باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 7041 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/6     Go
تېما: ئىلى تەسىراتلىرىم(شەھلا) تولۇقلاندى
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 615
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 6
ئومۇمىي يازما: 708
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە708دانە
ئۆسۈش: 2315 %
مۇنبەر پۇلى: 9053 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-16
ئاخىرقى: 2012-10-16
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 07:03

ئىلى تەسىراتلىرىم(شەھلا) تولۇقلاندى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما fatih204 تەرىپىدىن باستۇرۇلدى(2012-07-30)





بۈگۈن كېچە يۈرىكىمگە جانان چىنىدەك ئورناشقان گۈزەل غۇلجىدىكى ئاخىرقى كېچەم...
بۇ كۆزلەرگە قانداقمۇ ئۇيقۇ ياماشسۇن!؟ئاخىرقى كېچىلەرگە تارتىشىۋاتىمەن، ياتاققا بۆسۈپ كىرىۋاتقان سوغۇق شامال بايىلا ياغقان يامغۇرنىڭ نەم ھىدىنى نازۇك سەزگۈلىرىمگە سوۋغا قىلدى.
ئىنساندىكى سۆيگۈ پەقەت يۈرەكتە بولىدۇ، ئۇ بىر ئېسىل ھېسسىيات، ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە باسالمايدۇ.
تەبىئەت بىر ئانا، ئۇ مېنى سۆيگۈم بىلەن قوشماق قىلىپ تۇغقان، مېنىڭ سۆيگۈم تاغلارغا باغلانغان، دەريالاردا ئاققان، بىراق مەن ئۇلارنى كۆرۈپ باقمىغان، شۇندىمۇ سۆيۈنۈپ سۆيۈپ ياشاپ كەلگەن.
سايرامغا كىرىۋېتىپ يۈرىكىم بىر يېرىلدى، ئاپتوبۇسنىڭ سۇس قەھۋە رەڭلىك ئەينىكىدىن ھەيۋەتلىك سايرامنى كۆردۈم. ھاۋا تۇتۇق... سۈر رەڭلىك ئاسماندا ئېغىر قارامتۇل بۇلۇتلار لەيلىمەكتە. قۇياشنىڭ جامالىنى توسىۋالغان شۇ بۇلۇتلارنىڭ قات-قاتلىرىدىن تارام-تارام ئېقىپ چۈشىۋاتقان ئىلاھى قېلىچلاردەك نۇر دەستىلىرى، سايرامنىڭ يۈرىكىگە سانجىلىپتۇ. سايرامنىڭ نۇرغا ئىنتىلگەن ئاشۇ جەسۇر قۇدرەتلىك تۇرقى كۆڭۈل ئېكرانىمغا مەڭگۈلۈككە ئويۇلدى، بەلكىم بىر ئۆمۈر بۇ مەنزىرىنى سېغىنىپ ياشايمەن.
ئۆمرۈمدە بىر كۆرگەن سايرامغا قىيالمىغان كۆزلىرىم كەينىمدە قېلىپ، ۋۇجۇدۇم ھەيۋەتلىك كەڭسايغا كىرىپ كەتتى.
قاتار-قاتار قارغايلىق چوققىلارغا قاراپ تىنىقلىرىم توختىغانلىقىغا ئىشەندىم، چۈنكى مەن رىۋايەتلەردىكى تاغنىڭ باغرىدا كېتىۋاتىمەن. مەن قاچان نەچچە ئەسىر ئىلگىرىكى رىۋايەت زامانىسىدا ياشىغان!؟ دېمەك مەن ھازىر تامامەن بىر جەسەت، قەبرەم مۇشۇ قارغايلىقلارنىڭ قېتىدا، روھىم قەبرىدىكى جەسىدىم بىلەن ئۇچراشتى. ھايات-ماماتلىق بىر تىنىق مېنى رېئاللىققا قايتۇرۇپ كېلىدۇ. مەن خالىمايمەن، ئاشۇ قارغايلارنىڭ ئارسىدىكى جەسەتمەنكى   ھەرگىز بىتونلاشقان ئۈرۈمچىدىكى سەرسان روھ ئەمەس.
ھەي بىتەمىز لەزىز تۇيغۇلار...
كائىناتنىڭ گۈزەللىكىگە تويۇنمىغان بىچارە كۆزلىرىمنى يۇمدۇم. تۇرپاندىكى ئېتىز-ئىدىر، بىنەمدىكى  قاغجىرغان سۆيۈملۈك ئون بىر رەڭ، كەڭسايدىكى يېشىلىققا چۆمۈلگەن ھەيۋەتتىن-ھەيۋەت تاغلار، كەڭساي كۆۋرۈكىنىڭ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن تونىللىرىدىن ماتورنىڭ شاۋقۇنىغا چىلىشىپ ئۆتۈۋېتىپ تامامەن گىرەلىشىپ كەتتى. مەن شۇ شاۋقۇندىمۇ ئويغانماس بىر جەسەتمەن، قەبرەم قارغايلىق چوققىلاردا...
ئېھ!... ئانا يەر، مەن قانمىغان بۇ زېمىن. تىنىقلىرىمنىڭ ھەر ئۆركىشى ئۈچۈن پاكلىق ئىزدەيمەن، ساپ ھاۋا يامرىغان قانلىرىم  تومۇرلىرىمدە ئېقىشقا باشلىغاندا  ئەسلىمگە كەلدىم.


