باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2187 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: بىچارىلەر، بىر كۆرۈپ قويۇڭ.
دوستلىشىش
otkankunla
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12493
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-08-16
ئاخىرقى: 2012-08-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-16 07:49

بىچارىلەر، بىر كۆرۈپ قويۇڭ.

ئسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى، ئالدى بىلەن ھەرقايسىڭلارغا رامىزانلىق سالام يوللايمەن. ياراتقان اللە ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن!
  مەن مۇنبەر ئارلاۋېتىپ  باغداش مۇنبىرىدە بىچارىلەر دىگەن تىمىنى كۆرۈپ قالدىم. ھەم تىما ئىگىسى بىلەن يامان تەستە ئالاقىلىشىپ، بۇلارنى يوقلاپ باردىم. بۇلارنىڭ ھالى بەك خاراپ ئىكەن... سۈرۈشتە قىلسام، بۇ تىما 2000 قېتىمدىن كۆپ كۆرۈلۈپتۇ ئەمما ياردەم پەقەت 100يۈەن ئىئانە كەپتۇ، ئۇلارنىڭ ھالىغا بەكمۇ ئېچىندىم. شۇ سەۋەپ بىلەن، كەڭساي ئەھلىنىمۇ بۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر قىلىش ئويى بىلەن تىما ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز، بۇ تىمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.قېنى مەرھەمەت!
ئالدى بىلەن بىرىنجى قىسمىنى كۆرۈڭ.
بىرىنجى قىسىمنىڭ ئادرىسى:
http://bbs.misranim.com/thread-59960-1-1.html
 
ئىككىنجى قىسىمنى تەپسىلى يوللاپ بىرەي.
                                                                 بىچارىلەر 

