تۇرك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا-ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، مۇھەممەد مۇرسىنىڭ سۈرىيەگە قارىتىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى «بەھرەين» دەپ ئۆزگەرتىپ، سۈرىيەگە قارىتىلغان بارلىق سۆزلەرنى خاتا تەرجىمە قىلغان.
تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى يىغىنىغا قاتناشقان مۇھەممەد مۇرسى «بىز زالىم سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قارشىسىدا سۈرىيە خەلقىنىڭ يېنىدا» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. ئىسلام ئىنقلابىدىن بۇيان ئىراننى زىيارەت قىلغان تۇنجى مىسىر رەھبىرى ھېسابلىنىدىغان مۇھەممەد مۇرسىنىڭ بۇ سۆزلىرى تېھران دائىرىلىرىنى چۆچۈتۈۋەتكەن بولۇپ، سۈرىيە ھەيئىتى مۇھەممەد مۇرسى سۆز قىلغاندا يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتكەن.
ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى، مىسىر رەھبىرىنىڭ «سۈرىيە بىلەن پەلەستىن خەلقى، ئەركىنلىك ۋە ئادالەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا» دېگەن جۈملىنى «پەلەستىن ۋە بەھرەين خەلقى» دەپ ئۆزگەرتتى. مۇھەممەد مۇرسىنىڭ يەنە، «ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەن سۈرىيە خەلقىنى قوللايمىز» دېگەن جۈملىسى بولسا «ھەر تۈرلۈك ھىيلە – مىكىرگە قارشى سۈرىيە خەلقىنى قوللايمىز» دەپ تەرجىمە قىلىندى.
خەۋەلەرگە قارىغاندا، سۇرىيەدە توقۇنۇش ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا 85 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. بەششار ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھاۋادىن قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە ئونلارچە ئادەم ئۆلگەن. ۋە شۇ ئەسنادا قوزغىلاڭچىلار سۈرىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بىر ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى قولغا كىرگۈزگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولىمدا توپلاندى. سۈرىيە مەملىكەتلىك كېڭەش باشلىقى ئابدۇلباسىت سەيدا، قايتىدىن تەشكىللىنىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «سۈرىيە مەملىكەتلىك كېڭىشىنى قايتىدىن تەشكىللەش ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى تاماملاپ، بىر كونگرە ئاچىمىز. تېخىمۇ كۈچلۈك تەسىرگە ۋە دېموكراتىك بولۇش ئۈچۈن ئومۇمىي كاتىباتلىق ۋە باشقۇرۇش كومىتېتى دائىرىسىدە سايلام ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىۋاتىمىز» دېدى.
ئۇ ئاخىرىدا، كەلگۈسىدىكى سۈرىيەنىڭ سېكۇلار (ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىۋېتىلگەن) ۋە دېموكراتىك بىر دۆلەت بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ «مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى » 31–ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى سۇرىيەدە ئۇچۈش چەكلەنگەن رايون ۋە ئىنسانپەرلىك كارىدورى تەسىس قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغان.
بۇ تەشكىلات ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئاچقان سۇرىيە مەسىلىسى يىغىنىدىن بۇرۇن يۇقىرىقى باياناتنى ئېلان قىلغان. باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى سەۋەبىدىن قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىپ كەتكەن ياكى ئۆي–ماكانسىز قالغان تەخمىنەن 2 مىليون 500 مىڭ سۇرىيەلىك ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن، سۇرىيەدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون ۋە ئىنسانپەرلىك كارىدورى تەسىس قىلىش زۆرۈر.
ئىگىلىنىشىچە، خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۇرىيە مەسىلىسى يىغىنى 30–ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننى فىرانسىيە ئۇيۇشتۇرغان، يىغىننىڭ مەقسىتى، سۇرىيە ئىنسانپەرلىك ۋەزىيىتى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
يېقىندا، تۈركىيە تەرەپ سۇرىيەدە بۇففېرلىق رايون (سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش رايونى) تەسىس قىلىپ مۇساپىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، لېكىن سۇرىيە پىرېزىدېنتى بۇ تەكلىپكە قارشىلىق بىلدۈرگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، سۇرىيەدە توقۇنۇش يۈز بەرگەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، سىرتقا قېچىپ كەتكەن مۇساپىر 2 مىليون 300 غا يەتكەن.
تور خەۋەرلىرى