باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2580 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۇ سوۋغاتنى كىم ئالىدۇ(ھ)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-19 14:48

بۇ سوۋغاتنى كىم ئالىدۇ(ھ)

                                 


رامزان ئېيىنى ھەش-پەش دەپ بولغىچە ئاۋۋالقى ئوننى يەنى اللەنىڭ رەھمىتى بولغان كۇنلىرىنى ئۇزۇتۇش ئالدىدا تۇرىمىز. بۇ كۇنلەر بىز مۇسۇلمانلار ئۇچۇن ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ شەرەپلىك كۇنلەر . اللەنىڭ بىزنى بۇ كۇنلەر بىلەن ئۇچراشتۇرغىنى بىز ئۇچۇن ئەڭ كاتتا نىئىمەت. چۇنكى رامزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۇچۇن مول-ھۇسۇل ئېيى ھىسابلىنىدۇ. يەنە رامزان ئېيى مۇكاپات ئېيى ھىسابلىنىدۇ. بىز كىچىككىنە بىر ياخشى ئەمەلنى قىلساقمۇ اللە ئۇنى 10 ھەسسىدىن 700ھەسسىگىچىلىك كۇپەيتىپ بىزنىڭ ھىساۋاتىمىزغا كىرگۇزۇپ بىرىدۇ.

رامزان ئېيى قۇرئان ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۇنكى رامزاندا قۇرئان ناھايتى كۆپ ئۇقۇلىدۇ. بارلىق قارىيلار ھەر يىلى رامزان كىلىشى بىلەن قۇرئان ئۇقۇش تەكرارلاش بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىدۇ.
رامزان ئېيىدا اللە كىتاب چۇشۇرگەن پەيغەمبەرلىرىگە كىتاپ نازىل قىلغان. رامزان ئېيى ۋەھىي ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ  ئىمام ئەھمەد ئىبنى ئەسقەئىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.<<ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ سەھىپىلىرى رامزاننىڭ 1. كىچىسى چۇشۇرۇلگەن. تەۋرات رامزاننىڭ 6.كۇنى چۇشتى.ئىنجىل رامزاننىڭ 13.كۇنى چۇشكەن. قۇرئانى كەرىم رامزاننىڭ 24.كۇنى نازىل بۇلۇشقا باشلىدى.>>  بۇ رامزان ئېيىدا قانۇنلىرى زىمىنغا چۇشۇشكەن ھەم چۇشۇشكە باشلىغان. شۇنىڭ ئۇچۇن اللە بۇ كۇننى بىزلەرگە ئۇلۇغ كۇن  قىلىپ بەردى. رامزاندا پەقەت اللەنىڭ رەھمەتلىرى مەغپىرەتلىرى،بەندىلىرىنى دۇزاختىن ئازات قىلىشلىرى بار . قانداق بىر كىشى رامزاندا ئۇزىنى اللەنىڭ بۇ كاتتا ئىنئاملىرىغا ئىرىشتۇرۇشنى خالىسا اللەتىن تەلەپ قىلسۇن اللەقا دۇئا قىلسۇن اللەتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسۇن. اللەتىن جەننەتنى سورىسۇن دەۋزەختىن پاناھ تىلىسۇن. مۇشۇ ئۇلۇغ ئايدىمۇ ۋاقىتلىرىنى بىكار ئىشلار بىلەن ئۆتكەنگەندىنمۇ ئەخمەق ئادەم بارمۇ؟ بۇنداق ئادەمگە اللەنىڭ ۋە اللەنىڭ مالائىكىلىرىنىڭ پەيغەمبەرنىڭ لەنىتى بولسۇن.
رامزان ئېيىدا ئۇلۇپ كەتكەن شەقى بەندىلەرمۇ ئازابلىنىشتىن توختايدۇ. رامزاندا جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. دەۋزەخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىۋېتىلىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئايدا پەقەت ياخشىلىقلار لا قىلىنىدۇ.

بىز مۇسۇلمانلار رامزاننى نىمە ئۇچۇن تۇتۋاتىمىز؟ ئۆرپ-قائىدە ئۇچۇنمۇ؟ ياكى باشقىلارنىڭ <بۇ رامزان تۇتمايدىغان ئادەمكەن >دىيىشتىن قورقۇپمۇ؟ ياكى اللە ئۇچۇنمۇ؟ ياكى مۇشۇ دۇنيادا ئىرشىدىغان مەلۇم بىر پايدا ئۇچۇنمۇ؟ سىز مۇشۇلارنى ئويلاپ بېقىڭ رامزاننى نىمىشقا تۇتۇپسىز.؟ ئەگەر اللەنىڭ رىزالىقىدىن باشقا ئىش ئۇچۇن رۇزا تۇتقان بولسىڭىز بىلىپ قېلىڭكى سىزنىڭ يىمەي ئىچمەي تۇتقان رۇزىڭىز بىكارچىدۇر. ئەجىر بىرىلمەيدۇ. چۇنكى ئىخلاس بولمىغان ئىبادەتكە ئەجىر بىرىلمەيدۇ.

مىنىڭ بۇ تىمىنى يېزىشتىن مەقسىتىم. بۇ ئايدا قۇرئاننى كۆپ ئۇقۇشقا قىزىقتۇرۇش.

اللە قۇرئانى كەرىمدە قۇرئانى كەرىمنى سۇپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ{رامزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بۇلۇشقا باشلىدى.قۇرئان ئىنسانلارغا يىتەكچىدۇر.ھىدايەت قىلغۇچىدۇر. ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر}سۇرە بەقەر 185ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

ھەر يىلى رامزاندا بىر قېتىم قۇرئان تامام قىلىش سۇننەتتۇر. رەسۇلۇللە جىبرىل ئەلەيھىسالامغا يىلدا بىر قېتىم قۇرئان تىڭشىتاتتى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى قېتىم ئۇقۇپ بەرگەن.
شۇڭا مۇسۇلمان كىشى رامزان ئېيىنى دىنى بىلىملەرنى ئۇگىنىشياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ۋە ياخشى شەكىلدە ئۇرۇنلاش ئۇچۇن ئۇزىگە بىر مەدرىس ھىسابلىۋېلىشى لازىم.

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : » ئاللاھتائالانىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشىگە بىر ياخشىلىق بولىدۇ .بىر ياخشىلىققا ئۇزىنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋار ئەجىر بولىدۇ .مەن « الم » نى بىر ھەرپ دىمەيمەن .لېكىن ئەلف بىر ھەرپتۇر « لام » بىر ھەرپتۇر .«مىم» بىر ھەرىپتۇر .( تىرمىزى )
قۇرئانى كەرىمنى ئۇقۇشنىڭ پەزىلىتى شۇنچىلىك كاتتا ئىكەنكى قۇرئان ئۇقۇشنىڭ ئالدىغا پەزىلەتلىك ئەمەل يوق ئوخشايدۇ دەپ قالىدىغان دەرىجىدىدۇر.
رەسۇلۇللە رامزاندا قۇرئان ئۇقۇشقا رىغبەتلەندۇرۇپ مۇنداق دىگەن<<رۇزا بىلەن قۇرئان قىيامەت كۇنى بەندىگە شاپائەتچى بۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ.                                           
رۇزا؛ ئى رەببىم مەن ئۇنى يىيىشتىن ئىچىشتىن،ۋە جىنسىي ھەۋەستىن مەنئىي قىلدىم.مىنى ئۇنىڭغا شاپائەت قىلدۇرغىن.
قۇرئانى كەرىم:ئى رەببىم مەن ئۇنى تاتلىق ئۇيقۇسىدىن مەنئىي قىلدىم مىنى ئۇنىڭغا شاپائەت قىلدۇرغىن .  شۇنداق قىلىپ رۇزا بىلەن قۇرئان بەندىگە شاپائەت قىلىدۇ>> ئەھمەد رىۋايىتى.
رامزان ئېيىدا قۇرئاننى بىر تامام قىلىش مۇسۇلماندىن تەلەپ قىلىنغان مۇھىم ئەمەللەرنىڭ بىرىدۇر.
ئابدۇللا ئىبنى ئەمرىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن ؛« قۇرئان ئوقۇغان كىشىگە ؛ ئوقۇغىن ۋە يۇقىرى ئۇرلە ،خۇددى دۇنيا ئىشلىرىدا تەرتىپلىك قىلغىنىڭدەك قۇرئاننى تەرتىپ بىلەن ئوقۇغىن ،چۇنكى سېنىڭ ئورنۇڭ سە ئوقۇۋاتقان ئايەتنىڭ ئاخىرىدا بولىدۇ ،دېيىلىدۇ » ( ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى )


ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى ،ئۇ رەسۇلۇللانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ؛» سىلەرنىڭ ياخشىراقىڭلار قۇرئان ئۇگەنگەن ئۇنى ئۇگەتكەن كىشىلەردۇر « ( بۇخارى )

قۇرئان ئۇقۇشنىڭ پەزىلىتىنى بىز ساناپ تۇگىتىشكە ئاجىزلىق قىلىمىز. ھازىرغۇ رامزانكەن رامزان ئەمەس چاغدىمۇ ئۇزىنى مۇسۇلمان ھىسابلايدىغان ئادەم كۇنلىكى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 10 ئايەت ئۇقۇشى لازىم. بولمىسا قۇرئانى كەرىمنى ھۆرمەتلەپ ھەرقانچە ئىگىزگە ئېلىپ قۇيۇڭ پايدىسى بولمايدۇ. قىيامەت كۇنى قۇرئاننى ئۇقۇماي تاشلاپ قويغان ئادەمگە قۇرئان ئۇنىڭ زىينىغا گۇۋالىق بىرىدۇ. قۇرئاننى ئۇقۇش،ئەمەل قىلىش ئارقىلىقلا ھۆرمەت قىلايلى.

اللە ھەممىمزىنى ئۇلۇغ رامزاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ ئىبادەتنى كۆپ قىلىشىمىزغا ياردەم بەرسۇن.

             مەنبە___________ ھەمزە                         




تېما تەستىقلىغۇچى:ئوغلان
[ oglanتەرىپىدىن2010-08-19 14:55قايتا تەھرىرلەندى ]
ئۇيغۇر ئوغلى
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 577
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 662
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە662دانە
ئۆسۈش: 273 %
مۇنبەر پۇلى: 5740 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-09
ئاخىرقى: 2012-03-04

رەخمەت سىزگە قىرىندىشىم .  
چۈشۈنۈش ۋە چۈشەندۈرۈش يولىدا .
ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر بىر كۇنى يىڭى بىر ھايات...
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 418
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 280
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە280دانە
ئۆسۈش: 1280 %
مۇنبەر پۇلى: 3747 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-25
ئاخىرقى: 2012-06-19
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-19 18:06

رەخمەت سىزگە........
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 180 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-18
ئاخىرقى: 2010-09-08
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-19 19:49

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  قىرىندىشىم
رەھمەت سىزگە                           بۇ ئۇلۇغ  كۇنلەردە  نىمە ئۈچۈن  رۇزا تۇتىدىغانلىقىمىزنى  بىلىپ  تۇتايلى
ۋە قىيامەت كۈنى   تۇتقان  رۇزىمىزنىڭ  شاپائىتىگە ئىرشەلىگۈدەك ئخلاس بىلەن تۇتايلى
شاتتاي
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 364
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 189
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە189دانە
ئۆسۈش: 2191 %
مۇنبەر پۇلى: 3307 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-21
ئاخىرقى: 2012-09-07
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-19 21:02

رەھمەت قىرندىشىم مەن سىز يولغان تېملاردىن خېلى كۆپ نەرسلەرنى بىلۋالدىم . ئالا سىزگە رەھمەت قىلغاي !
alaneng kudertega exenman
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1604
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1604دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 31 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-28 17:36

قېنى تورداشلار قۇرئاننى قانچىلىك ئۇقۇيالىدىڭلار مۇشۇ رامزان ئېيىدا
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1191
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1111
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1111دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 12324 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-26
ئاخىرقى: 2012-09-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-28 18:22

اللا رەھمەت قىلسۇن .مەنمۇ بلۋالدىم
كەچۇرۇڭلار ئۇرۇشمايمەن!!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1283
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-28
ئاخىرقى: 2010-08-28
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-28 18:28

مەنمۇ تېخى تاماملاپ بۇلالمىدىم قۇرئاننى        
ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ﷲ !!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 5
ئومۇمىي يازما: 475
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە475دانە
ئۆسۈش: 228 %
مۇنبەر پۇلى: 890 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-28
ئاخىرقى: 2012-08-18
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-08-28 20:48

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەخمىتۇللاھى ۋەبەرەكەتىھۇ
اللە ئەجرىڭىزنى زىيادە  قىلسۇن ، ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن .
اللە ھەر بىر مۇسۇلمان بەندىسىگە رامزاننىڭ شاپائىتىنى مۇيەسسەر قىلغاي ..