كالتىسىيچىلارغا يەنە بىر شۇم خەۋەر. ئىلگىرى كالتىسىيچىلارغا ئالدانماڭلار دەپ بىر يازما بەرگەن ئىدىم.
ئۇنىڭغا دەلىل سۈپىتىدە بۇ خەۋەرنى يوللىدىم.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ، لوندون ،24-ماي تېلگراممىسى : ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى بۈگۈن مۇنداق خەۋەر بەردى :گېرمانىيەنىڭ مۇتەخەسىسلەر 24 مىڭ ئادەمنى ئون نەچچە يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى :زىيادە كالتىسىي تۇلۇقلاش يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ .
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى :ياشانغانلار ئادەتتە سۆڭىكى شالاڭلىشىپ كېتىشتىن ساقىلىنىش ئۈچۈن ،كالتسىي تۇلۇقلاشقا بېرىلىپ كېتىدۇ ،ئەمما بۇ خىل كىشلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى كالتىسىي تولۇقلىمىغانلاردىن %86 يۇقىرى بولىدىكەن .
مەنبەسى :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى