قايغۇرماڭ ناملىق ئەسەرنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىدن تەرجىمە قىلىندى،تەرجىمە جەريانىدا خاتالىقلار ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن.تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشنى سورايمەن.
بەخىتلىك تۇرمۇش
ئېتقاد ۋە خەيىرـ ساخاۋەتلىك ئىش بولسا بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرشىشىنىڭ سىرى،شۇنىڭ ئۈچۈن،ئۇنىڭغا ئىنتىلىش كېرەك.
،كۆپ كىتاب ئوقۇش،ھەقىقى يۈكسەك بىلىم ئېلىش،چۈنكى بىلىم سىزنڭ قايغۇ-ھەسرىتىىڭزنى يوقىتىدۇ.
ھەر دائىم ئاللاھقا تۆۋبە قىلىش،گۇناھدىن يىراق تۇرۇش ،چۈنكى گۇناھ بەخىتلىك تۇرمۇشنى قالايمىقانلاشتۇرۋېتدۇ.
دائىم قۇرئان ئوقۇش،ئۇنى تەھلىل قىلىش،ئاللاھنى ياد ئېتىش،ئۈزلۈكسىزداۋاملىششى كېرەك.
باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش،مەرىد كەڭ قورساقلىققا ياخشى.
باتۇر بولۇش ،قورقۇنچاق بولماسلىق كېرەك،باتۇرلۇق بولسا مەرىد-كەڭ قورساقلىقنىڭ ئاچقۇچى.
قەلبى پاك بولۇش ،ھەسەت ۋە ئاداۋەتتىن ،ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ئالداش ۋە بارلىق كۆڭۈل ئاغرىقىدىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
كۆرۈشكە تېگشلىك بولمىغاننى كۆرمەسلىك،دېىشكە تېگىشلىك بولمىغاننى دېمەسلىك،ئاڭلاشقا تېگىشلىك بولمىغاننى ئاڭىماسلىق،بېرىشقا تېگىشلىك
بولمىغانغا بارماسلىق،يېيىشكە تېگىشلىك ئەمەسنى يېمەسلىك،ئۇخلاشقا تېگىشلىك بولمىغان ۋاقىتتا ئۇخلىماسلىق.
دىققىەت ئېتىۋارنى نەتىجە بېرىشى مۇمكىن بولغان خىزمەتكە قاراتقاندا،سىز چوقۇم غەم-قايغۇنى ئۇنتۇپ كېتىسىز.
تۇرمۇش پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولغان بۈگۈننىڭ ئىچىدە،تۈنۈگۈن ۋە ئەتىنى ئۇنتۇپ كېتىڭ.
كۆپرەك چىراي تۇرقى ،تۇرمۇشى سالامەتلىكى سىزگە يەتمەيدىغانلارغا قاراڭ.
بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئەڭ ياماننى دىلغا پۈكۈش،ئاندىن بارىغا شۈكۈر قىلىش.
ئىدىينى چېكى يوق ۋەھىمەگە خالىغانچە سەيلىگە قويۇۋەتمەڭ.
ئاز ئاچچىقلىنىپ ،كۆپ سەبىر قىلىش،كۆكسى قارنى كەڭ بولۇش،چۈكى كىشىلىك ھايات بەكلا قىسقا.
بەخىتنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىدىن،ئاپەتنىڭ كېلىشىدىن ئەنسىرمەي،ئاللاھقا ئىشەنچ قىلىش كېرەك.
ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتىىن ئىزدەش ،ساختىپەزلىك قىلماسلىق.
ئۆزىنى پاك تۇتۇش،ئوتنى ئۆزىگە تۇتاشتۇرماسلىق.
تۇرمۇش ئاددى-ساددا، كەيىپ ساپاغا بېرىلمەسلىك كېرەك،ئۇنداق بولغاندا ،ۋاقىت ھەم ئىسراپ بولىدۇ،ھەم ئادەمنىڭ تەن ۋە روھىيغا زىيان بولىدۇ.
ئىگە بولغان بەخىت ۋە ئۇچۇرغان بەختسىزلىكنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ،يەنىلا ئېرىشكەن يوقاتقاندى كۆپ.
