ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ ساي مۇنبىرىدىكى بارلىق دوسلار ھەممىڭلارغا نازاكەتتىن 75 گخرادۇس ئىگىلىپ ئوتلۇق سالام !
خىلى ئۇراق بولغان كەڭ ساي تورىنى مىھمان سالاھىيتىدىلا زىيارەت قىلىپ كىلۋاتاتتىم ، لىكىن ئەزا بولۇپ كىرمىگەن . بۈگۈن نىمە سەۋەپتىنكى قاراپلا ئەزە بولغۇم كىلىپ قالدى ، شۇڭا ئەزا بولدۇم . سىلەردە ماگىنىت بارمۇ يا كىرگەنكى ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان ھى ھى ھى
بۇندىن كىيىن مۇنبەردىكى بارلىق دوسلۇرۇمنىڭ مەندەك بىر يىڭى كەلداخۇننى يات كۆرمەي بىلمىگەن يەرلىرىم بولسا ئىرىنمەي ماڭا كۆرسىتىپ بىرىشىڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۆمۈد قىلىمەن . بولسا مىنى يىقىن دوستۇڭلار قاتارىدا ئاراڭلارغا ئىلۋالارسىلەر ، ئىشىنىمەنكى مەنمۇ سىلەر بىلەن سەمىمىي دوسلاردىن بولالايمەن .
قۇرۇق گەپنى تولا قىلىپ كەتتىم ، ئەجەپ قۇرۇق گەپ بىلەنلا كەپسىز دەپ قالماڭلا ئازراق بولسىمۇ سىلەرگە باش قاتۇردىغان بىر سۇئاللارنى ئىلىپ كەلدىم !
تەپەككۇرىڭىزنى ئىشقا سېلىپ بېقىڭ!
ئادەتلەنگەن تەپەككۇر ئەندىزىسىدىن ھالقىيالىغاندا ، ئادەتتىن تاشقىرى جاۋابقا ئېرىشىش مۇمكىن .مۇمكىن بولماسلىقنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
سوئالغا دىققەت قىلىڭ :
1+1=1
2+1=1
3+4=1
5+7=1
6+8=1
ئۈلگە : 1(چاقىرىم)+1(چاقىرىم)=1(كىلومېتىر)
قېنى سىزمۇ ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىڭ چوقۇم تاپالايسىز...
جاۋابىنى تېپىپ بېقىڭ !
جاۋابىنى تېپىپ بولۇپ مۇنبەرگە يوللاڭ ...
مەنبە :كىتاب