ھىندونىزىيىدىكى دېدى ئىسىملىك بىر بېلىقچىنىڭ قول – پۇتلىرىدىن دەرەخ يىلتىزىسىمان نەرسىلەر ئۆسۈپ چىققان ، دېدى بۇ غەلىتە كېسەلنىڭ ئۆز جېنىغا زامىن بولۇشىدىن ناھايىتى ئەنسىرەپ كەلگەن . ياخشى بولغىنى يېقىندا ، ئامېرىكىلىق بىر دوختۇر دېدىنى تەكشۈرۈپ ، بۇ كېسەلنى ۋىتامىن A ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۇنىڭغا زور ئۈمىد ئاتا قىلغان .
10 ياشقا كىرگەن يىلى كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە يولۇقۇپ تىز قىسمى زەخملەنگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قول – پۇتلىرىغا مۇشۇنداق ‹‹ يىلتىزسىمان ››نەرسىلەر ئۆسۈپ چىقىپ پۈتۈن بەدىنىگە يامىراشقا باشلىغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئەمگەك ئىقتىدارىدىنمۇ قالغان . ئۇ ھازىر 18 ياشلىق قىزى بىلەن ياشاۋېتىپتۇ .
