سۇپاخۇنكامنىڭ قارشى تەرپىدىكلەر نىمە ئىش قىپتىكەن ئۇنىمۇ ئىسىمىزگە ئىلىپ قۇيايلى !
1944-يىلى دۆلەت قۇرۇلغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ ئارمىيسى ماناس دەرياسى بۇيىغىچە قىستاپ كىلىپ ئۈرۈمچىنى تەھدىتكە ئالغان ۋاقىتتا ، ھەربى جەھەتتىن ئامالسىز قالغان گۇمىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قۇللانغان سىياسى تەدبىرى ئىككى جەھەتتىن بۇلغان . بىرى ئامرىكىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىغىدا سۇۋىت ئىتىپاقى بىلەن سۇلھى قىلىپ ،شۇ ئارقىلىق سۇۋىتنىىڭ قۇلى بىلەن بۇ تەھدىد(دۆلەت)نى يۇق قلىدىغان تاشقى سىياسەت تەدبىرى. يەنە بىرى قۇرۇلغان بۇ دۆلەتنى (گۇمىنداڭ ئىشخالىيتىدىكى رايۇنلاردىكى)خەلىقنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتۈرمەسلىك ياكى خەلىقنى بۇ دۆلەتتىن ئىددىيە جەھەتتىن تەزدۈرۈش ئۈچۈن قۇللانغان ئىچكى سىياسەت تەدبىرىدۇر .
يازمىدا تاشقى سىياسەت تەدبىر تۇغىرسىدا تۇختالمايمىز . (بۇ تۇغىرسىدا نەبىجان تۇرسۇن تەپسىلى توختالغان ،شۇ يەردىن كۇرۋالسىڭىز بۇلىدۇ)
بۇ يەردىكى ئىچكى سىياسەت تەدبىرىدە رۇل ئالغان ئادەم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىندۇر. خىۋىر تۈمۈرنىڭ ئەسلىمىسدە يىزىلىشىچە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن قەشقەر يىڭسار ھاكىمىنىڭ (خەنزۇ ھاكىم) ئۆيىدە ئۇنىڭ باللىرى بىلەن ئۇيناپ چوڭ بۇلغان ۋە شۇ جەرياندا خەنزۇچە ئۆگەنگەن . كىين يامۇلدا تەرجىمان بولغان . كىيىن بۇ ھاكىم گومىنداڭنىڭ تاشكەنىتتە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بۇلۇپ تەيىنلەنگەندە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەگىشىپ تاشكەنىتكە بارغان .1930-يللارنىڭ ئالدى كەينىدە «ئالاھىدە خىزمەت »ئىھتىياجى ئۈچۈن نەنجىڭگە ئەۋەتىلىپ مەخسۇس تەربىيلەنگەن . بولشىۋىكلارنىڭ جۇڭخۋا مىنگۇ زىمىنىدا جۇڭگۇ كۇمپارتىيسىنى قۇللاپ ،قۇراللاندۇرۇپ « پاراكەندىچىلىك سلىش»لىرىغا قارشىى تەدبىر سۆپىتىدە ،جىياڭجىشى رەھبەرلىگىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىمۇ سىۋىت رۇسىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۇلىنى كۇلاش ئۈچۈن تاشكەنىتتە ئاچقان كونسۇلى ئارقىلىق ، يەرلىك مىللەتلەر ئارسىدىن پانتۈكىزىمچىلارنى بولشىۋىكلارغا قارشى كۈشكەرتىش پائالىيەتلىرى ئىلىپ بارغان ئىدى . بۇ يەردە ئەيسا يۈسۈپ قىلماقچى بۇلغان «ئالاھىدە خىزمەت»مانا مۇشۇ ئىدى . بۇ جەرياندا ئۇ پانتۈركىزىم ئىددىيسى تۇغىرسىدا خىلى ئۇبدان بىلىمگە ۋە سىياسى خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بولغان ئىدى.
