باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5848 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: ئۇنتۇمايلى!  بىز دىگەن- مۇسۇلمان..
يازغىن شۇنداق نەرسىنى،ئەتەخۇش قىلارسىنى..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 243
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە243دانە
ئۆسۈش: 1510 %
مۇنبەر پۇلى: 3932 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-10-24
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-06-29 16:43

ئۇنتۇمايلى!  بىز دىگەن- مۇسۇلمان..

بۈگۈن ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولدى.تىلىفۇنچىلىق قىلىدىغان بىر دوستىمىزنىڭ دۇكىنىغا ئىككى دوستۇم بىلەن بىللەكىردىم.دۇكاندا قىسماق ساقال قويۇۋالغان مەندىن چوڭراق كىلىدىغان سالاپەتلىك  بىر ئادەم، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا ئىگىز بويلۇق ، رەسىدە بولغان بىر قىز ئولتۇراتتى .. قىزنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپلا   خۇيۇم تۇتتى.. قىز بېشىغا  نىپىز ھەم كىچىك ياغلىق سېلىۋالغان بولۇپ  بويۇن ۋە مەيدىلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.. كاسىسىنى ئاران ياپىدىغان كوپتا كىيىپ  كۆينەك كەيمىگەن ئىدى،تار نىيۇزەي شىم كىيىۋالغاچقا سۆڭگەچ ۋە يوتىلىرى    چىڭقىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ چىرايىدىن مۇسۇلمانلىقى چىقىپ تۇرسىمۇ ئەمما قىزىنىڭ تۇرقى بولسا ھېلىقىدەك ئىدى..بۇنداق  ناكەس مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھەر بىرىگە دەل ۋاقتىدا نەسىھەت قىلىشقا ئىمكانىيەت يار بەرمىگەچكە  غەزىپىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ دوستلىرىمنىڭ ئىشى تۈگىگىچە ئولتۇردۇم.دۇكانچى دوستۇم ئۇ ئادەمنى ئۇزاتقاندا ھاجىم! دىگەندەك قىلىۋىدى مەن بۇ قىز كىم بولىدۇ؟ دەپ سورىدىم.ئۇ بۇقىزنىڭ مەلۇم شەھەردە يەنە بىر دوستىمىزنىڭ قىزى بىلەن ئوقۇيدىغانلىقىنى دەپبەردى..مەن تېخى ئۇنى بىرەر گۈزەل –سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن..ئۇلارغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلالمىغانلىقىمغا كۆڭلۈم غەش ھالدا دۇكاندىن يېنىپ چىقتىم.قايتقىچە بىللە كەلگەن دوستلىرىمدىن سورىسام ئۇلار بۇقىزنىڭ دىنى مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى دىۋىدى بۇگەپ مىڭەمگە چىقىپ دەرھال بۇ قىز قايسى دىندا ئوقۇيدىغاندۇ؟ دەۋىتىپتىمەن.ئەمما سوئالىم ئارتۇقچە ئىدى..تېخىمۇ ئىچىم سىقىلدى..چۈنكى دىنىمىز رەسىدە بولغان قىزلارنىڭ بۇنداق يۈرۈشىگە يول قويمايتتى. بەلكى  ئۇلارنىڭ  بۇنداق يۈرۈشىنىڭ ھاراملىقى بارلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئورتاق قارىشى ئىدى. بىز بىلمەيدىغان يېڭىچە ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەنمىدۇ؟ توۋا ! بۇ قانداق دادا ،نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ قىزىنى دىندا ئوقۇتىدۇ،لىكىن قىزىنىڭ قانداق يۈرۈۋاتقانلىقى، قايسى دىنغا ئەمەل قىلىۋاتقانلىقى بىلەن كارى بولمايدۇ؟ بۇ قىز قانداق قىز؟ ئۇ شۇنچە  نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ ئوقۇيدۇ-يۇ باشقىلارغا ھەقىقى مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە دىنىمىزدا قىزلارنىڭ بىلىشى ھەم ئەمەل قىلىشى پەرز بولغان ئاددى  بىر ساۋاتنى بىلمەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ قىلچىلىك خىجىل بولماي مەغرۇر يۈرىدۇ ؟ ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئۇستازى ئۇلارنىڭ كىيىم كىچىكى ۋە يۈرۈش تۇرۇشى بىلەن كارى بولمامدىغاندۇ؟ قىزلارنىڭ يۈزىنى ۋە ئىككى قولىنى ئوچۇق قويۇشىنىغۇ رۇخسەت دەپ تۇرايلى! ئەمما بويۇن ۋە مەيدىلىرىنى ئېچىپ، نىيۇزەي شىم كىيىپ كۆينەك كەيمەي كاسىلىرىنى دۇتاردەك چىقىرىپ ئەرلەرنىڭ ھەۋەسلىرىنى قوزغاپ يۈرۈشلىرىگە نىمە تۈرتكە بولدى؟ قانداق مۇسۇلمان  ئاتا بۇنداق ئىشقا رازى بولىدۇ؟  ھەر قانچە ئويلىساممۇ مۇقەددەس دىنىمىزدا بۇنداق نۇمۇسسىزلىققا يول قويىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.

