ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى alim20 نىڭ 2012-09-10 11:30 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا كاپىرلاردىن باشقا پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ئىشىنىدۇ .
ئاتسېت -قارا كاپىرلاردىن باشقا بارلىق ئىنسانلار دەڭ.
بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆز قەۋمى بىلەن بولغان مۇنازىرىسى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەۋەت قىلىش ئەمەس(چۈنكى، بۇنى ئۇلار ئىنكار قىلمايتتى)، بەلكى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يەككە -يېگانە بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىگە، بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقلۇقىغا، دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان.
قارا كاپىرلىق پەيدا بولغىلى ئاز كەم 300يىل بولدى،،،ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەسىلسىدە تالاش -تارتىش قىلىپ باققان ئەمەس، ئىلگىركى زالىم قەۋىملەرنىڭ(كاپىر قەۋىملەرنىڭ) گۇناھى بولسا، ئاللاھنى ئېتىراپ قىلماسلىق ئەمەس، بەلكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان. شۇڭا ئۇلار مۇشرىك (شېرىك كەلتۈرگۈچى)دەپ ئاتالغان. شۇ گۇناھى ئۇلانى ھالاك قىلىپ دوزاختا مەڭگۈ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.(ھاياتلىقىدا تەۋبە قىلىپ، تۈزەتكەنلەر مۇستەسنا.-ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن.)
يەنە بىر قىسىملىرنىڭ گۇناھى بولسا پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىش بولغان.
ئەمدى بۇ قارا كاپىرلارنىڭ ھالىنى ئادەم تەسسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. ئۇلارنى ھايۋان دەي دېسەكمۇ ، ھايۋانلارمۇ، دەل -دەرەخلەرمۇ ئاللاھنىڭ بىرلىك-بارلىقىنى بىلىدۇ، ۋە ئۆزىگە مۇناسىپ ھالەتتە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ تۇرىدۇ.