باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 286 قېتىم كۆرۈلدى
ئاخىرى ئۆزەمنى ئىزدەپ تاپىمەن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11554
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 140 %
مۇنبەر پۇلى: 315 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-05-06
ئاخىرقى: 2012-06-04
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ئاقتۆش

ئاقتۆش
(ھېكايە
سابىر بوۋاي تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ھاسا تايىغىنى يەرگە قاتتىق تىرەپ،ئېغىر پۇتلىرىنى ئاران يۆتكەپ قوروسىدىن چىقتى.ئۇ يېقىنلا يەردە ئوشۇق ئويناۋاتقان بىر توپ ئۇششاق بالىلارنىڭ قېشىغا كېلىپ،ھاسىرىشى بىر ئاز بېسىققاندىن كېيىن ئۈزۈپ-ئۈزۈپ:

-ھەي...ھەي بالىلار دەپ ۋاقىردى.

بالىلار بوۋايغا ئېرەڭسىزلىك بىلەن قاراپ قويۇپ گەپ قىلىشماي ئۇيۇنىنى داۋاملاشتۇردى.بوۋاي يەنە بىر قېتىم كۈچەپ تۇرۇپ ۋاقىرىدى:

-ھوي بالىلىرىم ئاقتۆشنى كۆردىڭلارمۇ؟

-ياق كۆرمىدۇق.

بالىلار باشقا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي يەنە ئويۇنغا كىرىشىپ كەتتى.

بوۋاي ھاسىسىغا تايىنىپ بىر ئاز تۇرغاندىن كېيىن يەنە قورۇسىغا كىرىپ كەتتى.ئارلىقتا بىر قانچە كۈن ئۆتتى.ئاقتۆشتىن ھېشقانداق خەۋەر بولمىدى،سابىر بوۋاينىڭ ئىچى تىتىلداپ ئاخىرى تام قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ سورىدى:

-ھاي قوشنام،بىزنىڭ ھېكىمتاينىڭ كۈچىگى ئاقتۆش ئۈچ تۆرت كۈن بولدى يوق ھېچ يەردە كۆرۈنمەيدۇ،ئەنسىرەپلا قالدىم سىلەر كۆردۈڭلارمۇ؟

قوشنا بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان قىياپەتتە سوغۇقلا«كۆرمىدۇق»دىدى.ھەم چىقىپ كېتىپ بارغان بوۋايغا قاراپ-بۇ ئادەم ئالجىپ قالدىمۇ نىمە بىر ئىتقىمۇ شۇنچىلىك قىلىپ كەتكەن بارمۇ-دەپ غوڭشىدى.

شۇندىن كېيىن بوۋاينىڭ تاۋى قاچتى،كۈندىزى ئۇ ئەشۇ ۋەيرانە قورۇسىدا ئاپتاپ سۇنۇپ ئولتۇرغاندىمۇ،كېچىلىرى ئىچىگە سامان تىققان تەكىسىگە باش قويۇپ ياتقاندىمۇ ئاقتۆش ئۇنىڭ خىيالىدىن كەتمەيدىغان بولىۋالدى.ئۇ جانۋار تېخى بەزىدە بوۋاينىڭ چۈشىگىمۇ كىرىپ قالاتتى،بىر كۈنى بوۋاي ئۇخلاۋىتىپ چۈشىدە ئاقتۆشنىڭ قاۋاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئويغۇنۇپ كەتتى-دە خوشاللىقتىن ئالدىراپ قورۇغا چىقتى،بىراق ئاقتۆش كۆرۈنمەيتى.

ئادەم تۈرلۈك كېلىشمەسلىكلەرگە،غەم قايغۇلارغا دۇچار بولغاندا روھى جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ،جىمىغۇر بولىۋىلىپ تولا خىيال قىلىدىغان،ئۆزىنىڭ خوشال-خوراملىق ئىچىدە غەمسىز ئۆتكەن كۈنلىرىنى قايتا-قايتا ئەسكە ئالىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