ئىغۋاگەرلەر پەقەت ئۆزى يامانلىقنى تاپىدۇ،ئىنچىكىلەپ ھېسابلىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
مەسىلىلەرنى توغرا تەھلىلى قىلىش،كۆپرەك ئىگە بولغان بەختىنى ،مۇۋھپىقىيەت ۋە ئارتۇقچىلىقنى ئويلاش.
باشقىلارنىڭ رەھمىتىنى ساقلىماسلىق،چۈنكى سىزنىڭ ھەرقانداق ئادەمگە ھوقۇقىڭىز يوق،مۆمىننىڭ ياخشىلىقى پەقەت ئاللاھنىڭ ياخشى كۈرۈشىگە ئېرشىش ئۈچۈن.
ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر پايدىلىق پىلان تۈزۈپ،ئويلىنىپ ئاندىن ئىجرا قىلىڭ،غەم – قايغۇنى ئۇنتۇش قا پايدىلىق.
قولىڭىزدىكى ئىشلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىڭ، بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە سوزماڭ.
ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان پايدىلىق ئىشنى قىلىڭ،ئايقىنى يىغىۇشتۇرش تەس بوپ قالمىسۇن.
ئاللاھ سىزگە بەرگەن ئىلتىپاتنى ئويلاڭ،ئۇنڭ نامايەن قىلڭ،ئاللاھقا شۈكۈر رەھمەت ئېيتىڭ.
ئاللاھ ئىلتىپات قىلغان ساغلاملىق،مال مۈلۈك،ئائىلە ۋە خزمەتىكە مەمنۇن بولۇڭ.
يىراق يېقىندىكى دوىت تۇققانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ،پەقەت باشقىلارنىڭ كەمچىللىكىنىلا كۆرمەڭ.
باشقىلارنىڭ خاتالىقىغا بىپەرۋالىق قىلماڭ،باشقىلارنىڭ خاتالىقى ۋە مەخپىيەتلىكىنى تىڭتىڭلاپ يۇرمەڭ.
دائىم پىيادە مېڭىپ بېرىڭ،كۆپ بەدەن چېنىقتۇرۇڭ،سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ،چۈنكى ساغلام تەندە ساپ ئەقىل.
دائىم ئاللاھنىڭ كەڭچىلىك بىلەن ئەپۇ قىلىشنى تىلەڭ،كۆپ ياخشى ئىش قىلىڭ،تىنىچ ئامانلىقنى تىلەڭ.
تەپەككۇر قىلىش،كۆپ تەشەككۇر ئېيتىش
شۇنى ئەسكەرتىش:ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىنى ئەستە چىڭ ساقلىغاندا ،شۇنى بايقايسىزكى سىز مەڭگۈ شۇنىڭ ئىچىدە.[ئەگەر ئاللاھ نىڭ (سىلەرگەبەرگەن)نېمىتىنى سانىساڭلار ،ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالالمايسىلەر]
ساغلام بەدەن،ئوزۇق تۈلۈك ۋە كىيىم كېچەكتىن غەم ئەندىشىسىز،خەلىق ۋە دۆلەت ئاسايىشچىلىقتا،ساپ ھاۋا،شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇ،دۇنيا سىزنىڭ ئايىقىڭىز ئاستىدا،ئەجەبا سىز ھېس قىلالمىدىڭىزمۇ؟ھاياتلىق تۇرمۇش سىزنىڭ ئىلىكىڭزدە،ئەجەبا سىز ئۇنى كۆزىڭىزگە چېلىقىپ تۇرسمۇ كۆرەلمىدىڭىز؟ [ ئاللاھ سىلەرنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نىمەتلەر ئىچىدە قىلدى]
كۆز،تىل،ئىككى قول،ئىككى پۇت،[( ئى ئىنسانلار! جىنلار!)پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟].
ئويلاپ بېقىڭ،ئەگەر پۇت كېسىۋېتىلسە،يول ماڭغاندا قاندق تۇيغۇ بولار؟ئەگەر كىچىك پاقالچاق كەمتۈك بولسا ،بەدەن قانداق تىرەپ تۇرار؟ ئەگەر كېسەل ئازابىغا ئۇچۇرسا،تىنىچ ئۇيقۇغا كىرگىلى بولامدۇ؟ ئەگەر ئىشتاھاسىزلىققا گىرىپتار بولسا ،مەززىلىك نازۇ- نېمەتلەردىن ھوزۇر ئالغىلى بولامدۇ؟ئويلاپ كۆرۈڭ ،ئەگر سىز گاس-گاچا ،مەجرۇھلۇققا گىرىپتار بولسىڭىز،ئاق كېسەل ياكى ئەقلى ئاجىز بولۇپ قالسىڭىز.....،ئاللاھ سىزنى بۇخىل ئازاب-ئوقۇبەتتىن خالاس قىلىدۇ.
