بىر لالما كۈچۈك دەرۋازام تۈۋىگە كېلىپ ، ئېچىرقاپ ماغدۇردىن كېتىپ تۈگۈلۈپ يېتىپ قاپتۇ ، بىر قارىماققا كۈيە چۈشكەن تېرىدەك تۈكلىرى تەتۈر ئۆرۈلۈپ كېتىپتۇ ، ئىچىم ئاغرىپ ئۆيگە ئەكىرىۋالدىم ،..... قىزىم _ '' نىمە بۇ '' دىدى ، كۈچۈك دىدىم ، خولۇم -خوشنىلار _ '' نىمە بۇ '' دىدى ، كۈچۈك دىدىم ، ئايالىمنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر _ '' يوقات بۇ ئەبگانى ، تار قورادا تۈكى توزىيدۇ '' دەپ چىشلىرىنى غۇچۇرلۇتۇپ ئالدىمغا دەۋەيلەپ كەلدى ، گەپ قىلمىدىم ، چۈنكى ۇمۇ بىر چوڭ كۈچۈك ........ ھويلىغا كىم كىرسە '' بۇ نىمە '' دەپ سوراۋەردى ،....... قانۇن ئورنىدا ئىشلەيدىغان بىر باشقا مىللەت '' بۇرادىرىمىز '' بار ئدى ، ئۇمۇ كىرىپ '' نىمە بۇ '' دەپ سورىدى ، ئاخىرى مەنمۇ چىدىمىدىم ، _ ''بۇ تاشقى پىلانىت ئادەملىرىنىڭ يەر شارىغا كېلىپ چىچىپ قويغان پوقى '' دىدىم ، ئۇ ھىجايدى ،لېكىن كالپۇكلىرى تىترەپ كەتتى ، كارىم نىمە ......
مەنمۇ يامان ، ئايالىمنىڭ ئوت چاچراتقان كۆزلۈرىدىن قورۇقماي بۇ جانۋارنى بېقىۋالدىم ، ئالا - ھەزەل بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن كۈچۈككە جان كىردى ، تۈكلىرى پارقىراپ ، قۇيرۇغى دىڭ بولدى ، قۇيرۇغىنى شىپاڭشىتىپ ئەركىلەشكە باشلىدى ، ھەممىمىزنىڭ مېھرى چۈشۈپ قالدى ،..... ئەپسۇس نىمە بولدى بىلمىدۇق ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ كۈچۈك ''يوقاپ كەتتى '' ، ھەممىمىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى ، 1 - بولۇپ قىزىم يىغلىدى ، 2 - بولۇپ ئايالىم چىكەتكىنىڭ كۆزلىرىدەك پۇلتۇيۇپ چىققان كۆزلىرى نەملەندى ، مەنچۇ ؟ مەن بىر تاش يۈرەك ئادەم ، يىغلاپ نىمە قىلاي ، يىغلايدىغانغا يىغلىمىدۇق ، نى - نى يىغلايدىغانلار ئالدىمىزدا تېخى دىدىم ساراڭلەردەك خىيال قىلىپ ...... بوپتۇ باشقىلارمۇ تاغنى - باغنى ، قاپاق تېرەكنى مەدھىيىلەپ '' قوشاق '' يازىدىكەن ، سەن بىر جانغۇ ، _ دىدىمدە ئەل قاتارى كۈچۈگۈمگە ئاتاپ ئىككى ئېغىز مەرسىيە '' قوشىغى '' يېزىپ قويدۇم .........
شۈكۈر قىلغان كۈچۈگۈم .......
'' زەپمۇ -زەپ ئۆلگەنگە زەپ ، ئارماندا كەتكەن كۈچۈگۈم ،
دەشتى -چۆل داۋان ئېشىپ ، دەرماندىن كەتكەن كۈچۈگۈم ،
ئاسمان بېقىپ ھۇۋلىدىڭ ، تەڭرىگە قىپ ئىلتىجا ،
تەڭرىمۇ كۆرمەسكە سالدى ، بىتەلەيسەن كۈچۈگۈم ،
سەن ئۈچۈن ھەم بەرىبىر ،ھايات -مامات تۇرغۇنۇڭ ،
چىۋىن جېنىڭ تەسەددۇق ، پاسىبانسەن كۈچۈگۈم ،
جىمى ئىقلىم سەن ئۈچۈن قىلمىدى ھېچ بىر ۋاپا ،
بىر بۇلۇڭدا غۇربەتتە ، مۈگدەپ ياتقان كۈچۈگۈم ،
كېپەك بەرسە شۈكۈر دەپ '' ھەجەپ ئوخشاپتۇ زەمەلىك '' ،
ھوزۇر ئىچرە خوجايىن ، بوينۇڭ زەنجىر كۈچۈگۈم ،
بىلمىدىم كىملەر ساڭا ئەيلىدى ، شۇملۇق - قارا ،
غاجاپ ئاتقان - زەللىگە ، شۈكۈر قىلغان كۈچۈگۈم ،
زىدە بولدى يۈرۈگۈڭ ، زەئىپ سەزمەس تەنلىرىڭ ،
كۆش - كۆش لەردىن ، قاش - قاشتىن ئامان قالغان كۈچۈگۈم ،
كېسىلسىمۇ تىللىرىڭ ، ئويۇلسا ھەم كۆزلۈرۈڭ ،
پىچاق يەتسە سۆڭەككە سەزمەس بولغان كۈچۈگۈم ،
غەزەپ سەگەك ،شاش ئىدىڭ ، رەقىبىڭگە سۈر ئىدىڭ ،
قاۋاشلاردىن ،ھۇۋلاشتىن توختاپ قالغان كۈچۈگۈم ،
شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ ، بۇ ئاللانىڭ سىنىغى ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۇنتۇلۇپ '' قۇيرۇغىڭ دىڭ ''' كۈچۈگۈم ،
شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ ،ئەسلەرسەنمۇ ئىگەڭنى ......
سېنى ئانى تاپقانلار ، ھۆر -ھۆر يىغلار كۈچۈگۈم ،.
سېسىق چوقاي ، 4- سېنتەبىر