باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3482 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئىلىدا مانجۇر تائىپىلىرى ھەم تارانچىلار...
دوستلىشىش
turmux.net
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11489
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 410
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە410دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 4320 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-04-29
ئاخىرقى: 2012-11-05
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-12 01:01

ئىلىدا مانجۇر تائىپىلىرى ھەم تارانچىلار...

مانجۇلار يېڭى ئىقلىملىرى بولغان جوڭغارىيەنى شەرقتىكى يېرىنىڭ قورغىنى ھېسابلىغانلىقى سەۋەبىدىن، بۇ يېڭى ئىقلىمدا، ئاياقلىرىنى مەھكەم بېسىپ تۇرۇشنى لازىم كۆردى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يېڭى يەرگە ناھايتى چوڭ ئولگۇنلەر (؟) ئىلە جاڭجۇڭ ( باسقاق ) تەيىن قىلدى؛ دېمەك، بۇ تەرەپتىكى ھەممە ئىختىيار ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى. جاڭجۇڭ ئىلى بويىداخۇيئەن ( كونا كۈرە ) ناملىق ئۆزىگە مەخسۇس قورغانلىق شەھەر سالدۇردى ۋە غۇلجا شەھىرىنىڭ بىقىنىدا خۇينىنچىن ( بايانداي ) ناملىق ناھايتى مەھكەم بىر قورغان سالدۇرۇپ، مانجۇلارنى ئورۇنلاشتۇردى. بوش تۇرغان يەرلەرگە خەلقلەرنى كۆچۈرۈپ كىلىپ، زىرائەتچىلىك قىلىشنى راۋاج تاپتۇرماق، ئاۋات ۋە مەمۇرچىلىق قىلىپ، ئۆز ھاكىميىتىنى چىڭىتماق بولدى، بىراق، قانچە جىدەللىسىمۇ مانجۇر تائىپىسى خەنلەرگە نىسبەتەن ئاز بولغانلىقتىن، بۇ يەرلەرگە مانجۇرلارنى چەنلەپكىنە ئەۋەتىشكە توغرا كەلدى. ئىلىنىڭ باسقاقى – جاڭجۇڭ، ئۆز مەۋقەئىنى ساقلىماق ھەمدە ھۆكۈمەت يۆلىگىنى چىڭىتماق ئۈچۈن مانجۇر ئۇدۇمىغا مەنسۇپ سولان، شىۋەلەردىن چېرىك ئېلىشقا قارار قىلدى. سولانلار بولسا خانلىق سۈرۈپ تۇرغان سۇلالىنىڭ چىڭ يۆلىگى بولۇپ، شىۋەلەرمۇ تەخىتكە ساداقەتلىك خەلقلەردىن سانىلاتتى. سولانلار كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن تاشكۆرۈك غولىنىڭ غەرىبىدىكى تۈرگىن بورخۇجىغا جايلاشتۇرۇلدى. مۇكدېن تەرەپتىن كەلتۈرۈلگەن شىۋەلەر ئىلىنىڭ مەھسولدار يېرى بولغان دەريانىڭ سول ياقىسىغا 8 سۇمۇن ( قورغان ) سېلىپ، شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇلدى.