ئەجەبا سىز كۆزىڭىزنى ئالتۇن تاققا ئالماشتۇرۇشقا ،قۇلىقىڭزنى بايلىققا،تىلىڭىزنى گۈللەر بىلەن پۈركەنگەن ئوردىغا ئالماشتۇرۇشقا رازىمۇسىز؟ سىز گاچا بولۇشقا رازىمۇ؟قىممەتلىك بايلىقققا ئىككى قولۇڭىزنى سېتىۋېتىپ ،مېيىپ بولۇشقا رازىمۇ؟ سىز ھەقىقەتەن غايەت زور كاتتا ئىلتىپاتلارنىڭ ئىچىدە،لېكىن سىز ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەي،پۈتۈن كۈن كۆڭلڭىز مەيۈس ،ناھايتى قايغۇ ھەسرەتتە. سز قىزغىن ھالدا بولكا ،مۇزدەك تاتلىق سۇدىن ھوزۇرلىنىسىز ،ھەركۈنى تېنىچ ئۇيقۇغا بارىسىز،بەدەن ساغلام غەم يوق،يەنە ئۆز پايدا زىيننىڭلا غېمىنى يەيسىلەر،رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيسىلەر؛سىزدە بەخىتنىڭ ئاچقۇچى بار،چەكسىز گۈزەل بەخىتلىك تۇرمۇش،يەنە بىر ئاز پۇل مالنىڭ زىيىنغا ئۇچۇرشى بىلەن تىت تىت بولۇپ تاقەتسىزلەنگەن. شۇڭلاشقا تەپەككۇر قىلىپ ،كۆپرەك تەشەككۇر ئېيتىش لازىم.
[زېمىندا ۋە ئۆزەڭلاردا ئاللاھغا چىن ئېتقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھ نىڭ قۇدۇرتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان )نۇرغۇن ئالامەتلەر بار (بۇنى كۆرمەمسىلەر).]
ئۆزىڭىز،ئائىلىڭىز،ئۆيىڭىز،خىزمەت،سالامەتلىك،دوسىت ۋە ئەتراپىڭىزدىكى دۇنيانى كۆزىتىپ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ.[ئۇلار ئاللاھ نىڭ نېمىتىنى تونۇيدۇ،ئاندىن(ئاللاھ دىن بۆلەك غەيرىيگە ئىبادەت قىلىش بىلەن )ئۇ نېمەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ،ئۇلارنىڭ توللىسى كافىردۇر(يەنى كافىر پېتىچە ئۆلىدۇ)]
‹‹بۈگۈن››تولۇق سىزگە تەۋە
سەھەرنى كۈتۈۋالغانسىزىكەن،تۈن قاراڭغۇسىنىڭ يېتىپ كېلىشنى ساقلىماڭ.چۈنكى سىز پەقەت بۈگۈننىڭ ئىچىدىلا ياشايسىز، تۈنۈگۈن ياخشى،يامان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆتۈپ كەتتى،ئەتە تېخى يېتىپ كەلمىدى.سىزنىڭ ئىگە بولغىنىڭىز بولسا قۇياش ئەمدىلا چىققان بۈگۈن.شۇڭلاشقا،ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ:ھايات بولسا بۈگۈن،خۇددى سىز بۈگۈن تۇغۇلغانغا ئوخشاش،ھەم بۈگۈندە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك.ھاياتنى ئۆتمۈشنىڭ سايىسى ۋە ئازابىىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ،كەلگۈسى ئەرۋاھى ۋە غەم قايغۇ ئاسارىتىنى چۆرۈپ تاشلاپ،تۇرمۇشتىكى بۈگۈننى بەكرەك قەدىرلەپ،بۈگۈن ئۈچۈن تىرشىپ خىزمەت قىلىش،جان تىكىپ ئېلشىش كېرەك. بۈگۈن ئۈچۈن ،سىز ئىخلاسمەنلىك بىلەن ناماز ئوقۇپ،كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ،تىرشىپ تەپەككۇر قىلىپ ،ئەستايدىلق بىلەن ئاللاھنى ياد ئېتىڭ؛يەنە ياخشى مىجەز يېتۈلدۈرۈپ،شۈكرى قانائەت قىلىىپ،سوغۇققانلىق بىلەن ئىش بېجىرىڭ؛ھەمدە قىياپەتكە دىققەت قىلىڭ،سالامەتلىكنى ئاسراڭ،باشقىلارغا ياردەم بېرىڭ.
