ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك كەڭ ساي مۇنبىرىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى،
ئاللاھ نىڭ سالىمى ھەممىڭلارغا بولسۇن!
جەمىئىيتىمىز ئۇچقاندە تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ،ئىسلام بىلەن مىللەت مەدىنىيتى (ئۆرىپ -ئادەت) نى ئايرىيالمايۋاتقان كىشىلىرىمىز ۋە مال-دۇنيا توپلاش،پەرزەنىتلىرىنى ئسسلام يولىدا ئەمەس، ئەمەلنى ئابروي دەپ بىلىدىغان كىشىلىرىمىزمۇ كۈنسىرى كۆپەيمەكتە !
لىكىن يەنە بەزى يۇرىت -يۇرىت كىشىلىرىمزگە قارايدىغان بولساق، بىلىمسىلىك،ساۋاتسىزلىق ئازىيىپ بۇرۇنقى (بەش)ناماز كىشىلىرىمىز ھازىر (مۇئمىن) كىشىلەردىن بولماقتا !!!
بەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بىر رىۋايىتىدە: << ئاللاھ ئۇلار(كافىرلار)نىڭ قۇلقىنى پىچەتلىۋەتكەن، ئۇلارنىڭ قۇلقىغا ئىمان نۇرى كىرمەيدۇ..... ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلاردىن ھىساپ ئالىدۇ، دەۋزاققا كىرگۈزىدۇ >> دىگەن ...
مانا ئەمىلىيەتتە بۇ ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە،بۈگۈنكى كۈندە بىر ھەقىقەت بولۇپ كەلمەكتە :
دىنسىز يۈرۈپ مىللەتتىن، ئىمانسىز يۈرۈپ ئىسلامدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
atuxboy ئىسىملىك توردىشىمىز يازغان (ئىسلام ۋە مەن ) دىگەن تىمنىڭ مەزمۇنىدىمۇ، نى نى مۆجىزىلەنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ، يەنىلا زالالەت پاتىقىقىدا يۈرۋاتقان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ۋە بۇندىن كىيىنكى ئىسلام پەرزەنتلىرى بىلىشقا تىگىشلىك ، ۋە ئىبرەت ئىلىشقا تىگىشلىك ناھايىتى ئىيلمىي ،ھەقىقىي ياخشى مەزمۇنلار يوللىنىپتىكەن،
مۇھاببەت سۆزى تىلغا ئىلىنسا پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئامراقلىق،كۆيۈمچانلىق ،شەپقەتلىك، كەڭپەل دىگەندەك ئۇقۇملار كۆز ئالدىغا كىلىدۇ، ئىسلامدىكى مۇھاببەتمۇ ئەنە شۇنداق مىھېر،پاك ، ھەقىقىي دىگەندەك مەنىلەردە كىلىدۇ،
دۇنيا مىھىر-مۇھاببەت بىلەن گۈزەل ، بىز نىڭ بۇيەردە دەۋاتقان مۇھاببەت قىز ئوغۇللار ئازىسىدىكى مۇھاببەت ئەمەس ،
ئۇيغۇرلاردا يات مىللەتلەردە بىرەر ئىش - ھەرىكەتلەر مودا بولسا ئۇنى ئۆزىمىزگە ئەينەن سىڭدۇرۋالىمىز، دىمەك ئۆزىمىزنىڭ قايسى مىللەت، كىملەرنىڭ ئۈمۈدى، نەدە ياشاپ نەدە چوڭ بولغان ، ئەينى ۋاقىتىىكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ نىملەرنى كۆرگەن ، نىملەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئۈنتۇپ قالىمىز، (قىزلارنى ئوغۇللاردەك، ئوغۇللارنىڭ قىزلاردەك) بولىۋىلىشىنى مەدىنىيەت دەپ بىلىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس، ئۇ تەرەققىياتمۇ ئەمەس، مەدىنىيەتمۇ ئەمەس، ئۇ چىكىدىن ئاشقانلىق، مىللەتنىڭ يوقلىشى، ئىماننىڭ سۇسلىشىشى ، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرى ...
<<قىزلار بىلەن ئۆزى نىكاھ ئوقۇۋىلىش >> دىگەنگە يازمىدىكى يامان قىلمىش ۋە يامان تەسىرلەرگە پەتىۋا كىىيگۈزۈۋاتقان كىشىلەرنىڭمۇ ئۆزىنى مۈئمىن دەپ ئاتىۋالغان كىشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس ...
بىلەمسىز ؟ ئىمانسىز يۇرۇپ ۋىجداندىن، شەرمي-ھايادىن، غۇرۇردىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ،
ئۇنداق ئادەملەر كۆپەيسە كەلگۈسى مىللەتتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن !
ئۆلىمالىرىمىز ئىيىتقاندەك << فاتىھە>> سۈرىسى بىرىنجى قىتىم بارلىققا كىلىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ يول باشچىسى، دىننىڭ ئاچقۇچى ، نامازنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولىشى بىلەن ئۇلۇغ .
<< غەزىبىڭگە يولۇققانلارنىڭ يولىغا ئەمەس ،سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن >> ئامىن !
