يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش
داۋالاش ئوسۇلى:
1.ئالقان مەركىزىنى ئوۋلاش، مۇشۇپەللىنى ئۇزۇن ۋاقىت يىنىك ئوۋلاپ بەرسە، كۆرۈش قۇۋۋېتى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كىلىدۇ.
2.قۇل دۇمبىسىنى چىمچىلاق تەرەپتىكى قول بېغىشىغا يىقىن پەللىنى ئوۋلاش.
3.جىگەر پەللىسىنى غىدىقلاش، نامسىز بارماق ، ئىككىنچى بۇغۇمدىكى جىگەر پەللىسىنى ئوۋلاش.
مانا مۇشۇئۈچ تۈرلۇك ئوسۇللار ئارقىلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىك كىسىلىنى داۋالىغىلى بۇلىدۇ
كۆزتۇرلىشىش، ئاق چۇشۇشنى داۋالاش
داۋالاش ئوسۇلى:
1.سول قول چىمچىلاق بارماقنىڭ ئۈچۈنچى بۇغۇمىنى غىدىقلاش، ياكى ئۇۋلاش.
2.سۇل قول دۇمبىسى چىمچىلاق قول بىلەن بېغىشى ئارىسىدىكى ئارلىقىنى ئۇۋلاش كىرەك، ھەركۈنى ئەتىگەن- كەچتە 10 قېتىمدىن 20 قېتىمغىچە ئۇۋلاش كىرەك .
باش ئاغرىقىنى داۋالاش
پەللىلەرنىڭ ئىسىمى بۇلغان چۈچى پەللىسىنى تېپىشتا ئالدى بىلەن بىلەكنى ئىگىمىز ،بۇ ۋاقىتتا جەينەكتە بىر قاتتىق سۆڭەك كۆتۈرۇلۇپ چىقىدۇ . باش بارماق بىلەن كۆتۇرۇلۇپ چىققان سۆڭەكنى سىرتىدىن ئىچى تەرەپكە باسىمىز،باسقاندا ئاغرىغان جاي چۈچى پەللىسى دىيىلىدۇ، دەل مۇشۇ پەللىنىڭ ئورنى .
غىدىقلاش ئوسۇلى:ئوتتۇرا بارماقنى (باش بارماق بۇلسىمۇ بۇلىدۇ)ئىگىپ باش بارماق تىرنىقىنىڭ ئۇچى بىلەن تۆۋەنگە كۈچەپ باسسا بۇلىدۇ.
دانىخورەكنى يۇقىتىش ئۇسۇلى
ھەركۈنى يۈزنى پاكىز يۇيۇپ ، چاچ قىسقۇچ ياكى باشقا ئۇچلۇق نەر سىلەر بىلەن باش بارماق تۈۋېنىڭ سەل تۈۋەن تەرىپىدىكى پەللىنى پەللىنى ئوۋلاش كىرەك،(قول دۈمبىسىنى) سول قول ئالقىنىنىڭ باش بارماق يىنىنى يەنى باش بارماق ئاخىرلاشقان بېغىش يىنىدىن باشلاپ كۆرسەتكۈچ بارماققىچە بۇلغان رايۇنلارنى ئوۋلاش كىرەك.
مۈرە تېلىپ ئاغرىش
مۈرە تېلىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۇپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن:قول بېغىشى ۋە مۈرە ھەركىتى ھەددىدىن زىيادە بۇلۇش ، رۇھى ھالىتى تۇراخلىق بۇلماسلىق قاتارلىقلار. ئەمما مۈرە تېلىپ ئاغرىشنىڭ ئارقىسىغا ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، ۋە ئۆت قاتارلىق كىسەللەر بۇلىشى مۇمكىن.
بۇنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئوسۇلى:
باش بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماق تۈۋېگە جايلاشقان جاينى ئۇۋلاش، ياكى كۈچلۈك غىدىقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كۈچەپ چىمداش ياكى بىسىش كىرەك،
دەم سىقىلىش ، يۈرەك ئاجىزلىقتىن بۇلغان مۇرە ئاغرىقىغا قارىتا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئۇتتۇرا بارماق تۇۋى ئارلىقىدىكى يۆتەل- زىققە نۇقتىسىنى غىدىقلاش كىرەك