باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1383 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: «تۇڭگان» سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە مەنبەسى ھەققىدە
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 438
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 340
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە340دانە
ئۆسۈش: 5504 %
مۇنبەر پۇلى: 6757 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-27
ئاخىرقى: 2012-08-15
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-15 17:20

«تۇڭگان» سۆزىنىڭ مەنىسى ۋە مەنبەسى ھەققىدە

قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە «تۇڭگان» سۆزىنىڭ 东岸 دىن كەلگەنلىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىللىرى ئارقىلىق شەرھىلىنىش بىلەن بىللە، «تۇڭگان»سۆزىنىڭ ئەسلىدىكى جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمدىن مىللەت نامىغا قانداق ئۆزگەرگەنلىكى يازما مەنبەلەر ۋە تىل ئەمەلىيىتى ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
«تۇڭگان» سۆزى دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللاردا مەملىكىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا ياشايدىغان خەنزۇ تىللىق مۇسۇلمانلارنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزستان ئۆزبېكستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە «تۇڭگان» بىر مىللەت نامى سۈپىتىدە قوللىنىلسىمۇ، مەملىكىتىمىزدە ئۇلار «خۇيزۇ»(مۇسۇلمان مىللەت) دەپ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «تۇڭگان»مىللىتىنىڭ زادى ئايرىم مىللەت ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قىززىپ كەتتى. تەبىئىيكى، «تۇڭگان»دېگەن نامنىڭ ئېتىمولوگىيىسى بۇ مۇنازىرىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئىدى.
تەتقىقاتلاردا «تۇڭگان»سۆزىنىڭ مەنبەسى تۆۋەندىكىچە 6خىل ئىزاھلانغان:
بىرىنچى، «گەنسۇنىڭ شەرقى دېگەن مەنىدىكى 东甘 دىن» ياكى «دۇنخۇاڭ(敦皇 )دېگەن يەر نامىدىن كەلگەن»دېگەن قاراش؛
ئىككىنچى،«شەنشى(陕西) دىكى (潼关)دىن كەلگەن»دېگەن قاراش؛
ئۈچۈنچى، ئۇيغۇرچىدىكى «‹تۇرغان›، ‹تۇرۇپ قالغان›، دېگەن سۆزدىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛
تۆتىنچى، «屯垦(بوز ئاچماق)دېگەن سۆزدىن كەلگەن» دېگەن قاراش؛
بەشىنچى، «تۈركىيە تۈرۈكچىسىدىكى «(يانغان، قايتقان)دىن كەلگەن»دېگەن قاراش؛
ئالتىنچى، تۇڭگان تەتقىقاتچىللىرى تەشەببۇس قىلغان «يەرلىك(ئوتتۇرا ئاسىيالىق)تۇڭگانلار قوللىنىدىغان 东岸 ، 东岸子دىن كەلگەن» دېگەن قاراشلاردىن ئىبارەت.
مېنىڭچە، بۇ قاراشلارنىڭ ئۆزىگە خاس داۋلىسى بولسىمۇ، لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوللىنىلغانلىقىغا سەل قارالغان. تەتقىقاتلارغا ۋە ئۇيغۇر يازما ماتىرياللىرىغا نەزەر سالساق، «تۇڭگان»سۆزىنىڭ ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇر يازما مەنبەلىرىدە كۆرۈلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىن رۇسچىغا كىرگەنلىكى نامايان بولىدۇ. شۇڭا، بۇ سۆزنىڭ مەنبەسىنى ۋە مەنىسىنى تەتقىق قىلغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە-قانۇنيەتلەرىگە تايىنىش لازىم. تۆۋەندە مەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونىتىكىلىق قائىدىسى بويىچە يۇقۇرقى ئالتە خىل قاراشقا باھا بېرىپ ئۆتىمەن.
بىرىنچى قاراشقا قارىساق، 东甘سۆزى ھازىرغىچە ئىشلىتىلگەن يەر نامى ئەمەس، يەنى گەنسۇنىڭ شەرقىي ھىچقاچان 东甘دىيىلمەيدۇ. «دۇنخۇاڭ» سۆزىنىڭمۇ «تۇڭگان»غا ئۆزگۈرىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا«خ» تاۋۇشى بىلەن «گ»تاۋۇشى بىر-بىرىگە نۆۋەتلەشمەيدۇ.