   2011-يىلى 12- ئايدا بۇ بىچارە مۇماينىڭ ئوغلى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىپ، ئۇ دۇنياغا كەتتى. ھەي........... بۇ بىچارىلەرنىڭ بىردىن بىر يۈلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ قالغىنى بۇلارغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى.قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇقلىرى بۇلارنى تولىمۇ قېينىدى،خەيرىيەت بۇ بىچارىلەر ئالدى بىلەن ئاللانىڭ رەھمىتى،ئاندىن قالسا مەن ۋە بەرنەچچە دوستلىرىمنىڭ ياردىمى ۋە بىچارە مۇماينىڭ ئەتتىگەندىن كەچكىچە نەمۇ-نە مېڭىپ يۈرۈپ تەرگەن ئەسكى ئاياغ، كۆمۈر پارچىللىرى بىلەن بۇ يىل
3-ئايغا ئۇلاشتى، دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئويلىمىغان يەردىن بۇ بىچارىلەرنەڭ بېشىغا كۈتۈلمىگەن بىر قىسمەت كەلدى، بۇ بىچارە مۇماينىڭ كېلىنى بىر قېتىم قىزىتىپ قېلىش سەۋەبى بىلەن، ئوڭ پۇتىنىڭ پىيى تارتىشىپ، پۇتى يىغىلىپ قالدى. مەن ۋە يەنە ئىككى دوستۇم بۇ ئايالنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتۇق، نەتىجىدە بۇ ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن، يىلىك يېرىمداپ، پەي يىغىلىپ قاپتۇ. دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، دوختۇرخانىدا بىر مەزگىل يېتىپ، دۇرا-ئوكۇل ۋە يىمەگلىكتىن بىر ئاز قۇۋۋەت تۇلۇقلىغاندىن كىيىن، ئاندىن ئوپىراتسىيە قىلىدىكەن. بىز دوختۇردىن نەچچە پۇل كىتىدغانلىقىنى سورىساق، دوختۇر: ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 35-40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى دىدى، بۇ بىچارىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك كۈنى ئاران-ئاران ئۆتىۋاتسا، بۇنچىۋالا پۇلنى...  ھەتتا مەن بارلىق دەسمايىمنى يىغساممۇ بۇنچىلىك پۇلۇم يوق. بۇنداق دىسەم  بەزىلەر مىنى مازاق قىلىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ ئەمىلىيەت. مىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىم شۇنچىلىك.   بىز ئامال يۇق بۇ ئايالنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيدۇق. بىز بىرنەچچە ئاددى تىجارەتچىلەر، بۇلارنىڭ ھالىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋەر ئېلىپ تۇرۋاتقان ئىدۇق، بىز بىريەرگە يىغىلىپ، قانداق قىلىش تۇغرىسىدا مەسلىھەتلەشتۇق. ئارىمىزدىن نەچچەيلەن <مەن ئەمدى بۇ ئىشلارغا ئارلاشمايمەن، مىنىڭمۇ ئائىلەم،باللىرىم بار...>دەپ چىكىنىپ چىقتى، بىز پەقەت مەن ۋە يەنە ئىككى دوستۇم بولۇپ، ئۈچىمىز قالدۇق. بىز ئاخىرى ئۈرۈمچى شەھرىدىكى نامى چىققان، نەچچە ئون مىليۇن،ھەتتا نەچچە يۈز مىليۇن مەبلىغى بار بىر قانچە شىركەتكە بېرىپ، بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇلارغا ئېيتىشنى قارار قىلدۇق. شۇنداق قىلىپ بىز بىرنەچچە كۈن تىجارەتنى توختۇتۇپ قويۇپ، بۇ شىركەتلەرگە باردۇق، ئەمما بىرىنجى بولۇپ بارغان شىركەتنىڭ باش لېدىرى بىز بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلدى. ئىككىنجى بولۇپ بارغان شىركەتنىڭ لېدىرى بىلەن،نەچچە كۈن ساقلاپ، ئاندىن كۆرۈشتۇق، ئەمما بۇ لېدىر_ ھازىر شىركەتنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچارلىقىنى ئېيتىپ، ياردەم قىلىشنى رەت قىلدى، ئەمما قورۇق قول قايتماڭلار دەپ مالىيە بۈلۈمىگە تېلفۇن قىلىپ 300 يۈەن ئېچىقتۇرۇپ بەردى. ئۈچىنجى بولۇپ بارغان شىركەتنىڭ لېدىرىمۇ، ھازىر مالىيە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى ئېيتىپ ياردەم قىلىشنى رەت قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىز<بۇ پۇلدارلار، نامراتلارنى ئەمەس،بەلكى ئۆزىگە ئانچە-مۇنچە پايدىسى تىگىدىغان بىرەر رەھبەرنىڭ تۇغقىنى بولسا شۇنداقلارغا تاردەم قىلىدىغان ئوخشايدۇ> دىگەن ئويغا كىلىپ، يەنە باشقا شىركەتلەرگە بېرىشتىن ۋاز كەچتۇق، مەن بۇ يەردە ئاشۇ شىركەتلەرنىڭ ئىسمىنى،ھەتتا بىز كۆرۈشكەن ۋە بىزنى قوبۇل قىلمىغان باش لېدىرلارنىڭ ئىسمىنى بەكمۇ  ئاشكارە يازغۇم كەلدى، ئەمما   باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش، مۇسۇلمانلار ئەخلاقىغا ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئەخلاقىغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىدىم. شۇنداق قىلىپ بىز باشقىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن،  ئۈرۈمچى سەھەرلىك، مىھرى شەپقەت ئىدارىسىگە باردۇق، ئەمما بۇ بىچارىلەرنىڭ نوپۇسى سىرىتنىڭ بولغاچقا، قورۇق  قول قايتىپ كەلدۇق. ئاندىن خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە باردۇق، بۇ ئىدارىدىن<بىزنىڭ ئىدارە كىسەللەرگە ئەمەس، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بىرىدۇ> دىگەن جاۋاپقا ئىرىشتۇق. بىز ئاخىرى مىھرىبان ئانىلار جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى رەيھان ئاپپاينى ئىزدەپ تاپتۇق،رەيھان ئاپپاي بۇ بىچارىلەرنىڭ ھالىغا بەكمۇ ئېچىندى ۋە مۇنداق دىدى:<بىزنىڭ قۇلىمىزدا نەخ پۇل يۇق،  بىزگە تىجارەتچىلەر، ساخاۋەتچىلەر...