنى، 8-سىنىپنى پۈتتۈرگەنلىكىمنى ئېيتىۋېدىم، كومىسسار: «8 سىنىپلىق بىلىمى بارلار ناھايىتى كېرەك، بىراق ئامال يوق، كىچىك ئىكەنسەن، يېشىڭ توشقاندا كەل»، دېدى. مەن ئۆزۈمنىڭ كىچىك كوماندىرلارنى تەييارلاش كۇرسىدا ئوقۇشنى خالايدىغانلىقىمنى،ئىمكانىيەت بولسا،يېشىمغا يەنە بىر ياش قوشۇپ،رۇخسەت بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ تۇرۇۋالدىم. ياشانغان ھەربىي كومىسسار ئاخىرى: «بوپتۇ، سېنىڭچە بولسۇن، سەن ئەمدى رەسمىي ھۆججەتلەر بويىچە (شۇنىڭغىچە مېنىڭ ھېچ قانداق ھۆججىتىممۇ يوق ئىدى) 1926-يىلى 8-يانۋاردا تۇغۇلغان بولىسەن» دېدى-دە، دەرھال ماڭا تۇغۇلغانلىقىم توغرىلىق گۇۋاھنامە بېرىش ھەققىدە تېلېفون قىلدى.شۇنداق قىلىپ، بىز چېلەك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن 30غا يېقىن بالا ھارۋىلاردا، پىيادە تالغىرغا كەلدۇق. بۇ يەردە كىچىك كوماندىرلارنى تەييارلاش كۇرسىدا ئەندىلا ئوقۇشنى باشلىغان ئىدۇق، ئالمۇتادىن بىر ئوفىتسېر كېلىپ، بىزنى قاتار تىزىپ، بىر نەچچە كىشىنىڭ فامىلىسىنى ئاتىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار ئىدىم. ئۇ كىشى فامىلىسى ئاتالغانلارنى يىغىۋېلىپ، نكۋد رەھبەرلىكىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن، شىمالىي كاۋكازدا نكۋدنىڭ مەخسۇس پولكىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ، قىسقا مۇددەتلىك تەييارلىقتىن ئۆتۈپ، قاتاردىكى جەڭچى سۈپىتىدە شىمالىي كاۋكازدىن نېمىس باسقۇنچىلىرى ھەيدەپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، بۇ يەردە دۈشمەنگە ياردەم بەرگەن، ھەرخىل  جىنايى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، تىنچ پۇقراغا ئارام بەرمەيۋاتقانلارنى يوقىتىش جەڭلىرىگە ئىشتىراك قىلدىم.شۇنداق جەڭلەرنىڭ بىرىدە، يەنى كوماندىرىمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ تۇغۇلغان كەسكىن پەيتتە، بىر دۈشمەننى يەر چىشلىتىپ، يەنە بىرىنى يارىدار قىلىپ، ئەسىرگە ئالغانلىقىم ئۈچۈن «جەڭگىۋار خىزمەتلىرى ئۈچۈن» مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاندىم.شىمالىي كاۋكازدا تىنچلىق ئورنىتىلغاندىن كېيىن، مەن خىزمەت ئۆتىگەن نكۋدنىڭ مەخسۇس پولكى تارقىتىلدى. كۆپ ئۆتمەي، 1944-يىلى ئىيۇندا، ئالمۇتادىكى نكۋد مەكتىپىنىڭ كۇرسانتلىغىغا چاقىرتتى. نكۋد كۇرسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1945-يىلى جامبۇل ناھىيىلىك نكۋد بۆلۈمىگە ئوپېراتىۋ خادىم سۈپىتىدە خىزمەتكە ئەۋەتىلدىم. ھېلىمۇ يادىمدا، بىر كۈنى ناھىيە مەركىزى ئۇزۇناغاشتىكى ئىش ئورنۇمغا بارسام، ھەممە كىشى ئوپۇل-توپۇل بولۇپ كېتىپتۇ. ئۇقسام، ئات ئوغرىلىرى ئۇلارنى بايقاپ قالغان «ئۆكتەبىر» كولخوزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارنى ۋە نكۋدنىڭ ئوپېراتىۋ خادىمىنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كېتىپتۇ. بىز دەرھال بۇ جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش ئوپېراسىياسىنى پۇختا ئويلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشتۇق. قىزىق يېرى، باندىتنىڭ باشلىقى ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ ئىشتىراكچىسى، كاپىتان، ئالمۇتا شەھىرىدىكى ستالىن (كېيىن سوۋېت ناھىيىسى بولغان) ناھىيىلىك پارتكومىدا پارتىيە ئەزالىقىغا نامزاتتا تۇرغان كىشى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ھە، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئېغىر يىللاردا، ئەتىمالىم، ئىشسىزلىقتىن بولسا كېرەك، بەزى جەڭگىۋار ئوفىتسېرلار ئەنە شۇنداق يوللارغا كىرگەن ئىدى.— مىرغىياس ئاكا، ئىلگىرىكى نكۋد — بۇ ھازىرقى ساقچى ئورگانلىرى، ئەمدى سىز بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا قانداق كەلدىڭىز؟— 1951-يىلى ئىيۇلدا رەھبەرلىك مېنىڭ خىزمىتىمنى نكۋددىن جەڭگىۋار ئوفىتسېر سۈپىتىدە (مەن ئۇ يىللىرى لېيتېنانت ئىدىم) دبمغا (دۆلەت بېخەتەرلىگى مىنىسترلىگى) يۆتكىدى. ئۇيغۇر ناھىيىسىدە دبمنىڭ ئوپېراتىۋ خادىمى، بۆلۈم باشلىقى بولۇپ 1959-يىلغىچە ئىشلىدىم. ئەمدى 1959-يىلدىن 1967-يىلغىچە ئالمۇتا ۋىلايەتلىك دۆلەت بېخەتەرلىگى كومىتېتىنىڭ چوڭ ئوپېراتىۋ خادىمى بولۇپ ئىشلىدىم. ھېلىمۇ يادىمدا، 1958-يىلى چېگرانى بۇزۇپ ئۆتكەن بىر خەۋپلىك جىنايەتچىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىم ئۈچۈن «چېگرانى قوغداشتىكى ئۈلگىلىك خىزمىتى ئۈچۈن» مېدالىنى ئېلىشقا سازاۋەر بولدۇم. مەن ئىشتىن قول ئۈزمەي 1962 — 1967-يىللىرى س س س ر دۆلەت بېخەتەرلىگى كومىتېتىنىڭ موسكۋادىكى ئالىي مەكتىپىنى قىزىل دىپلوم بىلەن تاماملىدىم. 1967 — 1977-يىللىرى ئالمۇتا ۋىلايەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى باشقارمىسىدا بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلىدىم، ئاندىن بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدىن پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن ئىستىپاغا چىقتىم. شۇنىڭدىن كېيىن 1977 — 1979-يىللىرى قازاقىستان دوسااف مەركىزىي كومىتېتىدا بۆلۈم باشلىقى، 1979 — 1981-يىللىرى «كازگىپروۋودخوز» لايىھىلەش ئىنستىتۇتى 1-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لاۋازىملىرىدا ئىشلەپ، دەم ئېلىشقا چىقتىم.— سىزگە ئۇزاق يىللار داۋامىدا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدا ئىشلەش جەريانىدا ھەرخىل دەرىجىدىكى شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا توغرا كەلگەن بولسا كېرەك؟ — 1961-يىلى جامبۇل ناھىيىسىدىكى «روسلاۋسكىي»  سوۋخوزىغا شۇ چاغدىكى سسسر رەھبىرى ن.خۇرۇشۇپ كەلدى. رەھبەرلىك ن.خورۇشۇپنىڭ بۇ يەردە بولۇش جەريانىدىكى بىخەتەرلىكىنى تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ماڭا يۈكلەپ،  يەنە 11 تەجرىبىلىك ئوپېراتىۋ خادىمنى قوشۇپ بەردى. ئەنە شۇ چاغدا بىز بۇ ئىنتايىن جاۋاپكەرلىك ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، رەھبەرلىكنىڭ تەشەككۈرىگە سازاۋەر بولغان ئىدۇق. ن.