ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى lady-uyghur نىڭ 2012-08-15 19:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھىندىستاننىڭ كىنوسى بىلەن ساپمۇ ساق خۇشۇم يوق.
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ، لەدىيگۈل ..
مېنىڭمۇ ھىندسىتانلىق بولىۋالغىنىم يوق ، مەن سىزنى ھىندىستاننىڭ كىنوسى بىلەن خۇشى بارمۇ يوق بىلىپ باقاي دىمىدىم ، پەقەت ھىندىستاننىڭ مۇشۇنداق مۇھەببەت -نەپرىتى ئىنىق كىنولىرىنى ياختۇرىمەن دېدىم . ھازىر قويىۋاتقان <<ماڭلاي سۇرۇق>> دىگەندەك نەرسىلەرنى مەنمۇ كۆرمەيمەن ، خۇددى ناتىۋانلارنى كۆرمىگەندەك ..مۇبالىغىسى بولسا ئۆزى بىلەن ،، سۈنئىلىيكى بولسا ئۆزى بىلەن ، ساختىلىقى بولسا ئۆزى بىلەن ،
ئەمما مېنىڭ بۇ كىنولاردىن ئايرىۋالىدىغان تەرىپم كىشىنى قايىل قىلدىغان غەزەپ، مۇھەببەت ، ۋاپادارلىق ،
ئادىللىققا بولغان كۈرەش ..
ھىندىستانلىقلار نوچىكەن ،
ئاشۇنداق كىشىنى جاسارەتكە ئېگە قىلىدىغان ئامىللارنى توغرا تاللاپ روياپقا چىقىرالىغاندىكىن .
ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت-نەپىرىتىنى ئىپادىلىيەلىگەندىكىن .
جەمىيەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارنى قامچىلىيالىغاندىكىن ...
ئادتتە بىر دېقانمۇ ئېتىزدىكى پىشقان زىغىرنى خامان قىلىپ مېيىنى ئايرىپ غىزاغا ئىشلىتەلەيدۇ ، خامىنىنى سامان قىلىپ ماللىرىغا ئوزۇق بېرەلەيدۇ ، توپىسىنى شاللاپ تاشلىۋىتەلەيدۇ ، قارىغاندا سىزنىڭ زىرائىتىڭىز ئانچە ئوخشىمىغان ئوخشايدۇ .