ئىئانە قىلىپ ئەكىلىپ بەرگەن پۇللارنى ئىشلىتىمىز، بىزنىڭ مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش ئوبيىكتىمىز ئاساسەن بۆرەك ئالماشتۇردىغان، يۈرەك كىلاپانى.... دىگەندەك ئېغىر كىسەللەر، بۇ ئايالنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭلار، مەن بىرنەچچە ساخۋەتچىلەرگە بۇ ئەھۋالنى ئېيتاي، ئۇلار ياردەم قىلىشى مۇمكىن، مەنمۇ يوقلاپ بارىمەن>.  
بىز يەنە سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ساخاۋەتچى ئاتىلار جىمىيىتىنىڭ ۋەكىلى ھەسەنجان ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى تاپتۇق، ئەمما ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمىيىتىنىڭ ياردەم قىلىش ئوبيىكتى، پەقەت ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ئىچىدىكى ئېغىر كىسەللەر بىلەن چەكلىنىدىكەن. شۇنداق قىلىپ بىز 20 كۈن ئەتراپىدا ھەممە يەرگە قاتراپ يۈرۈپ،ئاخىرى قورۇق قول قايتىپ كەلدۇق. شۇ ئەسنادا ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى. ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك  دىگەندەك، ئەمدى بۇ بىچارىلەرنى بۇ ئۆيدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىدى. بىز ئۆزىمىزگە يېقىنراق جايدىن ئۆي تېپىپ بۇلارنى كۆچۈرۈپ كىلىشكە بارساق، بۇ بىچارە مۇماي<باللىرىم ئەمدى ياز كەلدى، سىلەر ھىلىمۇ بىر يىلدىن بىرى ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىپ كىلىۋاتىسىلەر، بىزنى دىھقانچىلىق قىلىدىغان يەرگە ئاپىرىپ قويساڭلار، كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىساق> دەپ تۇرۋالدى. بىز قانچە قىلساقمۇ، مۇماي چىڭ تۇرۋالغاچقا بىز ئاخىرى بۇ بىچارىلەرنى ماناس ناھىيىسىگە ئاپرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق. ئەتراپىمىزدا ياخشى كىشىلەر يەنىلا كۆپ ئىكەن. بۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان بىر دىھقان بىر يۈرۈش بىكار ئۆيىنى بۇلارغا ئىجارىسىز بەردى. شۇنداق قىلىپ بىز قايتىپ كەلدۇق. ئارلىقتا بىز  ئايرىم-ئايرىم 3-4 قېتىمدىن تاپقىنىمىزنى ئېلىپ يوقلاپ بېرىپ تۇردۇق.  دەرۋەقە بۇلارنىڭ تۇرمۇشى مىچۈەندىكى تۇرمۇشىدىن خېلىلا ياخشى ئىدى.  بىزنىڭ يوقلاپ بېرىپ تۇرشىمىز ۋە شۇ يەردىكى خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ(ئۇيغۇر خوشنىلار) ئانچە-مۇنچە يوقلاپ تۇرشى بىلەن  بۇلارنىڭ يىمەك-.ئىچمەك مەسىلىسى ھەل بولغان ئىدى، بىچارە مۇماي بىلەن، ھېلىقى پۇتى يېغىلىپ قالغان ئايال قولتۇق ھاسىسى بىلەن مېڭىپ يۈرۈپ، چامى يەتكەن ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ ، ئاز تۇلا ئىقتىسادمۇ قىلغان ئىدى. بىچارە مۇماي، يىغلاپ تۇرۇپ، يىغقان 650 يۈەن پۇلىنى ماڭا كۆرسەتتى.مەن ھەرھالدا بۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن سەل خاتىرجەم بولدۇم. ئەمما ھېلىقى پۇتى يېغىلىپ قالغان ئايالنىڭ ئىشى مىنى تۇلىمۇ ئازاپلاييتتى.  دوختۇرنىڭ دىيىشچە ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدىكەن، مۇشۇنداق كىتىۋەرسە ئۇزۇنغا بارماي يەنە بىر پۇتىمۇ يېغىلىپ قالىدىكەن. شۇنداق بولغاندا بۇ بىچارە ئايال ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا ئۆمۈر كۈرەلەيدىكەن. بۇ ھەممىمىز ئويلۇنۇپ بېقىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە. مۇشۇنداق بىچارىلەرگە بىز ياردەم قىلمىساق كىم ياردەم قىلار؟! بېشىنى بىز سىلىمىساق كىم بېشىنى سىلار؟!...
مانا ھازىر بىريىل ئىچىدىكى ئايلارنىڭ سەر خىلى بولغان رامىزان ئېيى يېتىپ كىلىۋاتىدۇ، مانا بۇ ئاي- بىزنى ۋە پۈتۈن ئالەمنى ياراتقان، يەككە يىگانە اللە غا كۆپرەك قۇلچىلىق قىلىدىغان، تائەت-ئىبادەتنى ئەڭ كۆپ قىلىدىغان، ئىتىسادى ئەمەللەرنى كۆپلەپ قىلىدىغان، مال-دۇنيارىمىزنىڭ زاكىتىنى ئايرىيدغان.... ئەڭ ئۇلۇغ ئايدۇر. ياراتقان اللە ھەممىمىزنىڭ خەير-ساخاۋەت، سەدىقىلەر بىلەن روھىمىزنى ۋە ئىقتىسادىمىزنى پاك قىلسۇن!  رامىزان ئېيىغا روھىمىز ۋە ئىتىسادىمىز نى پاكلاپ كىرىشكە اللە ئىرادى قىلسۇن!   ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، تاما-تاما كۆل تۇلار دەپتىكەن، بىر ۋاخ تاماقنىڭ پۇلى،  بىر قۇتا ئەتىرنىڭ پۇلى، بىر قاپ تاماكىنىڭ پۇلى،بىر....نىڭ پۇلى...