بۈگۈن ئۈچۈن ،سىز ۋاقىتنى تېجەڭ،مىنۇت سېكۇنتنى قولدىن بەرمەڭ؛ھەققانىي بولۇڭ،ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق بىلىڭ،ھەر ۋاقىت ئاللاھنى ئەسلەپ،ئۆزىڭىزنىڭ سەۋەنلىكىگە توۋا قىلپ،دۇنيادىن ئايرىلىش سەپىرىگە تەييارلىق قىلىڭ.سىز بۈگۈننى خۇشاللىق بىلەن ئۆتكۈزگەندە ،بارىغا شۈكۈر قىلىڭ،ھازىرقى ھالەتتىن رازى بولۇڭ،خوتۇن بالىڭىزغا كۆيۈنۈڭ،خاتىرجەم كەسپىڭىزنى ئۈگۈنۈڭ.
{ساڭا مەن ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكرى قىلغۇچىلاردىن بولغىن }.ئاچچىقلانماڭ ،ئاداۋەت ساقلىماڭ.
سىز بۇ بىر ئېغىز گەپنى قەلبىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ،ھەم ئۇنى ئىشخانىڭزغا يېزىپ قويۇڭ؛‹‹بۈگۈن تولۇق سىزگە تەۋە ›› .سىز بۈگۈن مەززىلىك يېڭى بولكا يەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا ئەجەبا يەنە تۈنۈگۈنكى كۆكۈرۈپ بۇزۇلغان بولكىغا ئازابلىنامسىز ۋە ياكى تېخى كۆرۈنمىگەن ئەتىكى بولكا كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلامدۇ؟بۈگۈن شېرىن ئىچىملىك ئىچكەن ۋاقتىڭىزدا ،ئەجەبا تۈنۈگۈنكى زەرداب سۇ ۋە چىقمىغان ئەتىكى قايناقسۇغا ئازابلىنپ ئاھ ئۇرامسىز؟
ئەگەر ئىرادىڭىز كۈچلۈك مۇستەھكەم بولسا ،ئۆزۈڭۈزگە مۇنداق بىر قائىدىنى قوبۇل قىلغۇسسىز :مەن پەقەت بۈگۈننىڭ ئىچىدە ياشايمەن.تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەر بىر ۋاقىتتا تۇرمۇشۇڭىزنى قۇرۇشقا ماھىر بولۇپ ،تەبئى تالانتىڭىزنى جارى قىلدۇرغان ،خىزمىتىڭىزنى مۇكەممەلشتۈرگەن ۋاقىتىڭىزدا سىز مۇنداق ئويلايسىز:
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن تىلىمنى گۈزەللەشتۈرۈمەن،شۇڭلاشقا مەن ئادەم تىللىمايمەن ،باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلمايمەن،سېسىق سەت گەپ قىلمايمەن؛
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ياتىقىم ۋە ئىشخانامنى تازلايمەن،ئەتراپنى گۈزەللەشتۈرۈمەن،قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرمەيمەن.
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ياشايمەن ،شۇڭلاشقا مەن شەخسى تازلىقنى تەكىتلەيمەن،قىياپىتىمنى تۈزەشتۈرۈمەن ،مەيلى يول ماڭاي سۆزلەي ،مەيلى ھەرقانداق ئىش قىلاي،ھەممىسىدە مۇناسىپ لايىقىدا بولىمەن.
