ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى سايبالا نىڭ 2012-09-12 10:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مانا مۇشۇنداق پىكىر قىلىپ مىللەت ئىچىدە بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇغى تېرىماقچى بولغانلارنى دىنى ئەسلىيەتچى، ئاشقۇن دەيمىز. سەن مۇسۇلمان بول ياكى بۇددىسىت بولۇپ كەت، سەن ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇر، مانا مۇشۇلا بىزدىكى ئورتاقلىق ئەي نادان!
نىيۇزەي كىيىپ ئەمېرىكان بولالمىغاندەك رىدا كىيىپ ياكى چۈمبەل تارتىپ ئەرەپ بولالمايسەن.
دىندا ئاشقۇنلۇق قىلىش دىنغىلا ئەمەس ئەڭ مۇھىمى مىللەتكىمۇ ئورنىغا كەلمەس زىيان سالىدۇ، لىكىن بۇنى بىلىدىغان ئىنسان قانچىلىك.................
ئاخىرەت جەننەتى ۋە دوزاقى دەپ ئىككىلا ئايرىش بار. سىز قايسىنىڭغا تەۋەلەردىن بولارسىز. ئەلۋەتتە بىلمەيسىز.
دۇنيادا ئىسلام مىللىتى(دىننى ئەرەپچىدە مىللەتمۇ دەيدۇ. سىز داۋاتقان مىللەتنى قەۋم دەيمىز. قەۋملەر توپىنى ئىرق دەيمىز. ) دەپ بىرلا مىللەت بار. سىزنى ئىرقىي ئايرىمىچى دەيمىز.
ئوخشىمىغان ئىرىق ۋە چىرايلارنى يارىتىشى بىر بىرىمىزنى تونىۋېلىشىمىز ئۈچۈن.
اللە رازى بولغان قەۋمنى ھەرگىز ھالاك قىلمايدۇ. تىلىنى، مىللىتىنى(دىنىنى)، ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى اللە ئىگەم ئۆزى ساقلاپ بېرىدۇ. ئىسلامغا كېلىپ قەۋمى ھالاك بولغان بىرەر مىللەتنى دەپ بېرەلەمسىز؟ ياق دەپ بېرەلمەيسىز. ئىسلامدىن يىراقلاپ تىلىنى، غورورىنى، ئىپپىتىنى، ياخشى ئۆرۈپ-ئادىتىنى يوقاتقانلارنى تاپالايسىز. سۇ، تاش، بوران، يەر تەۋرەش ئاپەتلەرى بىلەن ھالاك بولغانلارنى تاپىسىز. ئىتائەتسىز قەۋمنى اللە خالىسا بىر-بىرى بىلەن، خالىسا خەن بىلەن، خالىسا مانجۇ بىلەن، خالىسا گېتلىر بىلەن، خالىسا ياپون بىلەن ھالاك قىلىدۇ. زېمىنى تارايتىپ بايلىقلىرىنى يوق قىلىدۇ. قىزلىرىنى قۇل، ئەرلىرىنى ھالاك قىلىدۇ.
ئالەملەرنىڭ پادىشاسىغا سەجدە قىلمىغان ئىنسانلارغا، سەجدە قىلغاندىمۇ شېرىك كەلتۇرگەن ھالىمىزغا قاراڭ...
ئەگەر سىز مۇسۇلمان بولسىڭىز [ئەسلىيەتچى، ئاشقۇن دەيمىز. ] مانا مۇشۇ ئەيىپلىشىڭىز بىلەن پەقەت مۇشۇ سۆزىڭىزدە مۇناپىقنىڭ سۆزىنى قىلغان بولىسىز. ئەگەر كافىر بولسىڭىز تۆۋبە قىلماي ئولۇپ كەتسىڭىز جەھەننەمگە لايق ئەمىلىڭىزدىن بىرى كۆپەيگەن بولىدۇ.
ئىسلام ئۈممىتى قېرىندىشىنى ئەيىپلىمەيدۇ. بەلكى اللەغا يالۋۇرۇپ سەجدە قىلىپ اللەدىن قېرىندىشىنى ئىسلاھ قىلىپ بېرىشىنى سورايدۇ.
[ بۇ يازمىنىnewruz 2012-09-12 11:58قايتا تەھرىرلىدى ]