   ئەگەر بۇ بىچارىلەرگە ياردەم قىلىشنى ئويلىغان، ئەمما راست-يالغانلىقىدىن گۇمان قىلغان قېرىنداشلىرىمىز بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشسا مەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باراي. QQ:2441551996     بىلەن ئالاقىلىشىڭلار. ئەگەر خالىسانە ياردەم قىلىشنى ئىختىيار قىلغان قېرىنداشلىرىمىز بولسا
يېزا ئىگىلىك بانكا ھىساپ نومۇرى: 813  8490   9079  4808   6228  
  باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمامنى تىزراق تەستىقلاپ بىرىشىنى تۈۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن. رەھمەت!

    مەنبە: ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن ھەقىقى ئىش.  قېنى قېرىنداشلار، ھەممەيلەن ھەركەتكە كىلەيلى. بۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز. بۇلارنى قۇتۇلدۇرۋالايلى. رامىزاننىڭ سەدىقە پىتىرىنى كىمگە مەرسەك بىرىمىزغۇ؟ مانا بۇلار دەل شۇ سەدىقە پىتىرگە ئەڭ لايىق كىشىلەردۇر. باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تىمىنى تىزراق تەستىقلاپ بىرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سۇرايمەن.
دوستلىشىش
زىننۇرە0997
ئاچىقلىنىش باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى جا ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12351
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 150 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-07-28
ئاخىرقى: 2012-08-16

شۇ بىچارىلەرنىڭ ئادىرسىنى ئېنىق يېزىپ قويسڭىز بوپتىكەن. ئاللا سىزدىن رازى بولسۇن .
ئۇچالايدىغان ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇشتىن ۋاز كەچمەڭ، سۆيەلەيدىغان ۋاقتىڭىزدا سۆيگۈڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ.
دوستلىشىش
turmux.net
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11489
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 289
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە289دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 3070 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-29
ئاخىرقى: 2012-08-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-16 18:42

ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك ئەھۋالدا قاپتۇ ، ئاللاھ ھەر بەندىسىگە بۇنداق ئېغىر كۈنلەرنى كۆرسەتمىسۇن...
دوستلىشىش
dulbarqin310
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1532
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1532دانە
ئۆسۈش: 600 %
مۇنبەر پۇلى: 16308 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-08-26
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-16 18:49

 قۇلىمىزدىن كەلسە ياردەمگە تەييارمىز، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئىچى ئاغرىسۇن.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
مۇسىلىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10703
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 328
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە328دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 3450 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-08-24
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-16 19:50

اللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.
كۆپ تۈكۈرسە كۆل تولار دېگەندەك ھەممىمىز  كۈچىمىزنىڭ  يېتىشىچە تىرىشايلى.
ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر سىناق!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2318
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 33
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە33دانە
ئۆسۈش: 10 %
مۇنبەر پۇلى: 260 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-26
ئاخىرقى: 2012-08-25
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-16 20:43

قېرىندىشىم سودا-سانائەت كارتىسىنىڭ نۇمۇرى بولسا قالدۇرۇپ قۇيڭە.ئاز بولسىمۇ ياردەم قولۇمىزىنى سۇنايلى.
ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ئاجىز.يىتمىنىڭ غېرىپ-مىسكننىڭ ئىشىنى ئۆزى ئاسان قىلغاي.مۇشۇنداق ئىشلار ئادمىنىڭ
يۇرەكلىرىنى ئىزىپ بىر قىلىدۇ. شىنجاڭدا مۇناپىق پارخور ئەمەلدارلار مىليونلاپ يەپ -ئىچىپ ئىچكىرگە چەتئەلگە توشوپ يۇردۇ.
بۇ خەۋەرنى مىكرو بىلگىقىمۇ يوللاپ قۇيدۇم.
ئاللاھ سەۋىر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە!
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 795
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە795دانە
ئۆسۈش: 730 %
مۇنبەر پۇلى: 8784 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-08-26
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-16 23:13