سابىر بوۋاي ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان چاغلاردا،ئاتىسىدىن كىچىك قېلىپ يېتىمچىلىكتە ئۆسكەن بولسىمۇ،مەھەللىدە يەنىلا تۆتنڭ كەينى بولسا تۆتنىڭ ئالدى ئىدى.ئۇنىڭ يىگىتلىگى تازا ۋايىغا يەتكەندە مەھەللىدىكى چىرايلىققىنە بىر قىزغا ئۆيلەندى،ئۇ توي قىلىپ كۆزلىرىدىكى شاتلىقنىڭ نۇرى ئۆچمەي تۇرۇپلا ئانىسى تۇيۇقسىز قازا قىلىپ توينىڭ ئاخىرى نەزىرگە ئۇلۇنىپ كەتتى.ئەمدى بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ ئايالىدىن باشقا ھېشقانداق جەددى-جەمەتى قالمىدى.شۇڭا ئۇ ئايالىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى،بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالاتتى،ۋە كۆيۈنەتتى  ،.ئاق كۆڭۈل ئايالىمۇ ئۇنى جېنىدىن ئارتۇق كۆرەتتى.بىراق تەغدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى شۇنداقمۇ ياكى ئاللا قانداق سەۋەپلەر بارمۇ؟ ئۇلار يىگىرمە يىلغا يېقىن ئۆي تۇتقاندىن كېيىن،ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك بۇ ھەمرايى بىرمۇ پەرزەنىت قالدۇرالماي ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى.ئارلىقتا بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن،مەھەللىدىكى يۈزلۈك ئاياللارنىڭ بىرسى قوشنا مەھەللىدىكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن ياش بىر چوكاننى ئۇنىڭغا سااي قىلىپ،ئاددى بىر قېتىملىق چاي بىلەنلا ئىككى باشنى بىر قىلىپ قويدى.خۇدانىڭ تەغدىرى بىلەن بىر يىلدىن كېيىن ئۇ ئون تۆت كۈنلۈك ئايدەك چىرايلىق بىر ئوغۇل پەرزەنىت كۆردى.بالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ خىرەلىشىپ قالغان ھايات  شامى قايتا يورۇشقا باشلىدى.سابىراخۇن ئۈچۈن ئيتقاندا خوشاللىق بىلەن قايغۇ ھامان بىرلىشىپ كېلىۋاتاتتى،بۇنىڭغا سابىراخۇن ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى،بالا ئىككى ياشقا تاقاپ قالغاندا،ئۇنىڭ ئايالى بىر كېچىسىدىلا ئۆندەرەپ قوپۇپ،قالايمىقان سۆزلەيدىغان بولۇپ قالدى،بىر قانچە داڭلىق موللىلار ئوقىغان بولسىمۇ،ئايالى ساقىيىش ئۇياقتا تۇرسۇن تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى.بىر كۈنى ئايالى ئۆگزىگە چىقىۋىلىپ،ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرۈپ ۋاقىراپ يۈرۈپ ئۆگزىدىن چۈشۈپ كەتتى-دە بېشى تاشقا تېگىپ قازا قىلدى.ئەگەر سابىراخۇن ئۈچۈن ئۇنىڭ ئوغلى ھېكىم بولمىغاندا كەينى-كەينىدىن كېلىۋاتقان كېلىشمەسلىك،دەرت-ئەلەمدە چوقۇم ئۆزىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولاتتى.

ھېكىم يەتتە ياشلارغا كىرگەندە تۈكلىرى قاپ- قارا،تۆش تەرىپىدە دۈپ-دۈگلەك ئېقى بار بىر كۈچۈكنى كۆتۈرۈپ كەلدى،سابىرا خۇن كۈچۈكنى كۆرۈپ خوشال بولدى،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ كۈچۈكنى بېقىۋالدى،كېيىنچە ئۇلار كۈچۈكنى ئاقتۆش دەپ ئاتايدىغان بولدى.

بىر كۈنى ھېكىم دوسلىرى بىلەن مەھەللىنىڭ سىرتىدىكى ئۆستەڭگە چۆمۈلگىلى باردى،ئۇ ئاقتۆشنى بەك ياخشى كۆرگەشكە ئۇنىمۇ ئالغاش بارغان ئىدى،بىر ۋاقىتتا بالىلار چوقۇرۇشۇپ كەتتى،ھېكىم شۇنداق قاراپ ئاقتۆشنىڭ سۇدا ئېقىپ كېتىۋاتقانلىغانى كۆردى-دە ئۆستەڭ ياقىلاپ يۈگۈرۈپ كۈچۈكنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئۆزىنى سۇغا ئاتتى،ئۇ كۈچۈكنىڭ ئارقىسىدىن ئۈزۈپ كېتىۋىتىپ قاينامغا كىرىپ كەتتى،بىر ئازدىن كېيىن ئۇ سۇدىن بىشىنى بىر چىقىرىپلا يەنە چۆكۈپ كەتتى،شۇندىن كېيىن ئۇ كۆرۈنمىدى،ھېكىمنىڭ دوسلىرى ئۆستەڭنىڭ قىرىدا ئۇياق-بۇياققا چۇقۇرۇشۇپ يۈگۈرۈشتى،ئۇلاردىن بىرسى ئۆستەڭنىڭ قىرىغا كېلىپ قالغان ئاقتۆشنى سۈزۈپ ئالدى.ئاندىن ئۇلار مەھەللىگە يۈگۈرۈپ بېرىپ بولغان ئەھۋالنى چوڭلارغا مەلۇم قىلىشتى.چوڭلار سۇ ياقىلاپ يۈرۈپ ئۆستەڭنىڭ ئاخىرىدا قىرغا چىقىپ قالغان ھېكىمنىڭ كۆپۈپ ئاقىرىپ كەتكەن جەسىدىنى تېپىۋىلىشتى.سابىراخۇن ئوغلىنىڭ جەسىدىنى كۆرۈپ يىقىلىپ چۈشتى،ئۇ شۇ ياتقىنىچە ئىككى كۈن ھۇشسىز ياتتى،ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن بولسا ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتۈنۈپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلىدى،قاھشىدى،ساقاللىرىنى يۇلدى...