يوقۇرىدىكى مەزكۇر شىۋە-سولان، مانجۇر تائىپىلىرى ھەممىسى چېرىك ھېسابلانغان سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ ئىلىق – سېلىق، ئالۋاڭ – ياساقلىرىنىڭ بارچىسىدىن ئازات ئىدى. بۇلارنى تويغۇزۇش، كىيىندۈرۈش ھۆكۈمەت گەدىنىدە ئىدى. بۇ يېڭى ئەلنى ئاۋات ۋە مەمۇر قىلىپ قۇرۇش، شەھەر سىلىپ، ئىمارەتلەرنى ياساپ،ئۆستەڭلەر چىپىش، قىسقىسى، پۈتۈن ئۆلكىنى كۆكەرتىپ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر تائىپىلەرنىڭ زادى پايدىسى يوق ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھارماس – تالماس، مىخچەم (؟) ئەمگەكچى قولى ۋە دىخانلارغا ئىھتىياج ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ ئىدى. بۇنداق موھتاجلىقنى دەپى ( يوق ) قىللىش ئۈچۈن توغرىسى نەچچە يىللاردىن بۇيان چەكسىز ئۇرۇشلاردا خاراباتقا ئايلانغان بۇ قاق دالانى بۈگۈنكى باي، مەھسولدار، جەننەتتەك ئىللىق بىر ۋىلايەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تارانچى ئوغلى – تارانچىلار موتلەق زۆرۈر ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتىشەھەردىن دېخانلارنى كۆچۈرۈپ چىقىپ، ئىلىدا ئولتۇرغۇزۇشقا ئەمىن ۋاڭ نامىغا خاندىن پەرمان سادىر بولدى. ئەمىن ۋاڭ ئوغلى مۇسا گوڭنى ئالتىشەھەرگە ئەۋەتتى. مۇسا گوڭ قەشقەر، ياركەنت، دولان، ئۈچتۇرپان، ئاقسۇ، خوتەن، كۇچار، ئەلھاسىل، ئالتىشەھەردە مەۋجۇت بولغان ھەممە شەھەر ۋە رايۇنلاردىن ئالتە مىڭ ئۆيلۈك دېخاننى چاڭ لۇڭ خاننىڭ 62 – يىلى (1765) ئىلى ئۇزۇرىغا ( ۋادىسىغا ) كۆچۈرۈپ كەلدى. بۇلارغا مەركەز قىلىپ غۇلجا شەھىرى بىنا ئىتىلدى، ھەمدە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۆي بىشىغا بىر يىللىق ئۇرۇق، بىر قوشلۇق كالا، 12 لەن كۈمۈچ بېرىلدى. يوقۇرىدا زىكىر ئېتىلگەن مانجۇر تائىپىلىرىنى تويغۇزۇش بۇلارنىڭ ئۈستىگە زەسمىي يۈكلەندى. يەنى مانجۇلارغا دېخانچى ھەم ئالۋاڭ بەرگۈچى تەيىنلەندى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تارانچى نامى بىرىلدىكى، بۇ نامنىڭ مەنىسى – دېخانچى دىمەكتۇر. تارانچىلارغا ھاكىم بولۇپ مۇسا گۇڭ تەيىنلەندى. مۇسا گۇڭ ئەسلى كونا تۇرپانلىق ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئىنىسى ئورانزۇب گۇڭ باشلىق يىگىرمە ئائىلە چىقىپ، بۇلار چۇلۇقاي مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتى. چۇلۇقاي ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇسا گۇونىڭ قاياشلىرىغا ھەببە قىلىنغان ئىدى. بۇلارنىڭ قاياشلىرى ئوشاق يەنى ئۆزشاخ دەپ ئاتالدى. تارانچى خەلقىنى ئىدارە قىلىش ھاكىمبەگ بىلەن شەڭگەن زوڭتۇ دارىن ناملىق ئىككى مەمۇرغا تاپشۇرۇلدى. ھاكىمبەگ ئېلىق – سېلىق يىغىش، ئالۋان – ياساق ئىشىنى ماڭغۇزۇش، دىنىي شەرىئەتنىڭ ئىجراسىغا قاراش، موپتى، قازى، ئەلەم ئوخشاش دىن باشلىقلىرىنى مەنسەپكە قويۇش ئىشلىرىغا، قىسقىسى، ئومۇمەن مۇسۇلمانلارغا ئائىت ئىشلارنىڭ ئىجراسىغا مەمۇر ئىدى. شەڭگەن، زوڭتۇ دارىنلار : ئىلىنىڭ باسقىغى ــ جاڭجۇڭنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىنى ھاكىم بەگكە يەتكۈزۈپ، بۇ پەرمانلارنىڭ ئىجرا قىلىنغان ۋە قىلىنمىغىنىنى