ئىككىنچى خىل قاراشتىكى 潼关شەنشىدىكى بىر يەر نامى بولۇپ، 1862-يىلى بىر بۆلۈك خۇيزۇلار بۇ يەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بىراق بىز ئىزدىنىۋاتقان تۇڭگانلار يالغۇز بۇ يەردىنلا ئەمەس، بەلكى شەنشىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ۋە سىچۇەن، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق يەرلەردىنمۇ كەلگەن. شۇڭا 潼关ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭغا كەلگەن تۇڭگانلارغا ئورتاق نام بولالمايدۇ. تىل نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرسەك، 潼关دېگەن سۆزدىكى گۇەن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن فونىتىكىلىق ئۆزگۈرىش ياساپ گۇۋېن ياكى گا: ن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا بىر بوغۇمدا ئىككى سوزۇق تاۋۇش كېلەلمەيدۇ.
ئۈچۈنچى قاراشتىكى «تۇرۇپ قالغان، تۇرغان» سۆزلىرىنىڭ«تۇڭگان» سۆزىگە ئايلىنالمايدىغانلىقى ئۇيغۇر تىلىدىن خەۋىرى بارلىكى كىشىگە ئايدىڭ. شۇڭا، بۇ ھەقتە توختالمايمەن.
تۆتىنچى قاراشتىكى 屯垦(بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش) سۆزى«تۇڭگان» دىن تەلەپپۇزدا كۆپ پەرىقلىنىدۇ. ئەگەر 屯垦سۆزى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن تەقدىردىمۇ تۈنكىڭ ياكى تۈڭكىڭ بولۇدىكى ھەرگىزمۇ «تۇڭگان» بولۇپ قالمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدا «ئۈ»بىلەن «ئۇ»، «ئې»بىلەن «ئا» تىل ئورنى جەھەتتە كۆپ پەرىقلىق. مەسىلەن:
خەنزۇ تىلىدىكى «真 »سۆزى ئۇيغۇر تىلىدا جىڭ دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە قوللىنىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن «تۇنكېن» دىكى«كېن» سۆزى «كىڭ» غا ئۆزگۈرىدۇكى، ھەرگىزمۇ «كاڭ»ياكى «گان» بولۇپ ئۆزگەرمەيدۇ.
بەشىنچى قاراشتىكى «دونگاندىن كەلگەن» دېگۈچىلەر ئاساسلىقى تۈركىيە تەتقىقاتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار تۇڭگان سۆزىنىڭ رۇسچىدا (دۇنگان)قىلىپ يېزىلغانلىقىغا قاراپلا، تۈركىيە تۈرۈكچىسىدىكى «دونگېن(قايتقانلار، يانغانلار)»غا ئوخشىتىۋالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار خۇيزۇلارنى «ئىسلام دىنىغا كىرگەن خەنزۇلار»دەپ قاراپ «ئۇلار ئىسلامغا قايتقان»دېگەن تونۇش بويىچە ئۆز خۇلاسىسىنى دەلىللىگەن. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئۇيغۇرچىدىكى «تۇڭگان »سۆزى رۇسچىغا كىرگەندە، رۇسچىدا «ڭ»تاۋۇشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن «ن»بىلەن يېزىلغان، ئۇيغۇرچىدىكى «ت» ھەرىپى رۇسچىدا «د» ھەرىپى بىلەن ئىپادىلەنگەن. شۇڭا رۇسچىدىكى تەلەپپۇزنى ئاساس قىلىپ ئۇنىڭ تۈرۈكچە تەڭدىشىنى تېپىپ چىقىش ئىلمىي ئەمەس.
ئالتىنچى قاراشتىكى »‹تۇڭگان› سۆزى 东 岸دىن كەلگەن» دېگۈچىلەرنىڭ دەلىللىرى خېلى كۈچلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار «ئۆز نامىمىز» دەپ قارايدىغان دوڭئەن بىلەن «تۇڭگان» ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ ھەمدە جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغان دوڭئەن(شەرق تەرەپ) نىڭ قانداق بولۇپ مىللەت نامىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنىمۇ ئېنىقلىيالمايدۇ.
مېنىڭچە، «تۇڭگان» سۆزى ئالتىنچى قاراشتا دېيىلگەندەك دوڭئەن دىن كەلگەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە دوڭئەن بىلەن تۇڭگان ئوتتۇرسىدىكى فونېتىكىلىق ئۆزگۈرىش تۆۋەندىكىچە بولۇشى مۈمكىن:
ئۇيغۇر تىلىدىكى كۆپ بوغۇملىق سۆزلەردە بىرىنچى بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانسۇن ياكى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانسۇن، كېيىنكى بوغۇم چوقۇم ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ بۇ قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرى فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ياسايدۇ. مەسىلەن، «سوئال، تەبىئەت،، پائالىيەت، بىئولوگىيە» قاتارلىق سۆزلەر كىرمە سۆزلەر بولۇپ ھەممىسىنىڭ ئىككىنچى بوغۇمى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان. بۇ سۆزلەر بىز تىلغا ئالغان يۇقۇرقى فونېتىكىلىق قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، جانلىق تىل تەلەپپۇزىمىزدا بىر تاۋۇش چۈشۈپ قېلىش ياكى بىر تاۋۇش قوشۇلۇپ قېلىش ياكى ئەسلىدىكى بوغۇم تۈزۈلىشى ئۆزگىرىش قاتارلىق فونېتىكىلىق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلە، سوۋال(قوشۇلۇپ قېلىش)، پا: لىيەت(چۈشۈپ قېلىش) «قۇران» بوغۇم تۈزۈلىشى ئۆزگىرىش). 东岸 سۆزىمۇ تۇڭگانلار ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەندىن كېيىن، جانلىق تىلدا يۇقۇرقى فونېتىكىلىق قائىدىگە بويسۇنۇپ، بوغۇم تۈزۈلىشىدە ئۆزگۈرىش يۈز بېرىپ، (دوڭ ئەن) دېگەن خەنزۇچە بوغۇم ھالىتىدىن «دوڭ ئەن» شەكىلدىكى ئۇيغۇرچە بوغۇمغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچى بوغۇم بېشىدىكى «ڭ» تاۋۇشى تەلەپپۇزدا بىقولاي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا بىر «گ» تاۋۇشى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش ئادىتى بويىچە، «ڭ» بىرىنچى بوغۇمنىڭ ئاخىرقى تاۋۇشىغا، «گ» ئىككىنچى بوغۇمنىڭ بىرىنچى تاۋۇشىغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، ماڭا-ماڭغا، مۈڭگۈز- مۈڭگۈز، ساڭا-ساڭغا، توڭۇز-توڭگۇز. بۇ خىل ھادىسە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىلا مەۋجۇت بولماستىن، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:
كىشى مەڭۈ بولماز بۇ مەڭۈ ئاتى.
ئانىن مەڭۈ قالدى بۇ ئەدگۈ ئاتى.
(يۈسۈپ خاس ھاجىپ)
بۇ بىيىتتىكى «مەڭۈ» سۆزى بەزى يادىكارلىقلاردا «مەڭۈ»، يەنە بەزى يادىكارلىقلاردا «مەڭگۈ» دەپ ئوقۇلىدۇ.
ئەمدى «دوڭ ئەن»نىڭ «توڭگەن»بولماي «تۇڭگان» بولۇپ قالغىنىغا كەلسەك، شەنشى ۋە گەنسۇلاردىن تۇڭگانلار «گان،ئەن» بوغۇملىرىدىكى «ئا»نى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئا» غا ئازراق يېقىن تەلەپپۇز قىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر تىلىغا تۇڭگانلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن كىرگەن 干饭(گاڭپەن) سۆزىدىكى «گەن» ئۇيغۇرچىغا «گاڭ» بولۇپ ئۆزلەشكەن. ئۇيغۇر تىلىدا يەنە «د» بىلەن «ت»نىڭ
«ئو» بىلەن «ئۇ»نىڭ نۆۋەتلىشىشى مەۋجۇت بولغاچقا، «دوڭ ئەن» سۆزى «دوڭگان»غا، «دوڭگان» بولسا «تۇڭگان»غا ئۆزگەرگەن.
«تۇڭگان»سۆزىنىڭ مەنىسىگە كەلسەك، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ 东岸 نى «جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم» دەپ قارىغانلىقى دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرشىچە، 岸شەنشى شېۋىسىدە «تەرەپ» دېگەن مەنىدە كېلىدىكەن. مۇشۇنداق بولغاندا،东岸 «شەرق تەرەپ، شەرق» مەنىسىنى بېرىدىكەن.
لېكىن، مەزكۇر تەتقىقاتچىلار جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغان 东岸 نىڭ قانداقسىگە مىللەت نامى بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.
تەكشۈرشىمىزچە «تۇڭگان» سۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەنبەلىرىدە كۆرۈلىشى 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلانغان. موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ (1822-1900) يازغان «غازات دەر مۈلكى چىن» دە:
ئەمىر ئەيدى «ئەي ئەھلى تۇنگانىلار
گىرىفتار مېھنەت دىل ئەفكارىلار»
دەپ يېزىلغىنىدەك، بۇ سۆز باشتىن-ئاخىر «تۇنگانى» شەكلىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شۇ دەۋىردە يېزىلغان«شەرھى شىكەستە»،«زەفەرنامە» قاتارلىق تارىخىي مەنبەلەردە ۋە ئۇلۇغ تارىخچى، ئالىم موللا مۇسا سايرامىنىڭ «تارىخىي ھەمىدى» ناملىق شاھانە ئەسىرىدىمۇ يۇقۇرقىدەك «تۇنگان» دەپ يېزىلغان. بۇ يەردە «تۇنگانى»بىلەن «تۇڭگان»ئوخشاش بولۇپ، ئۇيغۇرچىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسى بويىچە «ن» تاۋۇشى بىلەن «ڭ» تاۋۇشى نۆۋەتلەشكەن.
«تۇنگانى»دەپ يېزىلىشىغا كەلسەك، ئۇيغۇر تىلىدا «ئى»قوشۇمچىسى يەر ناملىرىنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ كېلىپ «لىق، لىك» مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قوشۇمچە ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپرەك قوللىنىلسىمۇ ئاۋام تىلىدا كۆپ قوللىنىلمايدۇ . مەسىلەن، «مەھمۇد كاشغەرى، موللا يۇنۇس ياركەندى، موللا ئەلەم شاھيارى»، بۇلار «قەشقەرلىك مەھمۇد، ياركەنتلىك يۇنۇس، شاھيارلىق موللا ئەلەم» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئاۋام تىلىدا كىشى ئىسمىنىڭ كەينىگە يۇرتىنى قوشۇپ ئاتايدىغان ئادەت بار. لېكىن «لىق،لىك» مەنىسىدىكى «ئى» قۇشۇلمىغاچقا «كېرەم ئاتۇش، ئابلىز خوتەن، تۇرسۇن شاڭخەي، غەيرەت ئوپال، ئالىم تۇرپان» دېگەن ئىسىملارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
مۇشۇ قائىدە بويىچە 东岸 جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى «تۇڭگان»نىڭ كەينىگە ئەدەبىي ئەسەرلەردە «ئى»قوشۇلۇپ يېزىلغان. خەلق تىلىدا بولسا «ئى» قوشۇلماي «تۇڭگان» دېيىلگەن. مەنىسى ئوخشاشلا «شەرىق تەرەپتىن كەلگەنلەر، شەرىقلىقلەر» دېگەنلىك بولىدۇ. تۇڭگانلار ياشىغان جۇغراپىيىلىك ئورۇنمۇ ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ شەرقىدە بولغانلىقى بۇ پىكىرنى قۇۋەتلەيدۇ. خۇلاسىلىگەندە، 东岸 سۆزى تۇڭگانلارنىڭ ئۇيغۇر يۇرىتلىرىغا كەلگەندە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان نامى بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىغا كىرمە سۆز سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق قائىدىسىگە بوي سۇنۇپ «تۇڭگان» ھالىتىگە كەلگەن. ئۇيغۇر يازما مەنبەلىرىدە «تۇڭگانى» دەپ خاتىرلىنىپ ئۇنىڭ ئەسلى يەر-تەرەپ نامى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىلگەن. ئۇنىڭ مەنىسى«شەرىقتىن كەلگەنلەر ياكى شەرىقلىقلەر» دېگننى بىلدۈردۇ.
پايدىلانمىلار:
[1] ۋاڭ گوجيى: «تۇڭگانلارنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىيات تارىخى». شەنشى؛ شەنشى خەلق نەشىرياتى،1997.
[2] خەي فىڭ:«تۇڭگان ”屯垦“ دىن كەلگەن». «غەربىي-شىمال مىللەتلەر تەتقىقاتى» 2005-1.
[3] «غازات دەرمۈلكى چىن»، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلى، 1995.2-3-4-سانلار.
[4] «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر». ئۈرۈمچى؛ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1981.
ئاپتور: غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدىن: ئابدۇۋەلى ئايۇپ
مەنبە:«تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى 2007-يىل 2-سانى.
دوستلىشىش
kroran2010
رەببىم ئۇيغۇرۇمغا مەدەت بەرگىن !
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4290
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 1973 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-05
ئاخىرقى: 2012-08-16

ئىز رومانىدا تەرجىمانلارنى تۇڭچى دەپ ئاتىغان،ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدا تەرجىمانلىق قىلىدىغانلار خۇيزۇ ئاممىسىدىن بولغاچقا تۇڭگان دىگەن سۆز شۇنىڭدىن كىىلپ چىققانمىكى دەپ ئۇيلايتىم ،قارىغاندا خاتا ئۇيلىغان بولسام  كىرەك....
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2274
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 475
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە475دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2725 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-24
ئاخىرقى: 2012-08-15
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-15 18:30

دوڭشئاڭمۇ       خۇيزۇلارنىڭ  بىر قىسىمى .....    بەلكىم   شۇ  ئاتالغۇدىن كەلگەن  بۇلىشى  مۇمكىن  ...مەنچە  خۇيزۇلارنىڭ  تارىخى   قەدىمى   ئۇيغۇر   تارىخى  بىلەن  باغلىنىشى  بار .........
i love islam
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 466
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە466دانە
ئۆسۈش: 4730 %
مۇنبەر پۇلى: 8146 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-31
ئاخىرقى: 2012-08-18
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-15 18:52

بۇ تىما مۇنبەردىكى بەزى تۇڭگانلارغا ئۆچلەرنىڭ تىتاڭ تۇمۇرىغا تىگىپ كىتىدىغان بولدى  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
دوستلىشىش
穆先生
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12464
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-08-11
ئاخىرقى: 2012-08-15
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-15 23:53

تۇڭگان بىلەن دوست بولساڭ  ئاي پالتاڭ يىنىڭدا بولسۇن
urumqi
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3727
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 59
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە59دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 350 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-08-16
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-16 00:32

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى 穆先生 نىڭ 2012-08-15 23:53 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تۇڭگان بىلەن دوست بولساڭ  ئاي پالتاڭ يىنىڭدا بولسۇن


ئەگەشتىم !
دوستلىشىش
قۇتلۇق1
tarihingni ugan.Gurorluk bolisan!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11536
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 44
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە44دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 620 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-05-04
ئاخىرقى: 2012-08-17
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-16 04:43

ئاڭلىسام،چىڭخەي ۋە يۇننەننىڭ تۇڭگان ساقچىلىرى ،ساقچى فورمىسى بىلەن جۇمە نامىزىنى ئوقۇيمىش.بۇ راستمىدۇ؟
دوستلىشىش
جەڭچى
ئالدىم يا بىلەن ئوقنى ياۋنى ئاتارمەندەپ-كەيدىم پ ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2088
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2088دانە
ئۆسۈش: 1010 %
مۇنبەر پۇلى: 22004 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-08-18
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-16 04:46

hiqir
دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،قىرىنداشلىرىمنىڭ سۈيقەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ ئاللاھ.
دوستلىشىش
arslan720
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1658
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 214
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە214دانە
ئۆسۈش: 1020 %
مۇنبەر پۇلى: 3081 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-08-17
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-16 13:27

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى جەڭچى نىڭ 2012-08-16 04:46 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
hiqir

جىڭ گەپ....بىراق مۇشۇ تۇڭگان ,سالار, دۇڭشىياڭ لارغا ھەيرانمەن ھەممە يېرى ئوخشايدۇ..چىرايى ,كىيىنىشى..ئۆڭ-تۇرقى دىگەندەك....ئەمما دۇڭشىياڭ بىلەن سالار تۈركى تىللار ئائىلىسىگە تەۋە
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1695
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1229
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1229دانە
ئۆسۈش: 940 %
مۇنبەر پۇلى: 13493 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-08-16
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-08-16 15:35

ئىنكاس            arslan720

دۇڭشىياڭ نەدە تۇركىي تىللاغا تەۋە

دۇڭشىياڭ  تۇڭگانلارغا تەۋە
سەن كىم ئىدىڭ كىم بولدۇڭ يەنە كىم بولماقچى