خورۇشۇپ بىلەن سوۋخوزغا جۇمھۇرىيەت رەھبىرى دىنمۇخامېت قوناېۋ ھەمراھ بولۇپ كەلدى. ناھىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىز ئۇلارنى سوۋخوز كۇلۇبىدا كۈتۈۋالغان ئىدۇق.1967-يىلى ئىيۇلدا جۇمھۇرىيەت رەھبىرى د.قوناېۋ ۋە ئالمۇتا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى كاتىپى ئا.ئاسقاروۋ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە كەلدى. مېھمانلار دەسلەپ چارىنغا بېرىپ، مىرزىگۈل ناسىروۋ باشقۇرغان سۋېردلوۋ نامىدىكى كولخوز ئېتىزلىقلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، باشقا ئىگىلىكلەرنى زىيارەت قىلدى، ئاندىن چونجىغا كېلىپ، ئۇيغۇر ناھىيىلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى كاتىپى كىنتال ئىسلاموۋنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدى. د.قوناېۋ مۇشۇ باش قوشۇشتا ئۇيغۇر خەلقى توغرىلىق نۇرغۇن سەمىمىي سۆزلەرنى قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى دېخانچىلىقتا داڭقى چىققان خەلق ئىكەنلىكىنى، يەتتىسۇنى گۈللەندۈرۈشتە ئۇيغۇر دېخانلىرىنىڭ ئەجرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى پەخىرلىنىش بىلەن تىلغا ئالغان ئىدى. ھۆرمەتلىك مېھمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتى توغرىلىقمۇ خەۋەردار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، شۇنداقلا داستىخانغا كەلتۈرۈلگەن ھەر بىر تائامدىن دەم تارتىپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ناھايىتى لەززەتلىك ئىكەنلىكىنى، كىچىكىدىنلا ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆسكەنلىكىنى ۋە سوپى زەرۋاتوۋ نامىدىكى ئۇيغۇر مەكتىپىدە بىلىم ئالغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ھېلىمۇ يادىمدا.— «كۈلدژا — گورود تورگوۋي» («غۇلجا — سودا-سېتىق شەھىرى»)ناملىق كىتابىڭىزدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ تارىخى، XІX ئەسىردا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مانجۇلارنىڭ چىن ئىمپېرىيىسى بىلەن رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۆز ئارا ئالاقىلىرى توغرىلىق قىزىقارلىق مەلۇماتلار ئاز ئەمەس. مۇشۇ كىتابنىڭ يېزىلىش جەريانىغا توختىلىپ ئۆتسىڭىز.   — مەن ئەزەلدىنلا خەلقىمىز تارىخىغا، قەدىمىي باي مەدەنىيىتىمىزگە قىزىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا ئائىت  كىتابلارنى ئىزدەپ ئوقۇپ يۈردۈم. كېيىن خەلقىمىزنىڭ تارىخى، تەقدىرىنى بەلگىلىگەن بەزى مۇھىم ۋاقىەلەر توغرىلىق بىر كىتاب يېزىشنى مەقسەت قىلدىم. شۇنداق قىلىپ، موسكۋا ۋە ئالمۇتا ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتقان تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغان ھالدا، خەلقىمىزنىڭ يېقىن ئۆتمۈشىنىڭ يارقىن سەھىپىلىرىنى يورۇتىدىغان تارىخىي ئوچېرك ئۈچۈن ماتېرىيال توپلىدىم. موسكۋادىكى لېنىن نامىدىكى چوڭ كىتابخانىنىڭ كەم ئۇچرايدىغان ماتېرىياللار فوندىدىن خەلقىمىزنىڭ تارىخىغا ئائىت كۆپلىگەن مەلۇماتلارنى تېپىشقا سازاۋەر بولدۇم. شۇنداق قىلىپ، كىتابخانلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى، ئۇيغۇر دۆلىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي باسقۇچلىرىنى قىسقىچە ئەكس ئەتتۈرىدىغان «كۈلدژا — گورود تورگوۋىي»(«غۇلجا — سودا-سېتىق شەھىرى») دېگەن كىتابىمنى ھاۋالە قىلدىم.—  سىز  تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن ئوغۇزخان توغرىلىق  تارىخىي رومان يازدىڭىز. بۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە شەرەپلىك ئىشنى قولغا ئېلىشىڭىزغا سىزگە نېمە تۈرتكە بولدى؟— مەن خەلقىمىزنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار بىلەن تونۇشۇش جەريانىدا تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغۇچى ئوغۇزخان توغرىلىق خېلى مول مەلۇماتلارغا ئېگە بولدۇم. موسكۋادىكى لېنىن نامىدىكى كىتابخانىنىڭ مەسئۇل كاتىپى، تارىخ پەنلىرىنىڭ نامزاتى كوركىن دېگەن كىشى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ ماڭا بۇ رومان ئۈچۈن ماتېرىيال توپلاشقا يېقىندىن  ياردەم قىلدى. مەزكۇر كىتابنى يېزىشتىكى ئاساسىي مۇددىئا — ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۆلەتچىلىگىنى، قەدىمىي تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى ئۆزىمىزگە ۋە ئۆزگىلەرگە تونۇشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ۋەتەننى سۆيۈش — ئۇلۇغ ئىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك — مۇقەددەس ئىش. ياشلىرىمىز ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيىلەنسە نۇر ئۈستىگە نۇر بولىدۇ. ياشلىرىمىز ماڭقۇرتلارغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلىشى لازىم. ياشلىرىمىز كۆپ ۋاقتىنى كومپيۇتېر ئالدىدا ئويۇنلارنى ئويناپ ئۆتكۈزۈۋەتسە — مانا بۇ ئۆكۈنۈشلۈك ھادىسە. كىتاب ئوقۇماسلىق — ھازىرقى ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئەۋج ئالغان چوڭ ئاپەت. كىتاب ئوقۇمىغان ئادەمدىن نادانلىقتىن باشقا نەرسىنى كۈتكىلى بولمايدۇ. ئېيتماقچى، مەركىزىي ئاسىيادىكى كۆچمەن خەلقلەر تارىخىدا ئوغۇزخانغا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 209-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈش ۋە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش نېسىپ بولدى. بۇ دۆلەت قەدىمىي خىتاي مەنبەلىرىدە شىۇڭنۇ سۈپىتىدە مەلۇم. ئوغۇزخان قۇرغان دۆلەتنىڭ ئالېكساندر ماكېدونسكىي، چىڭگىزخان ۋە باشقىلار قۇرغان دۆلەتلەردىن پەرقى شۇنىڭدىكى، ئۇ ئۆز دۆلىتىنى ئىختىيارىي ئاساستا قۇردى، نەق ئەنە شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇلۇغ دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدىكى قابىلىيىتى نامايان بولدى، ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى مەركىزىي ئاسىيانىڭ كەڭ دالاسىدا ئىستىقامەت قىلىدىغان باشقا خەلقلەر ۋە قەبىلىلەرنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇشنى بىلدى.