جەمىيىتىمىزدە بۇنداق ناكەس دادىلار نۇرغۇن..ئۇلار چوڭ گەپلەرنى قىلىپ ماختىنىشقا ئامراق.تېخى ئىمام ياراتماي جۈمە نامىزىنى ۋىلايەت ئاتلاپ ئوقۇپ كەلگەنلىكىنى پەش قىلىشىپ ۋاھ! بۈگۈن پالانى ئىمام ئاجايىپ بەلەن سۆزلەپ بەردى جۇما !جۈمە دىگەننى ئاشەگە چىقىپ ئوقۇماي... دىيىشىدۇ. نىمە دەپ بەردى؟ دەپ سورىساڭ ئون ئېغىز گەپنى دەپ بىرەلمەيدۇ.( بۇ ئىشلار پەقەت بىر مودىغا ئايلىنىپ قالدى .ئەمەل قىلىش مەقسەت ئەمەس).يەنە بەزىلەر بولسا بالىلىرىدىن بىرەرنى ئانچە-مۇنچە ئوقۇتۇپ قويغانلىقىنى دىنىمىز ئۈچۈن تاغدەك ئىش قىلىپ بەرگەندەك بىلىدۇ..شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى كاتتا ئەۋلىيا چاغلاپ كىرىلىپ يۈرىدۇ..

دۇرۇس،بۈگۈنكى كۈنىمىزدە نۇرغۇن بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلارغا چىداپ بىرەر پەرزەنتىنى دىندا ئوقۇتۇش ھەقىقەتەن تەس.. بۇ جەھەتتىن ئۇلارنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ..

ئەمما ئويلاپ باقايلى! بىز نىمە ئۈچۈن پەرزەتنلىرىمىزنى ئوقۇتىمىز؟ پەرزەنتلىرىمىز نىمە ئۈچۈن ئوقۇيدۇ؟ نام –ئابروي ئۈچۈنمۇ؟ دىنىمىزغا ئەمەل قىلماي ئوقۇپلا قويغانغا ئىش پۈتەمدۇ؟ مانا بۇ ھەر بىر ئاتىلارنىڭ ۋە  دىندا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشى زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر.. ساپ ھەم مۇستەھكەم ئەقىدىنىڭ ئىنساننىڭ ھەر ئىككى دۇنيالىق  بەختىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىدە قىلچىلىك شۈبھە يوق تۇرسا قېنى ئاشۇ ئاتىلارنىڭ قايسىسى ئۆزىنىڭ دىنىنىڭ  ئەقىدىسى ھەققىدە بىرەر پارچە كىتاپنى تۈگىتىپ ئوقۇپ ۋە ياكى بالىلىرىغا ئوقۇتۇپ ئاڭلاپ كاللىسىدا ساپ ھەم مۇستەھكەم بىر ئەقىدە  تىكلىدى؟ قانچىلىكى قۇرئاننى  ئۆلچەملىك تەجۋىدبىلەن ئوقۇيالايدۇ؟ تەجۋىد بىلەن ئوقۇلمىغان قۇرئاننىڭ خاتا مەنا بىرىدىغانلىقىنى ھەرقايسى ئىلىم ئەھلىلىرى شۇنچە تەكىتلەۋاتسىمۇلىكىن بۇنىڭغا ئەھمىيەت بىرىدىغانلار قانچىلىك؟كۈندە بىر سائەت ۋاقىت ئاجراتسا تەجۋىد دىگەننى ئۇزاق بولسا بىر ئايدا ئۈگەنگىلى بولىدۇ..ئەمما پۇل تېپىشقا ،چاي ئويناش ۋە  چايخانىلاردا بىھۇدە پاراڭ سېلىپ  كۆڭۈل ئېچىشقا ۋاقىت چىقارسىمۇ شۇنچە مۇھىم ئىشقا  ۋاقىت ئاجرىتىدىغان ئاتا-ئانىلار يوق.تېخى قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلار كۇرمىڭ. گەپ قىلسا يوغان يەردىن چۈشىدۇ..

