قېنى كىم ئىشلىيەلەيدۇ؟
ـــــــــ «غەيرى نۇقتا»نىڭ ھەجىمى قانچىلىك؟
قاسىم سىدىق
«غەيرى نۇقتا» ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسى ۋە نۇقۇل ماتىماتىكىلىق ھىساپلاشىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ.ئۇنىڭ ھەجىمى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كىچىك دەپ پەرەز قىلىنىدۇ.ھازىر ئۇ پەقەت ماتىماتىكىلىق ئىدىيە سۆپىتىدىكى رىياللىق.نۆۋەتتىكى فىزىكا ئۇنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ،بارلىق فىزىكا قانۇنلىرى «غەيرى نۇقتا»دا ئەھمىيىتىنى يوقۇتىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
شەكىل نەزەريىسىدە مۇئەييەن ماسسا مۇئەييەن ھەجىمگە ئىگە،كىرىتىك زىچلىقتىن ئالەمدىكى ئومۇمى ماسسا -ئىنىرگىيەنىڭ مۇتلەق تۇراقلىق بولغان ھەجىمىنى كەلتۆرۆپ چىقارغىلى بولىدۇ دەپ تەشەببۇس قىلىنىدۇ.ماسسا-ئىنىرگىيىنىڭ ئومۇمى مىقدارى بىلەن،زىچلىقنىڭ كىرىتىك چىكى بۇ ھىساپتىكى مۇھىم شەرىت.
بىز «غەيرى نۇقتا»مۇ ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە -«ئېن»لاردىن تۆزۆلىدۇ دەپ قارىساق،«غەيرى نۇقتا»نىڭ ھەجىمى ئۆستىدە قايتا ئويلىشىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ.يەنى،ئىلىمىنتار زەررىچىلەرنىڭ شەكلى شار شەكلىدىن باشقا شەكىللەردە بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ئىلىمىنتار زەررىچىلەرنىڭ شەكلىنىڭ «غەيرى نۇقىتا»نىڭ ھەجىمىنى بەلگىلەش ۋە «غەيرى نۇقتا»نىڭ ئىچكى ھەركىتىگە بولغان تەسىرى قانداق؟ مانا بۇ ـــــ بىزنىڭ بۇ تېما ئاستىدا مۇھاكىمە ئىلىپ بارىدىغان مەركىزى نۇقتا.
ئەگەر« غەيرى نۇقتا»ئۆز ئوقىدا تىنمسىز ئايلىنىۋاتقان ۋە ئىنتايىن مىكرۇ تەۋرىنىشكە ئىگە ھەقىقى مەنىدىكى شارسىمان ئىلىمىنتار زەررىچە«ئېن»لاردىن تۆزۆلگەن دەپ قارالسا ئۇنىڭ ھەجىمىنىڭ نەزەريىۋى ھىساپلاشنىڭ مەھسولى بولغان ھەجىمىدىن ئەڭ كەم دىگەندىمۇ ئىككى ھەسسە چوڭ بولىدۇ.سەۋەپ بىز ئۇخشاش رادىيۇسقا ئىگە شارلارنى بىر-بىرىگە ئۇرۇندۇرۇپ تىزىپ ئۇلارنىڭ 13دانىسىدىن يەنە بىر دانە ھاسىلى شار ياساپ كۆردۇق.قۇربانجان سەمەت بۇ ھاسلى شارلار ئارىسىدىكى بوشلۇقنىڭ ئەسلى شارلار ھەجىمىدىن 2ھەسسە چوڭ بولىدىغانلىغىنى ھىساپلاپ چىققان.