ئېيتماقچى، 216-يىلى تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتى شىئوڭنۇ نىڭقۇرۇلغىنىغا 2225 بىل تولىدۇ. بۇ شانلىق سەلتەنەتنى مۇناسىپ قارشى ئېلىشىمىز لازىم. تارىخىمىزدىكى مۇھىم سەلتەنەتنى نىشانلاشقا زىيالىيلىرىمىز ئات سالىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلىمەن.— مىرغىياس ئاكا، سىز كۆپ ياشىغان، كۆپنى كۆرگەن، ھاياتىڭىزدا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن، ھايات تەجرىبىڭىز مول زىيالىيلىرىمىزنىڭ بىرى. سىز ھازىرقى ياشلىرىمىزغا نېمىلەرنى تىلىگەن بولار ئېدىڭىز؟— XXІ ئەسىر — بۇ رىقابەتچىلىك ئەسىرى. رىقابەتچىلىكتە ئەڭ كۈچلۈكلەر، يەنى بىلىملىكلەر يېڭىپ چىقىدۇ. دېمەك، ھازىرقى دەۋر تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، بىرىنچى نۆۋەتتە، بىلىم ئېلىش كېرەك. ئۇيغۇر ياشلىرى شۇنداقلا ئۆز ئانا تىلىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىشى، ئۇنى ئاسرىشى، مۇھىمى، ئانا تىلىدا سۆزلەشتىن ئەيمەنمەسلىك لازىم. شۇنىمۇ قوشۇمچە قىلىمەنكى، ئۆتمۈشتە ئۇلۇغ دانالارنى ياراتقان خەلقىمىز مۇقەررەر يەنىمۇ ئۇنداق دانالارنى يارىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى ياشلىرىمىز ئېرىنمەي ئىزدىنىپ، كېلەچەكتە ئۆز خەلقىنىڭ مۇناسىپ پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن ھازىردىن ئۇنىڭغا ھۈل سېلىشى كېرەك.— «ئوغۇزخان» تارىخىي رومانىڭىزنىڭ ІІ تومىمۇ تەييار بولۇپ قالغاندۇ؟— ھازىر مەن «ئوغۇزخان» روماننىڭ ІІ تومى ئۈستىدە ئىشلەۋاتىمەن. خۇدا بۇيرۇسا، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇنى تاماملايمەن. ئەمدى كېلەچەكتە، ئاللا يەنە ئۆمۈر بەرسە، «ھايات ساۋاقلىرى» دېگەن ئەسلىمە خاراكتېردە كىتاب يېزىشنى ئويلاشتۇرۇۋاتىمەن.— مىرغىياس ئاكا، پەرزەنتلىرىڭىز توغرىلىق قىسقىچە توختىلىپ ئۆتسىڭىز. — چوڭ ئوغلۇم ۋلادىمىر موسكۋادا دۆلەت بېخەتەرلىگى كومىتېتىنىڭ مەركىزىي ئاپپاراتىدا ئىشلىگەن، ئاۋغان ئۇرۇشىنىڭ ۋېتېرانى، ھازىر ئىستىپادىكى پولكوۋنىك. ئىككىنچى ئوغلۇم تىمۇر  — قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتىدا ئىشلىگەن، ھازىر ئىستىپادىكى مايور. ئەمدى بىر نەۋرەم ۋىكتورىيا — ئاتىلار ئىزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، رۇسىيە فېدېرال بىخەتەرلىك خىزمىتىنىڭ موسكۋادىكى ئاكادېمىيىسىنى تۈگىتىپ، ھازىر پودپولكوۋنىك ئۇنۋانىدا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.— مىرغىياس ئاكا، سىزگە مەزمۇنلۇق سۆھبىتىڭىز ئۈچۈن رەھمەت، يېشىڭىزغا ياش قوشۇلسۇن،  ساق-سالامەت بولۇڭ.—   رەھمەت.
Men Uyghurlarning Khakanimen
دوستلىشىش
samanyoli
زادى نىمىشقا؟
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 2033
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2033دانە
ئۆسۈش: 8740 %
مۇنبەر پۇلى: 27202 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-10-28

بۈيۈك ئاللاھ قىلمىش ئەتمىشلىرىنىڭ جازاسىنى كەملىتىپ قويمىغاي،،،،،،،،،ئامىن،،،،،،،،،
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 744
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە744دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 7811 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-10-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-12 20:27

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2012-09-12 20:07 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
بۈيۈك ئاللاھ قىلمىش ئەتمىشلىرىنىڭ جازاسىنى كەملىتىپ قويمىغاي،،،،،،،،،ئامىن،،،،،،،،،

   نىمىشقا بۇنداق دەيسىز ..............؟
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!
PANTEKIN IZINI BESIP YEGI BIR KALGUSI YARITAYLI
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8024
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 55
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 732 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-25
ئاخىرقى: 2012-09-22
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-12 23:09

بۇ بوۋاي ھايات يۈرگىنىگە شۈكرى قىلسا بولغۇدەك،بۇنداق ئادەمنىڭ يازغان كىتابىنى ئوقۇشقا بولمايدۇ ،ئىدىيىنى بۇرمىلايدۇ.

    ماۋۇ تېمىنى يوللىمايدىغان ئىشكەن ئەسلى ،تۇققانلار،،،،،  بىزنىڭ مۇشۇ بوۋايدەك ياش ۋاقىتلىرىدا دىنداشلىرىنى،ۋەتەنداشلىرىنى،يۇرتداشلىرىنى مىللەتداشلىرىنى سېتىپ قۇرۇق نام شۆھرەت،قۇرۇق ئابرويغا ئېرىشكەن مىللەتداشلىرىمىز  ماۋۇ بوۋايدىن ئىلھاملىنىپ تېخىمۇ ئاكتىپلىشىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.
    ئەل قىساسى مىنەل ھەق، ]
       ھەركىم قىلار ئۆزىگە،
شۇڭا بىز كىشىگە زەررىچە ئازار بېرىدىكەنمىز، زەررىچە ئازار ئۈچۈن ئۇندىن نەچچە ھەسسە بەدەل تۆلەيمىز. بۇ سۆزلىرىم پەقەت ۋە پەقەت ئاشۇ خۇدا ئۇرغان مۇناپىقلارغا  تېگىشلىكتۇر.
 
كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ !!!
ئى ئاللا بىر سلگە ئىبادەت قىلمىز ۋە بىر سلدىن ياد ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3898
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1228
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1228دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 7310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-09-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-13 00:44

بىچارە بايقۇش ھەي ، .... ئېچىنساڭ بوغۇدەك  ئىزلىرىڭغا ئىست
adasdsadas
دوستلىشىش
بىناۋا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7808
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 354
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە354دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 3764 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-10
ئاخىرقى: 2012-10-28
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-13 07:29

ئەسەرلىرىنى رۇس تىل-يېزىقىدا يېزىپ،ھېلىغىچە ئۇيغۇرچىمۇ  نەشر قىلدۇرۇشنى ئويلاپ قويماي،بالىلىرىنىڭ ئىسمى --ۋىلادېمىر،ۋېكتورىيا قويۇپ،،يەنە ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئانا تىلنى يۇتتۇرمەسلىك ھەققىدە تەلىم بېرەركەن--ھە!
باش ساقمۇ-يا...................................

ئەمما،ھەرھالدا ئۇيغۇر تارىخى ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپتۇ،ئەجىر قىپتۇ. رەخمەت شۇ بالا ئەسكەرگە!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12582
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 40
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە40دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 415 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-08-30
ئاخىرقى: 2012-10-23
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-13 10:36

kgb    نىڭ ئەزالىرى ئېكەنغۇ ساپلا
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1680
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1680دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 18619 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-13 10:41

ئەقىدە ئىتقادى دىنسىز ئەسەبىي تېرورلۇق قىلغان روس ھاكىمىيىتى بىلەن ماسلىشالىغان ئادەمنىڭ ، بىزگە نەسىھەت قىلىشى ھە ،

يۇمۇركەنغۇ بۇ
دوستلىشىش
dulbarqin310
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1784
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1784دانە
ئۆسۈش: 630 %
مۇنبەر پۇلى: 18864 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-10-27
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-13 11:40

چۈشەنمىدىم.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 930
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە930دانە
ئۆسۈش: 3142 %
مۇنبەر پۇلى: 9993 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-10-21
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-09-13 14:17

نەچچە ئەۋلات بىخەتەرلىك ئورگاندا ئىشلەپ پىنسىيىگە چىقىپتۇدە، نەۋرسىمۇ ھەم شۇنداق ئىكەن، بالا ئاتا ئىزىنى باسىدۇ، دىگەن ماقال ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان ئىكەن.........
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.