  دوستلار! دىنىمىزا ھىچقاچان ئوقۇپلا قويسا ۋە ياكى پەرزەنتىنى ئوقۇتۇپلا قويسا جەننەتكە كىرىدۇ دىيىلمىگەن.بەلكى قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممە يېرىدە ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.ئەمەل قىلماي ئوقۇغاننىڭ ۋە ئوقۇتقاننىڭ  ھىچنىمىگە ئەھمىيىتى بولمايلا قالماي ئۇنىڭ ئىلمى ۋە ئاڭلىغان تەبلىغلىرى  ئۆزىنىڭ زىيىنىغا پاكىت بولىدۇ.. ئۆزى ئەمەل قىلمايۋاتقان دىننى پەرزەنتلىرىگە ئۈگەتكەننىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بولسۇن؟ اللەتەئالا قۇرئان كەرىمدە « ئۆزەڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى دەۋزەختىن ساقلاڭلار ،ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئادەملەر ۋە تاشلاردۇر...»دەۋاتىدۇ..ھارام ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قەلبى ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرگەننى پەيغەمبىرىمىز ئەڭ ئاجىز ئىمان دەۋاتىدۇ.. ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىنى ئۆتكۈزەلەيدىغان ئۇنىڭ ئۈستىگە دىندا ئوقۇتۇۋاتقان قىزىنى ھارام ئىشتىن توسمىغاننىڭ ئۈستىگە قىلچىلىك خىجىل بولماي ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن،دىندا ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ھارام ئىشنى قىلىپ يۈرگەنلىكىدىن خىجىل بولماي  يۈرگەن ئادەمنى نىمە دىسەك بولار؟ شەرىئەتكە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىمۇ بولسا  بويسۇندۇرمىغان بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىكى چوڭ گەپلەر پەقەت رىياخورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ اللەنىڭ نەزىرىدە نۆلگە تەڭ.خۇددى سۈيدۈك بىلەن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇغاندەك پەقەت ئۇلارنىڭ ۋىجدانىغا ئازراقلا تەسەللى بىرەلەيدۇ خالاس..

ئاشۇنداق زامانىۋى مودا  مۇسۇلمانلارنىڭ دەستىدىن ھازىر سۈننەتچى مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارغا  كۈن يوق بولۇۋاتىدۇ.
 ـ«مىسىر،تۈركىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاياللارمۇ   ھەرخىل موداكىيىملەرنى،نىيۇزەي شىملارنى كىيىپ ،چاچلىرىنى ھەرخىل بوياپ،ياساپ،يېرىم يالىڭاچ يۈرۈپمۇ،ئەرلىرى ساقال قويمايمۇ  مۇسۇلمان بولۇپ ياشىيالايدىكەن،سەنلەر نىمىشقا ئاشۇلاردەك مۇسۇلمان بولۇشمايسەن؟»دەپ ھازىركوچا-دوقمۇشلاردا«گۈزەللەشتۇرۈش قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بېرىپ قىز-ئاياللىرىمىزنى «گۈزەللەشتۈرۈۋاتقان»لارنى  دەل ئاشۇنداق يېڭىچە ئىسلامنىڭ زامانىۋى مۇسۇلمان مودا خېنىملىرى پاكىت ۋە ماتىرىيال  بىلەن تەمىنلەپ چەت ئەللىكلەرنى دەستەك قىلىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇۋاتىدۇ..
ئاتالمىش«گۈزەللەشتۈرگۈچىلەر» مۇ تېخى يۈزىنى ياپمىغانلا بولسا كىيىم-كىچەكلىرى بىلەن كارى يوق..شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ مۇسۇلمان مودا خېنىملىرىمىز ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىنمۇ ئاشۇرۇپ خېلى ئوبدانلا ماسلىشىپ ئۇلارغا ئەقىل ئۈگىتىۋاتىدۇ.. ئۇنداق قىلمايلى دوستلار، قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ يۈزلىرىنى ياپقۇزالمىساقمۇ ھىچبولمىسا ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى،بويۇن ۋە مەيدىلىرىنى ياپقىدەك چوڭراق ياغلىق ئەپبىرەيلى! سىرتقا چىققاندا ئۇلارنىڭ ئىسلامچە ياغلىق سالغان –سالمىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ قويايلى! ئۇلارنىڭ نىيۇزەي شىملارنى،دەنكۇ ئشتانلارنى كىيىشىگە يول قويمايلى! يات ئەركەكلەرنىڭ ئۇلارنىڭ كاسىلىرىغا قاراپ ھەۋەسلىرىنىڭ قوزغىلىشىغا دەللاللىق قىلىپ  بەرمەيلى! دىنىمىزنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۇلارغا قېلىن(بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ قالمىغىدەك )، ئۇزۇنراق ھەم كەڭرەك  كىيىم-كىچەكلەرنى كەيدۈرەيلى!
بولمىسا بارغانچە مۇشۇنداق كىيىم كەيگەنلەرنىمۇ «گۈزەللەشتۈرىدىغانلار» پەيدا بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بارا-بارا غەربلىكلەردەك يالىڭاچ يۈرىدىغان «مۇسۇلمان»لار مەيدانغا چىقىدۇ .. 
  روپاش ئانىلارنى،ساقاللىق «ھاجىم» دادىلارنى قولتۇقلاپ كىتىپ بارغان يالاڭ پاچاق،يالاڭباش ۋە ياكى كالتە ئىشتان (دەنكۇ) كىيگەن رەسۋا  قىز-ئاياللارنى  كۆرگىنىمدە شۇنداق نەپرەتلىنىمەن. بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن گۇمانلىنىمەن.. مۇسۇلمانلىقىدىن  تېخىمۇ  گۇمانلىنىمەن.قىزىنىڭ تۇرقىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى كۆرگەندەك بولىمەن. ئۆزىمىزنىڭ ھېلىمۇ مۇشۇنچىلىك كۈن كۆرۈۋاتقىنىمىزنى غەنىمەت بىلىمەن. «گۈزەللەشتۈرگۈچىلەر»نىڭ ھېلىمۇ قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ يۈزلىرىنى ئېچىش بىلەنلا بولدى قىلماي ئۇلارنىڭ ئىشتان –كۆينەكلىرىنى سالدۇرۇپ،ياغلىقلىرىنى يىرتىپ  ھەر بىرىگە بىردىن تار  نىيۇزەي ئىشتان ۋە ياكى دەنكۇ ئىشتانلارنى كەيگۈزۈپ يولغا سەپقويمايۋاتقانلىقىغا  شۈكۈر دەيمەن..(مۇشۇ پىتى كىتىۋەرسەك بۇمۇ يىراق ئەمەس) اللەدىن ئاشۇ ئاتا-ئانىلارغا ئىمان،  غۇرۇر ۋە ۋىجدان تىلەيمەن... ئۇنتۇپ قالمايلى! بىز دىگەن مۇسۇلمان..