ئاللاھ  ئاسانچىلىقنى بەرسۇن
دوستلىشىش
firdawis1
alla  bizni  hidayat  kilgin .
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11135
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 96
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە96دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 1010 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-03-15
ئاخىرقى: 2012-08-23
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-18 06:44

ئەجەبمۇ  ئىچىم  ئاچچىق  بولدا  ؛  قىنى  مەنمۇ  خۇدايىم  بۇيرىسا  ياردىمىنى  قىلارمەن .
دوستلىشىش
otkankunla
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12493
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 50 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-08-16
ئاخىرقى: 2012-08-22
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-18 15:36

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەنمۇ بۇ تىمىنى كىچىكىپ كۆرگىنىمدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىپ، ئۇلارنى يوقلاپ كەلدىم ۋە ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرۈپ  بۇلارنىڭ ھالىغا ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تىمىنى سىلەرنىمۇ كۆرۈپ باقسۇن دەپ ھوزۇرۇڭلارغد سۇنغان ئىدىم. ئەسلى بۇ تىما بىلەن قوشۇپ دوختۇرخانىنىڭ دىئاگنۇز ئىسپاتىنى يوللاش كىرەك ئىدى. ئەمما ئۇلار تەكشۈرۈتكەندە  دىئاگنۇز ئىسپاتى ئالماپتۇ.( بۇيەرگە لازىم بولىدىغىنى، دوختۇرخانىنىڭ تامغىسى چۈشكەن ئىسپاتى لازىم. دوختۇرخانىلار بۇنداق ئىسپاتنى تەلەپ قىلمىسا بەرمەيدۇ،) شۇنىڭ بىلەن تەكشۈرۈتكەن باشقا ماتىرياللانى ئېلىپ  دوختۇرخانىغا بارساق  دوختۇرلار، ‹بۇنداق  ئىسپاتنى چۇقۇم ئاخبارات ئورۇنلىراغا، قانۇن ئورۇنلىرىغا ، ياكى سوتقا لازىم بولغاندا ئالىسىلەر،ئەگەر بىرەي ئاي بولغان بولسا يېزىپ بىرەتتۇق، بىزنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىمىز بار، ھازىر 4 ئايدىن ئېشىپ كىتىپتۇ.  شۇڭا قايتا تەكشۈرمىسەك يازغىلى بولمايدۇ، دەپ تۇرۋالدى. بۇ دوختۇرخانىنىڭ بەلگۈلىمىسىمۇ، ياكى مەخسەت قايتا تەكشۈرۈپ كىرىمنى ئاشۇرۇشمۇ بۇنى بىلمىدىم. قايتا تەكشۈرتۈشكە( يىلىك تەكشۈرۈش، ئۇمۇمى يۈزلۈك قان تەكشۈرۈش....پەي تەكشۈرۈش...) بولۇپ بۇنىڭغا يەنە 4-5 مىڭ يۈەن كىتىدىكەن، بۇلاردا نەدىمۇ ئۇنچىلىك پۇل بولسۇن! شۇڭا ئۇنى يوللىيالمىدۇق، اللە خالىسا ياتاقتا ياتقۇزغۇدەك پۇل بولسىلا ياتاققا ئالدۇرۇپ، ھەممە ئسپاتلارنى يوللايمىز،دىمەك ياتاققا ئاغۇزۇۋالساق، قالغان ئىشلار اللە نىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن يۈرۈشۈپ كىتەر!
  بۈگۈن مانا رامىزاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى دەپ ئولتۇرۇپتىمىز. رامىزاننىڭ سەدىقە پىتىرىنى كىمگە بەرسەك بىرىمىز، مانا مۇشۇنداقلا دەل سەدىقە پىتىر گە ئىھتىياجلىق كىشىلەردۇر. ھەممەيلەنگە اللە رەھمەت قىلسۇن!
دوستلىشىش
كەپسىز0
abduwars
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12513
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 200 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-08-18
ئاخىرقى: 2012-08-21
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-18 23:57

ئاللاھ شىپالىق بىرىپ ئىشلىرىنى ئاسان قىلغاي.