كەڭسايىڭنى  سېغىنىپ كېلىپ ،
سايرامىڭغا يەتتىم مىڭ تەستە.
شۇ سايرامغا يەتكىچە ئەيھات،
چوققىلاردىن سىيرىلدىم پەسكە.

ھەي چىقىۋەتسەم  ئەينەكلىرىنى،
ساپ ھاۋاغا تولسا ماشىناڭ.
شېرىن تۇزلۇق يامغۇرى بىلەن،
ساقايمامتتى مىڭ يىللىق ياراڭ.

قاتار-قاتار قارغايلارنى كۆر!
ئىلىلىقلار قىرقىپ  تۇرامدۇ؟
تەگلىكىكە چىملارنى بېسىپ،
ئەتكەن چايدا پەرۋىش قىلامدۇ؟
سالام غۇلجا! مەن ئىزدىگەن ئىزگۈ ھېسلار سەندە ھاياتمىدۇ؟ ھەر پارەڭدىن سۆيگۈ تىلەيمەن!
يۈك-تاقىلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ئاجايىپ قىزىقىش، قىزغىنىش لىق تولغان قەدەملىرىمىزنى تەشلەپكىنىڭ كېچىلىك قاينىمىغا توغۇرلىدۇق.
چېھرىدىن مېھر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بىر ئاپپايغا لەۋزىمنى تولدۇرۇپ تۇرۇپ تۇنجى سالامنى يوللىدىم. ناتۇنۇش شەھەر، ناتۇنۇش يوللار، بىزنى تەمتىرەتتى، يول سورىدۇق، ئوزايىدىن ئىللىقلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بۇ ئاپپاي قايسى بەخىتلىكلەرنىڭ ئانىسىدۇر؟
قىزغىنلىق بىلەن يول كۆرسەتتى، ئاپپاينىڭ كىيىنىشلىرى، كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرى رەھمەتلىك ئاپامنى ئېسىمگە سالدى.
چاناقلىرىمغا يامرىغان ئاچچىق ياشلىرىمنى يىتىملىك باسقان يۈركۈمگە بېسىۋېتىپ پىيادىلەر يولىدا مەنزىلىمىزنى ئىزدەپ يۈرۈپ كەتتۇق.
سەپەرنىڭ ئىككىنچى كۈنى.
بالىلىقىمىزدىن تارتىپ قوشاقلىرىدا تاۋلىنىپ چوڭ بولغان بىزلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە سادىر پالۋاننىڭ قەدەم جايلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارماندۇر.
جېلىليۈزىدىن كىرىۋېتىپ قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتتۇق، ماڭقۇرتلارچە قورقۇنچاق بىر قىسىم كىشىلەردىن نەپرەتلىنىمەن. سەپەر سومكامنىڭ ئاستى-ئۈستى تەكشۈرۈلۈۋاتقاندا خورلانغان كىشلىك ھوقۇقۇم ئۈچۈن نارازى بولدۇم، كۈندىن ساقلىنىش كۆزئەينىكىمدىن تېشىپ ئۆتكىدەك يالتىرىغان نارازىلىقىمدىن ئەيمەنگۈچىنىڭ ئۆزۈرسىنى قەتئىي قوبۇل قىلغۇم كەلمىدى. رەنجىگىنىمنى ئۆزىنىڭ تىلىدا ئۆزىگە ئېنىق بىلدۈرۈپ، كىملىكىمنى يۇلۇپ ئېلىپ يولۇمغا راۋان بولدۇم. مەن بۇ زېمىننى سېغىنىپ زىيارەتكە كەلگەن ھېچ كىمگە دۈشمەن ئەمەستىم...
سەن نېمە دېسەڭ دېگىنكى مەن يەنىلا مۇشۇ زېمىندىكى بىر تال تاشمەن، مەن بەلكىم يەنە شۇ قارغايلىقتا جەسەت بولىمەن، قەبرەم مۇشۇ تۇپراقتا يوقاپ كېتىدۇ، بىر كۈنلەردە توپىنى تاتىلىساڭ ئالقانلىرىڭغا يەنىلا مەن چىقىمەن.
سادىر پالۋاننىڭ قەبرىسى ئالمىلىق باغ ئىكەن، غېرىبانە قەبرە، ئون سوملۇق كىرىش بېلىتى، ئاياللىق قەلبىمدىكى ئېغىر تۇيغۇ ھېچقاچاندا ھازىغا ئايلانمىدى. قەبرىگە تۇتاشقان يولدىكى پىلاكاتلارغا يېزىلغان پالۋان قوشاقلىرىغا ئەگىشىپ، بۇ جەسۇر گىگانتنىڭ قەبرىسىگە ئۇلاشتىم، شۇ دەقىقىلەردە مەن پەقەت تارىخنى سېغىندىم.
ۋاقتىم قىس، خوش سادىر بۇۋا سالامىم يەتسۇن، روھىڭغا جەننەت تىلىدىم، بىراق پۈتكۈل غۇلجا سەپىرىمدە ئىزلىرىڭنى ئىزدەيمەن، سېنىڭ سىماھىڭ قايسىدۇر بىر دېھقاننىڭ چېھرىدە، كىمنىڭدۇر قاۋۇل بەستىدە، يەنە كىملەرنىڭ ئوتلۇق يۈرەكلىرىدە زاھىر بولۇشى مۇمكىن.