ئاپتورى: سايرام    
[ بۇ يازمىنىsayram0998 2012-07-31 18:34قايتا تەھرىرل ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(bartum) مۇنەۋۋە ماقا ..
  • سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
    زالىم ھۇقۇقدارنىڭ قېشىدا ھەق سۆزلەش جىھادنىڭ ئە& ..
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 700
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە700دانە
    ئۆسۈش: 1170 %
    مۇنبەر پۇلى: 7790 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-24
    ئاخىرقى: 2012-10-18

    ئەتراپىمىزدا تۇلا بۇنداقلار.... بۇنداقلار دەل شۇنداق «ھاجىم»لار ئائىلىسىدىن كۆپ چىقىدۇ. بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىپ كەلگەن دادىسىنىڭ كۈزى قىزىنىڭ قانداق يۇرۋاتقانلىقىنى كۆرمەمدۇ ياكى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالامدۇ،ۋە ياكى قىزىدىن پەخىرلىنىپ يۇرەمدۇ....بۇنى بىر ئاللاھ ئۇزى بىلىدۇ.... بىزنىڭ يۇرتتىكى مەسچىتنىڭ مۇئەززىنىسىمۇ شۇنداق »ھاجىم»لاردىن...
    قىزىنىغۇ ھاجىم ئەمەس ۋاقىدا ئوقۇتۇپ ھەج قىلىپ كىرىپمۇ قىزىنى ياندۇرۋالماي ئوقۇتۇۋەردى. بۇنىڭ قىزىمۇ «رەسۇلۇللە جەننەتنىڭ پۇرقىنىمۇ پۇريالمايدۇ» دەپ سۈپەتلىگەن ئاياللار بىلەن ئوخشاشلا يۇرۇيدۇ... «ھاجىم»نىڭ بۇنى توسىىماي يەنە يۇقرى ئاۋازدا ئەزان تولاۋاتقانلىقىنى ھەر قېتىم ئاڭلىغىنىمدا بۇ مۇئەززىن«ھاجىم»غا غەزىپىم كىلىدۇ.. ئەمما نىمە ئامال... كاشكى ھۇقۇقۇم بولسىيدى ئاۋۋال مۇئەززىنلىكتىن ئىبارەت شەرەپلىك ماقامغا ئىرشىۋالغان بۇ«ھاجىم»نىڭ كۆتىگە تىپىپ مۇئەززىنلىكنى تارتىۋېلىپ «ئىسلامدىكى ئەۋلاد تەربىيلەش ئۇسۇلى»نى پىششىق ئۆگىتىپ قۇيۇپ بىرەر ئىدىم..
    ئەپسۇس.... ئاڭلىسام كىچىك قىزىنىمۇ شەھەردىكى ھەپتىدە بىر قېتىم ئۈىگە بارىدىغان قۇنۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپتە ئوقۇتۇۋاتقۇدەك.... مۇشۇنداق نام-ئاتاق ئۈچۈن دىن داۋاسى قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىيامەتتىكى ھالى قانداق بۇلار؟
    نام-ئاتاق،دۇنياۋىي مەنپەئەت ئۈچۈن دىن داۋاسى قىلىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي،ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي...ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي،،،،
    ئىسلامىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيتى ئىتىپاقسىزلىق.
    ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىمان ئاتا قىل& ..
    دەرىجە: چولپان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3033
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 917
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە917دانە
    ئۆسۈش: 510 %
    مۇنبەر پۇلى: 6576 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-17
    ئاخىرقى: 2012-10-24
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-06-29 22:48

    بۇنداق ھاجىلارغا ئاللاھ ئىمان ئاتا قىلمىسا  بىكار ، ھاجى دىگەن بىلەن بەزى ئادەملەر  ساياھەت ئورنىدا بارىدۇ مەككىگە . مۇختەر بۇغرامۇ ھاجى بوپتۇ ، لىكىن ئايالى يەنىلا بۇرۇنقىدەك يۈرۈيدىكەن . شۇڭا ھەرەمگە بارغان بىلەن ھەقىقىي ئاللاھنى تۇنۇيدىغان ھاجىلار ئاز .
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4714
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1333
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1333دانە
    ئۆسۈش: 140 %
    مۇنبەر پۇلى: 7661 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-12
    ئاخىرقى: 2012-10-01
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-06-30 00:32

