قىزىقارلىق ھېكايىلەر
بىر ئوغرى كەمبىغەلنىڭ ئۆيىگە كىرىپ شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ ھېچ نەرسە تاپالماي ناھايىتى ئاچچىقى كەپتۇ دە، ئەمدىلا چىقىپ كىتەي دەپ تۇرشىغا، تېخى ئۇخلىماي ئۇنى ماراپ ياتقان كەمبەغەل ئۆيدىن چىقماقچى بولساڭ ئىشىكنى تاقىۋەت دىگەن ئىكەن ھېلىقى ئوغرى ئاچچىقلىغان ھالدا ئۆيۈڭدىن قانچىلىك نەرسە ئالغىنىمغا مىنى ئىشقا بۇيرۇيسەن دەپتۇ.
كىچىدە بىر قانچە ئوغرى بىر كەمبەغەلنىڭ ئۆيىگە كىرىپ شۇنچە ئىزدەپمۇ ھېچ نەرسە تاپالماي تىرىكىپ تۇرىشىغا ئۇخلىماي ئۇلارغا قاراپ تۇرغان ئۆي ئىگىسى، ھەي بالىلىرىم مەن كۈندۈزى شۇنچە تىرىشىپمۇ تاپالمىغان مالنى كىچىدە قانداق تاپىسىلەر دىگەن ئىكەن ھېلىقى ئوغرىلا قاقاقلىغىنىچە چىقىپ كىتىپتۇ.
بىر كىشى «ئىنساننىڭ قىياپىتى» ناملىق كىتاپتا، بېشى كىچىك ساقىلى ئۇزۇن ئادەم ئەخمەق كىلىدۇ دەپ كۆرۈپ، دەرھال ئەينەككە قاراپتۇ، ۋە شۇ تەسۋىرنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئويلىنىپ قاپتۇ، بېشىمنى چوڭايتىشقا ئامال يوق، ئەمما ساقالنى قىسقارتقىلى بولىدۇ دەپ ساقىلىنى كىسىپ ئەقىللق بولۇش ئۈچۈن ھېچ بولمىسا يېرىم ئەقىللىق بولاي دەپ، قايچا ئىزدەپ تاپالماپتۇ، بېشى قېتىپ ساقىلىنى چاڭگاللاپ تۇرۇپ قولدىن ئاشقىنىنى كۆيدۈرۈپ قىسقارتماقچى بولۇپ چىراققا تۇتۇپتۇ، چىراقنىڭ ئوتىدا قولىنىڭ ئاستىدىكىسى كۆيۈپ ئوت قولىنى كۆيدۈرگەن ئىكەن چىدىيالماي قولىنى قۇيۋېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوت ساقىلىنىڭ قالغىنىنىمۇ كۆيدۈرۇپ تاشلاپتۇ، ئۇ كىشى شۇئان ئۆزىنى ئەخمەق ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىپتۇ.
بىر گىرامماتىكا ئالىمى سەپەر قىلىش ئۈچۈن كىمىگە چىقىتۇ، ئۇ كىمىچىگە، سىز گىرامماتىكا ئىلمىنى بىلەمسىز دىگەن ئىكەن، ياق دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ كىمىچى، ئۇنداقتا سىزنىڭ يېرىم ئۆمرىڭىز يوقىلىپتۇ دەپتۇ ئالىم، بىر ئازدىن كىيىن قاتتىق شامال چىقىپ كىمە تىترەشكە باشلاپتۇ، كىمىچى ھېلىقى ئالىمغا، سىز سۇ ئۈزۈشنى بىلەمسىز دەپتىكەن ياق دەپتۇ ھېلىقى ئالىم، ئۇنداقتا سىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىڭىز يوقىلىپتۇ دەپتۇ كىمىچى.
ئۆيلەنمەكچى بولغان بىر يىگىت مەلۇم قوشنىسىنىڭ قىزىنىڭ ئەھۋالىنى يەنە بىر قوشنىسىدىن سوراپتۇ، ئۇ كىشىنىڭمۇ شۇ قىز بىلەن ئۆيلىنى ئارزۇسى بار ئىكەن، ھېلىقى قوشنىسىغا، ئۇ چىرايلىق ھەم ياخشى قىز، بىراق مەن بىر كۈنى ئۇنى بىر يىگىتنىڭ سۆيىۋاتقانلىقىنى، ئۇ قىزنىڭ قارشىلىق كۆرسەتمەي رازى بولۇپ كۈلۈپ تۇرغىنىنى كۆرگەنتىم دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يىگىتنىڭ ئۇ قىزدىن رايى يېنىپ باشقا بىر قىزغا ئۆيلەنگەندىن كىيىن ھېلىقى يىگىتنىڭ ئاشۇ قىزغا ئۆيلەنگىنىنى ئاڭلاپ دەرھال ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ مالامەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ، سەن مىنى نىمىدەپ ئۇ قىزنى باشقىلار سۈيىۋېتىپتىكەن ئۇ قىز رازى بولۇپ تۇرۇپتىكەن دەپ ئالدايسە، ئەمدىلىكتە ئۆزۈڭ ئاپسەنغۇ دىگەن ئىكەن ھېلىقى يىگىت، مەن سىنى ئالدىمىدىم، دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راس، ئۇ قىزنى كىچىك ۋاقتىدا دادىسى سۈيىۋېتىپتىكەن مەن شۇنى كۆرگەن، سەن سۈيىۋاتقان كىشىنىڭ كىملىكىنى سورىمىدىڭ مەن دىمىدىم دەپتۇ، ئۇ يىگىت ئالدانغانلىقىنى ۋە قوشنىسىنىڭ ھىلىسىنى بىلىپتۇيۇ ھېچ نەرسە دىيەلمەپتۇ،
پادىشاھ ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كىيىن جاللاتلارغا ئەسىرگە ئېلىنغانلار (ئۇرۇشتا تۇتقۇن قىلىنغانلار)نىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا بۇيرۇق قىلىپتۇ، ئەسىرلەرنىڭ ئىچىدىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئى پادىشاھ بىز بۈگۈن سىلىنىڭ ئەسىرلىرى بىز ھېچ نەرسە يىمىگىلى ئۈچ كۈن بولدى، ئۈلۈش ئالدىدا سىلىدىن بىزنى ئولتۈرۈشتىن ئىلگىرى ئازراق يەيدىغان بىر نەرسە بەرسىكەن، نەپسىلىرىمىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا راھەتلىنىۋېلىشىنى تىلەيمىزدەپتۇ، پادىشاھنىڭ ئۇلارغا ئىچى ئاغرىپ، تائام بىرىشكە بۇيرۇپتۇ، ئۇلارنىڭ قۇرساقلىرى راسا تويغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا بۇيرۇغان ئىكەن، ئۇلاردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپلا، ئى ھۆرمەتلىك پادىشاھ؛ ئىلگىرى بىز سىلىنىڭ ئەسىرلىرى ئىدۇق ئەمدى مىھمانلىرىغا ئايلاندۇق، شۇڭا بىزگە مىھمانغا قىلغان مۇئامىلىنى قىلغايلا دىگەن ئىكەن، پادىشاھ ھېلىقى ئەسىرنىڭ سۆزىدىن كۈلۈپ كىتىپتۇ، ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قۇيۋېتىپتۇ.