بالىنىڭ قىرىق نەزىرىگىچە بولغان ئارلىقتا مەھەللىدىكىلەر سابىراخۇننىڭ ھويلىسىدا ئۇياقتىن-بۇياققا ئايلىنىپ ئۈن سېلىپ يىغلاۋاتقانلىغىنى،بەزىدە جىممىدە ئولتۇرۇپ خىيال قىلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ تۇرىشتى،ئامال قانچە؟مەھەللىدىكىلەر ھەر قانچە ئېچىنغان بىلەنمۇ ئۇنىڭ بالىسىنى تىرىلدۈرۈپ ئەپكىلىپ بېرەلمەيتى.لېكىن ئۇلار سابىراخۇننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشتى.

سابىر بوۋاي ئۈچۈن كۈنلەر ئەمدى بەكمۇ ئاستا،مەنىسىز ئۆتىۋاتاتتى.ئۇ خۇداغا تېزرەك جان ئامانىتىنى تاپشۇرۇپ ئۇ دۇنياغا كېتىشنى،ھېكىمتاي ياتقان يەردە يېتىپ ئۇنىڭ روھى بىلەن غايىبانە مۇڭدۇشىشنى ئارزۇ قىلاتتى.بىراق خۇدا بۇ بىچچارە بەندىسىگە ئارزۇ قىلغىنىنى بەرمەي،چەكسىز دەرت-ئەلەم،قايغۇ-ھەسرەت ئاتا قىلىۋاتاتتى.

سابىر بوۋاي ئەمدى بىردىن بىر ھەمرايى،سىردىشى ئاقتۆش بىلەنلا قالغاننىدى.ئۇ ئاقتۆشنى بالامدىن قالغان بىردىن-بىر تەۋەرۈك دەپ قارايتى ھەم ئەتىۋالايتى،بىر كۈنى ئۇ ھويلىسىدا چەللە باراڭنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ پۇتىنى بېشىغا قويۇپ ياتقان ئاقتۆشكە قاراپ:

-ھەي ئاقتۆش،بالام ھېكىمتاي سېنىڭ ئېسىڭدىمۇ؟ئۇ سېنى سۇدىن قۇتقۇزىۋالىمەن دەپ ئۆلۈپ كەتكەن،ئۇ سېنى جېنىدىنمۇ ئېزىز كۆرەتتى،مېنىڭدىن يوشۇرىنچە ئۆزى يىسۇن دەپ مەن بەرگەن ئەڭ ياخشى يىمەكلىكلەرنىمۇ ساڭا بېرەتتى،ئۆزى ئاچ قالسا قالاتتىكى سېنى ئاچ قويمايتى،ھازىرمۇ ئۇ ھەر كۈنى ماڭا«دادا ئاقتۆشكە ياخشى قارا،ئۇ خۇددى مېنىڭ جان جىگەر ئاغىينەمگە ئوخشايدۇ،ئاقتۆش خارلىنىپ قالسا بۇ باقىدا مەنمۇ خاتىرجەم ياتالمايمەن»دىگەندەك ئاڭلىنىدۇ،مېنىڭ  قول ئىلكىمدە يوق،سېنى ياخشى باقالمايۋاتىمەن قارا تۈكلىرىڭنىڭ رەتسىزلىگىنى ئۆزەڭمۇ ئورۇقلاپ خۇددى ماڭىلا ئوخشاپ قالدىڭ،مەندىن رەنجىمە،بالامنىڭ روھى قورۇنىدۇ مەن ھاياتلا بولسام سەن خورلانمايسەن  -دىدى.

ئاقتۆش بوۋاينىڭ سۆزىنى چۈشەنگەندەك كۆزلىرىنى يۇمۇپ،بېشىنى ئۇنىڭ پۇتىغا سۈركەپ كەتتى.