    1-قەۋەت (ئىزباسار) نىڭ يازمىسىغا

    قشقەردە  يىڭىدىن خىزمەتكە چىققان ياش ئوقۇتقۇچىلارغا  نىمە كىسەل تەكەكەن بولغىيتى
    چاپلىشىپ  تۇردىغان  ئايغى تا  ئىشتان  ، موما خەي گە ئوخشاش  ئاياغ  بىكا غا
    تارقاتقاندەك  ھەممىسى دىگۈدەك كىيۋاپتۇ .  مەن  بۇنداق كىيىنگەنلەرنى ئاساسەن
    ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن  ياش ئوقۇتقىچىلارنىڭ  ئۈستىدە كۆردۈم
    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تاشقى قىياپىتى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بىر  دەرىس  تۇرسا ........
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11811
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 45
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
    ئۆسۈش: 360 %
    مۇنبەر پۇلى: 690 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-05-28
    ئاخىرقى: 2012-08-31
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-02 11:56

         مانا بۇ دىيارىمىزدا پات - پات كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان رىيال ۋەقەلىك . قىسمەنلىرىمىزنىڭ ئىمانىڭمىزنىڭ ، ئەركەكلىك غۇرۇرىمىزنىڭ يىگىلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر كۆرنۈشى . باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشقا ئامراق، ئەمما خۇتۇن باللىرىمىزغا كەلگەندە ئاۋازىمىز پەسلەپ كېتىدۇ . باشقىلارنىڭكىنى كۆرىمىزيۇ ئۆزىمىزنىڭكىنى كۆرمەيمىز ھەم نۇرغۇن باھانە - سەۋەپلىرىمىز بار . ئاياللىرىمىز  ، قىزلىرىمىز تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن خىزمەت ، سودا ۋە باشقا ئىشلار بىلەن ھەر يەرلەردە چېپىپ يۈرۈيدۇ ، كىيىم - كېچەكلەرنى شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە كىيەلمەيدۇ ، بۇنىڭغا ھەم نۇرغۇن باھانە سەۋەپلىرىمىز بار . قېرىنداشلىرىم ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالدىمايلى ! قىلىۋاتقان ئىش - ھەركەت ، گەپ - سۆزلىرىمىزنى «ئىككى گۆھەر» گە توغرىلاپ باقايلى ، ھەقىقى مۇسۇلماننىڭ ئوبرازىنى يارتىشقا تىرشايلى ، شەيتاننىڭ ئىغۋاسىغا ئالدىنىپ ئاللاھنىڭ زىيانكار بەندىلىرى قاتارىغا تىزىلىپ قالمايلى !!!
        
         ئاللاھ سەگەك قېرىندىشىمىز sayram0998  گە ھەسسىلەپ ئەجر ئاتا قىلغاي!
    دوستلىشىش
    $ئۈمىد$
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 125
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە125دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 1316 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-03-17
    ئاخىرقى: 2012-10-24
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-02 14:18