ھالبۇكى «غەيرى نۇقتا» ئىنتايىن قىسقا بىر پەيىتلىك جەريان بولۇپ ئىنلارنىڭ ئۆز ئارا سوقۇلىشىدىن ئالەم كىڭىيىش سەپىرىنى باشلايدۇ.بىر قىتىملىق دەۋرى ئالەم تارىخىغا نىسبەتەن ئىتقاندا «غەيرى نۇقتا»نىڭ ۋاقىت جەھەتتىن تىلغا ئالغىدەك ئەھمىيىتى يوق.لىكىن ئۇ ئالەمدىكى ھەقىقى مەندىكى ماددىنىڭ ھەجىمىنى بىكىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەن «ئېن»لارنى بىر -بىرىگە ئۇرۇندۇرۇپ تىزسا ئىچكى بوشلۇق قالدۇرمايدىغان شەكللەردىكى(مەسىلەن: كۇپ) زەررىچە دەپ قارىمايمەن.چۈنكى بۇ ھالدا ھەجىم تىخىمۇ كىچىك بولغان بىلەن،«غەيرى نۇقتا»دىكى ئىچكى ھەركەت ۋە «ئالەمنىڭ چۇڭ پارتىلىشى»نى بۇنداق تىزىلىش ۋە بۇنداق شەكىللەر ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش،تەساۋۋۇر قىلىش قىيىن.«غەيرى نۇقتا»نى فىزىكىلىق مەناغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئىچكى تۈزۈلۈشكە ئىگە ،يەنى ئۇ شار شەكىللىك زەررىچىلەردىن تۆزۈلگەن دەپ قاراش كىرەك.شۇنىڭ بىلەن بىرگە «غەيرى نۇقتا»كەم دىگەندىمۇ ئالەمدىكى ماسسا-ئىنىرگىيەنىڭ مۇتلەق ھەجىمىنىڭ 2ھەسسىدىن چوڭ دەپ پەرەز قىلىش كىرەك.
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۆنى پىروتۇن زىچلىغىدىن 1000ھەسسە يۇقۇرى بولغان زىچلىققا ئىگە غۇۋا ماددىنىڭ بايقالغانلىغى ھەققىدىكى خەۋەر بىرىلدى.بۇ زىچلىق «غەيرى نۇقتا»نىڭ ھەجىمىنى پەرەزقىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئالدى بىلەن خالىغانلار 10نىڭ 51-دەرىجىسى كىلوگىرام دەپ قارىلىپ كەلگەن،ئالەمدىكى نسبىتى 4پىرسەنىت بولغان ئادەتتىكى ماددىلار بىلەن ئالەمدىكى نىسبىتى 96پىرسەنىت بولغان غۇۋا مادداۋە غۇۋا ئىنىرگىيىنىڭ ھەجىمىنى يۇقۇرقى زىچلىق ئاساسىدا ھىساپلاپ كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بىقىڭ ۋە بۇ ھەجىمنى ئالەمدىكى ئومۇمى ماسسا-ئىنىرگىيىنىڭ ھەجىمى دەپ قاراڭ.
ئىككىنجى قەدەمدە يۇقۇرقى كىلىپ چىققان ھەجىمدىن ھازىرقى فىزىكىدا مەۋجۆتلىگى ئىسپاتلانغان ماسسىسى ئەڭ كىچىك زەررىچىدىن (مەسىلەن: نىتىرۇنۇ)قانچە دانە زەررىچە كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدىغانلىغىنى ھىساپلاپ چىقىڭ.بۇيەردە ئالەمدىكى ئومۇمى «ئېن»سانىغا ئىرىشىسىز.
ئۆچىنجى قەدەمدە بۇ شار شەكىللىك زەررىچىلەرنى بىر-بىرىگە ئۇرۇندۇرۇپ تىزىپ ئومۇمى ھەجىمىنى ھىساپلاپ چىقىڭ.مانا بۇ ۋاقىت (ئۆمۆر) جەھەتتىن تىلغا ئىلىشقا ئەرزىمەيدىغان قىممەتكە ئىگە بولغان «غەيرى نۇقتا»نىڭ ھەجىمى.
ئەڭ ئاسان يول ئالەمدىكى ماسسا-ئىنىرگىيىنىڭ ئومۇمى ھەجىمىنى ئىككىگە كۆپەيىتسىڭىز «غەيرى نۇقتا»نىڭ ھەجىمىگە ئىرىشىسىز.
دىمەك «غەيرى نۇقتا»ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچە - «ئېن»لاردىن تۈزۈلگەن دەپ قارسىڭىزلا «غەيرى نۇقتا»نىڭ ئەمىلى ھەجىمى ھازىرقى ھەرقانداق نەزەريىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان(غەيرى نۇقتىنىڭ ھازىر نەزەريىۋى جەھەتتىن كەلتۆرۆپ چىقىرىلغان ھەجىمىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ھەجىمىدىن چوڭ بولىدۇ.
خالىغانلار ئىشلەپ باقساق،چۈشەنمەسلىكلەر بولسا ئىنكاس شەكلىدە پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ.
قېنى كىم ئىشلىيەلەيدۇ؟
2012.9.7
卫星捕捉到银河中心辐射束:或证明暗物质存在
迈克尔孙-莫雷实验新解(暗物质存在的证明)_胡言普_新浪博客