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن كىيىن گومىنداڭنىڭ ئەرەپ ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە ئەۋەتكەن بىر ئۆمەكنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى بۇلۇپ تەيىنلىنىپ بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە زىيارەتكە ئەۋەتىلگەن .بۇ زىيارەت جەريانىدا ئافغانىستاندا 7 يىلنىڭياقى تەتقىقات ۋە سىياسى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ،شىنجاڭ مەسلىسنى ياپۇنيەنىڭ كابۇلدىكى باش ئەلچىىسى ۋاستىسى بىلەن ،ياپۇنيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قۇل تىقىدىغان خەلقارا مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش يۇلىدا ھەركەت قىلىۋاتقان مەمتىمىن بۇغرا بىلەن ئالايتەن كۆرۈشۈپ ،ئۇنى «جۇڭخۋا مىنگۇنىڭ قەلبىدە تۇرۇپ كۆرەش قىلىش»قا قىزىقتۇرغان . توركىيەدە زىيارەت جەريانىدا سىۋىت رۇسىيەسىگە قارشى ئاممىۋى پىكىر بەرپا قىلىش ئۈچۈن بەزى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغان . كاللىسى رۇس ۋە كۇمىنىزىم ئۆچمەنلىگى بىلەن تۇلغان مەسئۇت سەبىرىنىڭ ئەھۋالىدىن مۇشۇ يەردە خەۋەردار بۇلغان بۇلشى مۇمكىن .
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتكىننىڭ بۇ زىيارەتىنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىگى ئەكسىچە ناھايتى مول ھۇسۇللۇق بىر زىيارەت پائالىيتى بۇلغانلىغى كىيىن مەلۇم بۇلغان .مەمتىمىن بۇغرانىڭ «مىنىڭ سىياسى كۆرەشلىرىم »دە يىزىلىشىچە ،ئەيسا يۈسۈپ بىلەن ئۇچىرشىپ ئۇزاق ئۆتمەي ، مەمتىمىن بوغرا ئەيسا يۈسۈپنىڭ دىگەنلىرىنىڭ تۇغرا ئىكەنلىگىنى ،شىڭشىسەينى يۈلەپ تۇرغان رۇسلارغا قارشى يەنە شۇ جۇڭخىۋا مىنگۇدىن پايدىلىنشىنىڭ ئاقىلانە بۇلدىغانلىغنى ھىس قىلىپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىغانلىغىنى بايان قلىپ ئەيسا يۈسۈپكە ۋە جىياڭجىشىگە خەت يىزىپ ،شىڭشىسەينىڭ شىنجاڭ خەلقىگە سالغان زۇلىمىدىن، سىۋىتپەرەسلىگىدىن شىكايەت قىلغان ۋە ئۈزىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە ۋەكىل بۇلۇپ مەركىزى ھۆكۈمەتتە ئىشلەشنى خالايدىغانلغى ھەققىدە ئىلتىماس قىلغان .
بىزدە «ئۆيدىكى ھىساپ تالاغا تۇغرا كەلمەپتۇ» دىگەن بىر ماقال بار . مەمتىمىن بۇغرانىڭ ئۆيدىكى ھىسابى قانداق قىلىپ تالاغا تۇغرا كەلمىگەنلىگىنى كىينكى ۋەقەلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىسپاتلىغان .
1933-يىلى قۇراللىق كۆرەش قىلىپ خەلىقنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشكەن بۇ مۇجاھىدنى يىنىدا تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ سىياسى ئەھمىيتىنىڭ ناھايتى چوڭ بۇلدىغانلىغىنى ھىس قىلغان جىياڭ جىيشى دەرھال جاۋاپ خەت يىزىپ ئۇنى تەكلىپ قىلغان . تەكلىپكە بىنائەت مەمتىمىن بوغرا دەسلەپ كابۇلدىن ھىندىستانغا كەلگەن .بۇ يەردە ئەنگىلىيە دائىرلىرى تەرپىدىن قولغا ئىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان .شۇنىڭ بىلەن مەمتىمىن بوغرانىڭ ئايالى جىياڭ جىيشىگە خەت يىزىپ ،ئەھۋالنى مەلۇم قىلىغان ۋە جىياڭ جىيشىنىڭ ياردەم قىلىپ ئىرىنى قۇتقۇزىشىنى ئىلتىجا قىلغان . جىياڭ جىيشى بۇ ۋاقىتتا «شەپقەتچى»سۆپىتىدە ئوتتۇرغا چىقىپ ،ئەنگىلىيە ۋە ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە خىزمەت ئىشلەپ ئۇنى تۈرمىدىن« قۇتقۇزۇپ چىققان» ۋە ئايرۇپىلان بىلىتى ئەۋەتىپ (بىر رىۋايەتتە ئالاھىدە ئايرۇپىلان ئەۋەتىپ) ئۇنى نەنجىڭغا ئالدۇرۇپ كەلگەن . بۇ ۋاقىتلاردا ئەنگىلىيە ،ئامرىكا ،جۇڭخۋا مىنگۇ لار سىۋىت كۇمىنىزىمىغا قارشى تىلى بىر ئاغىنىلەر بۇلۇپ ، مەمتىمىن بوغرانىڭ تۇرمىگە تاشلىنىشى ۋە «قىين كۈندە بىشىنى سىلىغان »بۇلىۋىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقشلارنىڭ ھەممىسى بولسا مەمتىمىن بۇغرانىڭ كۆڭلىنى ئۈزىگە قارىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر ئۇيۇن ئىدى. دىمەك بىر قاتار ئۇيۇن ۋە نەيرەڭلەر ئارقىلىق «يۇلۋاسنى ئالداپ تاغدىن چۈشۈرۈش ھىلسى» بىلەن مەمتىمىن بۇغرا كابۇلدىن قايتۇرۇپ كىلىنپ قەپەزگە سولانغان ئىدى.مەمتىمىن بۇغرانىڭ نەنجىڭگە كىلشى بىلەن كابولدا ئىلىپ بارغان شىنجاڭ مەسىلىسىنى خەلقارالاشتۇرۇشنىڭ ئالدى ئېلىندى ۋە ناھايتى مۇھىم بىر سىياسى دەسمايە قۇلغا كەلگەن ئىدى . مەمتىمىن بۇغرانىڭ نەنجىڭگە كىلىشى ماھىيەت جەھەتتىن تۈمۈر خەلپە ۋە خۇجىنياز ھاجىنىڭ ئۆرۈمچىگە بىرىشىغا تامامەن ئۇخشايىتتى پەقەت سىياسى ئويۇننىڭ سەۋىيەسى جەھەتتىن ،بۇرۇبقىلاردىن خىلىلا يۇقىرى سەۋىپەدە ئىدى . ئۆز ۋاقتىدىكى لى شۇفۇ ۋە سىۋىت كۈنسۇلى ئاپرىسۇۋنىڭ ئورنىدا بۇ قىتىم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتىكىن بار ئىدى .
مەمتىمىن بوغرا نەنجىڭگە كەلگەندىن كىيىن ئەيسا يۈسۈپنىڭ دىگىنىدەك گۇمىنداڭ پالاتا ئەزاسى قىلىپ تەيىنلەندى ۋە تىگىشلىك بۇلغان شان -شۆھرەت ،يۇقىرى مائاش -تەمىناتتىن بەھىرمەن قىلنىدى .
مەسئۇت سەبىرىنىڭ ھىكايىسىمۇ شۇ مەمتىمىن بوغرانىڭكىگە ئوخشاپراق كىتىدىغان بىر جەريان دىيشكە بۇلىدۇ ،پەقەت ئۇنىڭ سىياسى نەرقى مەمتىمىن بوغرادىن ئەرزانراق ،سۆپىتى سەل تۈۋەنرەك ئىدى خالاس .