نازارەت قىلاتتى. ھاكىمبەگلەر مۇنداق خىزمەتلىرى ھېسابىغا خاندىن يىلىغا ئۈچ يۈز لەن كۈمۈچ ( 30 قاداق ) مائاش ئالاتتى ھەمدە تارانچى خەلقى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلاردىنمۇ خالىغانچە پۇل يىغىپ ئالاتتى. ھاكىم بەگلەرنى بەلگىلەش خاننىڭ ئىختىيارىدا ئىدى. ئەمما تارانچىلارنى ئىدارە قىلىش تەرتىۋى ئىلى باسقىغى بولغان جاڭجۇڭ تەرىپىدىن  جارىي بولغان ئۇسۇلغا بېنائەن يۈرگۈزۈلەتتى. تارانچى خەلقىنى غۇلجا، تاشئۆستەڭ، ئارۆستەڭ، نىلقا، توقاي، قاش، بۇرابوسۇن، قاينۇق، خۇنخاي، داردامتۇ، توققۇزتارا، ئاربۇز، سەنداۋان ناملىق 13 ئۆستەڭگە بۆلۈپ، ئۆستەڭنى بىر نەچچە يۈزگە، ھەر يۈزنى ئەللىككە، ئەللىكنى ئونغا بۆلگەن ئىدى. بۇ ئۆستەڭلەرنى ئىدارە قىلىشتا ھاكىمدىن كېيىن ئىشىك ئاغا ھەم تۆەندىكىچە ئۇششاق بەگلەر بولۇپ، شۇلار باشقۇراتتى :
ئۈچ شاڭ بىگى، يەتتە مىراپ، ئون مىڭ بىگى، بىر غەزىنىچى، بىر دېۋان بىگى، بىر باجگىر، بىر سەدرى ( ئۇلۇق ) بەگ، سەكسەن ئىككى يۈز بىگى، ئەللىك بېشى، ئون بېشىلار ۋە پاششاپ ئىشقۇللار دېگەن مەمۇرلار بولاتتى.ھاكىم بەگنىڭ ئوردىسىدا دائىمى خىزمەت قىلىپ تۇرىدىغان ئىككى ياساۋۇل، سەككىز پۈتۈكچى، سەككىز دورغا، ئىككى ئوردا بىگى، يىگىرمە نۆكەر بولاتتى. ئىشىك ئاغىنىڭ خىزمەتچىلىرى بۇنىڭ يىرىمىچىلىك ئىدى. دېمەك، ھەممە بەگلەردە شۇنداق خىزمەتچىلەر بولاتتى ھەمدە ئوردىدا يىگىرمە ئۆيلۈك  ناغرىچى پىرقە بولۇپ، بۇلار ئالۋاڭ – ياساقلاردىن خالىي ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالۋاڭ – ياساقلىرى خەلق تەرىپىدىن تۆلىنەتتى. ھاكىم بەگكە بىر غولنىڭ سۈيى يالغۇز بىرىلگەن بولۇپ، ئۇ سېلىق تۆلىمەيتى، ئىشىك ئاغا يىرىم غول، غەزىنىچىلەرگە ھەم ئۆزىنىڭ لايىقلىرىگە يەر – سۇلار ئىھسان قىلىنغان ئىدى. ھاكىم بەگنىڭ دېخانچىلىق  ۋە باشقا كار – بارىنى ( ئىشلىرىنى ) قىلىدىغان يۈز ئادىمى بولۇپ، ئۇلارنى يانچى دەپ ئاتايتى. ئىشىك ئاغىنىڭ يۈز غەزىنىچى، شاڭ بەگلەرنىڭ ھەر بىرىدە يىگىرىمە بەشتىن، يۈز بېگىلىرىنىڭ ئۈچتىن يانچىلىرى بولاتتى. بۇ ئادەملەر ئۇلارنىڭ قۇتۇلماس قۇللىرى ئىدى. ھازىر بۇنداق ئىشلار قالماقلاردا بار، ئۇلار يانچىلارنى غوشقا دەپ ئاتايدۇ.
تارانچىلار كەلگەندىن كېيىن ئىلىدا دېخانچىلىق راۋاجلىنىپ، مەمۇرچىلىق باشلانغان ئىدى. بۇنى كۆرۈپ ئوڭاي پۇل تىپىشنى ئويلىغان سېتىقچىلار بىلەن ھۆنەرۋەنلەر ئىلى ئۆلكىسىگە كىلىشكە باشلىدى. بۇ يېڭى مىھمانلارنى تويغۇزۇش، يەنى، ئىلىنى شۇ مەمۇرچىلىقىدا ساقلاش ئۈچۈن يېڭىدىن ئۆستەڭلەر چىپىش لازىم ئىدى. زىرائەت ئىشىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى ئاشكارە بولدى. ئەمما بۇنىڭغا ئىشچى قوللار ئازلىق قىلاتتى. مانا مۇشۇ ئىھتىياجنى يوقىتىش ئۈچۈن 1836 – يىلى تاشتۆپە ئۆستىڭىنىڭ چېپىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالتىشەھەردىن بىر مىڭ ئۆيلۈك كىشى كۆچۈرۈلۈپ كىلىندى. 1837 – يىلى سەنداۋان ئۆستىڭىگە بەش يۈز، 1839 – يىلى ئاربۇز ئۆستىڭىگە بەش يۈز، بارلىغى ئۈچ تۈركۈمدە 2 مىڭ ئۆيلۈك مۇھاجىر ( كۆچمەن ) كەلتۈرۈلۈپ، ئاۋالقى تارانچىلارغا قوشۇلدى. ” ئىلى 8 مىڭ ” دېگەن ئات شۇنىڭدىن قالغان.