    بۇ تىمىنى كۆرۈپ بۇرۇن كۆرگەن بىر تىما ئىسىمگە كىلىپ قالدى . تەپسىلاتىنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن ، لىكىن [شۇنداق بىر كىشلەر كىلىدۇ ، قۇرئان ئايەتلىرى ئۇلارنىڭ گېلىنىڭ تۆۋىنىگە ئۆتمەيدۇ ]دىگەن بىر جۈملىسى ھېلىھەم يادىمدا . ئاللاھ قۇرئانى كەرىمنى پەيغەمبىرىمىز ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزدى ، كىيىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىش - ئىزلىرى (ھەدىس)ئارقىلىق بۇ ئۇلۇغ نەزىريەنىڭ مەنىسى (يەنى ئاللاھنىڭ بىزگە چۈشۈرۈپ بەرگەن قانۇنى )تېخىمۇ يىشىلىپ ، بىز ئىنسانلارنىڭ قانداق ياشىشى كېرەكلىكى ، تۇرمۇشتا، كىشلىك مۇناسىۋەتتە ، يىمەك - ئىچمەكتە ، يىغىپ ئېيىتقاندا كىشلىك ھاياتتا قانداق قىلىشىمىز كېرەكلىكى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدەچۈشەندۈرۈلدى . نۆۋەتتە ھەر - خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مىللتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشلەر ئاللاھنىڭ ئولۇغ كىتابى قۇرئانى كەرىمنى ماھىتى بېلەن چۈشىنىپ ، ئۆزىگە دەستۇر ، قانۇن قىلىپ ياشاۋاتقان بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىم كىشلەر قۇرئانى كەرىمنى يەنىلا نەزىريە سۈپىتىدە قۇبۇل قىلىپلا ، ئۆزىنىڭ ئەمىلىيىتىگە تەدبىقلىماي يۇقارقىدەك ئىشلارنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولماقتا . ئاددىسى ئۆتكەن قېتىم بىزنىڭ يۇرتتا خېلى نامى چىققان بىر پۇلدار ھاجىمنىڭ شەھەر باشلىقى قاتارلىقلارنى كۈتىۋېلىش سورۇنىدا ھاراق قۇيغانلىقىنى ئاڭلاپ ، ھەقىقى ھاجىممىكىن دىسەم تېخى ھەقىقى ھاجىم ئەمەسكەن دەۋەتكەنتىم ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي . چۈنكى قۇرئانى كەرىمدە ھااقنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ، ئۇنى ئىچكەنلەرلا ئەمەس ئۇنى ئېلىپ ساتقان ، ھەتتا ئىچىشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەرگىمۇ ئېغىر جازا بېرىلىدىغانلىقى سۆزلەنگەن ئەمەسمۇ .
    يىغىپ ئېيىتقاندا قۇئانى كەرىمنى ئۇقۇش بىر ھەسسە ساۋاپ ، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ ئوقۇش ئىككى ھەسسە ساۋاپ ، قۇرئانى كەرىمنى چۈشىنىپ ئوقۇپ ، ئۇنى ئەمىلى تۇرمۇشىمىزغا تەدبىقلاش قىيامەتكىچە بولىدىغان تۈگىمەس ساۋاپتۇر . شۇڭا ھەممەيلەن ئەڭ توغرا بولغان ھەق يول ئاللاھنىڭ يولىدا تۈگىمەس ساۋاپ ئۈچۈن تىرىشايلى !
    يازغىن شۇنداق نەرسىنى،ئەتەخۇش قىلارسىنى..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 902
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 243
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە243دانە
    ئۆسۈش: 1510 %
    مۇنبەر پۇلى: 3932 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-08
    ئاخىرقى: 2012-10-24
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-05 11:06

    اللە ئىمانلىق ،غۇرۇرلۇق ئەركەكلىرىمىزگە كاتتا ئەجر بەرسۇن..
    سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئاندىن ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغان بەندىلىرىمگە بىشارەت بەرگىن.ئەنە شۇلار اللە ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر.ئەنە شۇلار ئەقىللىق كىشىلەردۇر.
    دوستلىشىش
    سەھرايى
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11114
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 4
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
    ئۆسۈش: 60 %
    مۇنبەر پۇلى: 80 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-03-13
    ئاخىرقى: 2012-08-14
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-10 18:48

    ئاللا رەھمەت قىلسۇن،بەك ياخشى تىما ئىكەن..
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 12186
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 31
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
    ئۆسۈش: 60 %
    مۇنبەر پۇلى: 360 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2012-07-08
    ئاخىرقى: 2012-10-25
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-11 17:26

    ھازىر بەزى ئاتا ئانىلىرىمىز بالىلىرىغا نەسىھەت قىلمايدىغانلا بوپ كىتىپتۇ
    بۇ  كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ !
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2242
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 190
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە190دانە
    ئۆسۈش: 180 %
    مۇنبەر پۇلى: 1210 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-09-23
    ئاخىرقى: 2012-07-25
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-07-18 23:59

    ئاللا رەھمەت قىلسۇن،بەك ياخشى تىما ئىكەن..