جېلىليۈزىنىڭ يولى قاتتىق ،
ئۆرۈكى  تاتلىق .
جېلىليۈزىدە بىر بۇۋام بار،
سادىر ئاتلىق.

سادىر بۇۋام ياتقان جايى،
ئالمىلىق باغلىق.
پالۋان ئاتاپ ئەسلەپ تۇرغان،
ياسىن ئوغلى تۇرسۇن ئاتلىق.

پالۋان غېمى تاغ-تاغ بولۇپ.
تاغام تۇرسۇننى باسامدۇ؟
بىلەت ساتسا ئون سومدىن،
شىغىلغا قازان ئاسامدۇ؟

جېلىليۈزىگە كېلىپ تۇر!
بۇۋام سادىرنى يوقلاپ تۇر!
ئالمىلىق باغ سولمىسۇن!
سېخى ياننى كولاپ تۇر!
قاش دەرياسىنىڭ شېرىن سۇلىرى ئويناقشىپ ئاقىدىكەن.
ئاق! ئۆستەڭ ئەلۋەتتە لىنزېشۈدىن بۇرۇن ھېكىم بەگ چورۇقتىن ئېقىشقا بۇيرۇق ئالغان. جېرغىلاڭدىن ئۆتسەم يەنە شۇ قارغايلىق تاغ، قاپتىلىدا باغ، ئۆرۈكلۈك دەرەخلەردە مەي باغلىغان مېۋىلىرىگە كۆز تەگمىسۇن، سادىر بۇۋامنىڭ يېنىدا ئېغىز تەككەن ئاشۇ سۈت ئالما تەمى ھېلىمۇ لىۋىمدە ...
غۇلجا دىيارىمىزدىكى بىردىن بىر دېڭىز شامىلى سۆيۈپ ئۆتىدىغان شەھەر.ئۇ بىر باغ،ئېلى دەرياسىنىڭ ئېغىر ئۆركەشلەپ ئېقىشىغا نەچچە كېچە ھەمرا بولدۇم. قايناپ بۇغۇنۇپ ئېقىۋاتقان دەريا، ئاۋاتلىقىدىن قالمىغان ئىلى دەرياسى كۆۋرۈكى، پېتىۋاتقان قۇياشقا يۈزلىنىپ، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارال ساھىلىدا قۇدرەتلىك دولقۇنلارنى قورقۇمسىراپ كېچىپ باقتىم. كائىناتنىڭ قارام ياۋا كۈچىنىڭ نامايەندىسى بولغان تەڭداشسىز دەريا سۈيى ئاياقلىرىمدا ئويناقشىغاندا ۋۇجۇدۇم ھاياجاندىن تىترىدى.
شىلدىر-شىلدىر سۇ شېرىن ئاۋازدا ماڭا نېمىنىدۇر پىچىرلاۋاتقاندەك، ئاجايىپ شانلىق داستانلارنى قۇلاقلىرىمغا بوش شىۋىرلاپ شاماللارغا ئۇزىتىۋاتقاندەك، بۇ زېمىننىڭ بىر ئەسىرلىك رىيازەتلىرى مەغرۇر ئاۋازدا ناخشا قىلىپ ئوقۇۋاتقاندەك بىلىندى.
پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ ئاداققى نۇرلىرىدا ئۇ نە سۇكى بەئەينى ھەيۋەتلىك قان ياشلىق تۇغانسىز قاينام ئىدى.


قاشنىڭ سۇلىرى دەيدۇ،
شەھلا چۈشسە چۆكمەيدۇ.
سۇلىرى چاپچىپ تۈرسا ،
چۆممەي قانداق چىدايدۇ.

قاشتىن قايرىلىپ چىقىپ،
ئاق ئۆستەڭگە دۈم چۈشتۈم،
كىملەر قويدى «ئاق!»ئاتنى ،
ئېزىپ ساناپ بەش ئۆتتۈم.

دەريا بويى توقايلىق،
توقايلىقتا باغ ئىكەن.
جىرغىلاڭدىن ئۆتكەندە،
كۆز يەتكۈسىز تاغ ئىكەن.