غولجىدا قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ ئارقىسىدا كومىنزىم ئىدولوگىيسى بىلەن كىتىۋاتقان سىۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئارقا تىرەك بۇلۇپ تۇرغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن تىشىپ كىرىشكە بۇلدىغان بىر يۇچۇق نوقتا ئىدى. چۈنكى شىنجاڭ خەلقى ئىسلام دىنىغا ئىشىدىغان ،دىنسىز دەھرىلىكنى يامان كۈردىغان بىر خەلىق ئىكەنلىگىنى گۇمىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇبدان بىلەتتى . بۇ تۇپراقىنىڭ بىر پۇچىقىدا دۆلەت قۇرۇلۇپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ، بۇ خەلىقنى پەقەت ھەربى ۋە ساقچى كۈچلىرىگىلا تايىنىپ تىزگىنلەپ تۇرۇش ئەسلا مۈمكىن بولمايىتتى. يەنە كىلپ بۇ ۋاقىتلار ياپۇنيە بىلەن بۇلغان ئۇرۇش جىددى داۋام قلىۋاتقان بىر ۋاقىت ئىدى . ياپۇنيەنىڭ تەسلىم بۇلشى تىخى كۈتەرتىپتىمۇ ھەتتا يوق ئىدى .دىمەك شىنجاڭنى ئىدارە قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشتا دۆلەتنىڭ ھەربى ۋە ئىقتىسادى كۈچى يىتىشمەيىتتى .بىردىن بىر يول ئۇلارنىڭ ئىددىيسىنى تىزگىنلەش ، قۇرۇلۇپ بۇلغان دۆلەتكە بۇلغان تەشنالىغىنى بىسىقتۇرۇش،مۇستەقىللىققا بۇلغان ئارزۇسىغا ئامال قىلىش ،يەنى ئولارنى قايمۇقتۇرۇش كىرەك ئىدى.
دەل شۇ ۋاقىتتا ، نەنجىڭ ۋە چۇڭچىڭدا بىقىۋاتقان «قەپەزدىكى يۇلۋاسلار»نىڭ ئىشقا يارايدىغانلىغى ئوتتۇرغا چىقتى. بۇلار رەسمى سالاھىيەت جەھەتتە ،گۇمىنداڭ ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئەمەلدارلار بۇلشىغا قارىماي ،يەنە شىنجاڭ خەلقىنىڭ جۇڭخۋا مىللەتلىرى تەركىۋىدە ئەمەسلىگىىنى جار سىلىپ ،مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ كۈڭلىنى يېرىم قىلىپ تۇراتتى. ئەلۋەتتە ، بۇ پەقەت سۆزلەش ھۇقۇقى دائىرسىدىكى پائالىيەت بۇلۇپ ، شىنجاڭدىن 4مىڭ كىلۇمىتىر يىراق بىر يەردە تۇرغانلىغى ئۈچۈن ئەمىلى ھەركەت قلىش ئىمكانىيتى يوق ئىدى ئەمما يەنىلا ئەيسا يۈسۈپ بۇ ئىككەيلەن بىلەن مەيدانى بىردەك قىياپەتكە كىرۋىلىپ ھەممەگەپ-سۆز ۋە ھەركىتىدىن مەركىزى ھۆكۈمەتنى خەۋەردار قىلىپ تۇراتتى . شۇ ئارقىلىق مەركەز رەھبەرلىرىمۇ بۇلاردىن ئانچە ئەندىشە قىلمايدىغان بولغان ئىدى.
غولجىدا دۆلەت قۇرۇلۇپ ،ئۆرۈمچى تەھدىت ئاستىدا قالغان ۋاقىتتا ، گەرچە ۋۇجۇڭشىن بۇ «پانتۈركىزىمچىلار»نىڭ شىنجاڭغا كەلسە ئەسلا بولمايدىغانلىغىنى ، بولمىسا «قەپەزدىكى يولۋاسنى ئورمانغا قۇيۇپ بەرگەن »بىلەن ئوخشاش ئىش بۇلدىغانلىق چۈشەنچىسىنى كۈچەپ تەشەببۇش قىلسىمۇ ، لىكىن جىياڭ جىيشى سىياسى جەھەتتىن تىخىمۇ يىراقنى كۆرەلەيدىغان جاڭ جىجۇڭنىڭ تەكلىۋىنى توغرا تىپىپ ،قىيىن ۋە ھالقىلىق ۋاقىتتا ئۇلارنى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ پانتۈركىزىم ئىقىمى بىلەن غولچىدىكى دۆلەتكە قارشى ئەپسۇن ئۇقۇپ شامال چىقىرىشقا قۇيۇپ بەرگەن بولدى.