جوڭغار ھۆكۈمىتى يوقىلىپ، بۇ تەرەپلەرنى چىڭ دائىرىلىرى ئۆزلىرىگە قاراتقاندىن بۇيان، بىر ئەسىرگىچە ۋەزىيەت تېنچ تۇردى. چىڭ ھاكىميىتىگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزگۈچى بولمىدى. بۇ بىر ئەسىر داۋامىدا تارانچى خەلقنىڭ تارتمىغان جاپاسى، كۆرمىگەن ئازاۋى قالمىدى. تاشلاندۇق قاق دالانى ئاۋات قېلىپ، 3 – 4 يۈز مىڭدەك خەلقنى تويغۇزۇپ، بېقىپ، پۈتۈن ئالۋاڭ – ياساقلارنى تۆلەپ كەلگەن 8 مىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت تارانچى خەلقىنىڭ نە چاغلىق ئېغىر كۈنلەر كەچۈرگەنلىكى ئۆز – ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرغۇسىدۇر.
بۇ بوزەك تارانچى دۇنياسى يالغۇز مەزكۇر ئالۋانلارنى ئۆتەش بىلەن جىم تۇرمىغان، بەلكى بۇلارنى دەپسەندە قىلىشتىن باشقا ھېچ نىمىگە جورۇش مومكىن بولمىغان ” ۋاڭخولو ” ئوخشاش ئالۋانلارمۇ بولغان. ” ۋاڭخولو ” شۇدۇركى، يوقىرىدا ئىيتىلغان ھۆكۈمەتنىڭ مەركىزى بولغان خوتەن قورغىنى يار گىرۋىكىگە بىنا ئىتىلگەن ئىدى. كەلكۈن مەزگىلىدە سۇنىڭ دولقۇنلىرى يارنى گۇۋۇرۈپ قورغاننى خاراپ ئىتىش ئىھتىمالى بار ئىدى. مانا شۇنداق ئىھتىمال سانالغان زىيانلاردىن قورغاننى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن ياز بويىچە نەچچە مىڭ تارانچى دەريا سۈيىگە تورالغا قويۇپ توساش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. بىراق سۇنىڭ قۇۋەتلىك دولقۇنلىرى تورالغۇلارنى بۇزۇپلا تۇراتتى. مۇشۇنداق چاغدا مىسىر خەلقىنىڭ نىلغا قىزلارنى تاشلاپ قۇربان قىلغىنىغا ئوخشاش بىرەر توختاخۇن ۋە تۇرداخۇنلار قۇربان قىلىنىپ كېتەتتى. بۇ ” ۋاڭخولو ” توغرىسىدا دەرتمەن تارانچىلارنىڭ چىقارغان ناخشىلىرىدىن نەمۇنە ئۈچۈن كۆچۈرىمىز:
زالىملارنىڭ تارانچى خەلقىگە قىلغان زۇلۇم ۋە سىتەملىرى زالىملار تەرىپىدىن ھوقۇق ۋە ئازاتلىقى دەپسەندە قىلىنىپ، يۈرەك ئالدى بولۇپ كەتكەن بوزەك تارانچىلار مۇنداق زۇلۇملارغا چىداپ كەلگەن بولسىمۇ، ئالتىشەھەر خەلقى تىنچ تۇرمىدى، بەلكى قايتا – قايتا قوزغالدى. 1964 – يىلى ئۇچتۇرپاندا قوزغالدى. بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن ئەۋرەڭزىب گۇڭغا مانجۇلار تەرىپىدىن ۋاڭلىق دەرىجىسى بىرىلدى. 1826 – يىلى جاھانگىر غوجا قوزغالدى. بۇنى ئىسھاق ھاكىم تۇتۇپ بېرىپ، ۋاڭ دەرىجىسىنى ئالدى. ( 1847 -يىلى ) يەتتىغوجا قوزغالدى، لىكىن بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى مانجۇلار تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ كىلىندى. ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىكى زۇلۇم مەشھۇر تەيپىن ئۇرۇشىغىچە داۋام قىلدى. تەيپىن ئۇرۇشى دېگىنىمىز : چىڭ ھۆكۈمىتى چىن ئۆلكىسىدە ئەپيۇن تېرىش ھەمدە ھايداشنى مەنىي قىلىپ پەرمان چىقارغان ئىدى. بۇ پەرمان چىققاندىن كېيىن چىندا ئەپيۇن باھاسى كۆتىرىلدى. ئىنگىلىزلار مەزكۈر پەرماننى غېنىمەت بىلىپ، چىنغا ناھايتى تولا ئەپيۇن كەلتۈردى. چىڭ ھۆكۈمىتى ئىنگىلىزلارنى ئەپيۇن بىلەن سودا قىلىشتىن مەنىي قىلدى، لىكىن ئىنگىلىزلار ئۇنىڭغا ئېتىۋار قىلماي، ئەپيۇن سودىسىنى داۋام قىلىۋەردى. چىڭ ھۆكۈمىتى ئەپيۇن ساتقۇچى ئىنگىلىزلارغا قارشى قەتئىي چارە كۆرۈپ، ئىنگىلىزلارنىڭ ئەپيۇن كەلتۈرگەن پاراخوتلىرىنى ئەپيۇنلىرى بىلەن كۆيدۈردى، شۇ باھانە بىلەن ئىنگىلىزلار بىلەن فىرانسوزلار چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش چىقاردى. بۇ ئۇرۇشتا چىڭ ھۆكۈمىتى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى ( 1856 – 1858 – 1860 ). شۇنىڭ كەينىدىن يەنە بىر باھانە بىلەن ئامرىكا ۋە فىرانسوزلار چىڭ ھۆكۈمىتىگە زىيانلىق يەنە بىر شەرتنامە تۈزدى. ئەجنەبىيلەر بۇ شەرتنامە بىلەن چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قول – ئاياقلىرىنى باغلاپ، قىمىرلىغۇسىز قىلىپ قويغان ئىدى. لىكىن چىن خەلقى ئەجنەبىيلەرنىڭ مۇنداق شەرتنامىسىغا چىدالمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ ئەجنەبىيلەر بىلەن قىلغان شەرتنامىسىغا قارشى نارازىلىق  ئۆسۈپ، ئەجنەبىيلەرنىڭ مۇداخىلە ۋە كەمسىتىشىدىن قۇتۇلۇش يولىدا قوزغالدى. خەلقنىڭ بۇ قوزغىلىشى يالغۇز ئەجنەبىيلەرگىلا  قارشى بولماستىن، بەلكى ھۆكۈمەتنى ئۆز قولىغا ئىلىپ، خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇش مۇددىئاسىدا باشلانغان ئىدى… مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئىنگىلىزلار يەنە ئۇرۇش قىلىپ، بېجىنى ئالدى. خان شەھەرنى تاشلاپ قىچىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن چىنلىقلار تاقەت قىلالماسلىق ئېغىر شەرتنامىلەر بىلەن توختام قىلىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قول – ئاياغى دەسلەپكىدىنمۇ مەھكەمرەك باغلاندى. شۇ ئەسنادا روس ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن غۇلجىدا روس كونسولى تۇرىدىغان بولدى. چىىگرىلار ئاجرالدى ( 1855 – يىلى ). مۇشۇنداق ئىختىلال ۋە ماجرالار سەۋەبىدىن چىڭ ھۆكۈمىتى ئىختىلال ۋە چۇۋۇلۇشلار قاپسىغان ۋە بۇ ۋاقىئەلەر ھۆكۈمەتنى ھالدىن تايغۇزغانىدى. دۆلەتنىڭ ئىختىسادى ئەھۋالى بۇزغۇنلۇققا چۈشۈپ، دۆلەت غەزىنىسى ناھايتى دەرىجىدە قىسىلىپ قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت چەتتىكى ، شۇ جۈملىدىن غۇلجا چىرىكلىرىگە تىگىشلىك