باياندايدىن ئۆتۈپ ئىككىنچى قېتىم يېڭى يەر ئەركىن ئوت ئارشىڭىغا بارغىنىمدا، ھويلىدىكى سەگەنچۈكتە كۆپكۈك ئاسمان، بۇدرۇق بۇلۇتلارغا مەستانە بولۇپ ئىككى سائەتلەرچە ھاڭۋاقتىلىق بىلەن ئۇچۇپ ئوينىدىم، ھەر تەۋرەنسەم ساماغا يەتكۈم كېلىدۇ، غۇبارسىز ئىلى ئاسمىنىدا قۇش كەبى ئۇچقۇم كېلىدۇ. ساپ ھاۋا، بىنەمدىكى سېھرى ئارشاڭ، بەلكىم ئۇ ھەركەتتىكى يانار تاغنىڭ نىقاپلىرى.
ماڭا قايتا بىر سۆزلەپ بېرىڭ، مەن بۇ تۇپراققا دەسسىگەن كۈندىن باشلاپ بىھۇشمەن، قايسى بىر ئەدىبنىڭ قايسى بىر مۇنبەردە، تەپەككۇرغا تويۇنغان ئاشۇ سۆزلىرى، سۆزنىڭ بارلىق شەكلىنى ئۇنۇتقانمەن بىراق ۋەزنىنى يۈرۈكىمگە ئۇيىۋالدىم. تەبىئەت بىر ئانا، بىزلەر كەپسىز بالا، قىلىقسىزلىق قىلساق ئۇ تۇنجىسىغا يول قويىدۇ، ئىككىنچىسىگىمۇ مەيلى دەيدۇ، بىراق كەنجى كەپسىزلىكلەرگە شۇنداق ئېتىراز بىلدۈرىدۇكى، ئەيھات، ئۇنىڭ مەڭزىمىزگە تەككەن ئاشۇ بىر كاچىتى جاھاننى كومپەيكۇم قىلىۋېتىدۇ، بىز زېمىنغا قىلغان بۇزغۇنچىلىقىمىز ئۈچۈن ھەسسىلەپ بەدەل تۆلەيمىز.
ئارشاڭدىن پىيادە قايتتىم، يۇمشاق توپىلىق يولدا كېلىۋېتىپ نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۈم، ئۇلار شۇ قەدەر ئالدىراش،ئاژناپ تۇرقى يالماپ يۇتار مەلئۇندىن باشقا سۈپەتتە زاھىر بولمايدۇ. ئۇلار ھەممىگە ئېرىشمەكچى، بۇ زېمىننىڭ ھەممە-ھەممىسىنى جەسەت ساندۇقلىرىغا قاچىلاپ قارا يەر قوينىغا بىللە ئېلىپ كىرمەكچى، بىراق مۇمكىن بولارمۇ؟ ئۇلار بۇنى ئويلاشمايدۇ.
بۇزۇلغان مېۋىلىك باغلىرىغا ھازا ئاچقان ئانا يەرنىڭ نالە-پەرياد، ئاھۇ-زارى پەلەككە توپا-توزان بولۇپ ئۆرلىگىنىنى كۆردۈم، ئاخىرقى ئىچكى قۇرۇقلۇق دېڭىزى سايرامنىڭ نىممەتلىك ھاۋاسىدىن ئوزۇق ئېلىپ نەچچە يۈز يىلدىن ياشناپ كەلگەن بۇ زېمىنغا ئاياق باسقان «تەرەققىيات» ناملىق ئالۋاستى بوران بۇ زېمىننىڭ ھەقدارلىرىنىڭ يۈرىكىنى زىدە قىلىپ، بارلىق سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى مۇزلىتىپ بوپتۇ، ھەر كىمنىڭ دىلىدا ئاچچىق بىر پەريات ...
سايرام تاشقىنلىماقتا! ئاگاھ بول يالمىغۇچىلار سايرام غەزەپلىك تاشقىنلىغاندا قاچارغا يەر تاپالمايسەن، مەن ئىسمىنى ئۇنۇتقان ئەدىب راست دەيدۇ، ھەر كىم تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلسا، جاجىسىنى ئۆزى بېرىدۇ.