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ھايات ،شۇڭلاشقا مەن تىرشىپ مېنىڭ ياراتقۇچۇمغا بويسۇنىمەن،ئەمەللىرىمنى مۇكەممەلشتۈرۈمەن،نەفلە ئەمەلنى يول خىراجىتىغا ئالىمەن،قۇرئاننى دائىم ئوقۇيمەن،كۆپ كىتاپ كۆرۈمەن،پايدىلىق ئىلىم ئىگەللەيمەن.
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ھايات ،شۇڭلاشقا مەن قەلبىمدە گۈزەل ئەخلاق تېرىپ ،رەزىللىك بىخلىرىنى يىلتىزدىن قومۇرۇپ تاشلاپ،مەغرۇرلۇقتىن يىراق ،مەنمەنچىلىكتىن ،شۆھرەت پەرەسلىكتىن ھەسەت ۋە ئۆچمەنلىكتىن ئىپلاسلىقتىن يىراق تۇرۇمەن.
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ھايات ،شۇڭلاشقا مەن باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ،ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق بىلىمەن،كېسەللەرنى يوقلاپ ،مېيىتنى ئۇزۇتىمەن.ئېزىقىپ قالغانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىىپ،ھەققانىيەت يولىدا پىداكارلىق ،غېرىب غۇرۋالارنىڭ بېشىنى سلاپ،ئىلىمدارلارنى زىيارەت قىلىپ،ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىززەتلەيمەن.
مەن پەقەت بۈگۈن ئۈچۈن ھايات شۇڭلاشقا مەن دەيمەن:ئاھ!ئۆتۈپ كەتكەن ،سەن كېتىپ كەلمەيسەن،خۇددى قۇياش غەرىبكە پاتقىنغا ئوخشاش .شۇڭلاشقا مەن سەن ئۈچۈن يىغلاپ ياش تۆكمەيمەن،ھەم ئازراقمۇ ۋاقىتنى ئالمايمەن،پەقەت سېنى قەلىب ھۇجرامدا قويۇپ قويۇمەن.ئاھ كەلگۈسى ! سەن تېخى نامەلۇم دۇنيا ،شۇڭلاشقا مەن سېنڭ قانداقلىقىڭنى پەرەز قىلمايمەن،مەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنى خىيال تەسەۋۋۇرغا سېتىۋەتمەيمەن،ھەم مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرمەيمەن،چۈنكى ئەتە تېخى كەلمىدى،ئەتە تېخى مەۋجۇد ئەمەس ،ئەتىنى ئەسلىمە قىلغىلى بولمايدۇ.
ئاشۇ تۇرمۇشنىڭ رەڭدارىنى تاللىغان كىشلەرگە ئېلىپ ئېيىتقاندا ،بەخىتنىڭ لۇغۇتىدىكى ئەڭ گۈزەل سۆز بولسا دەل: ‹‹بۈگۈن››تولۇق سىزگە تەۋە.
ئەتە ئۈچۈن قايغۇرماسلىق
{ئاللاھنىڭ پەرمانى (يەنى قىيامەت)چوقۇم كېلىدۇ،ئۇنىڭغا ئالدىراپ كەتمەڭلار}
تېخى يۈز بەرمىگەن ئۇ ئشلارنى مۇلاھىزە قىلماسلىق.ئەجەبا سىز ھامىلە شەكىللەنمەستىن بۇرۇن چۈشۈپ كېتىشنى ،مېۋە پىشىشتىن بۇرۇن ئۈزۈشنى ئويلامسىز؟مەۋجۇد بولمىغان ئەتە يەنىلە ھېچنىمىدۇر،ئەھمىيتى يوق،نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى چىڭ يېپىشتۇرۇپ ،ئېھتىمال يۈز بېرىدىغان ئىش ئۈچۈن دەككە دۈككە ئالاقىزادە بولۇپ يۇرىمىز؟بۇ ئىشلار ئېھتىمال يۈز بېرشى ، بەلكىم يۈز بەرمەسلىىكى ،يەنە بەلكىم غەمدىن خۇشاللىققا ئۆزگۈرشى مۇمكىن.مەسلە بولسا بۇ ئىشلار يەنىلا نامەلۇم دۇنيادا، رېئال ھاياتى تۇرمۇشتا كېلىپ چىقمىغان.تۇرمۇشنىڭ قانۇنى بولسا :بىز كۆۋرۈكتىن ئۆتىمىز،كۆۋرۈكنىڭ ئالدىغا بېرشىمىز كېرەك،ئېھتىمال بىز يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن قەدەم توختاپ قېلىشى مۇمكىن ،ئېھتىمال بىز يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن كۆۋرۈك ئاللىبۇرۇن ئۆرلگەن بولىشى مۇمكىن،ئېھتىمال بىز يېتىپ بارغاندىن كېيىن خاتىرجەم ئۆتۈپ كېتىشىمىزمۇ مۇمكىن.