ئايلىق تەمىناتلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرەلمىدى. سانى خېلى نۇرغۇن ئىلى چېرىكلىرىنى بېقىشقا تارانچىلارنىڭ ئۆي بىشىدىن ئېلىندىغان 12 خو بۇغداي كۇپايە قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇلارغا يەنە ئۈستىلەپ سېلىقلار سېلىندى. بۇرۇنقىنىڭ ئۈستىگە يەنە يىگىرمە خو قوشۇپ، بارلىقى ئۆي بېشىغا 32 خو سېلىق بەلگىلەندى. بۇنىڭ ئۈستىگە غۇلجا دائىرىسىدىكى چېرىكلەرنىڭ  ئوتۇن – ياغاچ، كۆرپە – تۆشەك، چاي – تۇز، گۆش – ياغ ئوخشاش ئېھتىياجلىق ۋە زۆرۈر سانالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈپ تۇرۇش يەنە شۇ كەمبەغەل تارانچىلار ئۈستىگە يۈكلەنگەن ئىدى. ئۇلار بۇنىڭسىزمۇ ئىقتىسادى قۇللۇقتا ياشاۋاتاتتى. خالزات ھاكىم زامانىسىدىن قالغان قوشۇمچە سېلىقلارنى تۈگىتىشتىن ئاجىز بولغان خەلق ئۈچۈن بۇ يېڭى قوشۇمچە سېلىقلارنى تۆلەش ئادەتتىن تاشقىرى ئېغىر ئىدى. تارانچىلارنى كۆچۈرۈشتىن يەتمىش يىل كېيىن تارانچى دىيارىدا ناھايتى ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولۇپ، خەلق بىر نەچچە يىل مەلۇم سېلىقلارنى تۆلىيەلمىگەن ئىدى. بۇ تۆلەنمىگەن سېلىقلار چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلىرىغا بىنائەن ھەر يىلى بىرگە بىر ئۆسۈپ تۇراتتى. تارانچىلار كۆچۈرۈلۈپ 75 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھاكىم بولغان خالزات تارانچىلاردىن ئېلىنغان خانلىق ئاشلىقتىن مىليۇن پۇتقا يىقىننى يەپ قويغان ئىدى. تەبئىيكى، بۇلارنى قوشۇمچە سېلىقلار بىلەن تۆلەش يەنە شۇ كەمبەغەل تارانچىلارنىڭ گەدىنىدە ئىدى. بۇ توغرىسىدا خالزات ئەيىبلىنىپ ئورنىدىن چۈشۈرۈلدى، ئورنىغا چارۇق ( شاھرۇق ) ھاكىم بەلگىلەندى. چارۇقتىن كېيىن ئوغلى ئابدۇرۇسۇل ئىشىكاغا بولۇپ، مەزەمزات خالزاتزادە ھاكىم بولغانىدى. مانا شۇ مەزەمزات زامانىدا بۇرۇندىن قالغان كونا سېلىقلارغا يوقۇرىدا يېزىلغان يىگىرمە خو ( 80 پۇت ) سېلىق قوشۇلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇرۇندىنلا ئائىلە سائادىتى، بالا – ۋاقا راھىتىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم بولغان تارانچى خەلقى بۇ قىتىم ئائىلىلىرىدىن ئاجراپ، سۈيدۈڭ، كۈرە، دودىشاڭ، بىدىشاڭلاردا تېنەپ – تەمتىرەپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. بۇ بېچارىلەرنىڭ ئۆيىدە بىر پارچە كىگىز، بىر يۇتقان، بىر دانە چۈشەك، بىر خو ئۇن بولسىمۇ، ئۆيدىكى مۇھتاج بالا – چاقىلىرىنى ئېتىۋارغا ئالماي، ئۇلارنى قاڭغىر قاخشىتىپ تۇرۇپ تارتىۋالاتتى. بالا – چاقا، بىۋە – چىۋەلەرنىڭ كۆز ياشلىرى زادى ئىلتىپاتقا ئېلىنمايتتى.