ئەۋلىيا چوققىنىڭ گۈزەللىكى تەڭداشسىز سەنئەت. تاغ قاپتىلىدىكى يېشىللىق، مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان ھەر رەڭدىكى جىلۋىدار گۈل-غۇنچىلار... مۇشۇ گۈزەل تاغ باغرىدا ئاددى بىر ياغاچ ئۆيۈم بولسا، جاھان غەۋغالىرىدىن مۇستەسنا ياشاپ باقسام.
ئۈرۈمچىنىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان قاينام-تاشقىنلىق چۇۋىۋېتىلگەن يوللىرىدىن، تاملىرى سوغۇق، بىراق خانىسى تىنجىق ئۆيلىرىدىن، گەجگەمدىن بېسىۋالغان بىتونلىرىدىن قىيالماي تۇرۇپ قېچىپ بېرىپ كۆرگەنلىرىم شۇ بولدى.
تېشىمدا بىر ئوت، ئىچىمدە مىڭ ئوت. قازانچىدا خادىكلىك ئايلىنىۋېتىپ، مېھىرلىك خانىمنىڭ ھويلىسىدىكى نەقىشلىك ئايۋانلارغا قاراۋېتىپ، پۈتۈن ئوزايىدىن پاكىزلىك، پاكلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان قازانچىلىقلارغا ھەۋەس قىلدىم.
خەنزۇ بازىرىدىكى كەچلىك بازار، نېمىسىنى دەي...مەن ئەڭ ئۇنتالمايدىغان جاي قاينۇقتىكى غېرىپ ئۆيلەر بىلەن مۇشۇ بازاردىكى مىسكىن سىماھلار بولدى.
ئون كۈنلۈك زىيارىتىمنى ئاياقلاشتۇرۇپ قايتا كەڭسايدىن ھەيۋەتلىك سايرامدىن قايتىۋېتىپ يۈرىكىمنىڭ بىر پارچىسى ئۇلار بىلەن قالدى، قانداقلا قىلسام ئۇ بەڭباش مەن بىلەن قايتماي قويدى. ئۇ تۇمانلىق چوققىلارغا يامىشىپ، قاش دەرياسىدا چۆمۈلۈپ، ئالمىلىق باغلارغا باغلىنىپ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قەبرىسىدىكى ئاق گۈلچەمبىرەكنىڭ يالغان بەرگىلىرىگە ھەيران بولۇپ، قازانچىدا ماكانلىشىپ، خەنزۇ بازىرىدا كەچلىك تاماق يەپ، ئىلى دەرياسىنىڭ دولقۇنلىرىدا ئېقىپ كەتتى.
دېمەك، بارغىنىمدا پۈتۈن ئىدىم، يانغىنىمدا يېرىم ياندىم. كەڭساي باغرىدا، قارغايلار ئارىسىدا ئۇخلاپ ياتقان جەسىدىمگە خىيالى بىر خوش دېدىم.
ئاخىرقى كېچىدىن باشلانغان خاتىرەم ئۈرۈمچىدىكى غېرىب كۆلبەمدە تولىمۇ مەيۈس ئاياقلاشتى.
يوقاتقىنىم ھېچ نىمە، ئېرىشكىنىم بىھېساپ سۆيگۈ، قاچانمۇ يۈرۈكۈمنىڭ ئاشۇ بەڭباش پارچىسى يېنىمغا قايتىپ كېلەر!ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى بىر ئۆمۈر تىڭشاپ ئۆتۈشكە تەييارلانغان مۇشۇ دەقىقەم بەلكىم ھاياتىمنىڭ يېڭى بابلىرىنىڭ ئېچىلىشى بولۇشى مۇمكىن.  