بۇلار شىنجاڭغا كەلگەندىن كىيىن ، بۇلارنىڭ دەسلەپكى پائالىيتى پانتۈركىزىمنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە كومىنىزىمغا ،دىنسىزلىققا قارشى تۇرۇش ،تىلمىزنى ساپلاشتۇرۇش ...دەپ ئىلپ بىرىلغان ئىدى . بۇلارنىڭ پائالىيتى شىنجاڭدىكى خەنزۇ رەھبەرلەرنى قاتتىق بىئارام قىلغان بۇلسىمۇ لىكن ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن ئوينىلىۋاتقان بۇ سىياسى ئويۇندا ،مەركىزى ھۆكۈمەت يەرلىك رەھبەرلەرنىڭ شىكايەتلىرىگە نىسپەتەن سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇۋالدى . ئەمىليەتتە بۇ بىر «ئىگىزدە تۇرۇپ يولۋاس سۇقاشتۇرۇش» ھىلىسى بۇلۇپ ھەم يەرلىك ئەمەلدارلار(خەنزۇلار)نىڭ «پانتۈركىزىمچىلار»غا بۇلغان نەپرىتىنى ئويغىتالايىتتى ھەم شىنجاڭ خەلقىنى مەركىزى ھۆكۈمەتتىن مەمنۇن قىلالايىتتى. ئەمما ھەقىقى مەقسەت بۇ ئەمەس ئىدى. ئەسلى مەقسىدى بۇلسا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىددىيسنىڭ غولجىدىكى دۆلەتكە بۇلغان مايىللىغىنى تۇسۇپ قىلىش ئىدى. گىزىت -ژۇرناللار نەشىر قىلنىپ دۇنيا ۋەزىيتى ۋە يەرلىك ۋەقەلەر بىسىلىپ تۇرۇلغانلىغى سەۋەبىدىن شىنجاڭ خەلقى تەبىئى ھالدا غولجىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئارقىسىدا دىنسىز كۈمىنزىم دۆلىتى بارلىغىنى بىلۋالغان ئىدى ،تىخىمۇ تۇغىرسى مەقسەتلىك بىلدۈرۈلگەن ئىدى. بۇ «پانتۈركىزىمچىلار» بىر تەرەپتىن پانتۇركىزىمنى تەشۋىق قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن مەركىرى ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە «چىن تۇركىستانى»قۇرۇپ بىردىغانلىق ۋەدىسى بارلىغىنى ھىچ بۇلمىسا ئالى مۇختارىيات بىردىغانلىغى ، پەقەت ياپۇنقا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا بۇ ئىشلارنى تەبىئى رەۋىشتە ھەل بۇلدىغانلىغنى (ئاجىز ۋاقتىدا بەرمىگەن مۇستەقىللىق ۋە مۇختارىياتنى ھۆكۈمەتنىڭ بىشى ساقايغان ،دۆلەت كۆچلەنگەن ۋاقىتتا بىرەتتىمۇ دەپ ھىچكىم ئۇيلاپ باقىمغان -دە)سۆزلەپ ،خەلىق ئىچىدىكى مۇستەقىل دۆلەت(غۇلجىدىكى )كە ماسلشىپ ئېلىپ بىرلىۋاتقان مەخپى تەشكىلاتلىنىشنىڭ ۋە يەر ئاستى ھەركەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان ياكى تەشكىللىنىش يۇلنىشىنى ئۆزگەرتىپ ئۈزىنىڭ سىپىگە قۇشۇۋىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنىڭ سىياسى ئىرادىسنى پارچىلاپ، كۈرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىرىشكەن ئىدى. يەنە كىلىپ ھىچقانداق ئىقتىساد سەرىپ قىلىنمىغان ئىدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىك ۋەقىپ ۋە جەمىيەتلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق يەرلىك خەلىقتىن ئىئانە پۇل يىغىش يۇلى بىلەن ئىلىپ بىرىلدى. راستىنلا بىر مەزگىل شىجاڭ ياشلىرى بۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى ۋە پۇل -ماللىرىنى بۇلارغا تۈكتى. چۈنكى بۇ «پانتۈركىزىمچىلار»نىڭ بىشىدا ئۈز خەلقىنىڭ مۇستەقىللقىغى ئۈچۈن قان كىچىپ جىھاد قىلغان مەمتىمىن بوغرادەك ئەزىمەتلەرمۇ بار ئىدى.ئەگەر مەمتىمىن بوغرا بولمىغان بۇلسا ،ئۇنىڭدىن باشقىلارغا بۇلۇپمۇ ئەيسا يۈسۈپكە ھىچكىم ئىشەنمەيىتتى.