مەنبە : تۇرمۇش خاتىرىسى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2854
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 310 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-11-05

يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا خەلقىمىز نۇرغۇن قىسمەتلەرنى كۆردى، تارتىمىغان جاپا، چەكمىگەن رىيازەت قالمىدى، بىزگە يېتىپ كەلگەن قىسمەن ئۇچۇرلارنى بىلىپ شۇنچە ئازاپلاندىم، بۇ خەلققە كەلگەن قىسمەت يەھۇدىلارنىڭكىدىن كۆپكەن، ئەمما يەھۇدىدەك كۆزگە كۈرۈنەلمىدۇق (ئۆزىمىزنى غەيرى دىندىكى يەھۇدىلارغا سېلىشتۇرۇش توغرا بولمىسىمۇ)
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 683
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە683دانە
ئۆسۈش: 270 %
مۇنبەر پۇلى: 7284 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-10-08
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-12 10:49

نىمەئۇچۇن بىز ئۇيغۇرلار شۇنچە ئەرزىيەتلەرنى ،جاپا-مۇشەتلەرنى باشتىن ئۆتكۇزۇپمۇ يەنىلا ساۋاق ئالمايدىغاندىمىز؟     
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
ئەي ئاللاھ ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەندىنغىنا ي& ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2631
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1230
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1230دانە
ئۆسۈش: 2960 %
مۇنبەر پۇلى: 10187 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-04
ئاخىرقى: 2012-11-02
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-12 11:20

بۇ ماكان ئەسلى بىر بىدىلىككە ئوخشاش بوپتىكەندە  كىم كەلسە ئورايدىغان
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1766
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1199
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1199دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 12725 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-10
ئاخىرقى: 2012-11-05
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-12 16:33

مۇشۇ مانجۇلار بىزگە كەلتۈرگەن ئەرزىيەتلىرىنىڭ جاۋابىغا ئەمدى ئىرشتى !
يىڭلمەس ئىرادە.
دوستلىشىش
نارات
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10153
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 326
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە326دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 3595 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-22
ئاخىرقى: 2012-11-03
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-13 11:57

بىز شۇنىڭغا كۈنىپ قالغان ئوخشايمىز قېرىنداشلىرىم
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 930
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە930دانە
ئۆسۈش: 3142 %
مۇنبەر پۇلى: 9993 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-10-21
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-13 13:46

<< شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى>> تەھرىراتىدىكى ئابلىز ئورخۇن ئەپەندى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىدىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ كېلىۋاتقىنىغا كۆپ رەھمەت.
مەزكور تېما ئابلىز ئورخۇن ئەپەندى نەشرگە تەييارلىغان، << ئىلى دەرياسى >> ژورنىلىنىڭ 1-سان  بېسىلغان نەزەر غوجا ئابدۇسەمەت ( ئۇيغۇر بالىسى )  نىڭ << ئىلى ۋىلايىتى تارىخى >> ناملىق ماقالسىدىن ئېلىنغان. لىكىن بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئوقۇش  ئوقۇرمەنلەرگە نېسىپ بولماي قالدى.  
بۇ ئەسەرنى تور يۈزىدە  بىز بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشتۈرگەن تېما ئىگىسىگە رەھمەت.
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10010
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 781
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە781دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 8071 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2012-10-17
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-13 17:20

بۇ باشقا نىمە كۈنلەركەلمىگەن ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12241
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-07-17
ئاخىرقى: 2012-08-09
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-17 00:04

ئۇنداقتا 1765-يىلىدىن ئىلگىرى ئىلىدا ئۇيغۇرلار يوقمۇ ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12789
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 4
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-09-28
ئاخىرقى: 2012-11-01
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-10-01 12:38

بۇ قاملاشماپتۇ!! ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىلىدا ئۇيغۇر يوكمىكەن؟؟؟ ئۇنداقتا چاغاتاي خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان ئىلى دىيارىدا تۇغلۇق تۆمۈرخان داۋرىگە كەلگەندە 160مىڭ موڭغۇل كىملەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ مۇسۇلمان بولغان؟؟؟ ئۇ موڭغۇللا نەگە كەتكەن ؟ئۇيغۇر بولمىغان بولسا قايسى مىللەتنىڭ تەسىرىدە موڭغۇللا ئىسلام دىنىغا كىرگەن؟؟؟  ئىلىدە ئۇيغۇر بولماسلىقىنى ئىسپاتلاش ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرنى سۆيىدىغانلانىڭ ئىشى ئەمەس !!! خەقنىڭ يىزىپ بەرگەن تارىخىغا ئىشىنىپ يۈرمەيلى!!!