بالىلار ، ياشلار كەلگۈسىنىڭ ئۈمۈدى، كونىلاردا <<ئوخشايدىغان زىرائەت مايسىسىدىن بىلىنىپ تۇردۇ >> دىگەن گەپ بار ،
شەرىئەتتە قىزلار شەيتان، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ھامىيسى دىگەن گەپ بار ، كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە كىشىلەر شەھەرلىشىشكە قاراپ ماڭغاندا كىشىلىك مىھىر-شەپقەت يوقايدۇ دەپ قارالماقتا، ئەمما يەنىلا نىيەت توغرا دۇرۇس بولسا، ئادەم ئۆزگەرمەيدۇ،
بەزىلەر جەمىئەتنىڭ بۇزۇلىشغا سەۋەپ بولىدىغان نەرسە يامان تۈس ئالغان مۇھاببەت ناخشىللىرى دىسسە، مەن جەمىئەتنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان نەرسە دەل مۇھاببەت دىگەننى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن، ئەمىلىيەتتىمۇ قىز ئوغۇللار ئارسدىكى بىللە تۇرۇش، بىرگە تاماق يىشىش،قول تۇتۇشۇش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلامدا چەكلەنگەن قىلمىشلاردۇر، شۇ ئاساستا سۆيۈشۈش ۋە زىنادىن ئىبارەت بولغان ئىغىر گۇناھ پاتقىقى ئۇلارنى قارشى ئالىدى، ئۇلار ئىسلامنى چۈشەنگەن بولسا ئىدى، مۇھاببەتلەشمىسە، چۈشەنگەن ئاساستا مۇھاببەتلەشسە ئىدى ئۈچىنجى ئۇچىرىشىشتىن كىيىن توي قىلسا، ياكى ئەۋرەتلىرىنى ئاچمىغان،ئاچمايدىغان قىزلارنى تۆت پەرھىز (ئىمانى، نەسەبى،چىراي،مال-مۇلىكى) ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا ۋە ئاتا ئانىسى بىلگەن ئاساستا توي قىلسا !!! چۈشەنسە ۋە بىلسە ئىدى مۇسۇلمان ۋە غەيرى مۇسۇلماننىڭ پەرقى ناماز ئىكەنلىكىنى، ۋە ناماز ئوقمايدىغان قىز يىگىت توي قىلسا زىنا بولىدىغانلىقىنى ......
جەمىئيتىمىز شىىدەت بىلەن ئەيىش ئىشرەت، كەيىپ ساپا يولىغا قاراپ ماڭماقتا، قىزلاردا ئىنساپ،شەرمى ھايا،ئىپپەت نۇمۇس، ئوغۇللاردا ۋىجدان مىھىر-شەپقەت يوقالسا مىللەتنىڭ،ئىسلامنىڭ،جەمىئەتنىڭ بۇزۇلغىنى شۇ ! شۇ سەۋەپتىن توي قىلىدىغانلاردىن
قىسقىچە ماتىرىيال: چۈشۈرۈش ئادىرىسى (چوقۇم ئاڭلاڭ)
ئاجرىشىدىغانلار كۆپ .....
ھازىرقىدەك يىقىن كەلگۈسىدىكى قىيامەت بىزنى كۈتۈپ تۇرۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، جەمىئەتنى بۇزۋاتقانلار جەميەت ياشلىرى ئەمەس، ئوقۇشنى مەكتەپنى دەستەك قىلىپ ئۆزىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى ۋە شەھۋانى نەپسىنى قاندۇرۋاتقان بىرقىسىم ياشلىرىمىزنىڭ مەكتەپ ھاياتى ۋە نىشانى تونۇشتۇرۇلغان بىر ماتىرىيالنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇش بىلەن بىرگە يۇقاردا دىيىلىپ ئۆتكەندەك بىزدىكى مۇھاببەت قارىشىنىڭ شەھۋانىي تۈس ئالغان مۇھاببەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختالماقچىمەن ،
سۆيۈملۈك ئەقىللق قىرىندىشىم، مۇھابباتنىڭ قانچىلىك قابىھ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلگەنكەنسىز، ئاتا ئانىڭزغا بوي سۇنۇڭ، مۇھاببەت شۇنداق شىرىن ۋە ساختا باشلىنىپ ئاشۇنداق قەبھى ئاخىرلىشىدىغان يات دىن يات مىللەتلەرنىڭ ئىشى ،
ئەزەلدىن مۇھاببەتلەشمىگەن قىز ياكى ئوغۇل بولۇڭ سىزمۇ مۇھاببەتتىن نىرى تۇرۇڭ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى جۈپتى بىلەن ياراتقان، بەلكىم سىزگىمۇ لايىقىدا جۈپلۈك نۆۋىتى كىپ قالار، قارشى چىقسىڭىز مەيلى لىكىن ئىسلامدىكى نىكاھنىڭ 4 شەرتىنى ئۇنتۇپ قالماڭ !
ئىنسابى ، ئىمانلىق قىزلار كەمچىل بولغاچقا ناماز ئوقۇيدىغان ئوغۇللارغا شۇنىڭغا ئوخشاش قىزلارنىڭ ئۇچىرىمىقى تەس ...
ئاۋازلىق ئەسەرمىكىن دەپ قالماڭ، بۇ ئىككى ئارلىقتىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ مۇھاببەت تىراگىدىيسى ، ئاڭلىسىڭىز بىرىنجى بولۇپ ئۇنىڭدا ھىچقانداڭ بىر ئىسلامى قاراشنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز ، مۇھاببەت ئەنە شۇنداق ئازغۇنلۇق ،
بىلەمسىزكىن ؟ ئىسلامىيەت دۇنياغا كەلگىنىگە 1432 يىل بولدى، دۆلەت قانۇنىنى <<قۇرئان كەرىم>> ئاساسىدا تۈزگەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ دۆلىتىمىز قانۇنىدا مۇھاببات قوغدالمايدۇ، چۈنكى قۇرئاندىن ئۇ توغرىسىدا ئىنىق بىر يەكۇننى تاپالمىغان .