خىيالنىڭ كەلگۈسى دۇنيادا ئەركىن ئۇچۇشغا يول قويۇلۇش ،ئېھتىمال يۈز بېرشى مۇمكن بولغان بارلىق ئىشلار كېلىشتىن بۇرۇن قاتتىق تەشۋشلنىش،بولسا دىندا يامان كۆرۈلدۇ.چۈنكى بۇ ئاقىلانىسىزلىق بىلەن قۇرۇق خىيالغا پېتىپ قېلىش،خۇددى كۆلەڭگە بىلەن ئېلىشقانغا ئوخشاش.نۇرغۇنلىغان ئادەملەر كەلگۈسدە ئاچ-نامرات ،كېسەلىككە كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ ئەنسىرەشلەرنىڭ ھەممىسى ئبلىس مەكتىپىنىڭ دەرىسلىك مەزمۇنى.{شەيتان سىلەرنى پېقىرلىقتىن قورقۇتىدۇ،يامان ئىشلارغا(يەنى بېخىلققا،زاكات بەرمەسلىككە)بۇيرۇيدۇ؛ئاللاھ سىلەرگە ئۆز مەغفىرتىنى ۋە پەزىلىنى ۋەدە قىلىدۇ.}
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كۆز يېشى قىلىشدۇ،چۈنكى ئەتە ئاچ قېلىشىدىن،ۋە ياكى ئەتە كېسەل بولۇپ قېلىشىدىن،ياكى يۈز يىلدىن كېيىن قىيامەتنىڭ كېلىشىدىن.ھېچقانداق كىشى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ھەقىقى ئىگەللىگەن ئەمەس ،شۇڭلاشقا مەۋجۇدسىز ھەركەتنى دوغا تىكمەسلىك كېرەك؛ھېچكىم ئۆزىنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ،شۇڭلاشقا ئەمەلى مەنىسى بولمىغان مەنىسىز خىيال ئىچىگە چۆكمەسلىك كېرەك.
ئەتە كېلىشتىن بۇرۇن ،ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرماسلىق،ئۇنىڭ خەۋىرنى تىڭ تىڭلىماسلىق،ئۇنىڭ كېلىشنى كۈتۈپمۇ ئولتۇرماسلىق،چۈنكى سىزنىڭ بۈگۈن قىلىدىغان ئىشلىرىڭىز بار.
كىشى ھەقىقەتەن چۈشەنگىلى بولمايدىغان مۇنداق بىر قىسىم كىشلەر بولسا :ئەتىنىڭ قۇياشى تېخى كۆتۈرۈلمىگەن،سۈبھى تېخى كۆرۈنمىگەن ،بىراق ئۇلار ئەتنىڭ غەم قايغۇسىنى ئالدىن چىقارغان.
ئىنسانلار! ھەرگىزمۇ كەلگۈسدىكى قۇرۇق ئازاب – ئوقۇبەتكە پېتىپ قالماڭلار.
سەۋەبسىز ئەيىبلەشلەرگە يۈزلىنىش
بىر قىسىم ئەخمەقلار ،ئەقىلسزلىك بىلەن يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ بىردىنبىر ياراتىپ پەرۋىش قىلغۇچىغا تىل تەككۈزۈشكە جۈرئەت قىلىدۇ،ئۇنداقتا ،بىزدەك كەمچىللىكىمىز كۆپ ،خاتالىق ئۈزۈلمەيدىغان ئادەم ،قانداقسىگە ئۇلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالالايمىز؟ تۇرمۇشتا ،پەقەت سەن تۆھپە قوشۇپ شەرەپ قازانساڭلا،قۇرۇقتىن-قۇرۇق ئەيىبلەشتىن ، پۈتۈن ئەس يادى بىلەن زەربە بېرىش ياكى يامان نىيەتلىك ھاقارەتتىن خالى بولۇش بەك تەس. بەزى كىشىلەر سەن بىلەن ئاسانلىقچە بولدى قىلشمايدۇ،پەقەت سەن ئۆزۈڭنى چەتكە ئېلىش ئۈچۈن يەرنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتسەڭ ياكى ئەرشكە چىقىپ كەتسەڭلا بولدى قىلىشدۇ؛سەن پەقەت ئۇلارنىڭ كۆز ئاستدا ياشىساڭ ،ئۇلار زەربە بېرىشنى پۈكۈپ سېنى ئوڭايسىزلاندۇرپ،قاتتىق ئازابقا قويىشىدۇ،سەن ھالاكەت گىردابىغا بارغاندىلا ئاندىن خۇشال بولىشىدۇ.
بىپەرۋا كىشىلەرنىڭ بېشىدىن ھېچقانداق بۇران چاپقۇن ئۆتمەيدۇ،ھېچقانداق زۇۋان سۈرمەسلەر چوقۇمكى تونۇلمايدۇ،بىراق ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىكى ھەسەت ئوتى سەن ئۈچۈن يانىدۇ،چۈنكى سەن ئۇلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ھەققانىي،تېخىمۇ باي،ئەدەپلىك،مەلۇماتقا ئىگە.شۇڭلاشقا ،ئۇلار سېنىڭ گۇناھىڭنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدۇ دەپ ھېسابلايدۇ،پەقەت سەن ھېچنىمىسى يوق يالاڭ تۆش،ئەخلاقى بىلىمى كەم،بىرەرمۇ توغرا قىلغىنى يوق ئەخمەققە ئوخشاش ھېچ ئىشنى قىلالمايدىغانلاردىن بولساڭلا ئۇنداق ھېسابلىمايدۇ.شۇڭلاشقا بۇنداق كىشلەرنىڭ پىتنە پاسات سۆزلىرىنى ۋە مۇتھەملىك بلەن قىلغان ئەيىبلەشلىرىنى قۇرۇق گەپ ئورنىدىلا كۆرسەڭ بولىدۇ،سەن ئۇيۇل تاشتەك مەزمۇت بولۇپ ،بوران چاپقۇن ئىچىدە قەددىڭنى رۇسلا،ئەگەر سەن بۇ كىشىلەر بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ گېپگە كۆڭۈل بۆلسەڭ ،ئۇنداقتا سەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك چىقىپ ،تۇرمۇشىڭ چوقۇم پاراكەندە بولىدۇ.شۇڭلاشقا سېنىڭ كۆڭلى كۆكسۈڭ كەڭ،تەمكىن،بولۇپ ئازما.ئۇلارنىڭ ساڭا قارىتا بىكاردىن بىكارلا ئەيىبلىشى،دەل ساڭا بولغان سەلبى تەرەپتىن چۈشۈنىشى،سەن قانچىكى مۇنەۋۋەر بولساڭ،ئۇلارنىڭ ئەيىبلىشى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.
سەن ئۇلارنىڭ ئاغزىنى توسۇپ،تىلىنى باغلاپ قويالمايسەن،لېكىن سەن ئۇلارنىڭ ئەيىبلىشىگە قارىتا قاراپمۇ قويماي،ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى نەزىرىڭگىمۇ ئالما.{(ئى مۇھەممەد !)ئېيىتقىنكى ‹‹ئاچچىقىڭلار بىلەن ئۆلۈڭلار!(يەنى ئاللا ئۆلگۈنىڭلارغا قەدەر ئاچچىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرسۇن.)سۈرە ئالى ئىمران 119-ئايەت}سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئېسىل ئەخلاقي پەزىلىتىڭ ،ياخشى ساپايىڭ ۋە دۇرۇس ئىستىلىڭ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرىنىڭ بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگىن،سەن ھەرگىزمۇ باشقىلار ياخشى كۆرىدىغان مۇكەممەل كەم كۇتسىز تالانىتلىق بولۇشقا ئۇرۇنۇپ ئىتىلمە،بۇ بىر ئەخمىقانە خام خىيال.
بۇ ئەسەرنىڭ باشتىكى بۆلەكلىرىنى بۇرنمۇ يوللىغان،داۋامنى ئاللاھ خالىسا يوللايمەن.