  
[ بۇ يازمىنىxahla91 2012-07-18 07:11قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 969
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 228
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە228دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 2726 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-14
ئاخىرقى: 2012-10-28

ئاللا ئاللا ئەتتىگەندە نىمە بولدى شەھلاخان.
ئاخىرقى بىركۇن بۇلغان دىكىن دەپ، ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ قۇياي دەپسىز  دەڭە،
vvfv
دوستلىشىش
gayrat828
بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا.
دەرىجە: كۇلۇب باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 1485
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1485دانە
ئۆسۈش: 12720 %
مۇنبەر پۇلى: 14101 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-18
ئاخىرقى: 2012-11-01
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 10:23

قەلىمىڭىز <<كۈچلۈك >>چىقىپتۇ ، ھەر ھالدا بىزنىڭ يۇرتنىڭ تاغلىرى ،باغلىرى ۋە دالىلىرى بىلەن گىرەلەشكەن ھەيۋەتلىك زاۋۇت كان-كارخانىلىرىنى كۆرۈپ يۇرتىمىزنىڭ ئەتىسىگە ۋە كەلگۈسىنىڭ قانداق گۈزەل بولىدىغانلىقىغا قول قويماي تۇرالمىدىڭىزغۇ دەيمەن .
دوستلىشىش
سېسىق.چوقاي
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11951
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 144
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە144دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 1722 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-06-12
ئاخىرقى: 2012-10-24
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 11:23