بۇ كۆرەش دەسلەپتە ،تەكەللۇپ ۋە ھىلە -نەيرەڭلەر بىلەن داۋام قىلغان بولسا ، كىيىن گىزىت -ژۇرناللاردا ئۇچۇق ئاشكار تىللاپ -ھاقارەتلەش بىلەن بۇلدىغان بولدى. ھەتتا بۇ «پانتۈركىزىمچىلار» غۈلجىدىكى دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرىنى «رۇسلارنىڭ كۈچىگى» ،« كومىنىزىمنىڭ قورچاقلىرى» ،«سىتالىننىڭ گۇماشتىلىرى»... دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ تەشۋىق قىلىدىغان بولدى . پەقەت مەمتىمىن بوغرانىڭلا غۇلجىدىكى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى ،باشقىلار بۇلسا خۇددى ئىت -مۈشۈكتەك بىر-بىرىگە ھۆرپىيىپ يۈرۈشەتتى .بۇ ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خەلقى ئۈزۈل- كىسل قايمۇقتى . بۇ قايمۇقۇش تا شىنجاڭ تىنچ ئازات بولۇپ گومىنداڭ ئەسكەرلىرى تاۋسىيۇنىڭ رەھبەرلىگىدە تەسلىم بولۇپ ھەقىقەتكە قايىتقان ، بۇ «پانتۈركىزىمچىلار» بۇلسا جىياڭ جىيشىنىڭ يىڭىلگىنىگە تەن بەرمەي تۈزۈپ چىققان «چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرۇپ ئىلىش پىلانى»نىڭ ئىچىدىكى « شىنجاڭ پىلانى»نى ئۇرۇنلاشنىڭ ئىھتىياجى ۋە ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ئارزۇسىدا 1000 غا يىقىن كىشى بىرلىكتە چەتئەلگە قاچقانغا قەدەر داۋاملاشتى . ئاتالمىش «چىگرادىن قايىتىپ كەلگەن »مەسئۇت سەبىر ۋە چىڭگىزخان دامۇللاملار يەنە شۇ ئەيسا يۈسۈپنىڭ كەينىگە كىرىپ ، يەنە شۇ ئەكسىيەتچى جىياڭ جىيشى ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىغا يەمچۈك بۇلۇپ يۈرۈشنىڭ ئەرزىمەيدىغانلىغىنى ، بۇ ئاتالمىش «ھىجرەت»نىڭ شىنجاڭ خەلقى ئۈچۈن ئەمەس گۇمىنداڭ پارتىيسى ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى ، بۆرىدىن قۇتۇلسىمۇ يەنە يولۋاسقا تۇتۇلۇپ يۈرىيدىغانلغىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىگى ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن ئىدى .
مەنبەلەر:
«رەقىپلەر ۋە ئىتىپاقداشلار»
«مەسئۇد سابىرى: پۈتۈن ئۆمرىنى نابۇت قىلغان خاتا تاللاش»
«جىياڭ جىيشى خاتىرلىرى»
«مىنىڭ سىياسى كۆرەشلىرىم» م.بۇغرا
«ئۇلۇسچىلار كىملەر ،ئۇلار مىللىرتىمىزگە قانداق خىيانەت قىلىدۇ» ئەخمەتجان قاسىمى 1948-يىل ئىتتىپاق ژۇرنىلى
.«ئالتاي نەشىرياتى ھەققىدە ئەسلىىمىلەر» .خىۋىر تۈمۈر
[ بۇ يازمىنىnisip 2012-08-18 04:45قايتا تەھرىرلىدى ]