ئارلىقتا ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئاقتۆش ئۈن-تۈنسىز يوقاپ كەتتى.بوۋايمۇ بۇ دۇنيانىڭ دەرت-ئەلەملىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى.ئەل-جامائەت ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى،ئاخىرى خۇدا ئۇنىڭ يورۇق دۇنيادا تارتقان ئازاپلىرىغا ئېچىنغانمۇ،ئالىدىغان ئامانىتىنى ئالدى.ئۇنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلۈپ ئاددىغىنە ئۇزۇتۇلدى.بىر ئېغىزلىق كونا ئۆي،قوراي بېسىپ تاملىرى ئۆرۇلۇپ كېتەي دىگەن كىچىك ۋەيرانە قورۇ، ئىگىسىز چۆلدەرەپ قالدى.

سابىر بوۋاي ئۆلۈپ بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن قاش قارايغان چاغدا مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭ قورۇسىدا بىر ئىتنىڭ سوزۇپ،توختىماي ئىڭراۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاشتى،بىر قانچەيلەن بېرىۋىدى ئىككى پۇتىنى ئالدىغا ئۇزۇن سوزۇپ تۇمشىقىنى يەرگە تىرەپ ياتقان ئاقتۆشنى كۆردىئۇنىڭ بوينىدا ئۈزۈلگەن قىسقىغىنە زەنجىر بار ئىدى.ئاقتۆش سابىر بوۋاي داۋاملىق ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرىدىغان كونا باراڭنىڭ ئاستىدىكى يەرنى تاتلىغىنىچە زارلانغاندەك غىڭشىيتى،ئۇنىڭ ياشلانغان كۆزلىرىدە بوۋايغا   ئېتماقچى بولغان گەپلىرى باردەك قىلاتتى. ئاقتۆش شۇ ياتقىنىچە بالىلارنىڭ تاشلاپ بەرگەن يىمەكلىكلىرىگىمۇ قاراپ قويماي،بىر قانچە كۈن ئاچ يېتىپ يوقاپ كەتتى  .ئۇ يوقاپ كېتىپ  خېلى كۈنلەردىن كېيىن بىرلىرى مەھەللىدىكى جامائەتكە:

-          توۋا سابىر بوۋاينىڭ ھېلىقى ئاقتۆشى قەۋرىستانلىقتا ھوۋلاپ يۈرگۈدەك-دەپ كېلىشتى.


قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ھوي بۇ-دىدى بەزىلەر ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ-راس بەزىى كەچلىرى مەھەللىدىمۇ ئىتنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىمىز،ئىت بىزدىن  خاپا بولۇپ بېشارەت بېرىۋاتامدۇ قانداق؟سابىر بوۋاي تۈگىگەندىن كېيىن تاپان تىرەپ تۇرىدىغان بىرەر تۇققىنى بولمىغاشقا مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ تۈزۈك نەزىرمۇ ئۆتكۈزۈلمىدى.ھەر قايسىمىز مۇسۇلمان بەندىسى بولغاندىن كېيىن قاراپ تۇرمىساق بولاتتى،ھەتتا شۇ ئىت جېنىدا قارلىق تۇتقاندەك قىلىۋاتىدۇ بىزلەر ئادەمغۇ؟ئەمدى ھاڭۋىقىپ تۇرماي يىغىش تېرىش قىلىپ بولسىمۇ چوڭراق بىر نەزىر قىلايلى-جامائەت بۇنىڭغا بىردەك قوشۇلدى.


شۇنىڭ بىلەن بوۋاينىڭ روھىغا ئاتىلىپ چوڭ نەزىر قىلىندى،ئىتنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىنىمۇ شۇندىن كېيىن ھېچكىم ئاڭلىمىدى.

 

مەنبە:ئۆزەم 

كەڭ ساي تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ
بولغاچقىلا سەندەل ھەم بازغان ئارىسىدىن قىلىچ يارالغان
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7564
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 571
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە571دانە
ئۆسۈش: 1210 %
مۇنبەر پۇلى: 6815 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-24
ئاخىرقى: 2012-06-03
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

تەسىرلىك ھىكايە ئىكەن ،ئىسىل تىمىلىڭىز كەڭسايدىن ئۇزۇلمىگەي !
دوستلىشىش
چىمەنزار
ئاللاھ ئۇيغۇرلىرىمىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايس ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 11573
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 420 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2012-05-08
ئاخىرقى: 2012-06-04
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

نېمدىگەن تەسىرلىك
ئەسسالام ئەلەيكۇم،ھەممىڭلارغا بەخىت-سائادەت مەڭگۈ يار بولسۇن!