شەھلا   سىڭلىمىز  غۇلجىدىكى  ساياھىتىنى  اخىرلاشتۇرۇپ   بۇگۇن  قايتىپتۇ  ،....اق  يول  بولسۇن  ، ىشقىلىپ  غۇلجا  سىزگە  ياخشى  تەسىر   بەرگەنلا  بولسا    بىزمۇ  سىزدىن  خوشال  ......،   غۇلجا -  ''غۇلجا   ۋەقەسىدىن ''  كېيىن '' غۇلجا  وبرازى ''  ھەر  جەھەتتىن  سەل  خۇنۈكلەشكەن  بولسۇمۇ  ،ادەملىرىنىڭ   ھېس -تۇيغۇسى  سەل -پەل  پۇچۇلسىمۇ  ،غۇلجا  يەنىلا  غۇلجا  غۇلجا - ،ۇنچىلىك  قىيىنچىلىقلارغا  الدىراپ  باش  ەگمەيدۇ .....سىزنىڭ  ساياھەي  ۇسۇلىڭىز  ، ساياھەت  خاتىرىڭىز  ۆزگىچە  ،..... الاھىدە   سادىر  بوۋىمىزنى زىيارەت  قىلغانلىغىڭىز   ،بىزنى  تەسىرلەندۈردى   ،[  بىز  مۇشۇ  يەردە  تۇرۇپ  بەكمۇ  از  بارىمىز  ]   ، سىز  ھەتتا  اق   ۆستەڭنىڭ   ھېكىم  چورۇق  تەرىپىدىن  چېپىلغانلىغىنىمۇ   ەسكەرتىپ  ۆتۈپسىز  ، [   سىز   دىمەتلىك    ياش  باللارنىڭ  بۇ  تارىقلارنى  بىلىشى  كەم  ۇچۇرايدۇ  ]  ،  سىزنىڭ  پۈتۇن  كېلىپ  يېرىم   كەتكىنىڭىزگە  قارىغاندا   گۈزەل  ىلى  دىيارىغا  قانمىغانلىغىڭىز   چىقىپ   تۇرۇپتۇ   ،سىز   نىلقا  ،كۈنەس  ،توققۇستارا لارغا  ...... بارغان  بولسۇڭىز   ھەتتاكى  پۈتۇن  كېلىپ  يېرىممۇ  چىقىپ  كېتەلمەيتتىڭىز  ،نىلقىدا    سىڭلىمىز   مەلىكەم  سىزگە  اتاپ  دەستىخان  تەييارلىغان  ىدى   ،ەپسۇس   ۋاختىڭىز  يار  بەرمىدى .....
دۈشمۈنۈمگە  قالسا  قالسۇن  ،  دوسقا   مۇقتاج    قىلمىغىن ......
دوستلىشىش
مۇسىلىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10703
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 411
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە411دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 4311 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-02-07
ئاخىرقى: 2012-10-21
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 12:46

    
دوستلىشىش
dulbarqin310
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1793
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1793دانە
ئۆسۈش: 630 %
مۇنبەر پۇلى: 18954 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-11-01
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 12:53

شەھلا ئاچىمىز دېگەن يەنىلا شەھلا ئاچىمىزدە، يازغان ھەر بىر تېمىسى شۇنداق يىقىملىق.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
turmux.net
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11489
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 409
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە409دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 4310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-29
ئاخىرقى: 2012-10-31
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 13:28

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى dulbarqin310 نىڭ 2012-07-18 12:53 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
شەھلا ئاچىمىز دېگەن يەنىلا شەھلا ئاچىمىزدە، يازغان ھەر بىر تېمىسى شۇنداق يىقىملىق.


راست، ھەر بىر تېمىسى شۇنداق يىقىملىق...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12251
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 40 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-07-17
ئاخىرقى: 2012-09-09
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 13:28

مۇنبەردىكى دوسلارنىڭ غۇلجىغا كىلشىنى قارشى ئالمىز ،،،
تەتۈر ئېقىن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1740
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 111
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە111دانە
ئۆسۈش: 80 %
مۇنبەر پۇلى: 1170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-09
ئاخىرقى: 2012-08-20
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 15:16

غۇلجىغا كەلگەن شەھلانى بىر كۆرگۈم بار،
سادىر بۇۋامغا قىلغان دۇئاسىغا بولاي يار.
غۇلجىدا قالغان يېرىمىنى ئىزدەپ تىپىپ،
يۈسۈپ سەككاكىنىڭ مازىرىغا كۆمگۈم بار.
ياخشىلىق قىل قولۇڭدىن كەلسە، غەزەپلىنىشنىمۇ بىل قولۇڭدىن كەتسە!
atimiz qukum bugundin guzal bulidu !mana bu umid!!!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 130
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 747
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە747دانە
ئۆسۈش: 490 %
مۇنبەر پۇلى: 7841 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-03
ئاخىرقى: 2012-10-31
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 15:54

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى uyghurbez نىڭ 2012-07-18 13:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
مۇنبەردىكى دوسلارنىڭ غۇلجىغا كىلشىنى قارشى ئالمىز ،،،

  راستمۇ يا ؟ بېرىپ سىلەر بىلەن كۈرۈشۈپ كەلگۈم بار ئىدى ، قېرىشقاندەك ماۋۇ ئىدارىنىڭ ئالدىراش بۇلۇپ كەتكىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە رامىزان كىرىپ قالدى . يا بىر ماۋۇ كەڭسايجان تەكلىپ قىلمىدى .................
راستچىللىق ----------- ئادىمىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى !!!