ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇنبەردىكى قېرى- ياش ، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلار! ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامىنى بولسۇن! مەن مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرگىلى خېلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ ، پەقەت ئىنكاس يېزىش بىلەنلا ئالدىراش يۇرگەن ئىدىم .. بۇگۇن مۇنبەرداشلار ئۇچۇن ئازراق بولسىمۇ سوۋغا ئېلىپ كەلدىم!! قوبۇل قىلغايسىزلەر... ئوقۇپلا قويماي بولسا ، ئازراق پىكىر قىلىپ قويۇڭلار.......
تاللانغان پەندى نەسىھەتلار
1. ئەلىي رازىيەنلاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: توۋەندىكى ئۇچ ئىش ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۇرىدۇ ۋە ئېغىز كىسەللىكلىرىدىن خالىي قىلىدۇ: (1). مىسۋاك بىلەن چىش تازىلاش. (2). روزا تۇتۇش. (3). تەجۋىدلىك قۇرئان ئوقۇش.
2.مۆمىنگە نىسبەتەن شەيتاندىن مۇداپىيىلىنىدىغان ئۇچ ئىش بار: (!). مەسچىتتە تۇتۇش. (2).ئاللاھنى زىكرى قىلىش. (3). تەجۋىدلىك قۇرئان ئوقۇش
3. ئاللاھ بىر بەندىسىنى بەخىتلىك قىلماقچى بولسا : (!). ئۇنىڭ دىننىي بىلىمىنى ئاشۇرىدۇ. (2). دۇنياغا بولغان ھەۋىسىنى پاكلايدۇ. (3). ئۇنىڭ ئۆز كەمچىللىكىنى تونۇۋېلىشىغا يارىدەم بېرىدۇ.
4. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭچە ئۇچ تۇرلۇك ئىش دۇنيايىڭلاردىن كۆپ سۇيۇملۈكتۇر:
(1). خۇشپۇراق (2). ئائىلە تاۋاباتىڭلار (3).ئىبادەتتىكى يىغا
5. ئىبنى سۇلايمان دەردارى مۇنداق دېگەن : (1). بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھدىن قورقۇش بولسا، بارلىق ياخشىلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. (2). قارنى يېرىلغۇدەك كۆپ يىيىش بولسا ، دۇنيادىكى بارلىق جىنايەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر. (3) . ئاچلىققا سەۋىر قىلىش بولسا، ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئېرىشىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
6. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : دۇنيادا تۆت ئانا بار، ئۇلار دورىلارنىڭ ئانىسى، ئەخلاقنىڭ ئانىسى، ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئانىسى ، ئۇممەت ئانىسىدىن ئىبارەت. ئاز ئىچىش-- بارلىق دورا-دەرمەكلەرنىڭ ئانىسى؛ ئاز سۆزلەش---تۇرلۇك ئەخلاقلارنىڭ ئانىسى ؛ ئاز خاتالىشىش--تۇرلۇك ياخشى ئەمەللەرنىڭ ئانىسى : قەتئىي چىدامچان بولۇش--ھەر قانداق ئۇممەت ئانىسى.
7. بىر ھەكىم تۆت ساماۋىي كىتاپتىن ھەر بىرىدىن بىر جۇملە يىغىپتۇ:
تەۋراتتىن ئالغىنى--- ئاللاھتائالا ئاتا قىلغىنىڭ ھەممىسىگە ئىنتايىن رازى بولغۇچى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىت سائادەتكە ئېرىشىدۇ:
ئىنجىلدىن ئالغىنى--ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى يوقاتقۇچى،دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇخشاشلا بەخىت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ:
زەبۇردىن ئالغىنى-- چاكىنا ئادەملەردىن يىراقلىشىپ خىلۋەتتە تۇرغۇچى، دۇنيا -ئاخىرەتتە قۇتقۇزۇشقا ئېرىشىدۇ:
قۇرئاندىن ئالغىنى--تىلىنى يىققان كىشى دۇنيا- ئاخىرەتتە خاتىرجەملىك تاپىدۇ:
8. بىر ھەكىم مۇنداق دەيدۇ: ھەربىر كىشى تۆت ئىشتا تارتىۋېلىشقا ئۇچرايدۇ: (1). ئەزرائىل ئۇنىڭ جىنىنى(روھىنى) ئالىدۇ. (2).مىراسخور ئۇنىڭ مىلىنى ئالىدۇ. (3).قۇرۇق ھويلا-ئارام،ئۆي-ئىمارەت ياكى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئۇچۇن ئىگىلىگەن نەرسىلەر،ئۇنىڭ تىنىنى تارتىۋالىدۇ. (4)؛رەقىبلەر قىيامەت كۇنى ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى تارتىۋالىدۇ.
9. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۇنى تارازا توغۇرلانغاندىن كىيىن ئېلىپ كېلىندىغانلار ناماز ئوقۇغۇچىلار ، ئۇلارنىڭ ئەمىلى ئۆلچىنىپ ، ئۇلارغا تولۇق مۇكاپات بېرىلىدۇ؛ ئاندىن روزا تۇتقۇچىلار ئېلىپ كېلىنىپ ئەمەللىرى تارازىدا ئۆلچىنىپ مۇكاپاتى بېرىلىدۇ؛ ئاندىن ھەج قىلغۇچى ئېلىپ كېلىنىپ ، ئەمەللىرى تارازىدا ئۆلچىنىپ ،مۇكاپات بېرىلىدۇ؛ ئاڭ ئاخىرىدا ئېلىپ كېلىنىدىغانلار ،ئاغرىق-سىلاق، غەم تاتقانلار ، لىكىن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى تارازىدا ئۆلچەنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئاز بولسىمۇ كۆرسىتىلمەيدۇ،ئۇلار ھىساپسىز ساۋاپقا ئېرىشىدۇ. ھەتتا ئاشۇ ساغلام ئادەملەر ئاللاھقا بۇ بەندىلەرگە قىلىنغان مۇكاپاتلارغا، ئاشۇلاردەك بولۇپ قالساقچۇ دەپ قالىدۇ.
مەنبەئەسكەرتىشى: « ئەمالار چىرىقى »دىن